سەرخىللار ژۇرنىلى
Logo

سەرخىللار ژۇرنىلى

چوڭلار نۇسخىسى، جەمئىيەتشوناسلىق بۆلۈمى

رەھبەرلىك — بۇرچ، مەسئۇلىيەت ۋە سەنئەت (ئىسلامىي، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىئىنەزەردىن تەھلىل)

تاھىرجان ئابباس
ماقالە نومۇرى: 20260602018
ئورگىنى: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2026-06-02
ئوقۇلغان قېتىم سانى: 373
ئوتتۇرىچە باھا: (0 ئاۋاز)
قىسقىچە مەزمۇنى:

رەھبەرلىك ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق بىر ھادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. تارىخنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى قەبىلە باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى زامانىۋى دۆلەت ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارغىچە بولغان جەرياندا، رەھبەرلىك ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئىنسانىيەت تەبىئىيىتى جەھەتتىن كوللېكتىپ ياشاشقا جەزم قىلىنغان مەۋجۇدات بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كوللېكتىپنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىشى، بىرلىكنى ساقلىشى ۋە ئورتاق نىشانلارغا يېتىشى مۇقىم بىر يېتەكچىلىك رولىغا باغلىقتۇر. زامانىۋىلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا رەھبەرلىك پەقەت بىر بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى بىلىم، ئەخلاق، روھىي كۈچ ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى بىر نۇقتىغا جەم قىلالايدىغان يۈكسەك ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدىغان جەرياندۇر.

باھالىغۇچىلارئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ، ئادىل ئەزىزئوغلى

رەھبەرلىك — ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر بۇرۇلۇش دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە ئومۇمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ كەلگەن ئەڭ مۇرەككەپ، يۈكسەك ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر. قەدىمكى قەبىلە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن بۈگۈنكى زامانىۋى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىچە بولغان پۈتكۈل تارىخىي مۇساپىدە، ئۇ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئايرىلماس تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. يارىتىلىش خاراكتېرى بىلەن جەمئىيەتلىشىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئىنسان جەمئىيىتىنىڭ ساغلام ئىلگىرىلىشى، ئىچكى بىرلىكنى ساقلىشى ۋە ئورتاق نىشانلارغا يېتىشى مۇشۇنداق پاراسەتلىك بىر يېتەكچىلىككە باغلىقتۇر. شۇڭا، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا رەھبەرلىك پەقەت بىر بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى ئىلىم، ئەخلاق، روھىي كۈچ ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى بىر نۇقتىغا جەم قىلىپ، يېتەكچىلىك روھىنى ئەگەشكۈچى خەلقنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرەلەيدىغان يۈكسەك بىر سەنئەتتۇر.

رەھبەرلىك چۈشەنچىسىنى ھەقىقىي ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئالدى بىلەن ئىسلام پىكىر سىستېمىسىدىكى مۇقەددەس بىر بۇرچ سۈپىتىدە تونۇش زۆرۈردۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، رەھبەرلىك شەخسىي مەنپەئەت ياكى ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر بىر «ئامانەت»تۇر. بۇ ئالىيجاناب چۈشەنچىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ رەھبەرلىك پەلسەپىسىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ: «فىرات دەرياسى بويىدا بىر قوي يوقاپ كەتسە، ئاللاھ ئالدىدا جاۋابكار بولۇشتىن قورقىمەن» دېگەن سۆزى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چەك-چىگىرىسىز بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلامدا رەھبەر ئۆزىنى خەلقنىڭ خوجايىنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس ئامانەتنى ئۈستىگە ئالغان خىزمەتچىسى دەپ بىلىدۇ ۋە ھەر بىر ئىشتا ئادالەتنى تارازا قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشنى ئاساس قىلغان «ئارىلىشىپ باشقۇرۇش» (Management by Wandering Around) نەزەرىيەسىمۇ، ئەسلىدە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇنىڭدىن ئەسىرلەر ئىلگىرى قوللانغان رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنىڭ جەۋھىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ

ئىجتىمائىي نۇقتىئىنەزەردىن ئالغاندا، رەھبەرلىك جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ھاياتلىق تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى بىر «مەسئۇلىيەت زەنجىرى»دۇر. رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى پەقەت مەمۇرىي خىزمەتلەرنى بېجىرىش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن باشقىلارغا ئۆرنەك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. رەھبەر سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىر يەردىن چىقىدىغان «ئىجتىمائىي ئەندىزە»گە ئايلانغاندىلا، ئەگەشكۈچىلىرىدە ساداقەت ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يارىتالايدۇ. زامانىۋى تەتقىقاتلارمۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلەر ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى شەخسىي پايدىدىن ئۈستۈن قويالايدىغان، ئۇتۇقنى كوللېكتىپقا، مەغلۇبىيەتنى بولسا ئۆزىگە يۈكلەپ، «مەن» ئەمەس، «بىز» ئۇقۇمىنى مەركەز قىلغان شەخسلەردۇر. بۇ خىل مەسئۇلىيەت ئېڭى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر.

تايانچ نۇقتا شۇكى، رەھبەرلىك بىلەن ئەگەشكۈچى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر تەرەپلىمىلىك ھادىسە ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىغان ئىككى تەرەپلىك كۆۋرۈكتۇر. كۆڭۈلدىكىدەك بىر رەھبەرگە ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى — خەلقتە شۇنداق بىر رەھبەرگە لايىق سۈپەت، ئادالەت تۇيغۇسى ۋە ئاڭنىڭ يېتىلگەن بولۇشىدۇر. ئىسلام پىكىر جەۋھەرلىرىدىكى «قانداق بولساڭلار، شۇنداق باشقۇرۇلىسىلەر» دېگەن ھېكمەت جەمئىيەتنىڭ سۈپىتى بىلەن رەھبەرنىڭ خاراكتېرى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىشنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك رەھبەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش ئۈچۈن، خەلقتە ئالدى بىلەن ئادالەتنى سۆيۈش، ئامانەتكە رىئايە قىلىش ۋە شەخسىي مەنپەئەتتىن ئومۇمنىڭ پايدىسنى ئۈستۈن قويۇش خىسلەتلىرى بولۇشى شەرت. نادانلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە پاراسەتلىك بىر يېتەكچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ياكى ئۇزۇن مۇددەت چىداملىق بولۇشى تەس. شۇڭا، بىلىم ۋە ئەخلاق بىلەن قوراللانغان، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تونۇغان، قارغۇلارچە ئەگىشىشتىن خالىي، سەمىمىي ۋە تەنقىدىي تەپەككۇرغا ئىگە بولغان بىر «ئاڭلىق ئاۋام خەلق قۇرۇلمىسى» كۆڭۈلدىكىدەك رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ مۇنبەت تۇپرىقىدۇر.

ئىلمىي ۋە تەھلىلىي نۇقتىدىن قارىغاندا، رەھبەرلىك بىر يۈكسەك «سەنئەت» بولۇپ، ئۇ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىلەن تېخنىكىلىق پاراسەتنىڭ بىرلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى ئۇچۇر ۋە تېخنىكا دەۋرىدە، زامانىۋى رەھبەر سان-سىپىرلىق ئانالىز قىلىش، تېخنىكىلىق تەرەققىياتلارنى خىزمەت ئېقىمىغا سىڭدۈرۈش ۋە رەقەملىك قوراللار ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «يۇمشاق كۈچ» دەپ ئاتىلىدىغان جەلپكارلىق ۋە «ھېسسىي ئەقىل» (Emotional Intelligence) ئارقىلىق كىشىلەرنى قورقۇتۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق يېتەكلىشى شەرتتۇر. كىرىزىس مەزگىللىرىدە كېڭەش (شۇرا) ئارقىلىق سوغۇققانلىق بىلەن قارار چىقىرىش ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە ئىلمىي چارە تېپىش بۇ سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچىنى نامايەن قىلىدۇ.

يەكۈنلىگەندە، رەھبەرلىك — ئاللاھ ئالدىدا بىر بۇرچ، خەلق ئالدىدا بىر مەسئۇلىيەت ۋە ئەمەلىي ھاياتتا بىر سەنئەتتۇر. رەھبەرلىك مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئىسلامىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ۋىجدان ۋە ئىلمىي پاراسەت بىر گەۋدىلىشىشى كېرەك. بۇ ئۈچ خىسلەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن شەخسلەر جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مەنزىل كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەقىقىي يېتەكچىلەردۇر. رەھبەرلىكنىڭ جەۋھىرى مەنسەپكە ئېرىشىشتە ئەمەس، بەلكى بىر غايە يولىدا ساغلام قىممەت ياراتقان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن ئىزباسار يېتەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە مىللەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشتىدۇر. شۇ يۈكسەك غايىلەرنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان بۇ تەتقىقات ماقالىمىزدە، رەھبەرلىك ھادىسىسىنىڭ زامانىۋى ۋە مەنىۋى ئاساسلىرىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

بۇرچ ئېڭى: رەھبەرلىكنى ئىلاھىي ئامانەت، مەنىۋى يېتەكچىلىك ۋە تەقۋالىق ئاساسىدا تۇرغۇزۇش

ئىسلامدا رەھبەرلىك — شەخسىي مەنپەئەت، ھوقۇق ياكى بىر خىل ئۈستۈنلۈك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر بىر «ئامانەت»تۇر. قۇرئان كەرىمدىكى يادرولۇق ئۇقۇملارنىڭ بىرى بولغان «خەلىپە» چۈشەنچىسى رەھبەرنى يەر يۈزىنى ئاۋات ۋە گۈللەندۈرۈشكە، ئادالەتنى تىكلەشكە ھەمدە ئىلاھىي ھۆكۈملەرنى ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان بىر ۋەكىل دەپ قارايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، رەھبەرلىك ماقامىنىڭ ئەڭ تۈپ ئىپادىسى تەقۋالىق ۋە ئادالەت بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، رەھبەر ئۆزىنى خەلقنىڭ ھۆكۈمرانى ياكى خوجايىنى ئەمەس، بەلكى «خەلقنىڭ خىزمەتچىسى» دەپ باھالىغان پەيغەمبەرلىك ھېكمەتنىڭ ئەمەلىي ئەينىكى سۈپىتىدە تونۇشى شەرتتۇر. بۇ خىل مەنىۋى چوڭقۇرلۇق رەھبەرنى ئۆز نەپسىنىڭ ۋە ھاۋا-ھەۋەسلىرىنىڭ قۇلى بولۇشتىن ساقلاپ، ئۇنى ھەق ۋە خەلق ئالدىدا ھەقىقىي مەنىدە جاۋابكارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ رەھبەرلىك پەلسەپىسىدىكى «مۇتلەق ئادالەت» چۈشەنچىسى، مەمۇرىي باشقۇرۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەمنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ رەھبەرنىڭ ۋىجدانىنى دائىم ئويغاق ۋە سەزگۈر تۇتىدىغان مەنىۋى بىر نازارەتچىگە ئايلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي پەنلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىسلامىي قىممەت قاراشلار بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن بۇ خىل بۇرچ تۇيغۇسى، زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمىدىكى «خىزمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان رەھبەرلىك» (Servant Leadership) نەزەرىيەسى بىلەن مۇكەممەل بىر ئورگانىك بىرلىككە ئىگە. رەھبەرلىك مۇساپىسىدە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى، مەنپەئىتى ۋە تەرەققىياتىنى شەخسىي مەنپەئەت ياكى مۇئەييەن قېلىپلاشقان ئىدىيەلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش، جەمئىيەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزئارا ئىشەنچ، ساداقەت ۋە سىجىل ھەمكارلىق مۇھىتى ياراتقۇچى تۈپ ئالدىنقى شەرتتۇر. پىسخولوگىيەلىك قاتلامدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، رەھبەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىر يۈكسەك ئامانەت دەپ تونۇپ ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىكى «نەپسىنى تىزگىنلەش» (Self-Regulation) ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. بۇ خىل ئاڭ كىرىزىسلىق، مۇرەككەپ ۋە تەسۋىرلەش قىيىن بولغان مەزگىللەردە رەھبەرنىڭ شەخسىي ھېسسىيات ياكى تار مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەي، بەلكى ئومۇمنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە — يەنى «شۇرا» (مەسلىھەتلىشىش) مېخانىزمىغا — تايىنىپ ناھايىتى ئوبېكتىپ ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، مەنىۋى يېتەكچىلىك رەھبەرلىك سەنئىتىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئەخلاقىي تۈۋرۈك بولۇپ، ئۇ رەھبەرنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي مەسئۇلىيىتىنى بىر پۈتۈنلۈككە ۋە سىجىللىققا ئىگە قىلىدۇ. زامانىۋى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆپ تەسۋىرلىنىدىغان، ھوقۇق بوشلۇقى ۋە مەمۇرىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزىنى ھەممىدىن يۇقىرى كۆرۈش، تەكەببۇرلىشىش ۋە رېئاللىقتىن يىراقلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان پىسخىكىلىق ئۆزگىرىش — يەنى «ھوقۇق سەۋداسى» (Hubris Syndrome) غا قارشى ئەڭ كۈچلۈك پىسخولوگىيەلىك، ئەخلاقىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك قالقان دەل مۇشۇ يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى، تەقۋالىق ئاساسى ۋە مەنىۋى ئامانەت ئېڭىدۇر.

رەھبەرلىكتىكى مەسئۇلىيەت — ۋىجدان، ساداقەت ۋە ئۆرنەك

رەھبەرلىكتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى — بىر جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ھاياتلىق تومۇرى بولۇپ، ئۇنىڭغا روھ ۋە ھەرىكەت بېغىشلايدىغان ئەڭ يادرولۇق كۈچتۇر. بۇ ئۇقۇم قۇرۇق مەمۇرىي بۇيرۇق بېرىش ياكى چەكلىك ۋەزىپىلەرنىلا ئورۇنداش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى ئومۇمنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس بىر ئىشەنچ يارىتىشنىڭ بىرىنچى شەرتىدۇر. چۈنكى، رەھبەرنىڭ سۆزى بىلەن ئىشى بىردەك بولغاندا ۋە ئۇ ھەر بىر قەدىمى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە يول كۆرسىتىدىغان «ئۈلگىلىك شەخس»كە ئايلانغاندا، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قەلبىدە ھەقىقىي ساداقەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. زامانىۋى باشقۇرۇش نەزەرىيەسىدىكى «ئۈلگىلىك بولۇپ يېتەكلەش» (Leading by Example) پىرىنسىپىمۇ دەل مۇشۇ ھەقىقەتنى ئاساس قىلىدۇ. يىراقنى كۆرەر بىر يېتەكچى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان قىممەت قاراشلارغا ئۆزى بىرىنچى بولۇپ بويسۇنغاندا، تەشكىلاتنىڭ ئىش ئۈنۈمى ۋە ئەزالار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي بىرلىك ھەمدە ھەمكارلىق كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

بۈگۈنكى رەھبەرلىكنىڭ قىممىتى ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەمەس دۇرۇس مۇئامىلە ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش مەسئۇلىيىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بىر رەھبەرنىڭ چىقارغان قارارلىرى ۋە باسقان قەدەملىرى جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇشۇنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان يىراقنى كۆرەرلىك — ئۇنىڭ ھەم ئىلمىي ھەم ئەخلاقىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى رەھبەرنىڭ ئۆز ۋىجدانىنى خەلقنىڭ قەلب تارازىسىدا ۋە نازارەتچى ھەيئەتلەرنىڭ ئالدىدا دائىم سوراققا تارتىپ تۇرۇشىدۇر. ئەگەر يېتەكچى ئۆزىگە ئامانەت قويۇلغان بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆتكۈنچى شەخسىي مەنپەئەتلىرىگە قۇربان قىلسا، جەمئىيەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگۈلى بولمايدىغان ئىشەنچ كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ ۋە ئومۇمنىڭ بىرلىكى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، نەمۇنىلىك رەھبەرلىك پەقەت كۆزگە كۆرۈنگەن ماددىي نەتىجىلەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇ ئومۇمنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ھەمىشە ئۈستۈن قويىدىغان، ھەتتا مەغلۇبىيەت كۆرۈلگەندە باشقىلارنى ئەيىبلىمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان يۈكسەك ۋىجداننى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت ئىسلامىي تەپەككۇر ئۇپۇقى بىلەنمۇ مۇكەممەل تۇتىشىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنىدا رەھبەرلىك بىر شۆھرەت ياكى ھوقۇق تاختىسى ئەمەس، بەلكى يەلكىگە ئېلىنغان ئەڭ ئېغىر مەنىۋى ئامانەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممەيلەننى ئۆز قول ئاستىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلغان ئاشۇ مەشھۇر ھەدىسى، رەھبەرلىكنىڭ ئەسلىدە بىر مۇقەددەس خىزمەتكارلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇلۇغ يېتەكچىلەر جەمئىيەتتىكى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئادالەت، ئىشەنچ ۋە قانۇن-قائىدە ئاساسىدىكى مەھكەم باغلىنىشنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق، ھەم خەلق ئالدىدا، ھەم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۈزى يورۇق بولۇشقا تىرىشىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا، ھەقىقىي رەھبەرلىك — ئاقىلانە تەدبىر، خەلقچىل روھ ۋە ئىسلامىي ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئالىيجاناب بىر سەنئەتتۇر.

رەھبەرلىك سەنئىتى — ئىلمىي پاراسەت، ئىستراتېگىيەلىك ماھارەت ۋە تېخنىكىلىق ئەقىل

رەھبەرلىك — پەقەت قۇرۇق بىلىمگە تايىنىش ياكى مەمۇرىي بۇيرۇق بېرىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا باغلايدىغان يۈكسەك بىر سەنئەتتۇر. زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمىدە بۇ سەنئەت، بولۇپمۇ قىيىنچىلىق ۋە كىرىزىس مەزگىللىرىدە رەھبەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ. بۈگۈنكى سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۇچۇر دەۋرىدە، ھەقىقىي بىر يېتەكچى رەقەملىك قوراللارنى، سان-سىپىرلىق ئانالىزلارنى ۋە زامانىۋى خىزمەت جەريانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان «تېخنىكىلىق پاراسەت»كە ئىگە بولۇشى كېرەك. رەھبەرلىك سەنئىتىنىڭ ئەڭ چوڭ رولىمۇ دەل مۇشۇ يەردە، يەنى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چارە تېپىشتا، قىيىنچىلىقتىن پۇرسەت يارىتىشتا ھەمدە تېخنىكىلىق بىلىم بىلەن ئىنسانىي ئەقىلنى بىر نۇقتىدا مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈشتە كۆرۈلىدۇ.

ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قارىغاندا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر رەھبەر جەمئىيەت پىسخولوگىيەسىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىغان، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئورتاق بىر نىشانغا جەم قىلالايدىغان «يۇمشاق كۈچ» ئۇستىسىدۇر. ئۇ كىشىلەرنى قورقۇتۇش ياكى مەجبۇرلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىش ۋە قەلبىگە كىرىش ئارقىلىق يېتەكلەيدۇ، ئاممىنىڭ ئىچكى ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ئۇلارنى گۈزەل بىر كەلگۈسىگە ئىشەندۈرىدۇ. بۇ ھالەت ئىسلامىي تەپەككۇردىكى «ھېكمەت» ۋە يۇمشاق مۇئامىلە پىرىنسىپى بىلەنمۇ تولۇق تۇتىشىدۇ. چۈنكى، ئىسلام ئەخلاقىدا رەھبەرلىك كىشىلەرگە شەپقەت قىلىش، ئامانەتكە رىئايە قىلىش ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى قايىل قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. شۇڭا، نەمۇنىلىك بىر يېتەكچى بىر تەرەپتىن ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنى مەھكەم قوغدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن مەسىلىلەرگە ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى تاپالايدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، رەھبەرلىك سەنئىتى — بىلىم بىلەن ئەخلاقنى، قىممەت قاراش بىلەن ئەمەلنى، تېخنىكا بىلەن پاراسەتنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ يورۇق بىر كەلگۈسىگە ئامان-ئېسەن باشلاپ مېڭىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەت — ئىسلامىي رەھبەرلىك چۈشەنچىسى

ئىسلام دىنى رەھبەرلىكنى ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئورنى ئەمەس، بەلكى يەلكىگە ئېلىنغان ئېغىر بىر «ئامانەت» دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەممىڭلار بىرەر پادىچى، ھەممىڭلار ئۆز قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە مەسئۇلسىلەر» دېگەن ھەدىسى، رەھبەرلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى «خەلىپە» ئۇقۇمى بىلەن باغلانغان بۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەت، رەھبەرنىڭ پەقەت ئىنسانلار ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەخلاق ۋە ۋىجدان سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. دەل مۇشۇ ئېتىقاد ۋە چۈشەنچە، رەھبەرنى ھەمىشە ئادالەت ھەم ئىنساپ بىلەن ئىش كۆرۈشكە، ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ ھەر قانداق شەخسىي مەنپەئەتلىرىدىن ئۈستۈن قويۇشقا يېتەكلەيدۇ.

بىلىم، ھېكمەت ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش

ھەقىقىي يېتەكچى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ساھەنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەپلا قالماي، مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەرنى توغرا تەھلىل قىلالايدىغان يۈكسەك ئىدراكىي قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، رەھبەرنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە توغرا ۋە ئاقىلانە قارار چىقىرىشى — ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى بىلەن تەپەككۇر چوڭقۇرلىقىغا بىۋاسىتە باغلىقتۇر. ئىسلام ئەخلاقىدىمۇ بىلىم ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئىلىم ئۆگىنىش ئەڭ كاتتا پەزىلەت، ئالىملارنىڭ دەرىجىسى بولسا ئەڭ يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ. تارىختىكى ھەزرىتى ئۆمەر، ئىمام غەززالى، ئىبنى خەلدۇن ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىب قاتارلىق بۈيۈك زاتلار، بىلىم بىلەن ھېكمەتنى رەھبەرلىك ماقامىدا مۇجەسسەملەپ، بىزگە ئەمەلىي ۋە ئىلمىي باشقۇرۇشنىڭ ئۆچمەس ئۈلگىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

بۈگۈنكىدەك تېز ئۆزگىرىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە، رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتى — ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتۇر. يېڭى بىلىملەرگە ھەرقاچان ئوچۇق بولۇش، ئۆتكەن خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىش ۋە باشقىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىش، رەھبەرنىڭ زامان بىلەن تەڭ مېڭىشىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچتۇر. خۇلاسىلىگەندە، ئۆزىنى توختىماي يېڭىلاپ تۇرغان رەھبەرلەر تەشكىلاتنىڭ ئارقىدا قالماسلىقىغا ۋە پارلاق كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قەدەم بېسىشىغا يول ئاچىدۇ.

ئالاقە ۋە كېڭەش — رەھبەرلىكنىڭ جېنى

ئۈنۈملۈك ئالاقە يارىتىش ۋە «ھېسسىي ئەقىل» (Emotional Intelligence) قابىلىيىتى — رەھبەرنىڭ ئۆز نىشانىنى ئەڭ ئاددىي، ئېنىق ۋە سەمىمىي شەكىلدە ئاممىغا يەتكۈزۈشىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قورالدۇر. ھەقىقىي بىر يېتەكچى پەقەت قۇرۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇلار بىلەن كۆڭۈل كۆۋرۈكى قۇرالايدىغان يۈكسەك پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئىللىق ئالاقە مۇھىتى ئىسلام ئەخلاقىدىكى مۇھىم بىر پىرىنسىپ — «شۇرا» (كېڭەش) تۇيغۇسى بىلەن مۇكەممەل تۇتىشىدۇ. ئىسلامدىكى كېڭەش تۈزۈمى رەھبەرنىڭ ھەر قانداق ھالقىلىق قارار چىقىرىشتا ئۆزبېشىمچىلىق قىلماي، ئەتراپىدىكى ئەقىللىق كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ مۇقەددەس پىرىنسىپ زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمىدىكى «قاتنىشىش ئارقىلىق باشقۇرۇش» (Participative Management) نەزەرىيەسى بىلەن تولۇق تۇتىشىدۇ. يەنى رەھبەر ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك مۇتلەق ھوقۇقىغا تايانماي، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە سەمىمىي قۇلاق سالغاندا، ئوتتۇرىغا چىققان قارارلار تېخىمۇ توغرا، ئادىل ۋە ھەممەيلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىغان مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر رەھبەر ئۆز قول ئاستىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىنتايىن ياخشى تونۇپ يېتىشى لازىم. زامانىۋى پىسخولوگىيەدىكى «ماسلوۋنىڭ ئېھتىياجلار نەزەرىيەسى» (Maslow's Hierarchy of Needs) نىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىن چۈشىنىش كېرەك؛ ئىنسانلارنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە روھىي بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرى مۇۋاپىق قاندۇرۇلغاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ھەم ئىشقا بولغان قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ. شۇڭا، ئۈلگىلىك بىر يېتەكچى ئەزالارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىغا دائىم دىققەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئەندىشىدىن خالىي، ئىلھامغا باي ۋە ساغلام بىر خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە مەسئۇلدۇر. نەتىجىدە شۇنى جەزم بىلەن ئېيتىشقا بولىدۇكى، دۇرۇس مۇئامىلە، ئەتراپلىق كېڭەش ۋە ئىنسان تەبىئىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش — پۈتۈن بىر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئەڭ چوڭ كۈچتۇر. دەل مۇشۇ ئامىللار بىر يەرگە كەلگەندە، تەشكىلات ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، سەمىمىيەت ۋە ئىجابىي روھىي كەيپىيات ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان گۈزەل بىر مۇھىت شەكىللىنىدۇ.

قارار چىقىرىش — روھىي كۈچ ۋە كەمتەرلىك

بىر رەھبەرنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ۋەزىپىسى — ئېنىق پاكىت ۋە دەلىللەرگە تايىنىپ توغرا قارارلارنى چىقىرىشتۇر. ئىسلام ئەخلاقىدا قارار چىقىرىشنىڭ ئالىي ئۆلچىمى «ئادالەت» بولۇپ، بۇ ھەر بىر تەرەپنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىنساپ بىلەن قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. رەھبەر قىيىن ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەردە روھىي سالماقلىقىنى ساقلاپ، ئەتراپىغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىيالايدىغان بولۇشى، شۇنداقلا ياراتقۇچىغا تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئىخلاس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھوقۇق ھەۋىسىگە بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىشى لازىم. زامانىۋى باشقۇرۇش نەزەرىيەچىلىرىدىن سىمون سىنەك تەكىتلىگەن «ئىستراتېگىيەلىك كۆرۈش» (Strategic Vision) پىرىنسىپى بويىچە، ھەقىقىي رەھبەرلىك ئەڭ ئاۋۋال ئاۋام خەلققە «نېمىشقا» مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ غايىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە پارلاق كەلگۈسىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىشتۇر. سىنەك، ئاۋامنى ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرەلەيدىغان كۈچنىڭ قۇرۇق بۇيرۇقتا ئەمەس، بەلكى رەھبەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاشۇ ئېنىق غايە ۋە يۇقىرى ئۈمىدتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ غايىۋى بېشارەت، روبېرت گىرىنلىفنىڭ «خىزمەتكار رەھبەرلىك» (Servant Leadership) نەزەرىيەسى بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىدۇ. گىرىنلىفنىڭ قارىشىچە، رەھبەرلىكنىڭ تۈپ قىممىتى ھوقۇق بىلەن ئۈستۈنلۈك قازىنىشتا ئەمەس، بەلكى ئاۋامنىڭ ئېھتىياجىغا، تەرەققىياتىغا ۋە پاراۋانلىقىغا بىرىنچى بولۇپ سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەت قىلىشتىدۇر. بۇ زامانىۋى قاراشلار بويىچە، ھەقىقىي بىر يېتەكچى ئۆزىنى بۇيرۇق بەرگۈچى ھۆكۈمران ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئورتاق نىشاننى روياپقا چىقىرىدىغان بىر ئەلچى دەپ بىلىشى، يۈكسەك كەمتەرلىك بىلەن قەتئىي ئىرادىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈشى لازىم.

غەرب باشقۇرۇش ئىلمى بۈگۈن ئاران يېتىپ كەلگەن بۇ يۈكسەك پەللە، ئەسلىدە ئىسلامنىڭ جەۋھىرىدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مائارىپىدا بۇنىڭدىن ئەسىرلەر ئىلگىرى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە بەلگىلەپ بېرىلگەن. روبېرت گىرىنلىف ئوتتۇرىغا قويغان «خىزمەتكار رەھبەرلىك» پىرىنسىپى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قەۋمنىڭ يېتەكچىسى (سەييىدى) — ئۇلارنىڭ خىزمەتچىسىدۇر» (سەييىدۇل قەۋمى خادىمۇھۇم) دېگەن ھەدىسى بىلەن تولۇق تۇتىشىدۇ. ئىسلامىي كۆز قاراشتا، رەھبەرنىڭ ئاۋامدىن ئۈستۈنلۈك تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقى يوق، بەلكى ئۇنىڭ يېتەكچىلىك سالاپىتى ئاشۇ ئاممىغا قىلغان پىداكارلىقى ۋە خىزمىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىمون سىنەك تەكىتلىگەن رەھبەرنىڭ ئۆز ئەتراپىغا ئۈمىد بېغىشلىشى ۋە كوللېكتىپ بىلەن ئورگانىك بىرلىك قۇرۇش ئىقتىدارى، قۇرئان كەرىمدىكى رەھبەرلىك ئەخلاقىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 159-ئايىتىدە ھەزرىتى پەيغەمبەر ئارقىلىق پۈتكۈل رەھبەرلەرگە يول كۆرسىتىپ مۇنداق بۇيرۇيدۇ: «(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تايانغىن. چۈنكى ئاللاھ ئۆزىگە تايانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ».

بۇ ئايىتى كەرىمە رەھبەرلىكتىكى يۇمشاق كۈچ، ھېسسىي ئەقىل ۋە كوللېكتىپ كېڭەش مېخانىزمىنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، مەيلى سىنەكنىڭ غايىۋى يېتەكچىلىك قارىشى بولسۇن ياكى گىرىنلىفنىڭ خىزمەتكارلىق پىرىنسىپى بولسۇن، ئىسلامنىڭ ئادالەت، شەپقەت، كەمتەرلىك ۋە شۇرا ئەندىزىسى بىلەن قوشۇلغاندا ئاندىن ھەقىقىي مەنىدە جانلىق بىر گەۋدىگە ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ.

رەھبەرلىكنىڭ مۇكەممەل مېمارلىقى — ماددىي ۋە مەنىۋى بىرلىك

رەھبەرلىك — ئەخلاق، بىلىم, ئالاقە، قارار، پاراسەت ۋە كەمتەرلىك قاتارلىق ئامىللار ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلغان بىر پۈتۈن سىستېمىدۇر. بۇ سىستېمىدا ئەخلاق رەھبەرلىكنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، بىلىم بولسا بۇ قۇرۇلمىنى پۇختا ۋە زامانىۋى قىلىپ لايىھەلەيدۇ. ئالاقە ۋە كېڭەش رەھبەر بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ كۆۋرۈكىنى قۇرسا، قارار چىقىرىش شۇ كۆۋرۈكنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاراسەت رەھبەرنىڭ كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىشىگە يول ئاچىدۇ، كەمتەرلىك بولسا ئۇنىڭ كۈچ ۋە مەنسەپكە بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

ھەقىقىي بىر يېتەكچى پەقەت ماددىي نەتىجىنىلا كۆزلەيدىغان ياكى سانلىق مەلۇماتلارغىلا تايىنىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ئۆز قارارلىرىنى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاخىرەتلىك جاۋابكارلىق نۇقتىسىدىن باھالىيالايدىغان يىراقنى كۆرەر شەخستۇر. ئۇ زامانىۋى ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، ئۇلارنى ئەخلاقىي قىممەت قاراشلار بىلەن مۇكەممەل ماسلاشتۇرىدۇ. رەھبەر ئۆز پاراسىتى بىلەن كەلگۈسىنى پىلانلىسىمۇ، كەمتەرلىكى بىلەن خەلق بىلەن بولغان قويۇق باغلىنىشىنى ھەرگىز ئۈزۈپ قويمايدۇ. دەل مۇشۇنداق تەڭپۇڭلۇق رەھبەرنى ھوقۇق خۇمارى بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ، ئۇنى جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي قىممەت ياراتقۇچىغا ئايلاندۇرىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، رەھبەرلىك تۇغما بىر سېھىرلىك قابىلىيەت ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، تەجرىبە توپلاش ۋە ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان ئالىيجاناب بىر خاراكتېردۇر. بۇ جەرياندا ئىخلاس بىلەن سەمىمىيەت رەھبەرلىكنىڭ يادروسى بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەل نەتىجىسى جەمئىيەتتە ئادالەت ۋە مۇقىملىق سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. رەھبەر ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر ئۆمۈرلۈك مەجبۇرىيەتتۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، رەھبەرلىك پەقەت بىر مەنسەپ ياكى قۇرۇق ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ئەخلاق بىلەن بىلىمنى، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، كىملىك بىلەن ھەرىكەتنى، شەخس بىلەن جەمئىيەتنى ھەمدە قارار بىلەن كېڭەشنى بىر نۇقتىدا ماسلاشتۇرىدىغان چوڭقۇر مەسئۇلىيەتتۇر. بۇ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئورۇندىغان رەھبەرلا جەمئىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىجابىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ.

رەھبەرلىككە ئائىت ئەمەلىي مودېل ۋە تەۋسىيەلەر

يۇقىرىدىكى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، رەھبەرلىك پەقەت قۇرۇق بىلىمگە تايىنىش ياكى مەمۇرىي ۋەزىپە ئورۇنداش ئەمەس، بەلكى ماددىي ۋە روھىي تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر پۈتۈن سىستېمىدۇر. بۈگۈنكى مۇرەككەپ دەۋردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر يېتەكچى بولۇش ئۈچۈن، رەھبەرلىكنى ئەخلاقىي-ئىسلامىي، ئىجتىمائىي-ئىنسانىي ۋە ئىلمىي-تېخنىكىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇش زۆرۈردۇر. بۇ مۇكەممەل مودېل رەھبەرنىڭ خاراكتېرىنى پۇختىلاپ، ئۇنىڭ قارارلىرىنىڭ ھەم ئىلاھىي ئادالەتكە، ھەم ئىجتىمائىي رېئاللىققا، ھەم ئىلمىي ئۈنۈمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بىرىنچىدىن، رەھبەرلىكنىڭ ئۇل تېشى ئەخلاقىي-ئىسلامىي تۈۋرۈكتۇر. بۇ تۈۋرۈك رەھبەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئادالەت، تەقۋالىق ۋە «ئامانەت» تۇيغۇسى بىلەن سۇغىرىدۇ. ئىسلامىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، رەھبەرلىك بىر ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ۋە خەلق ئالدىدىكى ئېغىر جاۋابكارلىقتۇر. شۇڭا، رەھبەرنىڭ ئىچكى ۋىجدانى دائىملىق بىر نازارەتچىگە ئايلىنىدۇ. بۇ مەنىۋى كۈچ رەھبەرنى ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن، كىبرىلىكتىن ۋە پىسخولوگىيەدە «ھوبىرىس سىندروماسى» (Hubris Syndrome) دەپ ئاتىلىدىغان مەغرۇرلۇق پاتقىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك قالقاندۇر. ئەخلاقىي ئاساسى پۇختا رەھبەر، قارار چىقىرىشتا شەخسىي مەنپەئەتنى ئەمەس، بەلكى ھەق ۋە ئادالەتنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي-ئىنسانىي تۈۋرۈك رەھبەرلىكنىڭ جەمئىيەتتىكى جانلىق ئىپادىسىدۇر. رەھبەر پەقەت بىر بۇيرۇق بەرگۈچى بولماستىن، بەلكى سەمىمىي ئالاقە، كېڭەش ۋە ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر «ئىجتىمائىي كۆۋرۈك»تۇر. بۇ تۈۋرۈك رەھبەرنىڭ ئاۋام ئىچىدە «مەن» ئەمەس، «بىز» دېگەن چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشىنى، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە قېرىنداشلىق روھىنى يارىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنساننى قىممەتلىك ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىش ۋە ئىقتىدارىغا ئىشىنىش تەشكىلاتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. مەسئۇلىيەتنى ئورتاقلىشىش ۋە خەلق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇش رەھبەرلىكنى قۇرۇق مەمۇرىيەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنى ھەقىقىي بىر ئىنسانىي يېتەكچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، رەھبەرلىكنىڭ زامانغا ماسلىشىشى ئىلمىي-تېخنىكىلىق تۈۋرۈك ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۈگۈنكى ئۇچۇر ۋە تېخنىكا تەرەققىي قىلغان دەۋردە، رەھبەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىپ قارار چىقىرىش، زامانىۋى خىزمەت ئېقىمىنى (Workflow) يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى ئۇنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىدىكى «تېخنىكىلىق پاراسىتى»نى بېكىتىدۇ. چۈنكى، ئەڭ ياخشى نىيەت ۋە ئەخلاقىي سەمىمىيەتمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ھەمدە تېخنىكىلىق بىلىم بىلەن تەمىنلەنمىسە، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈمسىز قالىدۇ. شۇڭا، زامانىۋى رەھبەر تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنى ئۆز پائالىيىتىگە سىڭدۈرەلەيدىغان، كەلگۈسىنى ئىلمىي ئاساستا مۆلچەرلىيەلەيدىغان بىلىم ئىگىسى بولۇشى شەرتتۇر.

يىغىنچاقلىغاندا، بۇ ئۈچ تۈۋرۈك بىر-بىرىدىن ئايرىلماس، ئۆزئارا تولۇقلىغۇچى سىستېمىدۇر. ئەگەر بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ بىرى كەم بولۇپ قالسا، رەھبەرلىك ياكى ھەقىقەتتىن يىراق قۇرۇق نەزەرىيەگە، ياكى ھېسسىياتتىن مەھرۇم سوغۇق بىر تېخنوكراتىيەگە (تېخنىكا زومىگەرلىكىگە)، ياكى ئەخلاقىي ئاساسى يوق مۇستەبىتلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى يېتەكچىلەرگە بېرىلىدىغان ئەڭ مۇھىم تەۋسىيە شۇكى: ئۆزىڭىزنى پەقەت بىر ساھەنىڭلا مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ۋىجدان ۋە ئىلمىي پاراسەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن «كۆپ قىرلىق شەخسىيەت» سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈڭ. چۈنكى كەلگۈسى دۇنيا بىلىم بىلەن ۋىجداننى، تېخنىكا بىلەن پاراسەتنى، سۈزۈكلۈك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن لاياقەتنى بىر نۇقتىدا بىرلەشتۈرەلىگەن ھەقىقىي رەھبەرلەرگە موھتاجدۇر.

تاھىرجان ئابباس


ئىزاھاتلار:

1. ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفاھانى، ھىليەتۇل ئەۋلىيا ۋە تەبەقاتۇل ئەسفىيا، دارۇل كىتابىل ئەرەبى، بەيرۇت، 1974، 1-توم، 53-بەت.

2. "ئارىلىشىپ باشقۇرۇش" (Management by Wandering Around — MBWA) : زامانىۋى باشقۇرۇش ۋە رەھبەرلىك ئىلمىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك كۆزىتىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئۇقۇم تۇنجى قېتىم 1970-يىللىرى Hewlett-Packard (HP) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئەمەلىيەتتە قوللىنىلغان، كېيىنچە مەشھۇر باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى پېتېر دەۋىدسون ۋە توم پېتېرس (Tom Peters) نىڭ 1982-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۇتۇق ئىزدەپ» (In Search of Excellence) ناملىق كىتابى ئارقىلىق ئەدەبىياتقا كىرگۈزۈلگەن. بۇ نەزەرىيە رەھبەرنىڭ پەقەت رەسمىي ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ دوكلاتلارغا تايىنىپ قارار چىقىرىشىنى رەت قىلىدۇ؛ ئەكسىچە، رەھبەرنىڭ خىزمەت مەيدانىغا (ياكى خەلقنىڭ ئارىسىغا) بىۋاسىتە بېرىپ، ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىشىنى، سەمىمىي پىكىرلىشىشىنى ۋە مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ زامانىۋى باشقۇرۇش ئەندىزىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ كېچىلىرى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن مەدىنە كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈشتەك كىلاسسىك ئەخلاقىي ۋە ئەمەلىي رەھبەرلىك ئۇسلۇبى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن تولۇق تۇتىشىدۇ.

3. " ھېسسىي ئەقىل" (Emotional Intelligence / EQ) : شەخسنىڭ ئۆز تۇيغۇلىرىنى تونۇش، باشقۇرۇش ۋە كىرىزىس پەيتلىرىدە سوغۇققانلىق بىلەن كونترول قىلىش، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشىنىش (ھېسداشلىق قىلىش) تۇيغۇسى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ساغلام، سەمىمىي مۇناسىۋەت قۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋى رەھبەرلىك نەزەرىيىلىرىدە، بۇ قىممەت كىشىلەرنى قورقۇتۇش ياكى بېسىم بىلەن ئەمەس، بەلكى قايىل قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ.

4. "ئۈلگىلىك بولۇپ يېتەكلەش" (Leading by Example / Role Modeling) : زامانىۋى تەشكىلىي ھەرىكەت ۋە رەھبەرلىك پىسخىكىسىدىكى ئەڭ تايانچ ئۇقۇملارنىڭ بىرىدۇر. پىسخىكا ئالىمى ئالبېرت باندۇرا (Albert Bandura) ئۆزىنىڭ «ئىجتىمائىي ئۆگىنىش نەزەرىيىسى» (Social Learning Theory) دە ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەتنى پەقەت بۇيرۇق ياكى جازادىن ئەمەس، بەلكى ئەتراپىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە تىپىك شەخسلەرنى (رەھبەرلەرنى) كۆزىتىش ۋە ئۇلاردىن نۇسخا ئېلىش ئارقىلىق ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. زامانىۋى رەھبەرلىك نەزەرىيەچىلىرى (مەسىلەن: بېنيامىن بىرىس ۋە جون مىتسېل) رەھبەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىنىڭ ئۇنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزى كۆرسەتكەن ئەمەلىي ھەرىكىتى، سەمىمىيىتى ۋە ئەخلاقىي ئىزچىللىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ زامانىۋى پىسخىكىلىق ئاساس، ئىسلام ئەخلاق سىستېمىسىدىكى سۆز-ھەرىكەتنىڭ بىرلىكى (يەنى ئۆزى قىلالمىغان ئىشقا باشقىلارنى بۇيرۇماسلىق) ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ «ئۈلگىلىك خاراكتېر» (ئۇسۋەتۇن ھەسەنە) سۈپىتىدە جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بىلەن تولۇق تۇتىشىدۇ.

5. "قاتنىشىش ئارقىلىق باشقۇرۇش" (Participative Management / Participative Leadership): زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمى ۋە تەشكىلىي ھەرىكەت نەزەرىيەلىرىدە، قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى پەقەت بىرلا رەھبەرنىڭ قولىغا جەم قىلماي، ئەگەشكۈچىلەر ياكى خادىملارنى قارار چىقىرىش مۇساپىسىگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر ئەندىزىدۇر. پىسخىكا ۋە باشقۇرۇش ئالىمى رېنسىس لىكېرت (Rensis Likert) ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىلىرى نەزەرىيىسىدە، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ۋە ساداقەتنىڭ دەل مۇشۇنداق «قاتناشتۇرۇش چەمبىرىكى» ئارقىلىق كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ زامانىۋى نەزەرىيە، رەھبەرنىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىققا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كوللېكتىپ جەۋھىرىنى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ. غەرب باشقۇرۇش ئىلمىدىكى بۇ دېموكراتىك ۋە ئورتاقلىق چۈشەنچىسى، ئىسلامىي رەھبەرلىك پەلسەپىسىدىكى ھەر بىر مۇھىم ئىشتا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىشنى جەمئىيەتكە پەرىز ۋە يېتەكچى مېخانىزم قىلغان "شۇرا" (كېڭەش) پرىنسىپىنىڭ زامانىۋى ۋە ئىلمىي ئىنكاسىدۇر.

6. ماسلوۋنىڭ ئېھتىياجلار تەرتىپ نەزەرىيىسى (Maslow's Hierarchy of Needs) ۋە رەھبەرلىك پىسخىكىسى: ئامېرىكىلىق پىسخىكا ئالىمى ئاۋراھام ماسلوۋ 1943-يىلى ئۆزىنىڭ "ئىنسان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى نەزەرىيىسى" (A Theory of Human Motivation) ناملىق ئەسىرىدە، ئىنسان ئېھتىياجلىرىنى بەش باسقۇچلۇق پىرامىدا سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە رەھبەرلىك پىسخىكىسىدا خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش غايىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر. پىرامىدانىڭ ئاساسىنى يېمەك-ئىچمەك ۋە پاناھلىنىشقا ئوخشاش بىرىنچى دەرىجىلىك «فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرى» تەشكىل قىلسا، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىدا شەخسنىڭ ئۆز يوشۇرۇن كۈچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تۇيغۇسى بولغان "ئۆزلۈكىنى نامايەن قىلىش" (Self-Actualization) ئورۇن ئالىدۇ. زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمىدە، پاراسەتلىك بىر رەھبەر ئالدى بىلەن جەمىئىيەتتە ئادالەت ۋە مۇقىملىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۆۋەن باسقۇچلۇق ماددىي ئېھتىياجلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئاندىن ئۇلارنى يۇقىرى باسقۇچلۇق ئورتاق بىر غايە ۋە قىممەت ئەتراپىغا يۈزلەندۈرۈشى شەرتتۇر. شۇڭا، ماقالىمىزدە تىلغا ئېلىنغان «رەھبەرنىڭ مىللەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى» غايىسى، ماسلوۋنىڭ ئىنسانىيەتنى ئەنە شۇنداق ئەڭ يۇقىرى مەنىۋى چوققىغا باشلاش پىرىنسىپى بىلەن مۇكەممەل دەرىجىدە تۇتىشىدۇ.

7. "سىمون سىنەك" (Simon Sinek) نىڭ رەھبەرلىك نەزەرىيىسى: زامانىۋى رەھبەرلىك پىكىرچىسى سىمون سىنەك ئۆزىنىڭ «رەھبەرلەر ئەڭ ئاخىرىدا تاماق يەيدۇ» (Leaders Eat Last) ناملىق ئەسىرىدە، ھەقىقىي رەھبەرلىكنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بىر «بىخەتەرلىك چەمبىرىكى» (Circle of Safety) يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، رەھبەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى قوغداش، ئۇلارغا ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىش ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى ئارقىلىق كوللېكتىپ جەۋھىرىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نەزەرىيە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان رەھبەرنىڭ شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، كوللېكتىپ ئۇتۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش مەسئۇلىيىتى بىلەن تولۇق باغلىنىدۇ.

8. ئىستراتېگىيىلىك كۆرۈش (Strategic Vision) ۋە سىجىل رەھبەرلىك: زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمى ۋە ئىستراتېگىيىلىك رەھبەرلىك نەزەرىيەلىرىدە، رەھبەرنىڭ ئەڭ تايانچ خىسلىتى ئۇنىڭ «ئىستراتېگىيىلىك كۆرۈش» (پارلاق كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە نىشانلاش) ئىقتىدارىدۇر. باشقۇرۇش پىكىرچىسى جون كوتتېل (John P. Kotter) ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆزگىرىش نەزەرىيەلىرىدە، ئادەتتىكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ھەقىقىي رەھبەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقىنى — رەھبەرنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت ئۆزگىچە بىر غايە (Vision) يارىتىش ۋە كىشىلەرنى شۇ غايىگە قايىل قىلىش ئىقتىدارىدا دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆرۈش تۇيغۇسى قىسقا مۇددەتلىك ئۇتۇقلارنىلا ئەمەس، بەلكى سىجىل تەرەققىياتنى ۋە رەھبەر ئۆزى كەتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغان «ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش» (Succession Planning) مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زامانىۋى ئۇقۇم، ماقالىمىزدە تىلغا ئېلىنغان مىللەتنىڭ سىجىل يۈكسىلىشى ۋە ئۆچمەس تۆھپە قالدۇرۇشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەخلاقىي-ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت قارىشى بىلەن تولۇق تۇتىشىدۇ.

9. "روبېرت گىرىنلىف" 1970-يىلى ئېلان قىلغان «رەھبەر سۈپىتىدىكى خىزمەتكار» (The Servant as Leader) ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە «خىزمەتكار رەھبەرلىك» (Servant Leadership) نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە بويىچە، رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىتى ھوقۇق يۈرگۈزۈش ياكى مەنسەپكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئەگەشكۈچىلەرگە سەمىمىي خىزمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتۇر. گىرىنلىفنىڭ بۇ زامانىۋى نەزەرىيىسى، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىلا «قەۋمنىڭ رەھبىرى — ئۇلارنىڭ خىزمەتچىسىدۇر» دېگەن سۆز ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ رەھبەرلىك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەخلاقىي رەھبەرلىك ئەندىزىسىنىڭ زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلمىدىكى ئەڭ گۈزەل ئىلمىي ئىنكاسىدۇر.

10. «قەۋمنىڭ رەھبىرى — ئۇلارنىڭ خىزمەتچىسىدۇر». بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئەرەبچە ئەسلى تېكىستى «سَيِّدُ الْقَوْمِ خَادِمُهُمْ» شەكلىدە كېلىدۇ. ئاساسلىق مەنبەلەردىن: تەبەرانى، «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 6-توم، 113-بەت، 5671-ھەدىس؛ دەيلەمى،«مۇسنەدۇلفىردەۋس»، 2-توم، 324-بەتتە ئوخشىمىغان ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنغان.

11. "ھوبىرىس سىندرو مىسى" (Hubris Syndrome) : ئەنگلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى داۋىد ئوۋېن (David Owen) ۋە پىسخىكا ئالىمى جوناتان دەۋىدسون (Jonathan Davidson) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىسخىكىلىق بىر ئۇقۇمدۇر. "ھوبىرىس" قەدىمكى يۇنان تىلىدا «ھەددىدىن زىيادە تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق ۋە خۇدالىق تۇيغۇدا بولۇش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. "سىندروم" رەھبەرلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھوقۇق ئىگىلەپ تۇرۇشى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە ھېچقانداق تەنقىدكە ئۇچرىماسلىقى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى: ئۆزىنىلا مۇتلەق توغرا دەپ قاراش، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ۋە كېڭەش (شۇرا) قىلىشنى رەت قىلىش، رېئاللىقتىن ئۈزۈلۈپ قېلىش ھەمدە ئۆزىنى خەلققە ياكى قانۇنغا ئەمەس، پەقەت تارىخقا ياكى ياراتقۇچىغىلا جاۋابكار دەپ ھېس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نەزەرىيە ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش، شۇراغا تايىنىش ۋە ھېسسىي ئەقىلنى ئىشلىتىش» ئېھتىياجىنىڭ رەھبەرنى پىسخىكىلىق خارابلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر تىزىملىكى

1. "قۇرئان كەرىم" (سۈرە نىسا، 58-ئايەت؛ سۈرە بەقەرە، 30-ئايەت)

2. "سەھىھۇل بۇخارى" (ئامانەت ۋە رەھبەرلىك بابلىرى).

3. "سەھىھۇل مۇسلىم" (ئىمارەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بابى)

4. "ئەبۇ يۈسۈف" (كىتابۇل خىراج) قاھىرە: ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى. (ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى ھەققىدە).

5. "ئىبنى خەلدۇن" (مۇقەددىمە (بېيرۇت: دارۇل فىكر نەشرىياتى. (ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە رەھبەرلىك نەزىرىيەلىرى). 

6. "جەيمس م. بۇرنس"  (James M. Burns) «رەھبەرلىك»  (Leadership 1978- يىلى، نيۇيورك نەشرىياتى. (ئۆزگەرتكۈچى رەھبەرلىك نەزەرىيىسى)

7. "روبرت ك. گرىنلېف"  (Robert K. Greenleaf)، خىزمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان رەھبەرلىك: ھەقىقىي ھوقۇق ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ ماھىيىتىگە سەپەر (Servant Leadership: A Journey into the Nature of Legitimate Power and Greatness 1977- يىلى، نېۋ جېرسى نەشرىياتى.

8. " دانيېل گولمان "  (Daniel Goleman)، ھېسسىي ئەقىل ۋە رەھبەرلىك ماھارىتى: نېمە ئۈچۈن ئۇ IQ دىنمۇ مۇھىم بولالايدۇ (Emotional Intelligence Why It Can Matter More Than IQ 1995- يىلى، نيۇيورك نەشرىياتى.

9. " سايمون سىنېك " (Simon Sinek)، نېمە ئۈچۈن باشلاش: قانداق قىلىپ ئۇلۇغ رەھبەرلەر ھەممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ (Start with Why: How Great Leaders Inspire Everyone to Take Action2009- يىلى، نيۇيورك نەشرىياتى.

10.  " ئابراھام ھ. ماسلو " (Abraham H. Maslow)، «ئىنسان مۇناسىۋەتلەردىكى ئېھتىياجلار نەزەرىيىسى (A Theory of Human Motivation)، «Psychological Review» ژۇرنىلى، 50-سان، 4-قىسىم، 370396-بەتلەر.

11. " داۋىد ئوۋېن " (David Owen) ۋە " جوناتان دىۋىدسون " (Jonathan Davidson)، «تەكەببۇرلۇق: كېيىن پەيدا بولغان بىر شەخسىيەت كېسىلىمۇ؟  (Hubris Syndrome: An Acquired Personality Disorder?)، "Brain" ژۇرنىلى، 132-سان، 5-قىسىم، 13961406-بەتلەر.

12. " روبېرت د. پۇتنام " (Robert D. Putnam)، يالغۇز ئويناش: ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى تۆۋەنلەش ۋە قايتا تىرىلىش (Bowling Alone: The Collapse and Revival of American Community2000- يىلى، نيۇيورك:" Simon & Schuster " نەشرىياتى.

بۇ ماقالىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟

نۆۋەتتىكى باھا قاتنىشىشى: 0 ئاۋاز

×