قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ئەسەردە ئاپتور قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان پاشا مىسالى، ئاتوم، ۋىرۇس ۋە مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ جۇغى چەكسىز كىچىك بولسىمۇ زور تەسىر ۋە قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق، مىكرو دۇنيانىڭ بۈيۈك ھېكمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا ئالىدۇ. ئۇ ئاشۇ «چەكسىز كىچىك»لىكتىن ئېلىنغان ساپاقلارنى ئىنسان ھاياتىغا تەتقىق قىلىپ، بۈيۈك غايىلەرگە يېتىشتە پىلانلارنى كىچىك باسقۇچلارغا بۆلۈش («پىلنى پارچىلاپ يېيىش» ئۇسۇلى)، كۈندىلىك ئۇششاق ۋاقىتلارنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان كىچىك ئىشلارنىڭ بەرىكىتى، بالىلار تەربىيەسىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلار ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەردىكى كىچىك كۆڭۈل بۆلۈشلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. خۇلاسىلىگەندە، كۆزگە ئىلمىغان ئاددىي ئىنچىكە نۇقتىلارغا سەل قاراشنىڭ غايەت زور مەغلۇبىيەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا تۇرمۇشتىكى كىچىك قەدەملەرنىڭ بۈيۈك ئۇتۇقلارنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

باھالىغۇچىلار: ئابدۇلئەھەد ھاپىز، نامەتجان ئۇرخۇن

قۇرئان كەرىمدە تۇنجى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان ھايۋان قايسى، بىلەمسىز؟ بۇ ھايۋاننىڭ ئىلاھىي كالامدا ئالاھىدە ئورۇن ئېلىشىدا قانداق ھېكمەتلەر بار؟ ئۇ بىزنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن قانداق بۈيۈك دەرسلەرنى بېرىدۇ؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قۇرئان كەرىمنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۆزگىچىلىكلىرىدىن بىرى - ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدۇر. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلارنىڭ تۈرى 30 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەر بىرى قۇرئاندا يا بىر ھېكمەتنى چۈشەندۈرۈش يا بىر قىسسىنىڭ جەريانىنى بايان قىلىش ياكى ئاللاھنىڭ يارىتىش قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پىل ۋە كىتكە ئوخشاش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ گىگانىتلىرىمۇ، تۆگە، ئات، كالا ۋە قويغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىرىمۇ بار.

.

1- رەسىم: قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم ھايۋانلار [1]

ئەمما سىز بۇ تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلارنىڭ تۇنجىسىنىڭ پاشا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ئاللاھ تائالا سۈرە بەقەرەنىڭ 26-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

{شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، ئىمان ئېيتقانلار ئۇنى رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ؛ بۇ مىسال بىلەن پەقەت پاسىقلارنى ئازدۇرىدۇ.}

ئۇنداقتا پاشا ھەقىقەتەن دىن دۈشمەنلىرى قىياس قىلغاندەك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئەرزىمەس بىر ھايۋانمۇ؟

پاشا ھەققىدىكى ھەيران قالارلىق ئىلمىي پاكىتلار

پاشا ئادەتتە جۇغى كىچىك،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەك تارتىپ كەتمەيدىغان بىر جانلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،پاشىنىڭ بېشىدا يۈزلىگەن كىچىك لىنزىلاردىن تەركىب تاپقان ئىككى چوڭ بىرىكمە كۆز بولۇپ، ئۇلار ھەرىكەتنى ئىنتايىن تېز سېزەلەيدىكەن. پاشىلارنىڭ ئىنسانلار نەپەسلەنگەندە چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىد گازىنى سېزىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇلار 30 مېتىر نېرىدىكى ئادەمنىڭ نەپەس چىقىرىشىدىنلا ئۇنىڭ ئورنىنى بىلەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەدەن تېمپېراتۇرىسى، تەر تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى ۋە بەزى ئالاھىدە بەدەن پۇراقلىرىغا ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدىكەن.

2-رەسىم: پاشا بېشىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى [2]

پاشىنىڭ تۇمشۇقى ئاددىي بىر يىڭنە ئەمەس، بەلكى ئالتە دانە ئىنچىكە يىڭنىدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ بىر سىستېما ئىكەن. ئۇ قان شورىغاندا، ئىككى يىڭنە تېرىنى تىلىدىكەن، يەنە ئىككىسى تېرىنى ئىككى تەرەپكە ئېچىپ تۇرىدىكەن. بەشىنچى يىڭنە تومۇرنى ئىزدەيدىكەن ۋە شۆلگەي چېچىش ئارقىلىق قاننىڭ قېتىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، ئالتىنچى يىڭنە بولسا قاننى شوراپ چىقىدىكەن. پاشا يەنە ھەر قانداق ئادەمنىڭ قېنىنى شۈمۈرۈۋەرمەيدىكەن. ئۇ ئاۋۋال ئادەمنىڭ قېنى ھەققىدە خىمىيىۋى ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، قان تىپى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان قۇۋۋەتلىك قاننى تاللايدىكەن.

3- رەسىم: پاشىنىڭ قان شوراش جەريانى [3]

يەنە بىر قىزىقارلىق پاكىت شۇكى، ئەركەك پاشىلار قەتئىي ئادەم چاقمايدىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك شەربەتلىرى ۋە گۈل شىرنىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن. چىشى پاشىلار بولسا تۇخۇم چىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قان شوراشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

پاشا ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ،ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە ياشايدىغان، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان تېخىمۇ كىچىك پارازىت قۇرتلار بار ئىكەن. بۇ يۇقارقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «...پاشا ياكى ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى (كىچىك) بىرەر نەرسىنى...» دېگەنگە دەل ماس كېلىدۇ. بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان ئەڭ يارقىن نۇقتا بولسا، پاشىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىل ھايۋان بولۇشىدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىلمىي ئورگانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىر يىلدا پاشا سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 750 مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئارىلىقىدا ئىكەن. يەنى پاشا ئادەمنىڭ قېنىنى شۈمۈرگەندە،نۇرغۇن خەتەرلىك پارازىت قۇرت ۋە ۋىرۇسلارنى ئىنسان بەدىنىگە يۆتكەيدىكەن. بۇ مىكرو ئورگانىزملار كىشىلەردە بەزگەك (Malariaدېنگى قىزىتمىسى (Dengueزىكا (Zika) ...قاتارلىق جانغا زامىن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. [4] ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بىز بەك چوڭ ۋە يىرتقۇچ ھېسابلايدىغان شىر، تىمساھ، ئاكۇلا ۋە پىل قاتارلىق ھايۋانلار سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئىنسانلارنى يوقنىڭ ئورنىدا دېيىشكە بولىدىكەن.

4- رەسىم: دۇنيادىكى 10 چوڭ قاتىل ھايۋان [5]

ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن پاشىنى پۈتۈنلەي زىيانلىق ھاشارات دەپ قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇلار ئېكولوگىيەلىك يېمەكلىك زەنجىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ، سۇدىكى لىچىنكا مەزگىلىدە بېلىق ۋە پاقىلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلىنىش مەنبەسى بولسا، قۇرامىغا يەتكەندە شەپەرەڭ، قۇش ۋە باشقا ھاشاراتلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاشا لىچىنكىلىرى سۇدىكى ئورگانىك قالدۇقلارنى پارچىلاپ، سۇنىڭ سۈپىتىنى تەڭشەشكە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەبىئەتتە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، پاشىلار تەبىئەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە چاڭلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بولۇپمۇ لەيلىگۈلنىڭ بەزى تۈرلىرى ۋە سۇلۇق يەر ئۆسۈملۈكلىرى ئۆز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا پۈتۈنلەي پاشىلارنىڭ چاڭلاشتۇرۇشىغا تايىنىدىكەن.

جۇغى چەكسىز كىچىك، كۈچى چەكسىز چوڭ مىكرو دۇنيا

مىكرو دۇنيا — ئادەتتە ئىنسان ئۆز كۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرەلمەيدىغان، پەقەت مىكروسكوپ ياكى ئالاھىدە فىزىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىقلا بايقىغىلى بولىدىغان ئىنتايىن كىچىك زەررىچىلەر ۋە قۇرۇلمىلار دۇنياسىدۇر. مىكرو دۇنيا ھۈجەيرە، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلاردەك بىئولوگىيەلىك جىسىملاردىن تارتىپ، ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرى بولغان ئاتوم، ئېلېكتىرون ۋە پروتونلارغىچە بولغان كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىرلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، كائىناتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سىرلىرى ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچلىرى بىز كۆرەلەيدىغان چوڭ جىسىملاردا ئەمەس، بەلكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، جۇغى چەكسىز كىچىك بولغان مىكرو دۇنيانىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان.

ئاتوم مىكرو دۇنيانىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاتومنىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە چېچىمىزنىڭ قېلىنلىقىنىڭ بىر مىليوندىن بىرىچىلىكلا كېلىدۇ. ئاتوم يادروسى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ،ئۇ ئاتومنىڭ ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ 10 مىڭدىن بىرى ھەتتا 100 مىڭدىن بىرىچىلىك بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنچىلىك كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ئاتوم يادروسىنى بىر تۇتاش تۇتۇپ تۇرىدىغان «كۈچلۈك ئۆز- ئارا تەسىر كۈچى» كائىناتتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاتوم بومبىسى — جۇغى چەكسىز كىچىك بولغان ئاتوم يادروسى ئىچىگە چەكسىز زور بىر كۈچنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىسپاتىدۇر. بىر تال ئاتوم يادروسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە گەرچە بىر دانە زەررىچە ئۈچۈن ئىنتايىن ئازدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سېكۇنتنىڭ مىڭدىن بىرىدە يۈز بېرىدىغان زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئارقىلىق تىرىليونلىغان يادرولارنىڭ تەڭلا پارتلىشى، مىكرو دۇنيادىكى «كىچىكلىك»نى بىر دەمدىلا پۈتۈن بىر شەھەرنى كۈلگە ئايلاندۇرالايدىغان بۈيۈك بىر قۇدرەتكە ئايلاندۇرالايدۇ .

مىكرو دۇنيانىڭ يەنە بىر «قۇدرەتلىك» ۋەكىلى ۋىرۇسلاردۇر. ۋىرۇسلار دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك «جانلىق» قۇرۇلمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپىنچە ۋىرۇسلارنىڭ چوڭلۇقى 20 نانومېتىردىن 300 نانومېتىرگىچە بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ كۈچى پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىشقا يېتىدۇ. ئىنساننىڭ ھۈجەيرىلىرىدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە كىچىك بولغان بۇ ئۇششاق زەررىچىلەر مىليونلىغان كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى توختىتىپ قويالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە.

5- رەسىم:ۋىرۇس بىلەن باشقا جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ چوڭلۇق سېلىشتۇرمىسى [6]


مىكرو دۇنيانىڭ يەنە بىر ئەڭ يارقىن ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولسا مىكرو ئۆزەكلەردۇر. تىرناقچىلىك كېلىدىغان بىر پارچە ئۆزەك ئۈستىگە ئادەم چېچىنىڭ نەچچە ئونمىڭدىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان دەرىجىدە كىچىك بولغان،نەچچە ئون مىليارد دانە ترانزىستور ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ كىچىك جۇغى بىلەن دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىپ چىقماقتا. پەن-تېخنىكا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە تورى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن بۇ كىچىك ئۆزەكلەر، نۆۋەتتە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ، نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالغان «ئەڭ تالىشىدىغان بايلىق» سۈپىتىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى كونترول قىلماقتا. خەلقئارا سىياسەتتىكى «ئۆزەك ئۇرۇشى» مىكرو دۇنيانىڭ ھاكىمىيىتىنى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ جەرياندا كىم مىكرو قاتلامدىكى بۇ چەكسىز كىچىك بوشلۇقنى ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلدا باشقۇرالايدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولسا، شۇ دۆلەت ماكرو دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى، ھەربىي قۇۋۋىتىنى ۋە ئىقتىسادىي يۈزلىنىشىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشمەكتە.

« كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق»

بىز ھەمىشە ھاياتنىڭ مەنىسىنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كاتتا زەپەرلەر، ھەل قىلغۇچ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ياكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىچىدىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن. لېكىن ئەسلىدە تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكى ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پۇختا ئۇلى كىچىك دەپ قارالغان ئاشۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا ھاياتنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىسىنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇش ۋە ئۇنى گۈزەللىككە ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك بۇرچىمىز بولۇشى كېرەك. بىز كىچىك ئىشلارنى چىن كۆڭلىمىز بىلەن قىلغىنىمىزدا، بۈيۈك غايىلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

مەسىلەن ئالايلۇق، بىز كۆپىنچە پىلانىمىزنى ھەددىدىن زىيادە چوڭ، ئېنىقسىز، ئالدىراپ ئەمەلگە ئاشمايدىغان شەكىلدە قىيىن قىلىپ تۈزىۋالىمىزدە، ئۇنى باشلاشقا جۈرئەت قىلالمايمىز. بەزىدە تۈزگىنىمىز پىلانمۇ ياكى خام خىيالمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە پىلاننى كىچىك، باشقۇرغىلى بولىدىغان كىچىك باسقۇچلارغا بۆلۈپ تۈزسەك، زېھنىمىزدىكى بېسىملار يېنىكلەپ، پىلانلار راھەت ئورۇندىلىپ ماڭىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر «پىلنى پارچىلاپ يېيىش» ئۇسۇلىدۇر. «پىلنى قانداق يېگىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئاددىي: «ھەر قېتىمدا بىر چىشلەمدىن». تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق چوڭ ئىشنى كىچىك بۆلەكلەرگە پارچىلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ھەيۋىسى يوقايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز 500 بەتلىك بىر كىتاب يازماقچى بولسىڭىز، نىشاننى «كىتاب يېزىش» ئەمەس، بەلكى «بۈگۈن بىر بەت يېزىش» دەپ بېكىتسىڭىز، ئىش ئاسانلىشىدۇ. بۇ يەردىكى سېھىر شۇكى، كىچىك باسقۇچلار زېھنىمىزنى «بۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن ئىشەنچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر بىر كىچىك بۆلەكنى تاماملىغاندا، مېڭىمىز دوپامىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بىزگە ئۇتۇق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ تۇيغۇ بىزنى كېيىنكى پارچىنى «چىشلەش»كە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

6-رەسىم: پىلنى پارچىلاپ يېيىش قائىدىسىنىڭ شىركەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا قوللىنىلىش مېخانىزىمى [7]

پىلاننى كىچىك باسقۇچلارغا بۆلۈش جەريانىدا ۋاقىتنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۈيۈك بىر تۈرنى ئايلىق، ھەپتىلىك، ھەتتا كۈندىلىك «نانو پىلان» غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر سىز كۈنىگە پەقەت 15 مىنۇتلا بىر ئىشقا ۋاقىت چىقارسىڭىز، بۇ بىر يىلدىن كېيىن غايەت زور بىر جۇغلانمىغا ئايلىنىدۇ. قىسقىغىنا ۋاقىتقۇ دەپ سەل قارالغان مىنۇتلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكەن چېغىمىزدا، بىز پىلاننىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى خوجايىنىغا ئايلىنىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل بىزنى زېھنىي چارچاشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ زېھنىمىز پۈتۈن بىر يىللىق تۈرنى ئەمەس، پەقەت شۇ كۈننىڭ ئىچىدە ئازراقلا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ۋەزىپىنىلا ئويلايدۇ.

بولۇپمۇ بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن بىسمىللاھ بىلەن قىلىنغان ھېچقانداق ئىش كىچىك سانالماسلىقى كېرەك. ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغان ھەر قانداق بىر قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىگە يۆلىنىدۇ. بۇ چەكسىز قۇدرەتكە باغلىنىش ئىشنىڭ مىقدارى ياكى كۆلىمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى مەنە جەھەتتىن چەكسىز چوڭايتىدۇ. سۈرە راھماننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى بولغان «تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ ذِي الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ» (بۈيۈكلۈك ۋە كاتتىلىق ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى مۇبارەكتۇر) دېگەن ئايەت، دەل بۇ ھەقىقەتنى ئەڭ يارقىن شەكىلدە نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ «مۇبارەك» (بەرىكەتلىك) دەپ سۈپەتلىنىشى، شۇ ئىسىم بىلەن قىلىنغان كىچىك بىر ياخشىلىقنىڭمۇ بەرىكەتلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈنۈم ۋە نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مۇئمىن ئۈچۈن يولدىكى بىر تاشنى ئېلىۋېتىش ياكى بىر تال كۆچەت تىكىش قاتارلىق سىرتتىن قارىغاندا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان ئىشلار «بىسمىللاھ» نىڭ سىرلىق نۇرى بىلەن نۇرلانغاندا، مىزاندا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان كاتتا بىر ئەمەلگە ئايلىنىدۇ.

كىچىك ئىشلارغا سەل قاراشنىڭ خەۋپى ئىنسان تەربىيەسىدە، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا بولغان مۇئامىلىدە تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ. ئىنسانغا بوۋاق ۋاقتىدىن تارتىپلا ئەھمىيەت بېرىش — تەربىيەنىڭ ئاساسىي شەرتىدۇر. بىر كىچىك بالىنىڭ قەلبى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. بىز سەل قارىغان بىر ئېغىز قوپال سۆز، بىر قېتىملىق سوغۇق مۇئامىلە ياكى ئۇنىڭ كىچىككىنە سوئالىغا جاۋاب بەرمەسلىك، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئۆمۈرۋايەت ئۆچمەيدىغان جاراھەت قالدۇرۇشى مۇمكىن. ئەكسىچە ئۇنىڭ كىچىككىنە تىرىشچانلىقىغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق ئىلھام ياكى بىر قېتىملىق مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلاش، كەلگۈسىدىكى بىر بۈيۈك شەخسنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىن. بالىنى «ئۇ تېخى بالا، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ مەنسىتمەسلىك، ئەسلىدە بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىگە ۋە كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ سۈپىتىگە سەل قارىغانلىقتۇر.

ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەردە «كىچىك ئىشلار» ھېسسىيات كۆۋرۈكىنى مۇستەھكەملەيدىغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بىر ئېغىز يېقىشلىق سۆز، قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى كىچىك بىر ھەرىكەت ئارقىلىق قاندۇرۇش ياكى باشقىلارغا كۆرسىتىلگەن ئاددىي بىر ھۆرمەت جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىق ئاساسىنى قۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر چوڭ سوۋغاتلار ياكى داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەنلا مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئەڭ چوڭقۇر تەسىرنى كۆپىنچە ئەڭ ئاددىي ئىنچىكە نۇقتىلار قالدۇرىدۇ. قەلبلەر ئارىسىدىكى ئارىلىق يېقىن- يىراق ئۆتۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى كىچىك كۆڭۈل بۆلۈشلەرنىڭ بار- يوقلۇقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ كىچىك ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرەلىگەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ كىچىك خاتالىقلىرىنى تۈزىتەلەيدىغان يۈكسەكلىككە يەتكەندىلا، ئاندىن مۇكەممەل بىر ئىنسانىي ئەخلاقنى بەرپا قىلالايمىز.

ئاخىرىدا خۇلاسە ئورنىدا ئەسىرىمنى ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچى ئاتىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم، كەشپىياتچى، يازغۇچى ۋە سىياسەتچى بېنيامىن فرانكلىن (Benjamin Franklin) نىڭ مەشھۇر «باي چارلېزنىڭ كالېندارى» (Poor Richard's Almanack) ناملىق كىتابىدا قالدۇرغان مۇنۇ داڭلىق ھېكمەت سۆزى بىلەن تاماملىماقچىمەن:

« بىر مىخ كەم بولغاچقا، بىر تاقا چۈشۈپ قالدى؛

بىر تاقا كەم بولغاچقا، بىر ئات ئاقساپ قالدى؛

بىر ئات ئاقساپ قالغاچقا، بىر چاپارمەن بارالمىدى؛

بىر چاپارمەن بارالمىغاچقا، بىر خەۋەر يېتىپ كەلمىدى؛

بىر خەۋەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن، بىر جەڭ مەغلۇپ بولدى؛

بىر جەڭدە مەغلۇپ بولغانلىقتىن، بىر پادىشاھلىق ۋەيران بولدى؛»


مەنبەلەر:

[1] https://islamicbridge.com/wp-content/uploads/2018/08/animals.jpg

[2] https://www.all-creatures.org/wildlife/img/mosquito.jpg

[3] https://strategies.org/wp-content/uploads/2021/05/1-HiRes-COLOR-Proboscis-Entry-FINAL-5-11-21.pdf

[4] https://www.who.int/news-room/fact-sheets/detail/vector-borne-diseases

[5] https://www.animalspot.net/wp-content/uploads/2023/12/Animals-That-Kill-the-Most-Humans.jpg

[6] https://www.visualcapitalist.com/wp-content/uploads/2020/10/RelativeSizeofParticles-Infographic-1200px_v8.jpg

[7] https://www.pthreebusiness.com/wp-content/uploads/2020/10/elephant-checklist-edit-314x222.jpg