بۇ ماقالە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرى، رايون خاراكتېرلىك قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدۇ. ئاپتور ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىت، دىنىي ئېتىقاد ۋە سىياسىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن خاسلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھازىرقى دەۋردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىش رېئاللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاخىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ مىراسنى قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش جەھەتتە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ.
باھالىغۇچىلار: ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر، سەلىمە ھەلىم
« كىمنىڭ ئالتۇن كۈمۈشى بولسا، ئۆي جاي سالار.»
- تۈركى تىللار دىۋانى 3.توم 345-بەت
ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى مول مەدەنىيەت ۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي مىللەت. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا دۇنيا خەلقى بىلەن بىللە كۈرەش قىلىپ تۈرلۈك - تۈمەن ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى، جۈملىدىن ئىلىم - پەن، ھۈنەر - سەنئەت ساھەسىدە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ پارلاق مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىشقا ئۆزىگە مۇناسىپ شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان. بىر ئەل ۋە شەھەردىكى مەدەنىيەت ئاۋۋال شۇ يەردىكى بىناكارلىقتا ئىپادىلىنىپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىز مەيلى نەگە بارايلى ئەڭ ئاۋۋال شۇ يەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىمارەتلىرى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ھەر بىر شەھەرنىڭ سىمۋوللۇق بىنا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتلەرنى قالدۇرىمىز. بىر رەسىمگە قاراپ قايسى دۆلەت، قايسى شەھەر ئىكەنلىكنى پەرق قىلالايمىز. ئۇنداقتا بىناكارلىق قانداق ئىلىم؟
بىناكارلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزگە پارس تىلىدىكى تامچى،قۇرۇلۇش ئۇستىسى،بىنا قىلغۇچى،ياسىغۇچى دېگەن مەنىدىكى « بىناكار» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، بىناكارلىق - كەسپى لايىھە ۋە قۇرۇلۇشنىڭ بىر پۈتۈن جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بىناكارلىق ئىلىمى ناھايىتى كەڭ مەناغا ئىگە بولۇپ، ئىشلىتىش ئورنى جەھەتتىن ئولتۇراق ئۆي بىناكارلىقى، جامائەت سورۇنلىرى بىناكارلىقى، شەھەر قۇرۇلۇش بىناكارلىقى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بىناكارلىق مەدەنىيىتى، بىناكارلىق سەنئىتى، بىناكارلىق تېخنىكىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تارماق پەنگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىناكارلىقنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز:
بىناكارلىق مەدەنىيىتى: ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنى كەڭ، يەرلىرى مۇنبەت، تەبىئىي بايلىقى مول، ئۇزاق تارىخىي ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ مۇنبەت زېمىندا ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، چوڭقۇر ئىزدىنىپ، جاپالىق ئەمگەك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ياراتقان ئىلىم - پەن ۋە ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىكى قىممەتلىك تەجرىبە - ئۆرنەكلىرىنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ كەلدى. ئاشۇ قىممەتلىك مىراسلارنىڭ بىرسى ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق يىللىق تارىخقا، مول مەزمۇنغا، ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا، خاس مىللىي شەكىلگە، ئەنئەنىۋىي قۇرۇلما ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى ھېسابلىنىدىغان بىناكارلىق مەدەنىيىتى شۇ خەلقنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتلىرى، سىياسىي ۋەزىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ياشاش پەلسەپىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىكى كۈندىلىك پائالىيەتلىرى، مائارىپ سەۋىيەسى، كىشىلىك قىممەت قاراشلىرى، مۇئەييەن تارىخىي دەۋرلەردىكى روھىي ھالىتى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئېستېتىكىلىق ئۆلچەملىرى، تېخنىكا دەرىجىسى، مەدەنىيەت - سەنئىتى، ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بىناكارلىق سەنئىتى: ئەمەلىي ئىستېمال قىممىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىستېمال قىممىتى بىلەن ئېستېتىك قىممەتنىڭ بىردەك بولۇشى دېمەكتۇر. ئۇ ئىمارەت توپلىرىنى تەشكىللەش، ئىمارەتنىڭ شەكلى، تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئالدى كۆرۈنۈشى، سىترولۇق ئۈنۈم كۆرۈنۈشى، قۇرۇلما تۈزۈلۈشى، ئىچكى ۋە تاشقى بوشلۇقنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، بېزەكچىلىك، رەڭ ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلىشىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. بىناكارلىق سەنئىتى بەدىئىي ئوبراز سەنئىتى بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئاساسنى ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئالاھىدە سەنئەتتۇر.
ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆك، يېشىل، ئاق، قوڭۇر قاتارلىق رەڭلەر گۈمبەز ۋە مۇنارلاردىكى، تۈۋرۈك ۋە لىملاردىكى، پېشايۋان ۋە مىھراپلاردىكى ھەر خىل نۇسخىدىكى شەكىل ۋە نەقىشلەر بىلەن بىرىكىپ كىشىگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.
ئۇيغۇر تۇرالغۇلىرى يالغۇز بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىلا بىزگە قىممەتلىك مىراس بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ جۇغلانمىسى،پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى ۋە ئادىمىيلىك پىرىنسىپلىرىنىڭ كۆزنىكىدۇر. بۇ ئۆيلەردە ئېتىقاد ،غۇرۇر، كىملىك ئەقىدىسى ساقلانغان بولۇپ مەدەنىيەت ۋە روھىيەتتىكى بايلىقلىرىمىز جەۋلان قىلىپ تۇرىدۇ.
بىناكارلىق تېخنىكىسى: بىنانى لايىھەلەش ۋە ئەمەلى قۇرۇلۇش قىلىشتىن تارتىپ مەشغۇلات ۋە ئاسراشقا قەدەر بولغان بىنانىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىدە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر، قۇرۇلۇش ئۇسۇلى، ماتېرىيال ئىلىمى، ئۈسكۈنىلەر سىستېمىسى ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر بىناكارلىق تېخنىكىسى روشەن رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتىن ياغاچ توپا قۇرۇلمىلىق بولۇش، بوشلۇق جەھەتتىن يېپىق ھويلا، ئايۋان سارايلىق بولۇشتىن باشقا، نەپىس ۋە رەڭدار بولغان ياغاچ ئويما ،خىش ئويما،گەج بېزەك، تەكچىلەردە ئىپادىلەنگەن بېزەكچىلىك ھۈنەر سەنئىتىدىمۇ بۇ خاسلىقى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدەك داڭلىق مېمارچىلىق ئەسەرلىرىمىزنىڭ بولغانلىقى ھەر خىل گېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار، خارابىلەر، «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىگ»،« تارىخى ھەمىدىيە» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىمىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىي يازمىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەت بولسىمۇ، بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە مۇكەممەل ساقلانغانلىرى بەك ئاز، چۈنكى بۇ ماتېرىياللار يەرلىك شارائىتلارنى ئاساس قىلغان مۇھىتقا ماسلاشقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ يامغۇر ۋە باشقا ناچار ھاۋا شارائىتلىرىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇشتەك كەمچىلىكى مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن ياخشى ئاسراشقا ئېرىشەلمىگەن.
ياۋروپا ۋە تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشلىرى بولسا تاش ماتېرىياللارنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ناچار ھاۋا شارائىتلىرىدىمۇ تېخىمۇ پارقىراپ جۇلالىنىپ تۇرالىغان.
ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى، مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتى بىرخىل جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان قېلىپلاشقان تۇرمۇش ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر قايسى رايونلاردا ئوخشىمايدىغان خاسلىقلارغا ئىگە.
ۋەتىنىمىزدىكى ھەر قايسى رايونلار ئۆزىنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى بويىچە مۇستەقىل ئۆي ياكى كوللېكتىپ ئولتۇراق بىنا شەكلىدە تەرەققىي قىلغان ۋە باشقا بىناكارلىق ئەندىزىلىرىمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىپ قېلىپلاشقان. ئۆرنەك سۈپىتىدە 1-رەسىمدە ۋەتىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، غۇلجا ۋە تۇرپان ئۆيلىرى كۆرسىتىلدى.
بۇرۇنقى تۈركىي قەبىلىلەرگە ئورتاق بولغان چېدىرلار، ۋەتىنىمىزدىكى قورۇ تاملىق، ھويلىلىق مۇستەقىل ئۆيلەر ۋە شەھەرلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان قەۋەتلىك بىنا ئۆيلەر بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتى ھەر قايسى رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، يەر شەكلى، سۇ ۋە بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى، ھاۋا كىلىماتى، ھۆل - يېغىن مىقدارى، تېمپېراتۇرا پەرقى ۋە يەرلىك تەبىئىي شارائىتتا شەكىللەنگەن بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت.
مەسىلەن: ۋەتىنىمىزدىن مىسال ئالساق، غۇلجىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى قېلىن سوقما تاملىق ياكى خىش - كېسەك تاملىق قىلىپ قوپۇرۇلىدۇ. ئۆگزىسى يانتۇلۇققا ئىگە، پۇختا ۋە قېلىن يېپىلىدۇ. ئىشىك - دېرىزىلىرى ھىم قاپقاقلىق ياسىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىش پەسىلدىكى سوغۇق ھاۋا ۋە ياز پەسىلدىكى يامغۇرلۇق ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تۇرپاننى مىسالغا ئالساق، يازدا قۇرغاق ئىسسىق، قىشتا ئىللىق ھاۋا شارائىتىغا ماسلاشقان كېمىر ئۆي، گەمە ئۆيلەر سېلىنىدۇ. كارىز مەدەنىيىتى ھەم بۇ كىلىماتنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان ۋەتىنىمىزنىڭ داڭلىق ئۈزۈم ماكانى بولغاچقا، ئۈزۈملەرنى قۇرۇتىدىغان چۈنچىلەرمۇ تۇرپان بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە خاسلىق شەكىللەندۈرگەن.
قەشقەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۆمۈچۈك تورىدەك بىر - بىرىگە تۇتىشىپ گىرەلىشىپ كەتكەن كوچا - مەھەللىلىرى، بۇ سىرلىق كوچىلاردىكى چوڭ - كىچىك، ئۇزۇنچاق ۋە كاكۇل گەج - كېسەك، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ھەرە كۆنىكىدەك زىچ، بىر- بىرىگە چاپلاشتۇرۇپ، مىنگەشتۈرۈپ، گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان سانجاق - سانجاق ئۆي ئىمارەتلەرگە قاراپ ئاجايىپ سىرلىق دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك تەسىراتلارغا چۆمىمىز. ئۈستى يېپىق ۋە ئوچۇق كوچىلاردا، ئەسىرلەردىن بۇيان غەرب - شەرق سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلغان قايناق بازارلارىدىن ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ كارامىتىنى ھېس قىلالايمىز.
خوتەننى ئېلىپ ئېيتساق، مۆتىدىل قۇرغاق ھاۋاغا ماسلاشقان ھالدا تېمى شاخ - قومۇش، بادىرلار بىلەن چىتلاپ ياسىلىدۇ. پۈتۈن ئۆي ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ ئايۋان سارايلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئۆگزىسىنى تۈۋرۈككە مىندۈرۈلگەن لىم كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تام ۋە ئۆگزىسى نېپىز، ئەمما پۇختا ياسىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ،بۇ ھەر جاينىڭ ئۆزىگە خاس بىناكارلىق تىلى ۋە ئۇسلۇبى بار دېمەكتۇر.
ئومۇمەن، خەلقىمىزنىڭ قورۇ - جاي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھويلا -ئاراملىق، باغ - ۋارانلىق، پېشايۋان - سۇپىلىق، دەھلىز - دالانلىق، ئايۋان سارايلىق، كۆپ خانىلىق، ئەۋرەز - قازناقلىق، تۆر - پەگاھلىق، تەكچە - مىھرابلىق، ۋاسىجۇپ - ۋاسا دەميانلىق، لىم - ناۋالىق، ئەگمە ئىشىك - دېرىزىلىك، كۆركەم نەقىشلىك، سوقما تاملىق، سىلىق - چۇۋاقلىق، ئېغىل - قوتانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ئۇسلۇبلارنىڭ شەكىللىنىشىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت، ئىقلىم - كىلىمات، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتەك ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا يەنە شۇ خەلقنىڭ گۈزەللىك قارىشى، تەبىئەت ۋە ئالەم چۈشەنچىلىرى، مىللىي سەنئەت ماھارەتلىرى ئىستىخىيلىك بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
1 – رەسىم:ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى رايون ئالاھىدىلىكى بويىچە ياسالغان مۇستەقىل ئۆي كۆرۈنۈشلىرى. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە: تۇرپان ئۆيى، سول تەرەپ ئۈستىدە: قەشقەر ئۆيى، ئوڭ تەرەپ ئاستىدا :خوتەن ئۆيى، سول تەرەپ ئاستىدا: غۇلجا ئۆيى
ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتى زور دەرىجىدە كىشىلەر ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
ئۇيغۇر تارىخىدا بۇددا دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىناكارلىققا كۆرسەتكەن تەسىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 -، 4 - ئەسىرلەردە بۇددا دىنى ۋەتىنىمىزگە كەڭ تارقالغان. ۋەتىنىمىز تەۋەسىدە ساقلىنىپ قالغان مىرەن قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت ئىزنالىرى، مىڭئۆي بۇددا مۇنارلىرىنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىش ئۇسلۇبى، نەقىش بېزەكلىرى ۋە ئىشلەتكەن ماتېرىياللىرىدىن بۇددىزم دەۋرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئارخىتېكتورلۇق،ماتېرىيالچىلىق، كاھىشلىق، ھەيكەلتىراشلىق ، رەسساملىق جەھەتلەردە خېلى كامالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ (2- رەسىم). ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بولسا، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەسچىت، مەدرىس، مازار بىناكارلىق سەنئىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
2 – رەسىم: كۇچادىكى قىزىل مىڭئۆي
4. ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خانلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان.
ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشى ئۈچۈن مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت، مۇستەھكەم ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئىلىم - پەن قوشۇنى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرلار تارىختا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى، يەكەن خانلىقى قاتارلىق خانلىقلارنى ۋە سۇلالىلەرنى قۇرغان. بۇ خانلىقلار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياجلار بىلەن ئۆز تېررىتورىيەسىدە سېپىل قۇرۇلۇشى، شەھەر قۇرۇلۇشى، ئوردا - ساراي قۇرۇلۇشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تارىخى تەرەققىيات باسقۇچىنى تۆۋەندىكىدەك ئاددىي شەكىلدە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
① ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (744-845) دەۋرى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخىدا خېلى يۇقىرى شەھەر مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ دەۋردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن ياغاچ قۇرۇلمىلىق، مەھەللىلىك، مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا يۈزلەنگەن. كېيىنچە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بايبالىق، ئوردۇبالىق، قاتۇنبالىق (ھەربىي بازا) قاتارلىق شەھەرلەر بىنا قىلىنغان.
② ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (866-1351) يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان قەدىمىي شەھەر ئىدىقۇت ئۇزاق يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى. مىلادى 8 - ئەسىرلەردە قۇرۇلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بۇ زېمىندا ئىلگىرى ياشاپ، مەدەنىيەت يارىتىپ كەلگەن قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىناكارلىق ئەنئەنىسىگە مۇناسىپ ھالدا كېمىر، گەمە، يېرىم گەمە، گۈمبەز تورۇسلۇق ئىمارەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەنە سېپىلچىلىق، سۇۋاقچىلىق، كاھىشچىلىق، سىرچىلىق، گەجخاچىلىق، كېسەكچىلىك، بېزەكچىلىك ئىش تۈرلىرى تەرەققىي قىلغان. قاڭداپ ياسالغان ئۆي - ئىمارەت تاملىرى، كېسەك ياكى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان. كاكۇلدا قوپۇرۇلغان تۇرالغۇ ۋە گۈمبەز، مۇنار تەكچىلىرى، سوقما تام خارابىلىرى ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. قۇرۇلما جەھەتتىن، ياغاچ - توپا قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ھويلىلىق قۇرۇلۇش شەكلى تەرەققىي قىلغان.
يارغول،قوچۇ (ئىدىقۇت)، بەشبالىق، كۈسەن، بارچۇق قاتارلىق قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. مىڭئۆي بىناكارلىق سەنئىتى ۋە بۇددا ئىبادەتخانا مۇنارلىرى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە كۆز چاقنىتىپ تۇرىدۇ.
③ قاراخانىيلار سۇلالىسى (840-1212) دەۋرىدە شەھەر مەدەنىيىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار كۆپلىگەن تەرەپلەردىن ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى ۋە ھۈنەر - سەنئەت ئەنئەنىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا ماسلاشتۇرغان. يەنى بۇتخانىلار چېقىلىپ مەسجىدلەرگە، بۇددا مۇنارلىرى چېقىلىپ مەنزىرە، خاتىرە ۋە ئەزان مۇنارلىرىغا، بۇت تەكچىلىرى چېقىلىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تىزىدىغان تەكچە ۋە مىھرابلارغا، بۇددىزم دەۋرىدىكى ياپىلاق، كۆپ بوغۇملۇق قۇببىلار يۇمىلاق، ئاز بوغۇملۇق قۇببىلارغا ئۆزگەرتىلگەن. چوققىسىغا ھىلال ئاي يۇلتۇز شەكىللىرى ئورنىتىلغان. خىش - كاھىشلىق ئۇسلۇب تەرەققىي قىلىپ، گۈمبەزلەر كاھىش بىلەن پەردازلىنىدىغان بولغان. ئەينەك، سىر، يىلىم ئومۇملىشىپ بىنالارنىڭ ھەشەمەتلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىنىپلا قالماستىن، نەقىش - بېزەكلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن. بىناكارلىق نەقىشلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىنىپ، نۇسخىسى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈلگەن. ئىمارەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا چوقۇم بىر تەرەپتىكى تامنى قىبلىگە قارىتىش ۋە مىھراب چىقىرىش ئومۇملاشقان. ھويلىلىق قۇرۇلۇش شەكلى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئەۋرەز يوللىرى ئىسسىتما ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان تۈڭلۈكتىن باشقا ئەينەكلىك دېرىزىلەر ئومۇملاشقان.
شەھەرلەر سېپىل بىلەن قورشالغان بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرى ۋە رەستىلەر تەرەققىي قىلغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدا خىش، كاھىش، گۈللۈك خىش ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كۆلەملەشكەن. ئومۇمەن، ھازىرقى مىللىي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئاساسىدىكى ئىسلام دىنى تۈسىگە ئىگە ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئاساسەن شەكىللەنگەن.
بۇ دەۋردە شەھەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا مەسچىتلەر، مەدرىسەلەر، ساراي ۋە رەستىلەر، ئارامگاھلار بىنا قىلىنغان. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە قەشقەردە بىنا قىلىنغان «ساجىيە مەدرىسى»، «مەھمۇدىيە مەدرىسى»، «ھەمىدىيە مەدرىسى» قاتارلىق داڭلىق مەدرىسەلەرنى ، يەركەندىكى «ئىھساق جارۇپ مەسچىتى» نى ، بۇخارادىكى 50 مېتىر ئېگىزلىكتىكى «ئارسىلانخان مۇنارى»، «نامازگاھ مەسچىتى» قاتارلىق مەسچىتلەرنى، سەمەرقەنتتىكى «قەشقەر دەرۋازىسى»، قەشقەردىكى «توققۇزاق دەرۋازىسى» قاتارلىق دەرۋازىلارنى ساناش مۇمكىن.
بۇ دەۋرىدە قەشقەردە"گۈمبەزەتۇل خاقانىيە"ناملىق خانلار قەبرىستانلىقى بولغاندىن سىرت تېكىن مازىرى،مەھمۇت قەشقەرى مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى،قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ئىماملىرىم مازىرى(بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوپالدا) قاتارلىق مازارلار بىنا قىلىنغان.
ئوردۇ كەنت (قەشقەر)، بالاساغۇن، ئۇدۇن، سەمەرقەنت، ئىلىبالىق قاتارلىق پايتەخت ۋە شەھەرلەر يۈكسەك شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئارخىتېكتورىمىز ئەختەرىدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ بېيجىڭدىكى خان سارىيىنى ئۆزى لايىھەلەپ، ئۆزى قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
④ يەكەن خانلىقى (1514-1678) دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ۋە مۇقىم بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، قول - ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرى مىسلىسىز تەرەققىي قىلغان. تەكچە، ئەينەكلىك دېرىزە، بالىخانا، شىپاڭ، پېشايۋان، باغ - ھويلا، يازلىق چايخانا، ئېغىل - قوتان قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان باغ - ۋارانلىق تۇرالغۇ ئۆيلەر ئومۇملاشقان.
ئەڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش خانلىق ئوردا بولۇپ «مىرزا ھەيدەر مەدرىسى»، «خانلىق مەدرىس»، «ۋەلىيە مەدرىسى»، «ساقىيە مەدرىسى»، «رەشىدىيە مەدرىسى»، «يېشىل مەدرىس» لەرنى، مەسچىتلەردىن «ئالتۇن مەسچىت»، «يەكەن جامەسى»، «ئازنا مەسچىت» لەرنى، مازارلاردىن «ئالتۇنلۇق» نى، قەلئە - قورغانلاردىن «يېڭىسار قەلئەسى» نى ۋەكىل قىلىپ ساناش مۇمكىن.
مەركىزى شەھەر يەكەننىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئالتۇن دەرۋازا يېنىغا سېلىنغان ئالتۇنلۇق مازىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى بىلەن يەكەن جامىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا سېلىنغان ئۈچ مەدرىسنىڭ سەلتەنەت مۇنارى گۈمبەزلىرى، راۋاقلار، پەشتاقلار ماسلىشىپ شەھەرگە ھەيۋەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك تۈس كىرگۈزگەن. خانلىق بويىچە توققۇز چوڭ شەھەر، 36 دەرۋازا بولغان.
ئومۇمەن، يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى تىپىك قۇرۇلۇشلار توپا -ياغاچ قۇرۇلمىلىق، تۈز تورۇسلۇق ۋە خىش قۇرۇلمىلىق، گۈمبەز تورۇسلۇق ئىككى خىل قۇرۇلما شەكىلگە ئىگە بولۇپ، بىناكارلار نىسبەتەن چوڭ تىپتىكى ئىمارەتلەرنى ياسىغاندا پۈتۈن ئىمارەتنىڭ پۇختىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياغاچ تارتما لىم ۋە ياغاچ تۈۋرۈكلەرنى تام ئارىسىغا ئېلىپ قۇرۇلمىنى پۇختىلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان. چاسا لىملىق تورۇسلارمۇ ياغاچتىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ياغاچچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتىن ئالغاندا ياغاچچىلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق بىرلەشتۈرۈلگەن. جەگىلەرنى 45 ۋە 90 گىرادۇسلۇق قىلىپ قاتمۇ - قات باستۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق بوشلۇق ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. كاھىش، ياغاچ ئويما نەقىش، گەج ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش، رەڭلىك سىزما نەقىش، ھۆسنخەت قىلىپ يېزىلغان قۇرئان ئايەتلىرى بېزەكتە كۆپ قوللىنىلغان. يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە سوپىزم، تەركىدۇنيالىق باش كۆتۈرگەن بولغاچقا بىناكارلىق بىر ئىزىدا توختاپ قالغان. 3 -رەسىمدە ۋەتىمىزنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خانلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان مازار كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى.
3 – رەسىم: ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خانلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان مەقبەرە كۆرۈنۈشلىرى. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە: ئوپالدىكى مەھمۇت قەشقەرى مازىرى، سول تەرەپ ئۈستىدە: ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، ئوڭ تەرەپ ئاستىدا :ئاماننىساخان مەقبەرىسى، سول تەرەپ ئاستىدا: يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى
⑤ ياقۇپ بەگ ۋە كېيىنكى مۇنقەرزلىك دەۋرى
ياقۇپ بەگ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالغاندا، زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ دەۋردە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرى رەتلەنگەن ۋە كۆلەملەشكەن. بازار - رەستىلەر، قول - ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك مۇلازىمەت ئورۇنلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ، شەھەر قىياپىتى يېڭىلانغان. بۇنىڭ بىلەن شەھەر ئاھالىسىمۇ تېزدىن كۆپەيگەن. مۇشۇ مەزگىلدە ھېيتگاھ مەسچىتى شەھەر ئوتتۇرىسىغا ئېلىنىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان مەركىزىي ئورۇنغا ئايلانغان ۋە «ھېيتگاھ جامەسى» دەپ ئاتالغان. شەھەر سېپىل ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ تۆت دەرۋازا قويۇلغان.
ياقۇپ بەگ يەنە «ئاپاق غوجا مازىرى»، يەكەندىكى «چىلتەن مازار»، خوتەندىكى «قوچقار ئاتام مازىرى» قاتارلىق مازارلارنى كېڭەيتكەن ۋە رېمونت قىلدۇرغان. خوتەن ھاكىمى نىياز ھەكىم بەگكە بۇيرۇپ «جامە مەسچىت» نى سالدۇرغان. نىياز ھەكىم بەگ يەنە باغ - ۋارانلىق «جىكەتلىق ئوردا» نى ياساتقان. يەنە پىچاندىكى «لۈكچۈن دۆلەتباغ» بىنا قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن، خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى سىڭىپ كىرىش بىلەن غۇلجىدىكى« سۇلتان ئۈۋەيىسخان مازىرى»، ئۈرۈمچىدىكى «تاتار مەسجىدى»(ياڭخاڭ مەسچىت)، قۇمۇلدىكى «شاھ مەخسۇت ۋاڭ مازىرى» قاتارلىقلار ياسالغان ( 4 – رەسىم).
بۇ دەۋردە بىناكارلىقتا خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق ئۇسلۇبى بولغان راۋاق شەكلى بەزى ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلاردا قوللىنىلغان، شەھەرنى سېپىلغا ئېلىش، قورغان - قەلئە بىنا قىلىش ئەۋج ئالغان. ھويلا - ئاراملىق قۇرۇلۇشلارنىڭ قورۇ – تاملىرى، دەرۋازىلىرى پۇختا ۋە ئېگىز ياسىلىدىغان بولغان. دۇكان سارايلار، رەستە - مەيدانلار كۆلەملەشكەن مازار مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنغان. ئىمارەتنىڭ يۈزىگە چاسا شەكىللىك تەكچە، ئىچىگە پېتىنقى ھالەتتىكى مېھرابچە شەكىللەرنى چۈشۈرۈش، خىش تىزما نەقىشلەرنى مۇنارلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، ئىمارەتنىڭ سىرتقى يۈزىگە رەڭلىك كاھىش چاپلاش قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان.
4 – رەسىم: ياقۇپ بەگ ۋە كېيىنكى مۇنقەرزلىك دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بىناكارلىق كۆرۈنۈشلىرى. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە: تۇرباندىكى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، سول تەرەپ ئۈستىدە: قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى، ئوڭ تەرەپ ئاستىدا :ئاباق خوجا مازىرى، سول تەرەپ ئاستىدا: قۇمۇلدىكى شاھ مەخسۇت مازىرى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بولسا رۇسىيە بىناكارلىقىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن سېلىنغان 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا ئىش بېجىرىش ئورنى (1933- يىلى)، ئۈرۈمچى ئۇن زاۋۇتى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسى، ئاق مەسچىت (1924- يىلى)، دۆڭكۆۋرۈك مەسجىدى(1929- يىلى) قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئۈرۈمچىدىكى ئەينى دەۋردىن قالغان تىپىك قۇرۇلۇشلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن خەنزۇ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە ياۋروپا بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئارىلاش قوللىنىلغان.
1935 - يىلى غۇلجا شەھەر رايون خەرىتىسى ئىشلەنگەن. رۇسىيە بىلەن غۇلجىنىڭ ھاۋا كىلىماتىدىكى ئوخشاشلىق — بىناكارلىق قۇرۇلمىسىدا ئۆگزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، ئىشىك لەمپىسى، دېرىزە قاپقىقى ۋە قار- يامغۇر سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. كۆك رەڭلىك ئىمارەت تاملىرىغا قېنىق بېزەك - نەقىشلەر قوشۇلۇپ روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ۋە قويۇق رەڭلىك پۇراققا ئىگە بىناكارلىق ئۇسلۇبى شەكىللەنگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەدەنىيەت مەركىزى بىناسى، خەيرىيەت مەكتەپ بىناسى، ئۆزبېك مەسچىتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا بۇ ئالاھىدىلىك روشەن ئەكس ئەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا گۇما ناھىيەسىنىڭ ئاۋات دېگەن يېرىدىكى تۇردى ھاجىم ھويلىسى 1924 - يىلى ياسالغان بولۇپ خوتەننىڭ ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرىنى ساقلاپ قالغان.
1940 - يىلى بۆرتالا مەسچىت مۇنارى ياسالغان بولۇپ، ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلىك بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
1949 - يىلدىن كېيىنكى بىناكارلىقىنى تىلغا ئالساق، 1953 - يىلى سېمونت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئەنئەنىۋىي بىناكارلىقىنى تېخىمۇ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن بولدى.
1953 - يىلى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» بىناسى ياسالدى (5- رەسىم سول تەرەپ ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن بۇ بىنا 2000 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا چېقىۋېتىلدى).
1956 - يىلى ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق ئەندىزىسىنى ياراتقان» خەلق تىياتىرى» بىناسى ياساپ پۈتتۈرۈلدى.
ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى قالايمىقانچىلىقتا نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ئېسىل نەمۇنە مىراسلىرىمىز «كونا» دەپ قارىلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بولغان راۋاق، سەرەڭگە قېپى شەكىلدىكى بىنالار كۆپلەپ سېلىنىپ، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى بىناكارلىقتا گەۋدىلىك ئىپادە قىلىندى.
1977 - يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتى» دا بىناكارلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلدى.
1982 - يىلى ئۈرۈمچىدە قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە «مىللىي شىپاخانا» بىناسى پۈتۈپ چىقتى.
1983 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچىدە «ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيى» بىناسى مىللىي ئۇسلۇبتا كۆركەم قىلىپ ياسالدى.
2003 - يىلى 6 - ئايدا سىمۋول ۋە ساياھەت ئۈچۈن «خەلقئارا چوڭ بازار» پۈتۈپ چىقتى.
5 – رەسىم: 50- يىللاردىن 2000 – يىللارغىچە بولغان مۇنقەرزلىك دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بىناكارلىق كۆرۈنۈشلىرى. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە: خەلقئارا چوڭ بازار، سول تەرەپ ئۈستىدە: ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئوڭ تەرەپ ئاستىدا :خانتەڭرى جامەسى، سول تەرەپ ئاستىدا: خەلق تىياتىرخانىسى
ئومۇملاشتۇرغاندا، 80 - يىللاردىن كېيىن ۋەتىنىمىزدە بىرئاز ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ بىناكارلىق مەھكىمىلىرى قۇرۇلغان، ئۇيغۇر بىناكارلار يېتىشىپ چىقىپ مىللىي يوسۇندا لايىھەلەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق ئاساسەن ئىچ مىمارلىقتا ئىپادىسىنى تاپقان . بىر قىسىم پۇل تاپقان ئۇيغۇر بايلىرى تېز تاماقخانا، رېستوران ، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ياۋروپاچە ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەپ ئەنئەنىۋىي ئىچ مىمارلىقىمىزنىڭ جۇلالىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ماددىي يول ئاچقان بولسا، ھاكىمىيەتنىڭ يەكلىشى، كەمسىتىشلەرگە ۋە سىياسىي بېسىملارغا قارىماي بۇ لايىھەلەش مەھكىمىلىرىدىكى ساناقلىق ۋەتەنسۆيەر، مىللەتپەرۋەر رەھبەرلىرىمىز ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار قولىدىن كېلىدىغان ئازغىنە ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ تالانتلىق ئۇيغۇر مېمار ، بىناكار ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. تىرىشچانلىققا يارىشا نۇرغۇن ياشلار ئىش ئورۇنلىرىدا ۋە بىناكارلىق ساھەسىدە ئۇيغۇر مېمارلىقىنىڭ جۇلاسىنى چاقنىتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرگە ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ قانچىسى تۈرمە لاگېرلاردا ئۇيغۇرلۇقنىڭ، ئۆزى تىكلىگەن مەدەنىيەت ئابىدىلىرىنىڭ بەدىلىنى جانلىرى بىلەن ئۆتەۋاتىدۇ؟! ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
ئۇلار يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ لايىھەلىگەن نۇرغۇن مەسچىتلەر، ئۇزاق تارىختىن بېرى نامسىز ئۇستىلار تەرىپىدىن لايىھەلىنىپ بىزگە مىراس قىلىنغان تارىخىي يادىكار ئىمارەتلىرىمىز چېقىلىپ، مازارلار تۈزلىنىپ، ئاتا - ئانىلىرىمىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ سالغان قورۇ - جايلىرىمىز، كوچا - مەھەللىلىرىمىز ۋەيران قىلىنماقتا. ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچى بەھرام سىنتاشنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 30% يەنى، تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا مەسچىت پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. % 80 مەسچىتنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلار، شۇنداقلا باشقا ئىسلامىي ئېلېمېنتلار ئېلىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 800 يىللىق تارىخقا ئىگە خوتەن كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى،466 يىللىق تارىخقا ئىگە قاغىلىق جامەسى، ئاقسۇ شەھرىدىكى رەستە جامەسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئۇلار يەنە مەھەللىلىرىمىزنى ۋە مەھرىمىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى ھاياتىمىزنىڭ ھۇزۇرى بولغان ئۆي ئىچى مىمارى ئېلمىنىتلىرىمىزنىمۇ يوق قىلماقتا . تارىخقا مەدەنىيەتكە ھۆرمەت تۇيغۇسى كەمچىل بولغان بىر تاجاۋۇزچى تەرىپىدىن مەدەنىيىتىمىز چەيلەنمەكتە
6 – رەسىم: چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ۋە تارىخى ئۆيلەر
دۈشمەننىڭ مەقسىتى ئېنىق ۋە ئاشكارا، يەنى ئەسلىدىكى يەر ئىگىسىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرتىدىكى كۆچمەنلىرى ئۈچۈن تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. گەرچە مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى، ھەممە نەرسىمىز ۋەتىنىمىزدە قالغان بولسىمۇ ھازىر ۋەتەن ئىچىدىكىلەردىن ئۈمىد كۈتەلمەيمىز. ئۇلار جېنىنى ساقلاپ قالسا، بۇ ئىرقىي قىرغىندىن سالامەت قالسا شۈكۈر دېسەك بولىدۇ. ئۇنداقتا، مۇھاجىرەتتىكى بىز قاراپ تۇرامدۇق؟ بىز نېمە قىلالايمىز؟
ئەلۋەتتە داۋايىمىز بەك چوڭ، ئەمما كۈچىمىز ئاجىز. ۋەتەن سىرتىدىمۇ ئۆز تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش مۈشكۈل بولماقتا. ئەمما، ھەر بىرىمىز ئۆز ساھەلىرىمىز بويىچە قىلالايدىغان ئىشىمىزنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە قىلىشنى سىناپ بېقىشقا مەجبۇرمىز. بولمىسا ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا، بىزنى تەربىيەلىگەن ئاتا - ئانا، ئۇستازلىرىمىزغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز؟
شەخسەن مەن بىناكارلىق مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن تۈۋەندىكىدىك ئىشلارنى قىلالايمىز دەپ ئويلايمەن:
1. خېلى كۆپىمىز تۈركىيەدە ياشايمىز. ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياكى تەتىلدە ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزنىڭ يېتىشىچە بالىلىرىمىزنى تۈركىيەدىكى داڭلىق قۇرۇلۇشلارنى، مۇزېي، جامەلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇشىمىز، بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە مىمارلىققا ئىشتىياق قوزغىشىمىز، ياشلارنى بۇ كەسىپتە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىشىمىز كېرەك. بۇ ساھەدە تەتقىقاتچىلىرىمىز يېتىشىپ چىقىشى كېرەك. بىناكارلىق مەدەنىيىتىمىزنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قوغداپ قېلىشىمىز لازىم.
2.بايلىرىمىز پۇللىرىنى يەر سېتىۋېلىپ ئۇيغۇر مەھەللىسى سېلىشقا، ئۇيغۇر مىللىي مىمارلىقى، ئۇيغۇر ئوبرازى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاشخانا - رېستورانلارنى ئېچىشقا، ئۆيلىرىمىزنىمۇ مىللىي خاسلىقىمىز بويىچە بېزەشكە سەرپ قىلسا، بالىلىرىمىزغا ۋەتىنىمىزدىكى داڭلىق ئۆرنەك بىناكارلىق نەمۇنىلىرىمىزنى رەسىملەر ئارقىلىق بولسىمۇ تونۇشتۇرۇش، ئۆيىمىزدە كىچىك ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرلىقىمىزنى بىز ياشاپ بالىلىرىمىزغا سۆيگۈزەلەش، پەخىرلەندۈرەلەشمۇ بىز قىلالايدىغان ئىشلار قاتارىدىن سانىلىدۇ.
3.كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىز بالىلار ئويۇنلىرىغا ئۇيغۇر بىناكارلىق بىلىملىرىنىمۇ قوشۇشقا تىرىشىپ باقسا ۋە بۇ ساھەدە كىتابلار يېزىلسا، بالىلار رەسىملىك كىتابلىرى نەشر قىلىنسا، كالېندارلار ئىشلەنسە، سىستېمىلىق، مۇكەممەل تور بەتلەر قۇرۇلسا دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن.
ئۇيغۇر بىناكارلىقى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن دەۋرىمۇ بولغان، بىر ئىزىدا توختاپ قالغان، چېكىنگەن، ھەتتا چەكلىمىگە ئۇچراپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق دەۋرلىرىمۇ بولغان ھەم بولۇۋاتىدۇ. مېھنەتكەش خەلقىمىز چىرتىيوژسىز، پەقەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مۇۋەپپەقىيەتسىز تەجرىبە - ساۋاقلىرىغا تايىنىپ، ھۈنەر شەكىلدە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قالدۇرغان بىناكارلىق مەدەنىيىتىمىزدە بالىلىرىمىزنىڭمۇ ھەققى بار.
ۋەتىنىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىش بىر بىنا سالغانغا ئوخشايدۇ. بىرلىرىمىز تۈۋرۈك، بىرلىرىمىز لىم، بىرلىرىمىز خىش، ھەتتا بىر تال مىخ…. بىرىمىز كەم بولساق بىنارىمىز مۇكەممەل ياكى كۆركەم بولمايدۇ، يۈكىمىز ئېغىر، ئەمما شەرەپلىك. ئىنشائاللاھ دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن بىناكارلىق ساھەسىدە ئەۋلادلىرىمىز قىشنىڭ كەينىدىكى باھار مايسىلىرىدا يېتىشىپ چىقىپ، دۇنيا بىناكارلىقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ خاسلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مەدەنىيىتىمىزنىڭ بېيىشىغا، سەرخىللىشىشىغا تۆھپە قوشالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئالىمجان مەخسۇت،ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت، «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى» مۇقەددىمە ۋە 1-باپ،شنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2000-يىلى 12-ئاي، 1-نەشرى
2. قەمەرجان قابىل ،خۇدابەردى ئابدۇللاھ، « قەشقەردىكى قەدىمىي كوچا-مەھەللىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىگى» شنجاڭ گېزىتى 2009- يىل 5-ئاينىڭ 9- كۈنى
3. بەھرام سىنتاش، ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن سۇنۇلغان گۇۋاھلىق دوكلاتى، 9- بەت، 2021-يىلى، 8- ئاي