Последние исследования
مەزكۇر ماقالىدە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا سىڭىشىشى ۋە يات تىللارنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن دۇچ كېلىۋاتقان ئانا تىلنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەمدە كىملىك كىرىزىسى جەريانى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ياش ئەۋلادلاردا كۆرۈلۈۋاتقان تىل توسالغۇسى، مىللىي تەپەككۇرنىڭ سۇسلىشىشى ۋە ئەدەبىياتنىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىشىدەك مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلىنى ئانا تىل پاناھگاھىغا ئايلاندۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، زامانىۋى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قوللاش ھەمدە رەقەملىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئەمەلىي چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئانا تىلنى پەقەت ئائىلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە رەقەملىك سۇپىلاردا ئاكتىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بۇماقالىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئۆسمۈرلۈك (بالاغەت) دەۋرىگە بولغان ئائىلىۋى قاراشلار، نېرۋا-بىئولوگىيەلىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرى ھەمدە ئىككى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كىملىك كۈرىشىنى ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى، كۆزىتىشلىرى شۇنداقلا باشقا ئانىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە مائارىپچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي زىيارەت سۆھبەتلىرىگە تايانغان بۇ ئەسەردە، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئامىگدالا ۋە پىرىفرونتال كورتېكس ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى، ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەمدە مەدەنىيەت زىددىيەتلىرىنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنى كېلىپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق ئامىللار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ باسقۇچقا قارىتا ئىلمىي ئاڭ ۋە تەييارلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى بالىلارنىڭ ئىسيانكارلىقى ئەمەس، بەلكى تەبىئىي تەرەققىيات كرىزىسىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساغلام كىملىك شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى بېسىم ئورنىغا ئاقىلانە ئالاقە تىلى، سۆيدۈرۈش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە ئائىلىۋى ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇ ئەسەردە ئاپتور قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان پاشا مىسالى، ئاتوم، ۋىرۇس ۋە مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ جۇغى چەكسىز كىچىك بولسىمۇ زور تەسىر ۋە قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق، مىكرو دۇنيانىڭ بۈيۈك ھېكمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا ئالىدۇ. ئۇ ئاشۇ «چەكسىز كىچىك»لىكتىن ئېلىنغان ساپاقلارنى ئىنسان ھاياتىغا تەتقىق قىلىپ، بۈيۈك غايىلەرگە يېتىشتە پىلانلارنى كىچىك باسقۇچلارغا بۆلۈش («پىلنى پارچىلاپ يېيىش» ئۇسۇلى)، كۈندىلىك ئۇششاق ۋاقىتلارنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان كىچىك ئىشلارنىڭ بەرىكىتى، بالىلار تەربىيەسىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلار ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەردىكى كىچىك كۆڭۈل بۆلۈشلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. خۇلاسىلىگەندە، كۆزگە ئىلمىغان ئاددىي ئىنچىكە نۇقتىلارغا سەل قاراشنىڭ غايەت زور مەغلۇبىيەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا تۇرمۇشتىكى كىچىك قەدەملەرنىڭ بۈيۈك ئۇتۇقلارنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ شېئىرلاردا ئاساسلىقى ھىجران، سېغىنىش، يالغۇزلۇق، ئائىلە ئازابى، ۋەتەن ھەسرىتى ۋە ئېغىر بېسىملار ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مۇساپىر روھنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شائىرە جۇدالىق، چارىسىزلىق ۋە كۆڭۈل ئازابلىرىغا قارىماي، ئاللاھقا بولغان ئېتىقاد، سەبىر ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىد بىلەن پۇت تىرەپ تۇرۇش، بالىلىرى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ياشاش ئىرادىسىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەم-ئەندىشەلەردىن يىراق، تىنچ-ئامانلىق، مەپكۇرىۋى سۆيگۈ ۋە ئەركىنلىككە تولغان بىر ھاياتقا بولغان چۇڭقۇر تەشناسلىقىنى گۈزەل ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
بۇ ماقالىدە سۈكۈتنىڭ ئىنسان روھىي دۇنياسىدىكى ئورنى، ئۆزىنى تىزگىنلەش، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئىرادە كۈچىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئالىي پەزىلەتلىك رولى بايان قىلىنغان. سۈكۈت ئۆزىنى تەكشۈرۈش، غەزىپىنى تىنچىتىش ۋە روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىكى كۈچلۈك قورال بولسىمۇ، ئۇ مۇتلەق پىرىنسىپ ئەمەس؛ ئەكسىچە، ناھەقچىلىق، زۇلۇم، گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىشقا توغرا كەلگەن ھالقىلىق ۋاقىتلاردا سۈكۈت قىلىش ئاجىزلىق ۋە جىنايەتكە شېرىك بولۇش ھېسابلىنىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ماقالە ئىنساننى ئۆز نەپسىگە خوجايىن بولۇپ جىم تۇرۇش بىلەن ئادالەت ۋە ھەق ئالدىدا دادىل سۆزلەشنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتمۈشنى يەڭگىللىتىپ، سەۋر ۋە ئىزچىللىق ئارقىلىق ئىچكى ئەركىنلىككە ۋە روھىي يۈكسىلىشكە ئېرىشىشكە چاقىرىدۇ.
بۇ ماقالە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرى، رايون خاراكتېرلىك قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدۇ. ئاپتور ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىت، دىنىي ئېتىقاد ۋە سىياسىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن خاسلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھازىرقى دەۋردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىش رېئاللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاخىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ مىراسنى قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش جەھەتتە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ.
ھازىرقى دەۋردە مائارىپ سىستېمىسى كۆپىنچە بىلىم يەتكۈزۈش، كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلەنگەن. بىراق پەقەت بىلىم ۋە تېخنىكا مەركەزلىك مائارىپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى — يەنى خاراكتېر، ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى ئارقا سەپكە قويۇپ قويغاندا، جەمئىيەتتە مەنىۋى بوشلۇق ۋە قىممەت كىرىزىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، مائارىپ سىستېمىسىدا خاراكتېر ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىسلامىي تەلىمات ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم بىر زۆرۈرىيەتتۇر.
رەھبەرلىك ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق بىر ھادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. تارىخنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى قەبىلە باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى زامانىۋى دۆلەت ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارغىچە بولغان جەرياندا، رەھبەرلىك ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئىنسانىيەت تەبىئىيىتى جەھەتتىن كوللېكتىپ ياشاشقا جەزم قىلىنغان مەۋجۇدات بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كوللېكتىپنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىشى، بىرلىكنى ساقلىشى ۋە ئورتاق نىشانلارغا يېتىشى مۇقىم بىر يېتەكچىلىك رولىغا باغلىقتۇر. زامانىۋىلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا رەھبەرلىك پەقەت بىر بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى بىلىم، ئەخلاق، روھىي كۈچ ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى بىر نۇقتىغا جەم قىلالايدىغان يۈكسەك ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدىغان جەرياندۇر.
ئىجتىمائىي ھايات ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن توشقان بىر جەريان. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يېڭى ھاياتقا قەدەم قويغان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مەكتەپتىكى نەزەرىيەلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۆزى ئارزۇ قىلغان خىزمەتنى تاپالمىغاندا ياكى باشلىغان ئىشىدا مەغلۇپ بولغاندا، روھىي چۈشكۈنلۈككە، ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرايدۇ؛ ھەتتا ئىنسانلاردىن يىراقلىشىدىغان، ئادەم خالىمايدىغان پىسخىكا ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن، ئىجتىمائىي ھايات تەجرىبىسى بولغان چوڭلارنىڭ يېتەكلىشىگە، يول كۆرسىتىشىگە، چىرايلىق نەسىھەتلىرىگە ئېھتىياجلىق. بۇ ماقالىدە ياشلىرىمىزغا ئىجتىمائىي ھاياتىدا ياردەمچى بولىدىغان بەزى مۇھىم تەۋسىيەلەر سۇنۇلىدۇ.