سەرخىللار ژۇرنىلى
Logo

سەرخىللار ژۇرنىلى

چوڭلار نۇسخىسى، مائارىپ بۆلۈمى

مائارىپ سىستېمىسىدا خاراكتېر ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش (ئىسلامىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئىلمىي تەھلىل)

تاھىرجان ئابباس
ماقالە نومۇرى: 20260611017
ئورگىنى: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2026-06-11
ئوقۇلغان قېتىم سانى: 612
ئوتتۇرىچە باھا: (3 ئاۋاز)
قىسقىچە مەزمۇنى:

ھازىرقى دەۋردە مائارىپ سىستېمىسى كۆپىنچە بىلىم يەتكۈزۈش، كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلەنگەن. بىراق پەقەت بىلىم ۋە تېخنىكا مەركەزلىك مائارىپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى — يەنى خاراكتېر، ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى ئارقا سەپكە قويۇپ قويغاندا، جەمئىيەتتە مەنىۋى بوشلۇق ۋە قىممەت كىرىزىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، مائارىپ سىستېمىسىدا خاراكتېر ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىسلامىي تەلىمات ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم بىر زۆرۈرىيەتتۇر.

مائارىپ سىستېمىسىدا خاراكتېر ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

(ئىسلامىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئىلمىي تەھلىل)


ئاپتورى: تاھىرجان ئابباس

ئورگىنىشەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

باھالىغۇچىلار: لوقمانجان ھىرائىي، بۇخەلچەم ئابدۇلئەھەد



1 ئىسلامىي، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن خاراكتېر بىلەن ئەخلاقنىڭ ئورنى ۋە پەرقى

ئىسلام تەلىماتىدا مائارىپنىڭ تۈپ نىشانى پەقەتلا سىرتقى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ۋە مېخانىك ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك خاراكتېر بىلەن گۈزەل ئەخلاقنى دىئالېتىك بىرلىككە كەلتۈرگەن «كامىل ئىنسان» يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتە ئەخلاق، ئادالەت، راستچىللىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەركىزىي قىممەتلىرى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەن سۆزى ئىسلام پېداگوگىكىسىنىڭ يادرولۇق غايىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مائارىپ بىلىم بىلەن قىممەت قاراشنى بىر گەۋدە قىلىش جەريانىدۇر. بىراق بۇ جەرياننى توغرا چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ئۈچۈن، «خاراكتېر» بىلەن «ئەخلاق» ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە پەرقنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى مېخانىزمىنى ئۈچ چوڭ نۇقتىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈردۇر.

ئىسلامىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەرقمۇ بىر مەنىۋى دىئالېكتىكا ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ؛ بۇ يەردە خاراكتېر (الشخصية - الطبيعة) ئىنساننىڭ تۇغما زېھنى، روھى ۋە ئىرادىسى قاتارلىق يوشۇرۇن خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئىسلام پېداگوگىكىسىدا بۇ «فىترەت» (ئۆزىگە خاس تۇغما ئەندىزە) دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى تۈپ ئاساس، يەنى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىكى چىدامچانلىقى، شىجائىتى (باتۇرلۇقى)، سەۋر-تاقىتى ۋە قارار چىقىرىش ئىرادىسىدۇر. ئەخلاق (خُلُق) بولسا، ئاشۇ ئىچكى خاراكتېر ۋە ئىرادىنىڭ سىرتقى دۇنيادا — يەنى خالىق (ياراتقۇچى ) ۋە مەخلۇقاتلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە — راستچىللىق، ئادالەت، ئامانەتدارلىق ۋە ھەق-ھوقۇق مىزانى بويىچە پىلانلىق، ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلىنىش شەكلىدۇر. بۇ نۇقتىدا خاراكتېر بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى ۋە غولى بولسا، ئەخلاق ئۇنىڭ مېۋىسىدۇر. ئەگەر ئىچكى خاراكتېر كۈچلۈك بولمىسا، ئىنسان ئۆزىدىكى گۈزەل ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارنى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلگەندە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلمەيدىغان شەخسكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئىلمىي ۋە پىسخىكىلىق تەتقىقاتلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خاراكتېر شەخسنىڭ ئىچكى ئىرادە كۈچى ۋە پىسخىك مۇقىملىقى بولسا، ئەخلاق شەخسنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت مىزانىدۇر. بىر ئىنساننىڭ پەقەت ئەخلاقىي قائىدىلەرنى بىلىشىلا جەمئىيەتتە توغرا ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. پىسخىكا ئىلمىدىكى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش (Internal Regulation) ئىقتىدارى، يەنى نەپسىنى كونترول قىلىش ۋە ئازدۇرغۇچى ئامىللارغا قارشى تۇرۇش كۈچى بىۋاسىتە خاراكتېرنىڭ مۇستەھكەملىكىگە باغلىقتۇر. ئەگەر مەكتەپلەردە خاراكتېر تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان، پايدا ئۈچۈن ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىقنى قىلىشتىن يانمايدىغان كىشىلەر بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەخلاقىي سۈزگۈچتىن ئۆتمىگەن كۈچلۈك خاراكتېر ۋە يۇقىرى بىلىم، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يارىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۆز تەكەببۇرلۇقى ۋە ئەقلىي قوراللىرى بىلەن سىستېمىلىق چىرىكلىك يارىتىدىغان ۋەيران قىلغۇچى بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئىجتىمائىي نۇقتىدىن، يەنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خاراكتېر شەخسنىڭ ئىچكى مۇستەقىللىقىنى، ئەخلاق بولسا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بايلىقىنى (Social Capital) ئىپادىلەيدۇ. جەمئىيەتتىكى ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مۇقىملىق ۋە ئادالەت سىستېمىسى پەقەت قۇرۇق قانۇنلار بىلەنلا قوغدالمايدۇ، بەلكى كۈچلۈك خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىي نەمۇنىلىرى ئارقىلىق ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. ئەگەر مائارىپ سىستېمىسى ياشلارنىڭ ئىچكى ئىرادىسىنى چىڭىتماي، پەقەت سىرتقى نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بەرسە، ياشلاردا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئاجىزلاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە بېسىمغا دۇچ كەلگەندە ئاسانلا بەل قويۇۋېتىدىغان، ئىجتىمائىي چىرىكلىككە پەرۋاسىز قارايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى كېلىپ چىقىدۇ.

قىسقىچە يەكۈنلىسەك، ئىسلامىي مائارىپ تەربىيە تۈزۈلمىسىدە، ئىچكى ئىرادىنى (خاراكتېرنى) چىڭىتىش بىلەن سىرتقى قىلمىشنى (ئەخلاقنى) گۈزەللەشتۈرۈش ئۆز- ئارا بىر-بىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئايرىلماس بىر پۈتۈنلۈكتۇر. خاراكتېر مائارىپنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسا، ئەخلاق ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر. مائارىپتا بۇ ئىككى قۇتۇپنى دىئالېكتىك بىرلىككە كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن شەخس ھەم ئىچكى دۇنياسىدا نەپسىگە قۇل بولمايدىغان ھۆرلۈككە، ھەم سىرتقى دۇنيادا ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئادالەت يۆنىلىشىگە ئىگە بولالايدۇ.

ئىجتىمائىي نۇقتىدىن مائارىپ ۋە قىممەتنىڭ شەكىللىنىشى

ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شەخسنىڭ خاراكتېرى ۋە قىممەت قاراش سىستېمىسى تۇغما پەيدا بولغان بىر قۇرۇلمىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىدىكى مۇھىت ئامىللىرى، يەنى ئائىلە، مەكتەپ ۋە رەقەملىك ئالاقە تورىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى بىلەن تەدرىجىي شەكىللىنىدىغان جەرياندۇر. مائارىپ سىستېمىسى ياشلارنىڭ قىممەت قارىشىنى مۇشۇ شەكىللىنىش جەريانىدا قايسى مىزانلار بىلەن سۇغىرىشىغا قاراپ، جەمئىيەتكە ئىككى ئوخشىمىغان نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ:

ئەگەر مائارىپ سىستېمىسى قىممەت شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا پەقەت ئىمتىھان ۋە نەتىجە مەركەزلىك بولغان «رىقابەت پىسخىكىسى» نىلا قورال قىلسا، ياشلاردا تېخنىكىلىق ئىقتىدار يېتىلگىنى بىلەن، ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان راستچىللىق ۋە ئادالەت قاتارلىق مەنىۋى قىممەتلەر ئاجىزلاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، شەخس ئۆز قىممەت سىستېمىسىدا «مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ھەممە ئىش جائىز» دەيدىغان كىرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ.

بۇنىڭغا قارشى ھالدا قىممەت شەكىللىنىش جەريانىنىڭ مەركىزىگە ئەخلاق تەربىيەسىنى قويغان مائارىپ مودېلىدا بولسا، شەخس پەقەت بىلىملىك بىر مۇتەخەسسىس بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىسلامىي تەلىماتتىكى «ئامانەت» ۋە «ھوقۇق» ئۇقۇملىرىنى ھاياتىنىڭ مىزانى قىلغان، ئىجتىمائىي بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مەسئۇلىيەتچان بىر شەخس سۈپىتىدە يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مائارىپتىكى ئەھمىيىتى

ئەخلاق تەربىيەسى مائارىپنىڭ قوشۇمچە بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى مائارىپنىڭ نىشانىنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق تەركىبىدۇر. ئىسلامىي تەلىماتتىكى "تەزكىيە" (روھنى پاكلاش) ۋە "ئەدەپ" ئۇقۇملىرىنى ئاساس قىلغان بۇ تەربىيە جەريانى، شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش (Internal Regulation) ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نەپسىنى كونترول قىلالايدىغان ئىرادىلىك خاراكتېر يېتىشتۈرىدۇ. ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇ شەخستە ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىش ئېڭىنى ئويغىتىپ، ئادالەت ۋە راستچىللىقنى ھاياتلىق مىزانى قىلغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئەخلاقىي ساداقەت جەمئىيەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي بىرلىكنىڭ سىجىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ئەخلاق تەربىيەسى پەقەت نەزەرىيەۋى بىر دەرسلا ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇش، ئوقۇتقۇچىنىڭ نەمۇنىلىك ئوبرازى ۋە مەكتەپ مۇھىتىنىڭ قىممەت قاراش مائارىپى بىلەن يۇغۇرۇلۇشىدىن شەكىللىنىدىغان ئۈزلۈكسىز بىر پىسخىكىلىق ۋە مەنىۋى قۇرۇلۇش جەريانىدۇر.

مەۋھۇم دۇنيادىكى ئەخلاق كرىزىسى ۋە ئۆزلۈكنى يوقىتىش

مەۋھۇم دۇنيا (رەقەملىك سۇپىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە تور ئالاقە مۇھىتى) ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان بۈگۈنكى دەۋردە، تور بوشلۇقىدىكى ئەخلاق كرىزىسى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان سىستېمىلىق مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. ئىسلامىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىنساننىڭ سۆز-ھەرىكىتى، نىيىتى ۋە يازمىلىرى تولۇق مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە بولۇپ، مەۋھۇم دۇنيادا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، غەيۋەت قىلىش، بوھتان چاپلاش، ھاقارەت قىلىش ۋە ئەخلاقسىز مەزمۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇش شەرىئەتتە قەتئىي رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئىسلام پېداگوگىكىسىدا «ئېھسان» ۋە «ئەدەپ» پەقەت كىشىلەر كۆز ئالدىدا كۆرۈنىدىغان ھەرىكەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى ھېچكىم كۆرمەيدىغان يوشۇرۇن مۇئامىلە ۋە مەۋھۇم ئالاقىلەردىمۇ ئاساسىي، قەتئىي پىرىنسىپ سۈپىتىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي ۋە پىسخىكىلىق نۇقتىدىن ئېلىپ قارىغاندا، مەۋھۇم دۇنيا شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگراسىز ئالاقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، تاشقى نازارەتسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە شەخسىي سالاھىيەتنى يوشۇرۇش (ئانومىيىلىك ئەركىنلىك) ئىمكانىيىتىنىمۇ كۆپەيتتى. بۇ رېئاللىقنى «ئەخلاقىي نىسبەتچىلىك» كە باغلاش ئىلمىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس؛ چۈنكى توردا سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ باشقىلارغا ھاقارەت قىلغان ياكى يالغانچىلىق قىلغان ئادەم «مېنىڭ مەدەنىيىتىمدە ياكى مېنىڭ قارىشىمدا ھاقارەت قىلىش توغرا ئىش» دەپ، ئەخلاقنى نىسبىي دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ خاتا ۋە ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، سىرتتىن جازا، مالامەت ياكى ھېچقانداق نازارەت كەلمەيدىغانلىقىغا جەزم قىلغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.

شۇڭا، بۇ يەردىكى ھەقىقىي پىسخىكىلىق روھىي ھادىسە ئەخلاقنىڭ «نىسبىيلىشىشى» ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ كۆپچىلىك ياكى مەۋھۇم نىقاپ ئىچىدە ئۆز كىملىكىنى، ۋىجدان ئېڭىنى ۋە ئىجتىمائىي قورقۇنچىنى بوغۇپ قويىدىغان «ئۆزلۈكنى يوقىتىش» (Deindividuation) ھالىتىدۇر. بۇ پىسخىكىلىق بوشلۇق جەمئىيەتتە راستچىللىق، ئۆز- ئارا ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ سىستېمىلىق ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ خىل ئەخلاق كىرىزىسىنى يېڭىش ئۈچۈن، تاشقى جازادىن قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ ئورنىغا، ئىسلامىيەتتىكى "ئېھسان " (ئوتتۇرىدا يالغۇز قالغاندىمۇ، سالاھىيەت مەۋھۇم بولغاندىمۇ ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش) ئېڭىنى رەقەملىك ئەدەپ سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈش، تەربىيە ۋە ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش (Internal Regulation) مېخانىزمىنى مائارىپنىڭ مەركىزىي ئورنىغا قويۇش زۆرۈردۇر.

ئەخلاقسىز بىلىمنىڭ ئىجتىمائىي خەۋپى

ئەخلاقتىن ئايرىلغان بىلىم شەخسنى جەمئىيەت ئۈچۈن پەقەت بىر "ئىقتىدارلىق قورال" غىلا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەر تېخنىكىلىق ئىقتىدارى ئارقىلىق سىستېمىلىق چىرىكلىك ۋە ئىجتىمائىي زىيانكەشلىك پەيدا قىلىشتا بىلىمسىز كىشىلەردىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىكتۇر. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىلىم نېيترال بىر كۈچ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەخلاقىي ئاساسى بەلگىلەيدۇ؛ شۇڭا مائارىپ سىستېمىسىدا ئەخلاق تەربىيەسىنى بىلىم بىلەن دىئالېكتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش — جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچ ئاساسىنى قوغداش، تېخنىكىلىق زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىنسانىي تەرەققىياتنىڭ سىستېمىلىق مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەتتۇر.

زامانىۋى مائارىپتا ئەخلاق تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ قەدەملىرى

بۈگۈنكى كۈندە كەسپىي ئىمتىھان، تېخنىكىلىق ئۇچۇر ۋە رىقابەت مەركەز قىلىنغان زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ رېئاللىقىنى ۋە قۇرۇلمىلىق بېسىمىنى تولۇق ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا تەكلىپلىرىمىز پەقەت بىر خىيالىي غايە سۈپىتىدە قالماي، نۆۋەتتىكى سىستېمىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ رول ئوينىيالايدىغان، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ئىستراتېگىيەلەرگە تايىنىشى زۆرۈر. ئىسلامىي، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مېخانىزملارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق مائارىپنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلغۇچ قەدەملىرىنى بېسىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1- ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئىنسانىي قىممىتىنى پەقەتلا قۇرۇق رەقەم، ئىمتىھانلارنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئاكادېمىك رەت- تەرتىپ دائىرىسىدە چەكلەپ قويغان بۈگۈنكى مائارىپ قۇرۇلمىسىنى جىددىي تۈزىتىش لازىم. زامانىۋى پېداگوگىكا تەتقىقاتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت زېھنىي قۇۋۋەتنىلا ئۆلچەيدىغان باھالاش ئۇسۇللىرى شەخسنىڭ روھىيەت ساغلاملىقىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي ئاساسىنى يىمىرىپ تاشلاشقا سەۋەب بولالىشى مۇمكىن. شۇڭا مائارىپ ئورگانلىرى باھالاش مېخانىزمغا شەخسنىڭ قەلب دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان «خاراكتېر پۇختىلىقى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت كۆرسەتكۈچى» نى بىر ئۆلچەم قىلىپ كىرگۈزۈشى شەرتتۇر.

بۇ يېڭى سىستېمىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش روھى، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە چىن دىلىدىن قول ئۇزىتىدىغان پىدائىيلىق پائالىيەتلىرى، مەكتەپ ھاياتىدىكى سەمىمىيىتى ۋە ئادالەتكە بولغان ساداقىتى قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقىي خۇسۇسىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئومۇمىي نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر تۈۋرۈك (ياكى ئۆلچەم) قىلىپ بېكىتىلىشى لازىم.

پىسخىكا ئىلمىدىكى «ئىچكى تۈرتكە مېخانىزمى» شۇنى كۆرسىتىدۇكى، شەخس ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قىلمىشلىرى ۋە ۋىجدانىي ئىزلىرىنىڭمۇ ئۆز كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر مىزان ئىكەنلىكىنى چىن دىلىدىن ھېس قىلغاندا، ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەسەبىي «رىقابەت پىسخىكىسى» ئۆز ئورنىنى ئۆز-ئارا يۆلىنىش ۋە ئورتاق قىممەت يارىتىش ئېستېتىكىسىغا بوشىتىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلغاندا مائارىپ قۇرۇق ئەقىل يارىتىدىغان زاۋۇت بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن سۇغۇرۇلغان ھەقىقىي ئىنسانىيلىق گۈلزارلىقىغا ئايلىنىدۇ.

2- «يوشۇرۇن دەرسلىك» (Hidden Curriculum) ئارقىلىق بىلىم بىلەن ئەخلاقنى بىرىكتۈرۈش: ئەخلاق تەربىيەسىنى ھەپتىدە بىر نەچچە سائەتلىك، پەقەت نەزەرىيە ۋە قائىدە-پىرىنسىپلارنى يادلىتىدىغان مۇستەقىل بىر دەرس قىلىپ چەكلەپ قويۇش ئۈنۈم بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئەخلاقىي قىممەتلەر ماتېماتىكا، فىزىكا، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق بارلىق پەنلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك. مەسىلەن: بىئولوگىيە دەرسىدە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى ئۆگەتكەندە، بۇنى ئىسلامىي تەلىماتتىكى «ئامانەت» (ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تۇغما يوشۇرۇن كۈچ) يۆنىلىشى بىلەن باغلاش؛ ماتېماتىكا ۋە ئىقتىساد دەرسلىرىدە ئادالەت، ھەق-ھوقۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ ئىجتىمائىي ۋەيرانچىلىقىنى مىسال قىلىش لازىم. چۈنكى بىلىم بىلەن ۋىجدان تۇيغۇسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەندە، ئوقۇغۇچى ئۆگەنگەن بىلىمىنى جەمئىيەتتە پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلىككە ئەمەس، بەلكى ئادالەتنى قوغداشقا ئىشلىتىدىغان ئەقلىي سۈزگۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3- رەقەملىك ئەدەپ ۋە ئۆزلۈك ئېڭى مائارىپىنى يولغا قويۇش: مەۋھۇم دۇنيادا، يەنى توردا ئۆز كىملىكىنى يوشۇرۇۋالغاندا كىشىلەرنىڭ ۋىجدان تۇيغۇسى ۋە جەمئىيەتتىن قورقۇش ھېسسىياتى ئاسانلا بوغۇلۇپ قالىدۇ. پىسخىكا ئىلىمدە «ئۆزلۈكنى يوقىتىش» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خەتەرلىك روھىي ئەھۋالغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپلەردە كومپيۇتېر ساۋاتى بىلەن بىللە چوقۇم «رەقەملىك ئەدەپ» دەرسلىرى تەسىس قىلىنىشى زۆرۈردۇر.

ياشلارغا تور بوشلۇقىدا كىملىكىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ بىر قالتىس ئەركىنلىك ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئەخلاقىنى ئۆلچەيدىغان بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئىسلام دىنىمىزدىكى «ئېھسان» (يەنى مەن ئاللاھنى كۆرمىسەممۇ، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ) دېگەن ئاڭنى بۈگۈنكى تور مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىشىمىز لازىم.

ئوقۇغۇچىلارغا ئېكران ئارقىسىدا يالغۇز ئولتۇرغاندىمۇ يازغان ھەر بىر سۆزى ۋە قىلغان ھەر بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت بارلىقىنى بىلدۈرۈش شەرت. توردا باشقىلارنىڭ دەردىگە پەرۋاسىز قاراشنىڭ، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ياكى باشقىلارغا ھاقارەت قىلىشنىڭ ھەم جەمئىيەتكە ھەم ئادەمنىڭ ئۆز روھىيىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەمەلىي بىر يېتەكچىلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلارنى ئەخلاقىي ئەندىزە (ئۆرنەك خاراكتېر) سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈش:

مائارىپ تارىخى شۇنى كۆرسەتتىكى، بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرۈشتە كىتابتىكى تېكىستلەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان نەرسە — ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرىكىتى ۋە باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىسىدۇر.

شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا، ئۇلارغا پەقەت دەرس ئۆتۈش ئۇسۇللىرىنىلا ئۆگىتىپ قويماي، بەلكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئادالەت، راستچىللىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتنى قانداق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش لازىم.

بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئوقۇغۇچى ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى كىتابتىن يادلاپ ئەمەس، بەلكى كۆرۈپ، ياشاپ ۋە ھاياتلىق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ.

خۇلاسە ۋە ئومۇمىي ئىلمىي يۈزلىنىش

مائارىپ سىستېمىسىدا خاراكتېر ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش — پەقەت دىنىي بىر مەجبۇرىيەت ياكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش غايىسىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۇراقلىقلىقى، ئىلمىي ئۇتۇقلارنىڭ سىجىللىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي بېشىغا كېلىۋاتقان مەنىۋى كرىزىسلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ تۈپ، ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك شەرتىدۇر. بۇ ھەقىقەتنى ئۈچ ئاساسىي جەھەتتىن يەكۈنلەش مۇمكىن:

1- ئىسلامىي نۇقتىدىن: ئىسلامىي تەلىمات مائارىپنىڭ نىشانىنى ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسى ۋە ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى «خەلىپىسى» بولۇش مەسئۇلىيىتى بىلەن باغلاپ ، بىلىمنىڭ جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى باھالايدىغان ئەڭ يۇقىرى مىزان سۈپىتىدە چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بىلىم روھىي پاكلىنىش مۇساپىسىدىن ئۆتمىسە، ئىنساننى تەكەببۇرلۇققا ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

2- ئىجتىمائىي نۇقتىدىن: زامانىۋى ئىجتىمائىي ئىلىملەر ۋە پىسخىكىلىق تەتقىقاتلار شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتەكلىنىپ تۇرمىغان بىلىم ۋە تېخنىكىلىق قوراللار، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق روھىدىن مەھرۇم قىلىپ، سىستېمىلىق چىرىكلىك ۋە رەقەملىك ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقى قۇرۇق قانۇنلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىي نەمۇنىلىرى ئارقىلىق پۇت تىرەپ تۇرىدۇ.

3- ئىلمىي نۇقتىدىن: مائارىپنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي، ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى — ئۆگىتىلگەن «ئەقىل» (بىلىم، تېخنىكا) بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن «ئەخلاق»نىڭ (خاراكتېر، مەسئۇلىيەت) ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى نىشانلىق مائارىپ مودېلى، شەخسنى پەقەت ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نەتىجە قازىنىدىغان، سىستېمىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر «ئىقتىدارلىق قورال» (مۇتەخەسسىس) قىلىپلا يېتىشتۈرۈش زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك.

يەكۈنلىگەندە، تېخنىكىلىق بىلىم بىلەن ئەخلاقىي قىممەت قاراشنى دىئالېكتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەيلى ئاشكارا مەيلى مەۋھۇم دۇنيادا بولسۇن، ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان، يۇقىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، ۋىجدانلىق ۋە ئىنسانىيەتكە ساغلام قىممەت يارىتالايدىغان «كامىل شەخس» لەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مائارىپنىڭ ئەڭ ئالىي مىراسى قىلىش زۆرۈردۇر. ئەقىل بىلەن روھنىڭ بۇ بىرلىكىلا بىزنى كەلگۈسىدىكى تېخنىكىلىق زۇلۇملاردىن قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچ ئاساسىنى ۋە ساغلاملىقىنى سىجىل كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.


بۇ ماقالىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟

نۆۋەتتىكى باھا قاتنىشىشى: 3 ئاۋاز

×