قىسقىچە مەزمۇنى:

مەزكۇر ماقالىدە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا سىڭىشىشى ۋە يات تىللارنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن دۇچ كېلىۋاتقان ئانا تىلنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەمدە كىملىك كىرىزىسى جەريانى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ياش ئەۋلادلاردا كۆرۈلۈۋاتقان تىل توسالغۇسى، مىللىي تەپەككۇرنىڭ سۇسلىشىشى ۋە ئەدەبىياتنىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىشىدەك مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلىنى ئانا تىل پاناھگاھىغا ئايلاندۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، زامانىۋى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قوللاش ھەمدە رەقەملىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئەمەلىي چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئانا تىلنى پەقەت ئائىلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە رەقەملىك سۇپىلاردا ئاكتىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

باھالىغۇچىلار: دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت، يۈسۈپجان قۇرۇم 

«تىل — مەۋجۇتلۇقنىڭ قورغىنىدۇر.»
 -مارتىن ھېيدېگگېر

كىرىش سۆز

ئانا تىلبىر مىللەتنىڭ تارىخى ئىزلىرىنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، دۇنياغا بولغان ئۆزگىچە قارىشىنى ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي كىملىك كودىدۇر. ئۇ پەقەتلا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئاددىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىدىغان، ئەۋلادلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرىدىغان ھەمدە ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەنىۋى كۆۋرۈكتۇر. تىل بىلەن تەپەككۇر ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىش شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئانا تىلى ئاجىزلاشقان مىللەتنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىمۇ تەبىئىي ھالدا سۇسلىشىدۇ.

بىراق، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا، دەل مۇشۇ قىممەتلىك ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىرسىزلىنىشى ۋە ئىستېمالدىن قېلىشى جىددىي بىر كىملىك كىرىزىسى سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقماقتا. يېڭى مۇھىتقا سىڭىشىش ئېھتىياجى ھەمدە يات تىللارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كەسپىي ساھەلەردىكى ھۆكۈمرانلىقى تۈپەيلى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاپ، ئۆز تىلىمىزنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بۇ خىل ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە، بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىدا «گاچا» بولۇپ قېلىشى، ياشلار ئارىسىدا مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە بولغان تەپەككۇرنىڭ سۇسلىشىشى، شۇنداقلا ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ ۋارىسسىز قېلىشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسىلىلىرىگە دۇچار بولماقتىمىز.

مەزكۇر ماقالىدە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل كىملىك ۋە تىل كىرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى، شۇنداقلا ئانا تىلنىڭ يوقىلىشى بىلەن مەيدانغا كېلىۋاتقان مەنىۋى بوشلۇقلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جىددىي خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىنى ئانا تىل بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، مەھەللە ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىنى كۈچەيتىش، رەقەملىك نەشرىياتتىن پايدىلىنىش، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى زامان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتىگە رەقەملىك دۇنيادا مەڭگۈلۈك تامغا بېسىش قاتارلىق ئەمەلىي ۋە دەۋرگە ماس كېلىدىغان كۆپ مەنبەلىك چارە-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ سىرى دەل مۇشۇ تىلىمىزغا بولغان ساداقىتىمىزدە بولۇپ، ھەممە ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا بۇ كىرىزىسنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىز ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىمىزنىڭ يەنىلا نۇرلۇق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ .

مۇھاجىرەتتىكى كىرىزىس ۋە ئاچچىق رېئاللىق

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىرسىزلىنىشى جىددىي بىر كىرىزىس سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى: ياۋروپا، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ شۇ جەمئىيەتكە تېزرەك سىڭىشىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارنىڭ يەرلىك تىللارغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئائىلە ئىچىدىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا يات تىللاردا سۆزلىشىش خاھىشى كۆپىيىپ، ئانا تىلىمىز ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

نۇرغۇن كىشىلەر ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىشنى ھايات قېلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى دەپ قارىماقتا. گەرچە يەرلىك تىللارغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە پۈتۈن سىستېمىنىڭ يات تىللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىشى دۇنياۋى، ساقلانغىلى بولمايدىغان ۋە راتسىيونال بىر يۈزلىنىش بولسىمۇ، بىز بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشقا تەڭ كۈچىشىمىز كېرەك. تارىختا مائارىپىمىز ساپ ئانا تىلدا بولغان ۋە تىل سەۋەبىدىن ھېچقانداق تەرەققىيات توسالغۇسىغا ئۇچرىمىغان ئىدى، شۇنداقلا زىيالىيلىرىمىز دۇنيانىڭ ئىلغار ئەسەرلىرىنى پاساھەت بىلەن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلالىغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئالاقە ۋە مائارىپ يات تىللارغا بېقىندى بولۇپ، بالىلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىدا «گاچا» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

تىل، تەپەككۇر ۋە ئەدەبىياتنىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىشى

ئانا تىلغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك ياشلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئەدەبىياتىمىزدا ئېغىر بوشلۇق پەيدا قىلدى. تىلدىكى چەكلىمىلىك زېھىندىكى ۋە تەپەككۇردىكى چەكلىمىلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل سەۋىيەسىگە نەزەر سالساق، سۆز بايلىقىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن كۆپىنچە ياشلىرىمىز ئۆز-ئارا چۈشىنىشىشتىمۇ قىينىلىۋاتىدۇ. ئاددىي سۆزلەرنى بىلگىنى بىلەن، كەسپىي ۋە ئىلمىي سۆزلەرگە كەلگەندە يات تىللارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەبجەش بىر تىلدا سۆزلەيدىغان ئەھۋال ئومۇملاشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىك، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى تەپەككۇرى سۇسلاپ قالماقتا. بۇنىڭ تەسىرىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىشقا باشلىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازىيىشى مۇھاجىرەتتىكى ئەدەبىياتىمىزنى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچار قىلدى ھەمدە بەدىئىي ئەسەر يازالايدىغان ئىزباسارلار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالدى. ئەگەر ئانا تىل ئىستېمالدىن قالسا، ئوقۇرمەنسىز قالغان ئەدەبىيات چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ ۋە كەلگۈسىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مىللىي تەپەككۇر زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىز ئىگە بولمىغان، ئاسرىمىغان بۇ تىل ئاستا-ئاستا يېڭى ئەۋلادنى ئۆز مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ساۋاتسىز قىلىپ قويۇش خەۋپىدە تۇرماقتا 

كۆپ مەنبەلىك چارە-تەدبىرلەر ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ رولى

بۇ جىددىي مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بولۇپ تېخىمۇ كونكرېت ۋە كۆپ خىل چارىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئائىلە مەسئۇلىيىتى: ئالدى بىلەن، ئائىلە ساپ ئانا تىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى بولۇشى كېرەك. ئۆي ئىچىدە يات تىلدا سۆزلىشىشنى چەكلەپ، پەرزەنتلەر بىلەن پەقەت ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشنى ئادەت قىلىش مۇھىم. ھەربىر شەخس كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى قوللىنىشقا تىرىشىشى، يات تىللاردىكى سۆزلەرنى ئورۇنسىز قىستۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

زىيالىيلارنىڭ رولى: ۋەتەن سىرىتىدىكى ئۇيغۇرچە مائارىپتا ئوقۇپ چىققان بارلىق زىيالىيلار ئۆز كەسىپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ياكى ئاممىباب ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ تۇرۇشىئانا تىلىمىزنىڭ ئاكادېمىك سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشى ۋە ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش: ھازىرقى زامان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق ۋە توغرا تونۇپ يېتەلىشى ئۈچۈن، ئانا تىلدا ئۆلچەملىك يېزىلغان نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى، ماقالىلەرنى ۋە ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك ئاۋازلارنى چوڭ سانلىق مەلۇماتقا (Big Data) تونۇتۇش لازىم. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، قىياپىتى، تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك ماتېرىياللار بىلەن سۈنئىي ئەقىلنى مەشىقلەندۈرۈش كېرەك.

رەقەملىك ماتېرىياللارنى بەرپا قىلىش: ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك فىلىملەرنى، تەرجىمە فىلىملەرنى رەتلەپ چىقىپ سۈنئىي ئەقىلگە ئۆگىتىش؛ ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر سەنئىتى، ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئۇيغۇر لەتىپىلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا ۋە گىرامماتىكا قائىدىلىرى قاتارلىقلارنى سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا سىستېمىلىق كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىلغار چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز زۆرۈر.

ئىجتىمائىي قوللاش: ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش، مەھەللە پائالىيەتلىرىدە ئۆز-ئارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى نازارەت قىلىپ، يۇمشاق شەكىلدە تەۋسىيەلەر بېرىشمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا ئېلېكترونلۇق كىتابلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە تېلېفون ئەپلىرىنى كۆپلەپ لايىھەلەپ بازارغا سېلىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىقارلىق ئانا تىل مەزمۇنلىرىنى تارقىتىش ۋە مۇھاجىرەتتە يېزىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ كىتابلىرىنى سېتىۋېلىش، ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلارغا مەدەت بېرىش دەۋر تەقەززاسىدۇر.

ئاخىرقى سۆز

گەرچە بىز يۈزلىنىۋاتقان مۇھاجىرەت شارائىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۈمىدنى ئۈزمەيدىغان، قەلبىدە مىللىي غۇرۇر ۋە ئانا تىل مۇھەببىتى يانغان نۇرغۇنلىغان پىدائىيلارنىڭ خىزمىتى بىزگە زور ئۈمىد بېغىشلىماقتا. نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم پىدائىيلار، ئۆزگىچە ئىدىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياش تەشكىلاتلار ھەرخىل ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنى ئېچىش، كەڭ دائىرىلىك رەقەملىك كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇش، شۇنداقلا يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان تىل ئۆگىنىش ئەپلىرى ۋە كارتونلارنى لايىھەلەش ئارقىلىق، ئانا تىلنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك ۋە ئاكتىپ نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. بۇ خىل تىرىشچانلىقلار ياشلىرىمىزغا كۈچلۈك ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى قايتا ئويغاتماقتا

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئانا تىلىمىز پەقەت ئائىلىۋى سۆھبەتلەر ۋە كۈندىلىك ئالاقە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىلمىي تەتقىقات، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات ۋە زامانىۋى رەقەملىك سۇپىلاردىمۇ جۇش ئۇرۇپ ياشىشى شەرت. تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىز ئۇنى قانچىلىك كۆپ ساھەدە ئىشلەتسەك، تىلىمىز شۇنچىلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ مەخپىيىتى ۋە كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتىدەل بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا بولغان قەتئىي ساداقىتىمىز ۋە ھەر بىر تەقدىرداشنىڭ بۇ مۇقەددەس يولدا كۆرسەتكەن ئورتاق تىرىشچانلىقىدىدۇر. كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز بولغان ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇقىمىزدەك ئاسراش ۋە ئۇنى رەقەملىك ئەسىرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ مىللىي بۇرچىدۇر. بىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئانا تىلىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەدە قوغداپ قالالىساقلا، مىللىتىمىزنىڭ روھى ھەرگىز ئۆلمەيدۇ؛ ئەكسىچە، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قەدەم باسىدۇ.