قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇماقالىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئۆسمۈرلۈك (بالاغەت) دەۋرىگە بولغان ئائىلىۋى قاراشلار، نېرۋا-بىئولوگىيەلىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرى ھەمدە ئىككى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كىملىك كۈرىشىنى ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى، كۆزىتىشلىرى شۇنداقلا باشقا ئانىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە مائارىپچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي زىيارەت سۆھبەتلىرىگە تايانغان بۇ ئەسەردە، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئامىگدالا ۋە پىرىفرونتال كورتېكس ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى، ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەمدە مەدەنىيەت زىددىيەتلىرىنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنى كېلىپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق ئامىللار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ باسقۇچقا قارىتا ئىلمىي ئاڭ ۋە تەييارلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى بالىلارنىڭ ئىسيانكارلىقى ئەمەس، بەلكى تەبىئىي تەرەققىيات كرىزىسىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساغلام كىملىك شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى بېسىم ئورنىغا ئاقىلانە ئالاقە تىلى، سۆيدۈرۈش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە ئائىلىۋى ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باھالىغۇچىلار: گۈلباھار ئۇيغۇر ئوغلى، مۇنىرە ئۇيغۇرئوغلى


مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەب — ئۇزۇن يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى، ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىم ۋە ئەڭ مۇھىمى بەش بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشتىن كەچۈرگەن تۇنجى بالاغەت دەۋرىنىڭ شاھىتلىقىدۇر.

تۇنجى پەرزەنتىم بالاغەت (يېتىلىش) دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، مەن بۇ باسقۇچنى يۇرتىمىزدىكى بالاغەت يىللىرىغا ئوخشاشلا ئۆزلۈكىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر جەريان دەپ ئويلاپ، چوڭ بىر خاتالىق ئىچىدە قالغان ئىكەنمەن. چۈنكى تۇنجى قوزامنىڭ بۇ دەۋرگە قەدەم قويۇشى بىلەن تەڭ، ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تۇيۇقسىز كرىزىسلار ۋە توقۇنۇشلار باش كۆتۈردى. بۇ ئەھۋال مېنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە ئۆزۈمدىن ئەندىشە قىلىشقا مەجبۇر قىلدى: «ئەجىبا مېنىڭ ئانىلىقىمدا بىرەر كەمچىلىك بارمۇ ياكى بالىمىزدا بىرەر روھىي كەمتۈكلۈك يۈز بەردىمۇ؟»

دەل 15 يىل ئىلگىرى بالامنىڭ شۇ تىنچسىز دەۋردە نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ۋە روھىي دۇنياسىدا قانداق بوران- چاپقۇنلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش بىلەن باشلانغان بۇ مۇساپە مېنى چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش جەريانىغا يېتەكلىدى. ئىزدەنگەنسېرى شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، بالاغەت دەۋرى ئۇنى بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىز ئۆتكەن جۇغراپىيەنىڭ مەدەنىيەت قاراشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يېنىك قارىغىلى ياكى سەل قاراپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىغان باسقۇچ ئەمەس ئىكەن. ئەكسىچە بۇ دەۋردە بالىدا يۈز بېرىدىغان ھەر بىر بىئولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك ۋە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشىنىش، توغرا قوبۇل قىلىش ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ بىلەن توغرا ئالاقە تىلىنى ئۆگىنىش غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇ ئۆگىنىش ۋە ئېرىشكەن بىلىملىرىمنى ئۆز ئائىلەمدە بىۋاستە ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، تۇنجى بالىمىز بىلەن باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ كرىزىسلارنى ئاستا-ئاستا توغرا ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق؛ ئوتتۇرىمىزدىكى ئالاقىنى مېھرى-مۇھەببەت ۋە چۈشىنىش رىشتىسى بىلەن قايتىدىن قۇردۇق. بۇ ئاڭلىقلىقنىڭ پايدىسى بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى پەرزەنتلىرىمنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە نۆۋەت كەلگەندە، مەن بۇ جەرياننى ئېنىق ۋە روشەن كۆرەلەيدىغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ بۇ دەۋرلىرىنى تۇنجى بالامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئاشۇ ئازابلىق جەريانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاساسەن دېگۈدەك مەسىلە چىقارماي، خېلى چوڭ بىر يېنىكلىك ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋالالىدۇق.

ئۆز ئائىلەمدە قولغا كەلتۈرگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەت مېنى ئەتراپىمدىكى جەمئىيەتكە قارىتا تېخىمۇ سەزگۈر كۆزەتكۈچىگە ئايلاندۇردى. ئۆزۈم ياشاۋاتقان تۈرك جەمئىيىتىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە بولغان قارىشىنى تەكشۈرۈشكە، تۈرك ياشلىرىنىڭ بۇ دەۋرنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. مەن بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، مۇھاجىرەتتە بالا تەربىيەلەۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە ئائىت ئورتاق شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالدىم، دەردلىرىنى ئاڭلىدىم ۋە جەمئىيەتنىڭ رېئاللىقىنى كۆزدىن كەچۈردۈم.

بۇ جەرياندا مەن ئېچىنىشلىق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىم: مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋە بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆسمۈرلۈككە بولغان قارىشى يەرلىك تۈرك خەلقىنىڭ قارىشىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى، لېكىن پەرزەنتلىرىمىز مۇشۇ ئىككى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، بۇ ئىككى كىملىكنىڭ ئارىلىقىدا ياشاشقا مەجبۇر ئىدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ ئەندىشە، ئەنسىزلىك ۋە پىغانلىق شىكايەتلىرىنى ئاڭلىغانسېرى، ئۇلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى توغرىسىدا قانچىلىك ئاز بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دەۋرنى قانچىلىك يۈزەكى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە كۆرۈپ يەتتىم.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، بۇ ماقالە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشۇ ئېغىر يارىغا مەلھەم بولۇش، ئىجتىمائىي ئاڭلىقلىق يارىتىش ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىش مەقسىتىدە يېزىلدى. چۈنكى بالاغەت مەزگىلى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىز بىلىدىغان ئادەتتىكى بالىلىق دەۋرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئايرىم بىر روھىي ۋە جىسمانىي يېتىلىش باسقۇچىدۇر. ئەگەر ئاتا-ئانا بۇ نازۇك دەۋردە بالا بىلەن توغرا ئالاقە قۇرالمىسا، بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئېھتىياجلىرىنى توغرا ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭغا توغرا پوزىتسىيە بىلەن يېقىنلىشالمىسا، ئائىلە ئىچىدە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان، كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان چوڭقۇر يارىلار پەيدا بولىدۇ.

بىر ئانا ۋە بىر ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالاغەت مەزگىلى توغرىسىدىكى يۈزەكى چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدا ئېرىپ يوقاپ كېتىشىگە ۋىجدانىم يول قويمىدى، كۆز يۇمۇپ تۇرالمىدىم. 15 يىللىق شەخسىي ئىزدىنىشلىرىمغا، ئانىلىق تەجرىبىلىرىمگە، تۈرك جەمئىيىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان چوڭقۇر كۆزىتىشلىرىمگە تايىنىپ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ۋە بۇ ماقالىنى يېزىشنىڭ نەقەدەر قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم.

بۇ ئەمگەك — ئۆسمۈرلۈكنىڭ يېنىك قارىغىلى بولىدىغان جەريان ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئاتا-ئانىدىن ئىنتايىن زور ئەجىر، سەبىر ۋە ئاڭلىقلىق تەلەپ قىلىدىغان ئۇزۇن بىر مۇساپە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە خەلقىمىزنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىش مەقسىتىدە قەلەمگە ئېلىندى.

1-بۆلۈم: بالاغەت باسقۇچى (ئۆسمۈرلۈك دەۋرى) دىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىك كۈرىشى

ئىنسان ئانا قورسىقىدىكى تۇنجى مىنۇتلىرىدىن باشلاپلا توختاۋسىز تەرەققىي قىلىدىغان ۋە ئۆزگىرىدىغان بىر مەۋجۇدىيەتتۇر. بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن ئېتىبارەن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياكى بىر پەرۋىشچىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمى بىلەن ھاياتىنى باشلايدۇ، بارلىق ئېھتىياجلىرى ئائىلىسى تەرىپىدىن قامدىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ساغلام دۇنياغا كەلگەن بىر بوۋاقتا كۆرۈلۈشكە تېگىشلىك ئومۇمىي تەرەققىيات ۋە يېتىلىش جەريانلىرى ئاستا-ئاستا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇ پەقەت جىسمانىي ئۆسۈشلا بولماستىن، بالىنىڭ ھەر جەھەتتىن بىر پۈتۈن ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىدۇر.

مەسىلەن: دەسلەپكى باسقۇچتا بالا ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەر ۋە شەيئىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. ئاستا- ئاستا مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلىدۇ. چىش چىقىرىشتىن ئىلگىرى قىزىپ، قۇسۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بولغان بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن تۇنجى چىشلىرى چىقىدۇ. ئۆرە تۇرۇپ ماڭغۇچە بولغان ئارىلىقتا سان- ساناقسىز قېتىم يىقىلىدۇ، جاراھەتلىنىدۇ، ئاندىن ماڭىدۇ. راۋان سۆزلەش ئىقتىدارى يېتىلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇزۇن مۇددەت چۈشىنىكسىز ئاۋازلارنى چىقىرىپ، چۈچۈك تىلى بىلەن كۆپلىگەن كەمتۈك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تولۇق سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ. مۇشۇلار بىلەن بىرلىكتە، كېيىنچە بىر قىسىم نازۇك ھەرىكەت ئىقتىدارلىرىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان بولىدۇ. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ساغلام بالا ئۈچۈن ئىنتايىن تەبىئىي، ئاتا-ئانا ئۈچۈن بولسا شۇنداق ھاياجانلىق ۋە تاتلىق بىر مەزگىلدۇر.

بالا كىچىك ۋاقتىدا قىزىپ كەتسە: «نېمىشقا قىزىپ كېتىسەن؟» دەپ ئاچچىقلانمايمىز؛ ماڭالمىسا ياكى يىقىلىپ چۈشسە: «نېمىشقا يىقىلىسەن؟» دەپ تەنبىھ بەرمەيمىز ياكى كەمتۈك سۆزلىسە زەردە قىلمايمىز. ھەتتا بالا ئۆينىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىگە زىيان يەتكۈزسىمۇ، ئاتا-ئانا ئۇنى «كىچىك بالا، تېخى بىلمەيدۇ» دەپ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

بىراق بالىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە چوڭلار قاتارىغا ئۆتۈشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىدىغان بالاغەتكە يېتىش دەۋرىگە (ئۆسمۈرلۈك دەۋرى) كەلگەندە، ئەھۋال تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۇنتۇپ قالىدۇكى: ئۇ ئۆسمۈرمۇ ئۆز ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆسمۈر بولۇۋاتىدۇ. ئۇمۇ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمەگلىك. كىچىك ۋاقتىدا بالىنىڭ بارلىق زىيانلىرىنى، تەبىئىي كەمتۈكلۈكلىرىنى زور سەبىر ۋە مېھىر بىلەن قوبۇل قىلغان ئاتا-ئانىلار، نېمىشقىدۇر بالاغەتكە يەتكەن شۇ بالىنىڭ كىچىك بىر خاتالىقىنى ياكى ئىچكى تەشۋىشلىرىنى قوبۇل قىلىشتا، چۈشىنىشتە ئىنتايىن قىينىلىدۇ.

پىسخولوگ باھرىيە كامان خانىم ئۆزىنىڭ «ئۆسمۈر» (Ergen) ناملىق كىتابىدا يازغىنىدەك:

«كۆز ئالدىڭىزدا چوڭ بولۇۋاتقان بالا ئۆسمۈرلۈك يېشىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا سىزنىڭ بالىڭىزدۇر. تومۇرلىرىدا سىزنىڭ قېنىڭىز ئېقىۋاتىدۇ؛ ھېسسىيات ئەسلىمىلىرىدە سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى، تۇيغۇلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. بالا ئائىلىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئايرىلىپ كەتكەن ئەمەس. ئوبدانراق نەزەر سالسىڭىز، ئۇنىڭدا ئۆزىڭىزگە ئوخشايدىغان كۆپلىگەن خۇسۇسىيەتلەرنى كۆرىسىز. شەكلى ئۆزگەرگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇ دەل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ داۋامىدۇر. ئۇنى باشقىچە كۆرسىتىۋاتقىنى پەقەت بۇ دەۋرنىڭ ۋە يېڭى ئەۋلادنىڭ ئۇنىڭغا كىيدۈرگەن تاشقى قىياپىتى، خالاس.

ئۆسمۈر بالا بىلەن ھەقىقىي مەنىدە تۇيغۇداش بولالاش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىنىڭ كۆز قارىشىنى كېڭەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر دائىم ئوخشاش توقۇنۇشلارغا ۋە بىر خىل نەتىجىگە ئېرىشىۋاتقان بولسىڭىز، دېمەك بالىڭىزغا دائىم ئوخشاش بىر خىل خاتا ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىۋاتىسىز. بالىڭىز ئۆزگىرىۋاتقاندا سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز ئۆزگەرمىسە، ئۇنىڭ بىلەن تۇيغۇداش بولالمايسىز. كۆرۈۋاتقان نەرسىڭىز ئۆزگەرگەن ئىكەن، نۇقتىئىنەزىرىڭىزنىڭمۇ ئۆزگىرىشى شەرت.

ئۆسمۈر بالىڭىز دەل سىزنىڭ چوڭقۇر چۈشىنىشىڭىزگە ئېھتىياجلىقتۇر. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بالىنى چۈشىنىش — ئۇنىڭ ھەممە قىلغىنىنى قوبۇل قىلىش ياكى تەستىقلاش دېگەنلىك ئەمەس. چۈشىنىش — ئۇنىڭغا كەڭرى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ كۆرۈشتۇر. قوبۇل قىلىش بولسا، بارلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. تەستىقلاش بولسا ياقتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىر ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممە قىلغىنىنى ياقتۇرۇش شەرت ئەمەس. ھاياتتا ئۆزىمىز ياقتۇرمىساقمۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان نەرسىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر كۆپلىكىنى ئويلىساق، بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمىز. كەڭ قورساقلىق ۋە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش — ئائىلىدىكى پىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە "مەن بالامنى چۈشىنىۋاتىمەن" دەپ ئويلايدۇ، بىراق جۈملىسىنى "ئەلۋەتتە... لېكىن..." دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئالاقىدە "بىراق، لېكىن" دېگەن سۆز بولىدىكەن، ئۇ يەردە چىن تۇيغۇداشلىق بار دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئىلگىرىكىلەر "بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا ئۆسمۈرلۈك دەيدىغان نەرسە بارمىدى" دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۆسمۈرلۈك بۇرۇنمۇ بار ئىدى، پەقەت ئۇ ۋاقتىدا ئۆسمۈرلەر بىلەن تۇيغۇداش بولۇش، ئۇلارنىڭ كىملىك يېتىلىشىنى ئېتىراپ قىلىش ئومۇملاشمىغان ئىدى.

ئۆسمۈرلۈك — ئۆزگىرىشچان ۋە ناھايىتى ھەرىكەتچان بىر جەريان. ئۆسمۈرلەر كۆپىنچە "ئاپام مېنى تونۇيمەن دەپ ئويلايدۇ، بىراق ئۇ يالغان" دەيدۇ. ئاتا-ئانا بالىنىڭ شۇ بىرلا خاتا ھەرىكىتىگە قاراپلا ئۇنىڭغا ئاللىقاچان ھۆكۈم چىقىرىپ بولىدۇ-دە، ئۇنى قايتا قۇتۇلالمىغۇدەك بىر قېلىپقا سولاپ قويىدۇ. بۇگۈن ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان ئەڭ چوڭ دەردى: "ئاپام مېنىڭ بىرلا قىلغان ئىشىم بىلەن ماڭا ئاللىقاچان ھۆكۈم قىلىپ بولدى ۋە مېنى ئاشۇ يەرگە سولاپ قويدى، ئۇ مېنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ!" دېيىشىدۇر.

ئاتا-ئانا «مەن بالامنى ئوبدان تونۇيمەن» دەپ ئۆزىنى قېلىپقا سېلىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى بالا ئائىلىسىگە پەقەت ئۆزىنىڭ «پەرزەنتلىك» قىياپىتىنىلا كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قىياپىتى پەرزەنتلىك بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر بىر ھالىتىگە شاھىت بولالىغىنى بىلەن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆينىڭ سىرتىدىكى ھەر بىر ھالىتىگە شاھىت بولالمايدۇ.

بالىلارنىڭ روھىي تەرەققىياتى ئاتا-ئانىسى بەرگەن تەربىيەسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇلارئائىلىدە ئۆز كىملىكى بىلەن ئىرادىسىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغان بوشلۇققا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى — بالىلىقنىڭ ئاخىرى، يېتىلگەنلىكنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئاتا-ئانىدىن تېخىمۇ زور سەبىر، ئوچۇق تەپەككۇر ۋە ئاڭلىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان نازۇك ئالاقە باسقۇچىدۇر.

2-بۆلۈم: ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاساسىي جەريانلار ۋە مەسىلىلەر

1) ئۆسمۈرلۈك دەۋرى: كرىزىسمۇ ياكى تەبىئىي كۆۋرۈكمۇ؟

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىنى بىر «كرىزىس دەۋرى» ياكى «نورمالسىزلىق» دەپ خاتا چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بالىلىقنىڭ ئاخىرى، يېتىلگەنلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇ دەۋردە ئۆسمۈرلەردە يۈز بېرىدىغان پىسخولوگىيەلىك، نېرۋولوگىيەلىك ( نېرۋا سېستىمىسىغا ئائىت) ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن تېز بولغاچقا، ھەم بالا ھەم ئاتا-ئانا بۇ جەرياننى كونترول قىلىش جەريانىدا قىينىلىدۇ. بۇ دەۋر پەقەت پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيەلىك باسقۇچلا ئەمەس، بەلكى مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى زور بىر «قايتا قۇرۇش» جەريانىدۇر. مېڭىدىكى پىرىفرونتال كورتېكس (Prefrontal Cortex) بىلەن ئامىگدالا (Amygdala) ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى، ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكىلەردە كۆرۈلىدىغان كۆپىنچە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىدۇر.


2) نېرۋا-بىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر، ھورمۇنلار ۋە جىسمانىي يېتىلىش

ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مېڭىدىكى ئىككى مۇھىم مەركەز ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

ئامىگدالا (Amygdala) — ھېسسىياتنىڭ «تېزلەتكۈچى» پېدالى: ئامىگدالا مېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ھېسسىياتلارغا، بولۇپمۇ قورقۇنچ، غەزەپ ۋە جىددىي كۆڭۈل ئېغىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بۇ قىسىم ئىنتايىن تېز ۋە بالدۇر تەرەققىي قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆسمۈرلەر ئىشلارغا تۇيۇقسىز ۋە كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بىر دەقىقىدە خۇشال بولسا، يەنە بىر دەقىقىدە چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قېلىشى دەل مۇشۇ «ھېسسىيات مەركىزى»نىڭ ناھايىتى ئاكتىپ بولغانلىقىدىندۇر.

پىرىفرونتال كورتېكس (Prefrontal Cortex) — لوگىكىنىڭ «تورمۇز» سىستېمىسى: بۇ قىسىم مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، پىلانلاش، قارار چىقىرىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، مەنتىقىي تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى مۆلچەرلەشكە مەسئۇل «باشقۇرغۇچى مەركەز»دۇر. بۇ قىسمىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇپ، ئادەتتە 20 ياشنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۆسمۈرلەر ھېسسىياتىنى كونترول قىلىشتا قىينىلىدۇ. بالىلارنىڭ «خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشى» ۋە ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي تۇيۇقسىز قارار چىقىرىشى دەل مۇشۇ «مەنتىقىي تورمۇز»نىڭ تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكىدىندۇر.

ھورمۇنلار ۋە جىسمانىي ئۆزگىرىشلەر:

جىنسىي يېتىلىش بىلەن تەڭ كەلگەن ھورمۇن ئۆزگىرىشلىرى مېڭىنىڭ بۇ قۇرۇلمىلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوغۇللاردا تەستوستەرون ھورمۇنىنىڭ ئاكتىپلىشىپ ئېشىشى بىلەن ئاۋاز توملىشىش، بوي تېز ئۆسۈش، بەدەن ئۆلچەملىرى ئۆزگىرىش ۋە ساقال-بۇرۇت چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە؛ قىزلاردا ئېستروگېن ھورمۇنىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ھەيز كېلىش، بەدەن شەكىللىنىش ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. بۇ تۇيۇقسىز فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئۆسمۈردە خىجىللىق، تەشۋىش ۋە پىسخىكىلىق جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھورمۇنلار مېڭىدىكى ھېسسىيات قوبۇللىغۇچىلىرىنى تېخىمۇ سەزگۈر قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئادەتتىكى بىر گەپ ياكى كىچىك بىر ۋەقە ئۆسمۈرلەرنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن چوڭ بىر مەسىىلىدەك تۇيۇلىدۇ.

3) كىملىك قۇرۇلۇشى: جىنسىي، ئىجتىمائىي كىملىك ۋە ئىجتىمائىيلىشىش

بۇ دەۋر — ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىزدەيدىغان، «مەن كىم؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان دەۋرىدۇر. ئۆسمۈرلەر ئۆزىنىڭ جىنسىي ۋە ئىجتىمائىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا تاشقى قىياپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلايدۇ. كىيىم تاللاشتا مودا ئېقىملارغا ئەگىشىش ياكى بىرەر داڭلىق شەخسكە تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەزگىل — ئۆسمۈرنىڭ ئائىلىدىن بىرئاز ئارىلىق ساقلاپ، سىرتقى دۇنياغا قاراپ ئىجتىمائىيلىشىشقا باشلايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر باسقۇچىدۇر. ئۆسمۈر ئۆز ئالدىغا كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولغاچقا، تەڭتۇشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنى «بالىمىز بىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ ياكى يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئەنسىرەپ قايغۇغا چۆكۈشى مۇمكىن، لېكىن ئۆسمۈر ئۈچۈن بۇ پەقەت ئۆز كىملىكىنى تاپىدىغان تەبىئىي بىر جەرياندۇر.

4) مەنىۋىيەت، ئېتىقاد ۋە دىنىي كىملىك قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشى

ئۆسمۈرلەر بۇ مەزگىلدە جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد بىلىملىرىنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ۋە سوئال قويۇشقا باشلايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ بۇ خىل سۈرۈشتۈرۈش ۋە قىزىقىشىنى «ئېتىقادتىن چېكىنىش» دەپ خاتا چۈشىنىپ، قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى بالىنىڭ كۆڭلىدە سوئالنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلىشىشىغا ۋە تېخىمۇ تەرسلىشىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

5) ئىككى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كىملىك توقۇنۇشى ۋە ئائىلىنىڭ كۈتكەنلىرى

ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللىي كىملىكىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ تەسىر بەزىدە بالىلارغا ئېغىر پىسخىكىلىق بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەسلىدە، بىز ياشاۋاتقان تۈرك جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە پۈتۈنلەي ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردىن قاراپ كېتەلىگىنى يوق. ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدىمۇ ئۆسمۈرلەرگە «ئۆز بېشىمچى» (Başıbuyruk), «جاھىل» (İnatçı) ياكى «مەسئۇلىيەتسىز» (Sorumsuz) دېگەندەك ئادەتتىكى ئاتالغۇلارنى تامغا قىلىپ بېسىپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت ئەدەب-تەربىيەنىڭ كەمچىللىكى دەپ قارىغۇچىلار كۆپ.

بىز ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بولسا ئۆسمۈر بالا بىر تەرەپتىن جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىيات كرىزىسىنى باشتىن كەچۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلە ۋە مەدەنىيىتىمىز بىزگە يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت ھەم ئۈمىد بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ:

دىنىي مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت: ئىسلام شەرىئىتىدە بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاقىل بولغان ھەربىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆز قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىدىغان تەپەككۇر ئىگىسى (مۇكەللەپ) دەپ قارىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئۈچ كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلگەندۇر: ...ياش بالا بالاغەتكە يەتكۈچە» دەپ كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئائىلىلەر ئۆسمۈردىن ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشنى، قىزلاردا ھىجابلىنىش بىلەن نامەھرەم ئۇقۇمىنى تىكلەشنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاققا تولۇق رىئايە قىلىشنى كۈتىدۇ.

ئائىلە مەسئۇلىيەتلىرى: قىزلاردىن ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، ئوغۇللاردىن دادىسىغا ياردەملىشىپ تۇرمۇش ئېغىرچىلىقىنى تەڭ تەڭشەپ ياردەملىشىش ئۈمىد قىلىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئالاھىدە مەجبۇرىيەت: چەتئەلدە كىملىك يوقىتىش خەۋپى ئالدىدا ئائىلىلەر بالىلىرىدىن ئۆز دىنى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مىللىي ئېڭىنى قوغداپ قېلىشنى ئىنتايىن جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۆسمۈر بالا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ نېرۋا- بىئولوگىيەلىك ھورمۇن ئۆزگىرىشلىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقى جەمئىيەتنىڭ «ئۆز بېشىمچى» دېگەن كۆزى بىلەن ئائىلىسىنىڭ كۈتكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ جىددىيلىك سەۋەبلىك ئۆسمۈرلەر ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ، ئۆز دۇنياسىغا قاپسىلىۋېلىشنى تاللايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن يالغۇز قېلىپ، ئىچكى ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشىنىش ئېھتىياجىنىڭ ئىپادىسىدۇر. لېكىن ئاتا-ئانىلار بۇنى «بالىمىز بىزدىن يىراقلاشتى» دەپ خاتا چۈشىنىپ ئەنسىرىگەندە، ئائىلە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

6) ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئومۇمىي كۆزىتىشلەر

ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا: «بالىمىز بىزگە قارشى ئىسيان كۆتۈردىمۇ؟» دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ يەردە پەقەت بالىنىڭ ئىچىدىكى شىددەتلىك ھېسسىيات قاينىمىنىڭ پارتلىشى يۈز بېرىۋاتقان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا- ئانا خۇددى بالىسى چىش چىقارغاندا قىزىپ كەتسە بۇنى تەبىئىي دەپ قوبۇل قىلغىنىدەك، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ نورمال ۋە ۋاقىتلىق بىر باسقۇچ دەپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

بۇ دەۋر - بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەقەت مېھىر-شەپقىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىشىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئالتۇن مەزگىلىدۇر. ئاتا-ئانىلار بۇ باسقۇچقا قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن ئىلمىي بىلىم ئىگىلىشى، «بالام قولدىن كېتىپ بارامدۇ؟» دەپ قورقۇش ئورنىغا «بالامدا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» دەپ ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇشى زۆرۈردۇر.

جۈملىدىن، ئۇيغۇر بالىلىرى ھەم جىسمانىي ئۆزگىرىش ھەم ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى تەڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەرياندا ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاسان زەخىملىنىدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بۇ تېمىنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاساس قىلىپ يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم. بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزدىكى بالىلارغا بولغان ئەنئەنىۋى قارىشىمىزنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بالىلارنىڭ ئىچكى دەردىنى بىر قىسىم زىيارەت خاتىرىلىرى (سۆھبەتلەر) ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


ئانىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ۋە ئانالىز

مۇھاجىرەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە بولغان قارىشى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ياشايدىغان تۆت ئۇيغۇر ئانا بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى (زىيارەت قىلىنغۇچىلار: ئانا A, ئانا B, ئانا C, ئانا D دەپ ئېلىندى).


1-سوئال: بالىڭىز بالاغەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىكى ئەڭ چوڭ قورقۇنچىڭىز نېمە بولدى؟

ئانا A: بالىلىرىمنىڭ مەندىن يىراقلىشىشىدىن ئەنسىرىدىم. تۇنجى بالامدا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر، يەنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز نۇقتىسىدىن قاراپ، «بالىلىرىمىز بىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ» دەپ قورقتۇم. لېكىن كېيىنچە باشقا بالىلىرىمغا كەلگەندە بۇ قارىشىم ئۆزگەردى.

ئانا B: تۇنجى بالام قىز بولغىنى ئۈچۈن ئانچە ئەنسىرىمىگەن بولساممۇ، تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئوغلۇمدىن بەك قورقتۇم. تەخمىنەن بىر يىلدەك دادىسىدىن ئايرىلىپ ياشىدى، «دادىسى بۇ يەردە يوق تۇرسا، ناچار بالىلارغا ئارىلىشىپ قالسا قانداق باشقۇرارمەن» دەپ بەك ئەنسىرىدىم.

ئانا C: «ناچار دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتەرمۇ» دەپ ئەنسىرىدىم. چۈنكى بالىلىرىم ياتاقلىق مەكتەپتە بولغاچقا، ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈۋېلىشىدىن قورقتۇم.

ئانا D: بالامنىڭ بەك ئۆزگىرىپ قولۇمدىن كېتىپ قېلىشىدىن قورقتۇم. شۇ قورقۇنچ سەۋەبىدىن بالىنىڭ تەرەققىياتىنى توغرا ئانالىز قىلالمىدىم ۋە توقۇنۇش كۆپ بولدى.

2-سوئال: تالاش-تارتىشلارنى «ھۆرمەتسىزلىك» دەپ كۆردىڭىزمۇ ياكى «تەرەققىيات باسقۇچى» دەپمۇ؟

ئانا A: تۇنجى بالامدا «بۇ بالا ئىسيانكار، بىزگە قارشى چىقىۋاتىدۇ» دەپ قورقۇپ، ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىغانىدىم. لېكىن ئۆسمۈرلۈك تېمىسىدا ئۆزۈمنى ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە كۆندۈرگەندىن كېيىن، ئوخشىمىغان كۆز بىلەن قاراشنى ئۆگەندىم.

ئانا B: بەزىدە ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىمايمەن، «بالا ئۆز ھەققىنى قوغداشنى ئۆگەنسۇن» دەپ قارايمەن.

ئانا C: بالاغەت مەزگىلىنى بىر تەرەققىيات جەريانى دەپ كۆرىمەن، بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا بۇلار ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىلاتتى.

ئانا D: تالاش-تارتىشلارنى دەسلەپتە «ئاتا-ئانىغا ئىسيان قىلىش، ھۆرمەتسىزلىك قىلىش» دەپ رەت قىلدىم.

3-سوئال: دىنىي سوئاللىرىدىن قورقتىڭىزمۇ؟

ئانا A: ئىلگىرى دىنىي سوئاللار كېلىشىدىن قورقاتتىم ۋە بالىنى بىۋاسىتە دادىسىغا يوللايتتىم. لېكىن ھازىر بىلەلمىگەن سوئال كۆرۈلسە «كەل، بىللە ئۆگىنەيلى، ئىزدىنەيلى» دېيىشنى ئۆگەندىم، ئۆزۈمچە قورقمايدىغان بولدۇم.

ئانا B: دىنىي سوئال سورىسا خۇشال بولىمىز، يېشىغا ماس جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.

ئانا C: ھازىرغىچە دىنىي جەھەتتىن ئەنسىرىشىم بولمىدى.

ئانا D: بالامنىڭ دىنىي سوئاللىرى مېنى ئەنسىرىتەتتى، «دىن ھەققىدە شۈبھىسى بارمۇ؟» دەيتتىم. ھالبۇكى ھازىر قارىسام، ئۇ پەقەتلا دىننى چوڭقۇر چۈشەنمەكچى ئىكەن، بىز بولساق يېتەرلىك بىلىمىمىز بولمىغاچقا خاتا چۈشىنىپتۇق.

4-سوئال: بالىڭىزنىڭ باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشىدىن (كىملىك ئۆزگىرىشىدىن) ئەنسىرىدىڭىزمۇ؟

ئانا A: قىزلىرىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىم بىلەن سېلىشتۇرسام، ئۇلار مەندىن كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتتى. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ قايسى مەدەنىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئەندىشە ئەمەس، مەن بالىلىرىمغا ئىشىنىمەن.

ئانا B: سىرتتا باشقا مەدەنىيەت كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ يۈرگەن بالىلارنى كۆرىمەن، لېكىن مېنىڭ بالىلىرىم بىر نەرسە سېتىۋالغاندا بىزنىڭ مەسلىھەتىمىزنى سورىغاچقا كۆڭلۈم توق ۋە خاتىرجەم.

ئانا C: ئوغلۇمدىمۇ بۆلەكچە بىر ئەھۋال كۆرمىدىم، قىزىمنىڭمۇ باشقا مەدەنىيەتكە ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمايمەن.

ئانا D: باشقا كىشىلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، توختىماي تەربىيەلىدۇق.

5-سوئال: بالاغەت يېشىغا قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن بۇ باسقۇچقا قارىتا تەييارلىق قىلدىڭىزمۇ؟

ئانا A: تۇنجى بالامدا ھېچقانداق تەييارلىقىم يوق ئىدى، «بۇ دەۋر كېلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىزدىمۇ شۇنداق بولغان» دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما ئىشنىڭ ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى، بۇ جەرياننىڭ ئۆزىگە خاس پىسخىكىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلمىگەنىكەنمەن. كېيىن ئۇلارنى چۈشىنىش، توختىماي ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن تىرىشتىم.

ئانا B: كىتاب ئوقۇمىغان، سىنلارنى كۆرمىگەنىدىم. بالاغەت مەزگىلىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي قالغان ئىدۇق.

ئانا C: بالاغەتتىن بۇرۇن تەييارلىقىم يوق ئىدى. بۇنى تەرەققىياتنىڭ بىر پارچىسى دەپ كۆرىمەن.

ئانا D: تەييارلىقىم يوق ئىدى، چۈنكى بىزنىڭ يۇرتتا بۇ مەزگىلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيتتى، «بالا ئۆزى بالاغەتكە يېتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئىش شۇنداق ئەمەس ئىكەن، ئارىمىزدىكى ئالاقە زەخىملەنگەندىن كېيىن ئۆگىنىشكە ۋە ئىزدىنىشكە باشلىدىم.

6-سوئال: كۆزىتىش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىن كېيىن ئائىلە ئالاقىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟

ئومۇمىي خۇلاسە (ئانا A, B, C, D): تۇنجى بالىدا تەجرىبىسىزلىك سەۋەبىدىن بىرئاز توقۇنۇشلار بولغان بولسىمۇ، ئانىلار ئۆسمۈرلۈك پىسخىكىسىنى ئۆگىنىپ، بالىلىرىنى كۆزىتىپ ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى بالىلاردا توقۇنۇشلار كۆرۈنەرلىك ئازايغان. ئىلمىي ئاڭ، ئىزدىنىش ۋە تەجرىبىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكى بالىلاردا توقۇنۇش ئورنىنى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىجابىي ھەمكارلىق ئالغان.


ئۆسمۈرلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت سۆھبىتى تەھلىلى

ئۆسمۈرلەرنىڭ كىملىك توقۇنۇشى، ئائىلە ئالاقىسى ۋە پىسخىكىلىق ئېھتىياجلىرىنى ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان ياشتىكى تۆت ئۆسمۈر بىلەن زىيارەت ئېلىپ بېرىلدى (زىيارەت قىلىنغۇچىلار: ئۆسمۈر A, ئۆسمۈر B, ئۆسمۈر C, ئۆسمۈر D دەپ ئېلىندى).

1-سوئال: يالغۇز ئۆيگە قامىلىۋېلىش ياكى يالغۇز قېلىش ئىستىكىڭىز ھەققىدە ئائىلىڭىزنىڭ ئەنسىرىشىگە قانداق قارايسىز؟

Aئۆسمۈر ( 14ياش): يالغۇز قالغاندا ئائىلەمنىڭ «بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ» دەپ ئويلىشىنى خالايمەن. لېكىن ئۇلار «سەن قىلالمايسەن، بىز ياردەم قىلايلى» دەپ بېسىم قىلغاندا، ئۆزۈمنى ئائىلەم بىلەن ئەمەس، يالغۇز تۇتۇشنى خالايمەن. يالغۇزلۇق ئىنسان ئۈچۈن تەبىئىي ئېھتىياجدۇر؛ بۇ كەلگۈسىدە ئائىلەمدىن ئايرىم قالساممۇ ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل تۇرالىشىمغا ياردەم بېرىدۇ.

ئۆسمۈر B: بالاغەت مەزگىلىدە ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم يالغۇز قېلىشنى، ئىچكى دۇنيارىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن خالايدىغان ۋاقىتلىرىم بار ئىدى. ئەپسۇس ئۆيىمىزدە مەن ئۈچۈن مۇنداق بىر شەخسىي بوشلۇق يوق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يالغۇزلۇق ئېھتىياجىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئۆيدىن سىرتقا قېچىپ چىقاتتىم. سىرتتا يالغۇز قالغىنىمدا ئاتا-ئانامغا قارىتا ئىچىمدە ئاچچىق ۋە غەزەپ تولۇپ تاشقىنىنى ھېس قىلاتتىم.

ئۆسمۈر C (14 ياش): تېخى يېقىندا بالاغەتكە يەتكەن بولغاچقا، ئادەتتە يالغۇز قېلىشتىن بەكرەك ئائىلەم بىلەن بىللە بولۇشنى ياقتۇرىمەن.

ئۆسمۈر D: مەن ئۆسمۈرلۈك ۋە بالىلىق دەۋرىمدە ئەركىن-ئازادە ياشاشقا ياكى يالغۇز قېلىشقا ھېچقانداق ۋاقتىم بولمىدى. چوڭ ئاچام توي قىلىپ ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئائىلىنىڭ بارلىق ئېغىر يۈكى ۋە مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي مېنىڭ ئۈستۈمگە قالدى.

2-سوئال: دىن ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىڭىزغا بېرىلگەن ئىنكاسلار سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟

ئۆسمۈر A: دىنىي سوئال سورىغاندا ئاۋۋال قورقىمەن، لېكىن توغرا جاۋابىنى ئاڭلىغاندا ناھايىتى خۇشال بولىمەن.

ئۆسمۈر B: دىن مەسىلىسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن بىر تەلەيسىزلىك دەپ قارايمەن. چۈنكى ئاتا-ئانام ماڭا دىننى قورقۇتۇش ياكى مەجبۇرلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى سۆيدۈرۈپ تۇرۇپ قەلبىمگە سىڭدۈرۈپ ئۆگىتەلمىدى. ئائىلىدىكى زىددىيەتلەردىن كېيىن، دىن مەن ئۈچۈن پەقەت ئاتا-ئانامنىڭلا ئىشىدەك ياتلىشىپ قالدى.

ئۆسمۈر C: دىنىي ۋە مەدەنىي قىممەتلەرگە قارىتا ئائىلەم بىلەن ئانچە زىددىيەتكە كىرىپ باقمىدىم.

ئۆسمۈر D: ئائىلىدە تولۇق ئۇيغۇرچە تەربىيە ۋە ئائىلىۋى مۇھىتتا چوڭ بولدۇم، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر پارچىسى ئىدى.

3-سوئال: كىيىنىشىڭىز ۋە داڭلىق شەخسلەرنى تەقلىد قىلىشىڭىز نېمە ئۈچۈن ئائىلىڭىزنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ؟

ئۆسمۈر A: كىيىنىش مەسىلىسىدە بەزىدە ئائىلەم خالىمىغاندا «بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ ئويلايمىز. ئەمما چوڭقۇر ئويلانساق ئۇلارنى چۈشىنىمىز؛ بەزىدە بىز تەقلىد قىلغان شەخس بىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

ئۆسمۈر B: مەن چېچىمنى داڭلىق بىر پۇتبولچىنىڭ چاچ شەكلىگە ئوخشىتىپ ياسىۋالغاندا، ئانام «كاپىرغا ئوخشىۋالماقچىمۇ؟» دەپ ئەيىبلىدى. ئاتا-ئانىلار بىزگە ئۈزلۈكسىز «ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما» دەپ بىزنى چەكلەيدۇ، لېكىن ئورنىغا دەسسەيدىغان، بىز قوبۇل قىلالايدىغان توغرا بىر ئەندىزىنى ياكى جەلپكار بىر ئۈلگىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

ئۆسمۈر C: كىيىنىش ياكى شەخسلەرنى تەقلىد قىلىشتا ئائىلەم بىلەن ئېغىر توقۇنۇش ياشىمىدىم.

ئۆسمۈر D: باشقا دوستلىرىم ھەۋەس قىلىۋاتقان ياكى تەقلىد قىلىۋاتقان ئىشلارغا مېنىڭ ئويلايدىغان ياكى ھەۋەس قىلىدىغان ۋاقتىممۇ، پۇرسىتىممۇ بولمىدى.

4-سوئال: ئۆزىڭىزنى قايسى مەدەنىيەتكە (ئۇيغۇر- تۈرك) تەۋە ھېس قىلىسىز؟

ئۆسمۈر A: مەكتەپتە ئۆزۈمنى ئۇيغۇر ھېس قىلىمەن، باشقىلاردىن ئالاھىدە تۇرىمەن؛ چۈنكى باشقىلار بىلمەيدىغان ئۇيغۇرچىنى مەن بىلىمەن. لېكىن ئۆيدە تۈركچە سۆزلىشىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئۆزۈمنى ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئارلاشمىسىدەك ھېس قىلىمەن.

ئۆسمۈر B: زامانىۋى ۋە غەربچە تۇرمۇش شەكلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز. كۈچلۈك زامانىۋى ئۈلگە بولمىغاچقا، كىملىك جەھەتتە قايسى تەرەپكە تەۋە بولۇشتا ئىككىلىنىشلەر بولىدۇ.

ئۆسمۈر C: ئۆزۈمنى تۈرك مەدەنىيىتىنى بەكرەك قوبۇل قىلغاندەك ھېس قىلمايمەن، ئائىلەمدىكى ئۆزلۈككە يېقىن تۇرىمەن.

ئۆسمۈر D: تۈركىيەدە تۇغۇلغان بولساممۇ، ئائىلىدە تولۇق ئۇيغۇرچە تۇرمۇش ئادىتى بىلەن چوڭ بولدۇم.

5-سوئال: مەكتەپتە زوراۋانلىق ۋە يەكلەشكە ئۇچرىدىڭىزمۇ؟ ئائىلىڭىز بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

ئۆسمۈر A: مەكتەپتە زوراۋانلىققا ياكى يەكلىنىشكە ئۇچرىمىدىم. لېكىن سۈرىيەلىك ئەڭ يېقىن دوستۇم كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى بىرئاز يالغۇز ھېس قىلدىم.

ئۆسمۈر B: مەكتەپتىن كۆپرەك ئۆيدىكى ۋە سىرتتىكى ئۆز پىسخىكىلىق بېسىملىرىم بىلەن ئېلىشتىم.

ئۆسمۈر C: مەكتەپتە يەكلىنىش ئېغىر بولمىدى.

ئۆسمۈر D: ئاتا-ئانام تۈركچىنى ياخشى بىلمىگەچكە، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك رەسمىيەتلەر، سودا-سېتىق ئىشلىرى ۋە مەكتەپ ئالاقىلىرىنىمۇ مەن قىلاتتىم. زوراۋانلىقتىن كۆرە تىل ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت يۈكى ئېغىر بولدى.

6-سوئال: ئائىلىڭىز سىزدىن رازىمۇ؟ «ئەۋلادلىق مەجبۇرىيىتى» بېسىمى ھېس قىلامسىز؟

ئۆسمۈر A: ئائىلەمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى بار، ئاچامنىڭ نەتىجىسىنى مەندىنمۇ كۈتىدۇ. مەن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمەن؛ مەسىلەن ئاشپەزلىككە قىزىقىمەن، ئاپام كۆپ قوللايدۇ.

ئۆسمۈر B: ئائىلىنىڭ تەلىپى بىلەن مېنىڭ ئارزۇلىرىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق (مۇساپە) سەۋەبىدىن زور بېسىم ھېس قىلدىم.

ئۆسمۈر C: ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى توغرا دەپ كۆرىمەن ۋە ئۇلارغا لايىق بولۇشقا تىرىشىمەن.

ئۆسمۈر D: بېسىم ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بىر تەرەپتىن دەرسلەر، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ بارلىق تاماق، ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئىنى-سىڭىللىرىمغا قاراش مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي مېنىڭ ئۈستۈمدە ئىدى.

7-سوئال: ئائىلىڭىزنى بالىلاردىكى بالاغەت باسقۇچى ھەققىدە مەلۇماتلىق دەپ قارامسىز؟ ئاتا-ئانام مېنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟

ئۆسمۈر A: ئائىلەم بىرئاز چۈشىنىشكە تىرىشسىمۇ، بەزىدە ئۆزۈمچە تەپەككۇر قىلىشىمغا پۇرسەت بەرمەي، «بىز ياردەم قىلايلى» دەپ پىسخىكىمىزنى رەت قىلىپ قويىدۇ.

ئۆسمۈر B: ئاتا-ئانام بۇ جەرياننى ئانچە چۈشەنمەيتتى، «ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما» دەپ چەكلەشتىن باشقا جەلپكار بىر ئەقلىي يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.

ئۆسمۈر C: ئۇلارنىڭ بۇ جەريان ھەققىدە كىتاب ئوقۇغان ياكى ئۆگەنگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق.

ئۆسمۈر D: بىزنىڭ يۇرتتا بۇ مەزگىلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيتتى، شۇڭا ئائىلەمدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە بىلىم ۋە تەييارلىق يوق ئىدى.


مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلۈكى ۋە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رېئاللىقى

مۇھاجىرەتتە بالاغەت يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ يېقىندىن بىلىش، شۇنداقلا مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، بالا ۋە ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن توقۇنۇشلارنى رېئال كۆزىتىش ئۈچۈن، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر مەكتىپىدە مۇدىر ھەم ئۇستاز بولۇپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، تەجرىبىلىك بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. تۆۋەندىكىلەر شۇ سۆھبەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن، مۇھاجىرەت مائارىپى ۋە ئائىلە پىسخىكىسىغا ئائىت مۇھىم كۆزىتىش ھەم تەھلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپ يىللىق مائارىپ باشقۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچى ئۇستازنىڭ كۆزىتىشلىرى:

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىر ئۇيغۇر مائارىپ كۇرسىنىڭ مۇدىرلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالاغەت مەزگىلىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى يېتەكچىلىك ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتنىشىش جەريانىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ پىسخىكىلىق، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئائىت كۆپلىگەن رېئاللىقلارنى كۆزەتتىم. بۇ جەرياندا توپلىغان تەجرىبىلىرىم ۋە كۆزىتىشلىرىم ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك چوڭ تېمىلارغا مەركەزلىشىدۇ:

3- بۆلۈم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى «ئىككى قۇتۇپلىشىش»

مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، مۇھاجىرەت تۇرمۇشىنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرلىرى ئاستىدا يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ھازىر ئىككى تۈرلۈك قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نېيتىرال (بىتەرەپ)، ئوتتۇراھال بىر ھالەتنى كۆرۈش تولىمۇ قىيىن.

بىرىنچى تۈركۈم: ئېغىر مەسئۇلىيەت ئاستىدا يېتىلگەن بالىلار

بۇ تۈركۈمدىكى بالىلار ئىنتايىن كىچىك يېشىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلاردۇر.

رېئال تۇرمۇش ئەھۋالى: مەسىلەن، ئانىسى تۇغۇتلۇق بولۇپ قالغان، ئۆيدە يەتتە-سەككىز كىچىك ئۇكا-سىڭىللىرى بار ئائىلىلەردە، شۇ كىچىك بالىلارنى بېقىش ۋە قاراش يۈكى مۇشۇ ئۆسمۈر بالىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۆي ئىچىدىكى تاماق ئىتىش، ئۆي تازىلاش ئىشلىرىدىن تارتىپ، سىرتقى سودا-سېتىق ۋە ئالاقە ئىشلىرىغىچە شۇلار قىلىدۇ. مۇھاجىرەتتە مۇشۇنداق ئېغىر يۈك ئاستىدا قالغان بالىلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ.

ئوقۇش ئالاھىدىلىكى: كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، تۇرمۇشنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر مەسئۇلىيىتى ئاستىدا قالغان بۇ بالىلاردا ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىق ۋە دەرسكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار شۇنچە ئالدىراشچىلىق ۋە زىيادە يۈك ئىچىدىمۇ دەرسكە تولۇق قاتنىشىدۇ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ ۋە مەكتەپكە ھەرگىز كېچىكمەي، ئۆز ۋاقتىدا كېلىدۇ.

ئىككىنچى تۈركۈم: مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن خالىي، ئەركىن چوڭ بولغان بالىلار

بۇ تۈركۈمدىكى بالىلار ئالدىنقىلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان شارائىتتا ياشايدۇ.

رېئال تۇرمۇش ئەھۋالى: بۇ بالىلارنىڭ ئائىلىسىدە ئاساسەن بالا سانى ئاز بولىدۇ. ئائىلىنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتىنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى پۈتۈنلەي كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بالىلىرىنى پەۋقۇلادە ئەركىن، ھېچقانداق بېسىمسىز چوڭ قىلغان.

ئوقۇش ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى: بۇنداق بالىلاردا تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يېتىلمەي قالىدۇ. دەرسلەردە ئاكتىپ ئەمەس، دائىم دەرسكە كېچىكىپ كېلىدۇ، كىتاب-دەپتەر ۋە دەرس ماتېرىياللىرىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىن تاشقىرى ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتى، ياسىنىشى ۋە تاشقى گۈزەللىكىگە ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

2-قىسىم: ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىدىكى پەرق ۋە توقۇنۇشلار

كۇرسىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار توپىنىڭمۇ ياش ۋە ئاڭ نۇقتىسىدىن ئۆزئارا پەرقلىنىدىغانلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ:

1. 40 ياشتىن ئاشقان ئانىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە يېپىق ھالىتى

40 ياشتىن ئاشقان ئانىلار تېخىمۇ ئەنئەنىۋى، يەنى ۋەتەندىكى كونا ئاڭ ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئۆزلىرى ھازىر ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ رېئاللىقى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە زامانىۋى تەرەققىياتلار بىلەن ئاساسەن كارى يوق دېيەرلىك.

مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسى: بۇ ئانىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاساسەن ئۈزۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈشكە، مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۆزئارا قۇرغان جەمئىيەتلەردە ياكى ئالاقە توپلىرىدىمۇ ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتتە تۇرىدۇ. قىسقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار تاشقى دۇنيادىن ئايرىلغان، خۇددى بىر «يېپىق قۇتا» نىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھايات كەچۈرىدۇ.

2. ياش ئانىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە رېئال توقۇنۇشلىرى

ياش ئانىلار بولسا يۇقىرىقى تۈركۈمگە قارىغاندا ئىنتايىن ئاكتىپ، ئاڭلىق ۋە زامانىۋىي ھاياتقا ماسلاشقان. ئۇلار بالىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما بۇ يەردىمۇ يەنە بىر زىددىيەت باركى، بۇنداق ياش ۋە مەسئۇلىيەتچان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەممە ئىشنى ئورنىغا قىلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەل مەسئۇلىيەتسىز تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىپ قالىدۇ.

3-قىسىم: ئۇيغۇر ئائىلە تەربىيەسىدىكى خاتالىقلار ۋە ئاكتىپ ئالاھىدىلىكلەر

كۆپ يىللىق ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا-ئانا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئورتاق بولغان كەمچىلىكلىرىنى ۋە قىممەتلىك ئارتۇقچىلىقلىرىنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەش مۇمكىن:

1. ئەڭ چوڭ خاتالىق: دەۋر سېلىشتۇرمىسى ۋە يۈزەكىلىك

دەۋر خاتا سېلىشتۇرۇلىدۇ: ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى — ئۆزلىرى ياشىغان، ئۆتكەن ئەسىردىكى ياكى ۋەتەندىكى كونا دەۋر بىلەن ھازىر بالىلىرى ياشاۋاتقان مۇشۇ يېڭى زامان ۋە تاشقى مۇھىتنى سېلىشتۇرۇپ، بالىلارغا شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىشىدۇر. « بىز سىنىڭ يېشىڭدا مۇنداق ئىدۇق، مۇنداق قىلاتتۇق» دەپ دەۋر پەرقىنى ھېس قىلمايدۇ.

مۇئامىلىنىڭ يۈزەكىلىكى: بالىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ۋە ئالاقىسى ئىنتايىن يۈزەكى. ئۇلار بالاغەت يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، پىسخىكىلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا چۈشىنىشكىمۇ ئانچە تىرىشىپ كەتمەيدۇ.

2. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك (ئارتۇقچىلىق): دىن ۋە ئانا تىل سۆيگۈسى

دىنىي تەربىيەگە ئېتىبار بېرىش: ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قەتئىي كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئېتىقاد ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشىدۇر. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى مەيلى يۇقىرىلاپ ئوقۇمىغان بولسۇن ياكى ئوقۇغان زىيالىي بولسۇن، بالىلىرىنى كىچىك يېشىدىن تارتىپلا دىنىي تەلىم- تەربىيەگە، ئېتىقادلىق بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ يېتەكلەيدۇ.

ئانا تىلنى قوغداش تىرىشچانلىقى: مۇھاجىرەت تۇرمۇشىنىڭ شۇنچە قىيىن شارائىتلىرىدىمۇ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارتۇقچىلىقىدۇر.

مۇھاجىرەتتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقى ۋە ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىنى توغرا ئانالىز قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بىلەن مائارىپچىلارنىڭ تۆۋەندىكى پىسخىكىلىق ۋە ئىلمىي ئامىللارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ:

ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كىملىك تەپەككۇرى: ئۆسمۈرلەر ئائىلىدىكى ئەنئەنىۋى- مىللىي تەربىيە بىلەن سىرتقى جەمئىيەتتىكى زامانىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئۆز كىملىكىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا كۆرۈلىدىغان قارشىلىق ياكى ئۆزگىرىشلەرنى «ئىسيان قىلىش» ئەمەس، بەلكى كىملىك ئىزدەش جەريانى دەپ قاراش كېرەك.

شەخسىي بوشلۇققا بولغان ئېھتىياج: بالاغەت دەۋرىدىكى ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يالغۇز قېلىش ۋە ئۆز ئىچكى دۇنياسى بىلەن تەڭپۇڭلۇق قۇرۇش ھاياتىي ئېھتىياجدۇر. ئائىلىنىڭ بۇنى ئەندىشە ياكى ياتلىشىش دەپ خاتا چۈشەنمەي، ئۇلارغا يېتەرلىك پىسخىكىلىق بوشلۇق بېرىشى تەتقىقات نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم.

سەمىمىي ئالاقە ۋە نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىك: ئۆسمۈرلەرگە پەقەتلا «چەكلىمە» قويۇش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە زامانىۋى سوئاللىرىغا يېشىغا ماس، ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋاب بېرىش شۇنداقلا ئىجابىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

4- بۆلۈم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پىسخىكىلىق جەھەتتىن ئىلمىي نەزەر

مۇھاجىرەتتىكى بالاغەت يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا پىسخىكىلىق تەرەپتىن نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆسمۈرلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسى ۋە ئائىلە توقۇنۇشلىرىنىڭ نىگىزىنى ئىلمىي چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە تۈركىيەدە ئوقۇپ يېتىشكەن ياش پىسخولوگ زەكىيە ئابدۇساتتار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس سۆھبەت مەزمۇنىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

1. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى مېڭە ئۆزگىرىشى ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشى

سوئال: ئۆسمۈرلەر مېڭىسىدىكى ئىچكى تەرەققىيات ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان بولىدۇ دەيمىز. بالاغەت يېشىدىكى بالىلارنىڭ مېڭىسىدە يۈز بېرىدىغان بۇ تەبىئىي ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش « ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز بويسۇنۇش ۋە مۇتلەق ھۆرمەت قىلىش» نى تەلەپ قىلىدىغان ئائىلىلەردە نېمىشقا تېخىمۇ چوڭ كىرىزىسلارنى ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

جاۋاب: بالاغەت دەۋرىگە قەدەم قويغان بالىلاردا مېڭىنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە قارار چىقىرىش مەركىزى بولغان مېڭە ئالدى پوستلاق قىسمى (Prefrontal Cortex) تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمايدۇ. ئەكسىچە ھېسسىيات، قورقۇنچ ۋە غەزەپ مەركىزى بولغان بويۇن تېگى بېزى (Amygdala) ئىنتايىن ئاكتىپ ھالەتتە بولىدۇ. مېڭە تەرەققىياتىدىكى مۇشۇنداق نېۋرولوگىيەلىك ( نېرۋا خاراكتېرلىق) تەڭپۇڭسىزلىق سەۋەبىدىن بالىلار ئويلانماستىن تۇيۇقسىز جىددىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ ياكى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئاتا- ئانىنىڭ سۆزىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەت كۈچلۈك بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ نەپس- نېۋرو- پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشىنى «قەستەن قىلىنغان ئىسيان، ئەدەبسىزلىك» دەپ خاتا چۈشىنىپ، بالىغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ھەممە بالىنىڭ مېڭە تەرەققىياتى ۋە يېتىلىش سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. بالا بىلىپ-بىلمەي قىلغان بىر قىسىم ئىنكاسلارنى ئاتا-ئانىلار ئىلمىي چۈشىنىشى، بۇنىڭ ئۆتكۈنچە بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىپ بالىدىن يىراقلاشماسلىقى زۆرۈردۇر. ئەسلىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشى ۋە بى-بىرىگە تايىنىشى كېرەك بولغان مۇشۇنداق نازۇك بىر مەزگىلدە، توغرا ئالاقە ۋە چۈشەنچە بولمىغانلىقتىن ئوتتۇرىدا ياتلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەزگىلدە ئىلمىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. تەڭپۇڭلۇققا كەلگەندە، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەر بالىلارنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرىنى «ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە شۇنداق بولىدۇ» دەپ بەكلا ئەركىن قويۇپ بېرىپ، بۇ باسقۇچنى سۇيىئىستېمال قىلىپمۇ كېتىدۇ. بىز بۇ ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدىكى توغرا تەڭپۇڭلۇقنى تېپىشىمىز كېرەك.

2. قوش مەدەنىيەتلىك كىملىك گاڭگىراشلىرى

سوئال: تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆيدىكى «ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر» كىملىكى بىلەن سىرتتىكى «زامانىۋى تۈرك» مەدەنىيەت كىملىكى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغاندا، بۇ ئەھۋال بالاغەت دەۋرىدىكى روھىي تەڭپۇڭلۇققا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ بىر «كىملىك پارچىلىنىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

جاۋاب: ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەدە يېڭى بىر جەمئىيەتكە كۆچۈپ بارغان ئائىلىلەرنى سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىش نۇقتىسىدىن تۆت تۈرگە ئايرىيمىز:

تولۇق ئاسسىمىلىياتسىيە: ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كىچىپ، بارغان جاينىڭ مەدەنىيىتىگە پۈتۈنلەي سىڭىپ كېتىش.

سېگرېگاتسىيە (پۈتۈنلەي يېپىق قېلىش): تاشقى دۇنيانىڭ ياكى بارغان جاينىڭ مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا ياشاش.

مارگىناللىشىش (ئوتتۇرىدا گاڭگىراش): ئۆزىنىڭ كونا مىللىي مەدەنىيىتىنىمۇ ئۇنتۇپ، بارغان يەرنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىنىمۇ قوبۇل قىلالماي نىشانسىز قېلىش.

ئىنتېگراتسىيە (قوش مەدەنىيەتنى تەڭ ساقلاش): ھەم ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ ھەم بارغان يەرنىڭ جەمئىيەت مەدەنىيىتىگە ساغلام ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ماسلىشىش.

بالىلار ئۆي ئىچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياشىسا، سىرتتا شۇ دۆلەتنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ھەر ئىككى مەدەنىيەتنى بالىنىڭ قەلبىگە توغرا سىڭدۈرەلىسە، بۇ ئەھۋال كىملىك پارچىلىنىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ «قوش مەدەنىيەتلىك (Bicultural)» بولۇپ ساغلام يېتىلىشىگە ئاساس بولىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلار بىر تەرەپلىمە قارشىلىق كۆرسىتىپ، سىرتقى مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي رەت قىلىشنى مەجبۇرلىسا، ئەنە شۇ چاغدا بالىلاردا ئېغىر كىملىك كىرزىسى يۈز بېرىدۇ. قوش مەدەنىيەتلىك ئاڭ ساغلام يېتىلگەندە، بالىلاردا ھېچقانداق يېتەرسىزلىك تۇيغۇسى شەكىللەنمەيدۇ.

3. دىنىي سوئاللار ۋە مىللىي كىملىك توقۇنۇشى

سوئال: ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىن - مىللىي كىملىكنىڭ ئايرىلماس قىسمى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بالاغەت يېشىدىكى بىر ئۆسمۈرنىڭ دىن ھەققىدە سوئال سورىشىنى ياكى شۈبھىلىنىشىنى ئائىلىلەر «ئۆزلۈكتىن چەتنەش» دەپ خاتا چۈشىنىپ بېسىم قىلسا، بۇ بالىدا قانداق پىسخىكىلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

جاۋاب: ۋەتىنىمىزدە ياشىغان ئومۇمىي مۇھىت ئىنتايىن ئەنئەنىۋى ۋە بىر خىل بولغاچقا، دىن ھەققىدە ئارتۇقچە سوئاللارغا ئېھتىياج تۇغۇلمايتتى. ئەمما چەتئەلگە چىققاندا دىن بىلەن مەدەنىيەت ئايرىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان مۇھىتىمىز بالىلارنى ئاتېئىزم ۋە دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان بىر قىسىم كۈچلۈك ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماقتا.

مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇھىتتا چوڭ بولۇۋاتقان بىر ئۆسمۈر ئۈچۈن دىنىي مەسىلىلەردە سوئال سوراش ئىنتايىن تەبىئىي جەرياندۇر. بالىلار دۇنيادىكى بىر قىسىم زىددىيەتلەرنى ياكى ئاجىزلىقلارنى كۆرگىنىدە سوئال سورايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ سوئاللارنى «مىللىي كىملىكتىن يىراقلىشىش» دەپ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بالىغا قاتتىق قوللۇق قىلسا، بالىنىڭ قەلبىدە ئېغىر روھىي يارا ۋە كۆڭۈل ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار چۆچۈمەستىن، بالىنىڭ سوئاللىرىغا ئەقىل-لوگىكىغا مۇۋاپىق، تەتقىقاتقا ئاساسلانغان جاۋابلارنى بېرىپ ئۇلارنى قايىل قىلىش بىلىمىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

4. چەتكە قېقىلىش ۋە ئوتتۇرىدا قېلىش ئازابى

سوئال: سىرتتا «چەتئەللىك» بولغىنى ئۈچۈن تەڭتۇشلىرىنىڭ يەكلىشىگە ياكى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان بىر بالا ئۆيگە كەلگەندىمۇ «يېتەرلىك ئۇيغۇر بولالمىدىڭ» دەپ ئەيىبلەنسە، بۇنداق «قوش تەرەپلىك رەت قىلىنىش» قا بالا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟

جاۋاب: بۇ مۇھاجىرەتتىكى بالىلار باشتىن كەچۈرىدىغان ئەڭ ئېغىر پىسخىكىلىق زەربىلەرنىڭ بىرى. ئەگەر بالا مەكتەپتە زوراۋانلىققا ياكى چەتكە قېقىلىشقا ئۇچراپ، ئۆيگە كەلگەندىمۇ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن «يېتەرلىك ئۇيغۇر بولمىدىڭ» دەپ تەنقىد قىلىنسا، «قوش تەرەپلىك رەت قىلىنىش (Çift taraflı reddedilme)» ھېسسىياتىدا قېلىپ، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە يۈزلىنىدۇ.

مۇنداق ئەھۋالدا بالىلار مەكتەپكە بېرىشنى رەت قىلىش، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك ياكى ئۆيدىن يىراقلىشىپ زىيانلىق كوچا مۇھىتلىرىدىن پاناھلىق ئىزدەش ئارقىلىق ئۆزىگە مۇداپىئە بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى، بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى كۆزىتىشى ۋە ئۆينى بالىغا ئەڭ بىخەتەر، پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنىدىغان بىر پاناھگاھ قىلىپ بېرىشى زۆرۈردۇر.

5. كونا يارىلارنى تۈزىتىش پۇرسىتى

سوئال: بالاغەت مەزگىلى ئائىلە بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتمۈشتە قالغان پىسخىكىلىق يارىلارنى ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تۈزىتىپ، مۇناسىۋەتنى قايتا ئوڭشاش ئۈچۈن راستىنلا «ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت» مۇ؟

جاۋاب: ھەئە، ئىنتايىن كۈچلۈك بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا شۇنداق. كىچىكلىك دەۋرىدە ئائىلىنىڭ ئېغىر تۇرمۇش يۈكى ياكى كۆچۈش جەريانلىرى تۈپەيلىدىن قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇلغان ئالاقە كەمتۈكلۈكلىرى بولسا، بالاغەت مەزگىلى — سەمىمىي ئالاقىنى ۋە ساغلام رىشتىنى (Sağlam bağlanma) قايتىدىن ئورنىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئالتۇن پۇرسەتتۇر.

بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا تىرىشىشى ئىنتايىن نورمال بولۇپ، پىسخىكىلىق تەرەققىياتتىكى بۇ جەريان «ساغلام ئايرىلىش (Sağlıklı ayrışma)» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ ئۆزگىرىشتىن قورقۇپ يىراقلاشماستىن، ئەكسىچە بۇنى مۇناسىۋەتنى يېڭىچە يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرىدىغان بىر پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەك.

6. ئاتا-ئانىلارغا ئەمەلىي تەۋسىيەلەر

سوئال: تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە پەرزەنتلىرى بالاغەت يېشىدا بولغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بۇ نازۇك باسقۇچنى تەڭپۇڭ يېڭىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي تەۋسىيەلەرنى بېرىسىز؟

جاۋاب: ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان كونكرېت تەۋسىيەلەر تۆۋەندىكىچە:

ئاڭلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش: بالىلار بىرەر مەسىلە بىلەن كەلگەندە دەرھال بۇيرۇق بېرىش ياكى ئەقىل كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا، پەقەت سەمىمىيەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار. «سەن بۇ ئىشقا قانداق قارىدىڭ؟ ئۆزۈڭ قانداق ئويلىدىڭ؟» دەپ سوئال قويۇپ، دوستلارچە ئاڭلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بولۇڭلار.

ساغلام تەڭتۇشلار مۇھىتى يارىتىش: بالىلارنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئاڭدىكى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ساغلام دوستلۇق مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىڭلار.

ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش: بالاغەت يېشىغا يەتكەندە بالىنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويمىغايسىزلەر؛ داۋاملىق ئۆسمۈرلەر پىسخولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ تۇرۇڭلار.

7. كلىنىكىلىق تەجرىبىلەر ۋە ئاساسىي كىرىزىس نۇقتىلىرى

سوئال: ئۆزىڭىزنىڭ كلىنىكىلىق پىسخىكىلىق خىزمەت تەجرىبىلىرىڭىزدە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بۇ باسقۇچتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان «ئاساسىي كىرىزىس نۇقتىلىرى» قايسىلار بولدى؟

جاۋاب: خىزمەت جەريانىمدا ئاساسلىقى 11–13 ياش ئەتراپىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولدى. كلىنىكىلىق جەھەتتىن ئاساسىي كىرىزىس نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىلەرگە مەركەزلىشىدۇ:

تىل-ئالاقە كىرىزىسى: بالىنىڭ تۈركچە سۆزلىشىگە ئاتا-ئانىنىڭ قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرچىدا چىڭ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاقىسى يۈزەكىلىشىپ، بىر- بىرىگە ئىچكى دۇنياسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى.

ئۆزگىرىش ۋە ئېھتىياجلارنى بايان قىلالماسلىق: بالاغەت مەزگىلىدىكى جىسمانىي ھەم روھىي ئۆزگىرىشلەرنى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەركىن پاراڭلىشالماسلىقى.

دەۋر پەرقىنى ھېس قىلالماسلىق: ئاتا-ئانىلارنىڭ كونا دەۋر تۇرمۇش ئەندىزىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سېلىشتۇرۇپ بېسىم قىلىشى. بىز ئۆزىمىزمۇ دەۋرگە ماس ئۆزگىرىپ تۇرمىساق، ئائىلە ئىچىدە جەزمەن ئېغىر توقۇنۇشلار يۈز بېرىدۇ.

8. ئاتا-ئانىلارنىڭ مەيدانى ۋە «چەك-چېگرا» تەڭپۇڭلۇقى

ئىنسان ھاياتى ئانا قورسىقىدىن تارتىپلا بەلگىلىك چەك-چېگرا ئىچىدە شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. بوۋاقلىق دەۋرىدىلا ئانا سۈتى، جىسمانىي ئېھتىياج ۋە مۇھىت بەلگىلىك تەبىئىي چەكلىمىلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئائىلە تەربىيەسىدىكى كىچىك ياشتىن باشلانغان بۇ چەك-چېگرا ئېڭى ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغدايدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر.

ئۆسمۈرلۈك (بالاغەت) دەۋرى دەل مۇشۇ چەك-چېگراغا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئىسيان كۈچىيىدىغان مەزگىلدۇر. چۈنكى بالاغەت يېشى ئىنسان نەپسى ۋە ھورمۇنلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك داۋالغۇيدىغان، تەپەككۇر ۋە ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېڭى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولمايدىغان بىر باسقۇچ بولغىنى ئۈچۈن، بۇ دەۋردە ئاتا-ئانىنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانى ۋە ئېنىق بەلگىلەنگەن قىزىل سىزىقى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

1. بالاغەتتىن بۇرۇنقى ئۇل تەربىيە — ئاساسلىق تايانچ

بىر بالىنىڭ بالاغەت يېشىغا كىرگەندىن كېيىنكى كىملىك يېتىلىشى، ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئوقۇش-ئىقتىدار جەريانى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمايدۇ. ئەكسىچە بۇ جەريان بالىنىڭ 8-10 ياشلىق كىچىك دەۋرىدىكى، يەنى بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇنقى ئائىلە تەربىيەسىگە تايىنىدۇ. كىچىكىدىن تارتىپ ئىجابىي ئالاقە ۋە ئېنىق چەك-چېگرا ئېڭى بىلەن تەربىيەلەنمىگەن بالىدىن، بالاغەت دەۋرىگە كىرگەندە قەتئىي ئىرادە ۋە ئائىلە كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشنى كۈتۈش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ كىچىك ياشتىن باشلاپ سالغان ئاساسى بالاغەت كىرىزىسىنى ئوڭۇشلۇق يېڭىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

2. زىيادە يول قويۇشتىن ساقلىنىش ۋە ئىرادە تىكلەش

بالاغەت يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش ۋە مېھرى-مۇھەببەت كۆرسىتىش — بالىنىڭ ھەر قانداق خاتا ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلىش ياكى چەكلىمىسىز يول قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. زىيادە يول قويۇش ۋە ئورۇنسىز يۇمشاقلىق بالىغا نېمىنىڭ قەتئىي قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلارنى نىشانسىزلىق ۋە ئۆزبېشىمچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

ئىنسان نەپسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىغان بۇ مەزگىلىدە، نەپىسكە «توختا!» دەپ بۇيرۇق بېرەلەيدىغان بىردىنبىر كۈچ — كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئاتا-ئانىنىڭ ئېنىق پوزىتسىيەسىدۇر.

3. مەيداننىڭ ئېنىق بولۇشى ۋە قىزىل سىزىق

ئاتا-ئانا تۈزۈكلۈك ۋە توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى، ئائىلىنىڭ دىنىي، ئەخلاقىي ۋە مىللىي قىممەتلىرىدە ئېنىق بىر مەيداننى ساقلىشى لازىم.

كەسكىن ۋە ئېنىق ئىپادە: بالا تۇيۇقسىز ئاتا-ئانىغا قوپاللىق قىلغاندا ياكى ئائىلە ئۆلچەملىرىگە زىت بىرەر ھەرىكەت سادىر قىلغاندا، ئاتا-ئانا بالىنىڭ جىددىيلىكىنى ياكى ھېس-تۇيغۇسىنى چۈشەنسىمۇ، مۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشى شەرت:

«مەن سىنىڭ ئاچچىقىڭنى ياكى چارچىغىنىڭنى چۈشىنىمەن، ئەمما ئاتا-ئانىغا ئاۋازنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىش ياكى ئائىلىمىزنىڭ ئەخلاق-ئېتىقاد ئۆلچىمىنى بۇزۇش بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز. بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.»

سۆز بىلەنلا ئەمەس، ئائىلىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئىرادە بىلەن تىك تۇرۇش — ئۆسمۈرنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئېنىق بەلگىلىشىگە، ھەق بىلەن ناتوغرىنى ئايرىشىغا ۋە ئائىلىدىكى ئەمىنلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشىغا كاپالەت بولالايدۇ.

5- بۆلۈم: ئاپتوردىن ئوقۇرمەنلەرگە سەمىمىي تەۋسىيە ۋە خۇلاسە

قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار، بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىمىزنىڭ سىرتىدا نۇرغۇن قىيىن-قىستاقلار، مۇشەققەتلەر ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. ھەممىمىزنىڭ مۈرىسىدە تاغدەك ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى — پەرزەنتلىرىمىزنى ۋەتىنىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە ياراملىق ئۆتكۈر ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. بۇ جەرياندا بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ يېتىرسىزلىكىمىز ياكى تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بالىلىرىمىزنى زايە قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ.

تۆۋەندە مەن بالاغەت مەزگىلىدىكى بالىلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم يەتتە نۇقتىنى تەۋسىيە قىلىمەن:

1. جىسمانىي ئېنېرگىيەنى توغرا يولغا سېلىش (تەنھەرىكەت)

بالاغەت يېشىدىكى بالىلاردا يۇقىرى جىسمانىي ئېنېرگىيە ۋە كۈچ يېتىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك يازلىق تەتىللەردە، ئوغۇل بالىلارنى ئوغۇللارغا ماس كېلىدىغان، قىزلارنىمۇ قىزلارغا ماس كېلىدىغان ھەر خىل تەنتەربىيە ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە يېتەكلەش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ قايناپ تۇرغان ئارتۇق ئېنېرگىيەسىنى پايدىلىق يولغا سەرپ قىلىشىغا، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈشىگە ۋە داۋالغۇپ تۇرغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، قەلبىنىڭ تىنچلىق تېپىشىغا ناھايىتى چوڭ ياردەم بېرىدۇ.

2. ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە شاگىرتلىق

بالاغەت يېشىدىكى بالىلار بالىلىقتىن چىقىپ، يېتىشكەن ئادەم بولۇش باسقۇچىغا تۇنجى قەدەملىرىنى باسماقتا. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز ۋە ئۇلاردا ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ئۇزۇن تەتىللەردە ئوغۇللارنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكا، تىجارەت ياكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئورۇنلىرىغا قىسقا مۇددەتلىك بولسىمۇ شاگىرتلىققا بېرىش؛ قىزلارنىمۇ ئۆز قىزىقىشىغا قاراپ تىكىمچىلىك، توقۇمچىلىق، رەسىم سىزىشقا ئوخشاش ئەمەلىي كۇرسلار ياكى كەسىپلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، بالىلار ئۆز قولى بىلەن بىرەر ئىشنى پۈتتۈرۈپ چىقىشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

3. يېڭى قىزىقىش ۋە ھەۋەسلەرنى قوللاش

بۇ باسقۇچتا بالىلاردا توختاۋسىز ئىزدىنىش كۆرۈلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئاتا-ئانىغا غەلىتە ياكى رادىكال تۇيۇلغان بىرەر ئىش — مەسىلەن، يېڭى بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش، يات بىر تەنھەرىكەتكە قىزىقىش ياكى باشقا ساھەلەرنى سىناپ بېقىش تەلەپلىرى بىلەن كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىنىڭ بۇ تەلىپى ئائىلىنىڭ دىنىي، ئەخلاقىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتىغا زىت كەلمىسە، مۇمكىن بولسا بالىنى قوللاپ بېرىش لازىم. بالا بۇ قوللاش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە سىناپ كۆرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ.

4. كىتاب ئوقۇش ۋە تەپەككۇر ئادىتى

بالىلارنىڭ بالاغەت يېشىدىكى قىزىقىشىغا ۋە يېشىغا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى تاللاپ بېرىش، ئۇلارنى كىتاب بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى بۇ ياشتىكى بالىلار كۆپ ئويلايدۇ ۋە ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ سۈرۈشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىزىقىشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ قالايمىقان دۇنياسىدىن ئىزدەشىنىڭ ئورنىغا، توغرا كىتاب مەنبەلىرىدىن ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بالا ئوقۇغان كىتابىنى ئاتا-ئانىسىغا قىسقىچە سۆزلەپ (خۇلاسىلەپ) بەرسە، بۇ بالىنىڭ كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنى ئاشۇرىدۇ، پىكىر قىلىش ۋە توغرا نەتىجىگە كېلىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرىدۇ.

5. ئورتاق پائالىيەت ۋە تاللاش ھوقۇقى بېرىش

بالىلىرىمىز بىلەن بىللە ئورتاق ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى ئائىلە ساياھەت پىلانلىرىغا جەزمەن قوشۇش لازىم. ھەتتا بارىدىغان يەرنى ياكى كۈننى تاللاشقا ئوخشاش قارارلارنى بالىلارنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، بىز ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. بۇ ئەھۋال بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر زامان ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بالىلار بىرەر مەسىلىنى سۆزلىگەندە ئۇلارنى تەنقىدلىمەي، ۋەز ئېيتماي ئاڭلاش ئۆزئارا ئىشەنچنى پۇختىلايدۇ.

6. سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيەت بىلەن ئۈلگە بولۇش

سۆز بىلەنلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن بالىلىرىمىزغا ئۈلگە بولايلى. بىز بالىلىرىمىزدا يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلغان گۈزەل ئادەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە بار-يوقلىقىغا قارىشىمىز لازىم:

بالىلىرىمىزدىن كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلىمىز، ئەمما بىز ئۆزىمىز كىتاب ئوقۇمدۇق؟

بالىلىرىمىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئەمما شۇ گۈزەل ئەخلاق ئۆزىمىزدە بارمۇ؟

بالىلىرىمىزدىن باشقىلارنى ۋە ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىمىز، ئەمما ئۆزىمىز بالىلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىزمۇ؟

بالىلىرىمىزدىن كۈتكەن ھەر بىر ئادەتنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرۈپ ئاندىن ئۇلاردىن تەلەپ قىلساق، بالىلارنىڭمۇ ئۇنى ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئىنتايىن ئاسان بولىدۇ.

7. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا — ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشتۇر. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار يەرلىك خەلقنىڭ يېتىشكەن، ئىلغار تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنىڭ پارلاق كېلەچىكى ۋە مىللىتىمىزگە قىممەت يارىتىدىغان ساغلام ئەۋلادلارنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ئۆگىنىشتىن بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالماسلىقىمىز لازىم.


خۇلاسە

بالىلىرىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ كېتىدىغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز، كۆزىمىزنىڭ قارىچۇقى ۋە يۈرەك پارىلىرىمىزدۇر. بالىلىرىمىز كىچىك تۇرۇپ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ مۇھاجىرەت يۈكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ قەلبى ھەر زامان نازۇك بولىدۇ؛ ئۆز مىللىتى بىلەن يات مىللەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بالاغەت يېشىدىكى بالىلىرىمىزغا سۆز قىلغان ۋاقتىمىزدا، ھەتتا ئۇلارنى تەنقىدلىگەن چاغلىرىمىزدىمۇ ئۇلارنىڭمۇ بىر قەلبىنىڭ بارلىقىنى، كۆڭلىنىڭ سۇنۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ھېس قىلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلايلى. ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ پاك، ئەڭ سەمىمىي ۋە شەرتسىز سۆيگۈمىزگە لايىق بولغان، ئۆيىمىزگە خۇشاللىق بېرىدىغان ئامانەتلىرىمىزدۇر.

ئۆسمۈرلەرنى سۆيەيلى! ئۇلارنى چۈشىنىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۈلگە بولۇش بىلەن يېتەكلەيلى!