Art
ئۇيغۇر ئۆيلىرى
تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز
(غەزەل)
قەھرىمان ئەجدادىمىزدىن يادىكار ئۇيغۇر ئۆيى،
ئەنئەنە، ئۆزلۈك، ئۇدۇمدىن تىلتۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئۇپۇقى دەرۋازىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز، ئاي، قۇياش،
تال باراڭ، بوستان، چىمەنزار - لالىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
كەشپىيات ئەيلەپ مېمار چارچاپ، تۇرۇم، زەگۈندىنى...
تاپتى يەر تەۋرەشكە مەزمۇت ئىقتىدار ئۇيغۇر ئۆيى.
لاك، سۇۋاق، ئويما، قاپارتما گەردىشى ئالتۇن ھىسار،
سوقما، چىتلاق ۋە كېسەكتە نەۋباھار ئۇيغۇر ئۆيى.
گەج بىلەن قاتقاندا خىش - كاھىش، بىنا مەرمەر رەۋىش،
نەگە كۆز سالساڭ نەقىش، پاك - بىغۇبار ئۇيغۇر ئۆيى.
تاملىرى سەنئەتكە ئۆرنەك، تورۇسى ئاندىن كۆرەك،
گۈل ۋاسا، تۈۋرۈك، بالادا زۇلپىقار ئۇيغۇر ئۆيى.
تاش، سېغىز، شاخ - شۇمبا، يۇلغۇن، چىغ، سامان ئىمكانىدۇر،
شۇنچە ئاددىي مۈلكى، ئەمما ئەتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
ھويلا، ئايۋان، كەڭ پېشايۋان چىللىشار مەشرەپ، مۇقام،
توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمدا غەمگۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.
تۆرىدە دۇتار، راۋاب، تەمبۈر، سۇناي، داپ... كۈيگە يار،
تەكچىدە توپلام - دىۋانلار مىرغىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
خانە مېھماندا يېكەنداز، زىلچا، رەت - رەت ئۇز جاھاز،
چوڭ - كىچىككە ئىمتىياز، بات، ئىختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.
قىز - ئاياللار كەشتىسى چەندان تۈرى، ۋەسلى جاھان،
ياسىداق، سىپتا بېزەلگەن شاتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
تىككۈچى، موزدۇز، تۆمۈرچى، سىرچى، خارەت... ھەممە تەل،
قول ھۈنەرۋەن بەيگىسىدە ئۇستىكار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئايمىقى تۈركۈم ئېرۇر، مەھەللىسى كۆجۈم ئېرۇر،
بەھرىدە ئەمگەك - چېلىشنىڭ بەختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.
كۆلىدە زەمزەم سۈزۈك، باغدا ئانار، شاپتۇل، ئۆرۈك...
مېۋىلەر شېرىن، چۈرۈك... دان، پاختىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
قوشنىلار ھەم ئۆزئارا ئۆملۈك، ئىمانغا مەھلىيا،
ئەڭ چىرايلىقـــتىن چىرايلىق گۈلئۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.
توخۇ، ئۆردەك، ئىت، مۆشۈك، مال... ياڭرىتار سىمفونىيە،
ئىلكىدە يايرايدۇ بارچە جانىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
چۆچىكى بوۋاي - موماينىڭ ئارمىنى جەننەتسىمان،
ئەھلى باتۇر خىسلىتىگە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
مەكتىپى ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت، ئۆرپ - ئادىتىم،
ئادىمىيلىكتە ئاۋامغا ئېتىبار ئــۇيغۇر ئۆيى.
ئىزگۈ ئىشلار ئۇۋىسىدۇر قۇت، ھاياتقا باشپاناھ،
بايلىقى ئىنسانىيەتكە تۆھپىكار ئۇيغۇر ئۆيى.
«ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقىدۇر پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى»،
ھەم ئەزىز مېھمان ئۈچۈن شاد دىل_خۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.
سەن ئۆمۈرلۈك قىممىتىم، قۇدرەت قۇچۇشتا ھۆرمىتىم،
ئالدى پارلاق مىللىتىمگە ئىزباسار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئۆي مېنىڭ جان لەزىزىم، ئۇشبۇ ۋەتەندە يىلتىزىم،
تىنچ - ئامانلىق، قۇت، راھەتكە ئىنـتىزار ئۇيغۇر ئۆيى!

ئەلانۇر
General
ئۇلۇغ ماكان
رەسۇلۇللاھنىڭ ئايىغى تەگكەن يوللار
رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇغان زېمىن
ئىزدەيدۇ يولغاشچى مۇسۇلمانلار...
باش پاناھسىز قالغان مەزلۇملار
ئالىمنىڭ پەنجىسىدە ئىڭرىغان مەزلۇم جانلار!
ئى رەسۇلۇللە! بولغان بولساڭ يېنىمىزدا
نېمە دەر بولغۇيتتىڭ ھالىمىزغا..

admin

ئۇيغۇر كىيىملىرى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز
ئەي جاھان ئەھلى، تۈزەي مۇشائىرە سۆھبەتسىمان،
باغىقىم بولسۇن بۇ نەزمەم ھەممىگە خىزمەتسىمان،
خاس كىيىملەرنى كىيىپ ھەم ياسىنىپ خىسلەتسىمان،
سەھنىسى شەۋكەتتە ئەيلەپ چوڭ كۆرەك ھەيۋەتسىمان،
ھەق، پەخىرلەنمەك ماڭا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتسىمان.
دەرھەقىقەتكى، ھامان ئىنساندا ئوخشاشلىق تولا،
ئەمما، ھەر مىللەت بېغىدا ئۆزگىچە گۈلزار جۇلا،
مىلىتىم كىيگەندە ئايەملىك كىيىم توزدەك گويا،
چاقنىتار تەندىن قۇياش ئەركەكلىرى ئويناپ ساما،
پەرى-پەيكەرگە زېمىن بەرمەي ئېسىل سۆلەتسىمان.
باش كىيىمدىن باشلىساق گەپ، نۇسخىسى بار نەچچە يۈز،
خوپ ياراشقاي كىيسە تاللاپ ياز، نورۇز، قىش، ياكى كۈز،
دوپپا، ياغلىق ھەم شىلەپە ئەۋجىگە يەتمەيدۇ سۆز،
تۈرى كۆپ تەلپەك، تۇماققا مىڭ بېقىپ تويمايدۇ كۆز،
باشقا قونغان بەخت قۇشىدەك، بەلكى تاج-دۆلەتسىمان.
تېرە، يۇڭ، پاختا، يىپەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
نە بۇيۇمكى، ئوت يۈرەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
يىپ ئەمەس، رىشتە-تىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
گۈل چېكىپ تالماس بىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
ئۈستىۋاشقا چىقسا چاقنار ئەڭ گۈزەل سەنئەت سىمان.
تاش كىيىم ھەم ئىچ كىيىم تۈر-پاسۇنى چەندان يەنە،
ئىش، مۇراسىملاردا ھەرخىل ياسىنار جانان يەنە،
ئۆيدە باشقا، سىرتتا باشقا كىينەر ھەرجان يەنە،
ئۆزگىچە ئارتىس ۋە ئاشپەز، ساتىراش، دېھقان... يەنە،
قوزغىتار قەلبىڭدە دەريا، ئۆركىشى ھۆرمەتسىمان.
كىيىمى بوۋاي-موماينىڭ خوپ سىپايە يارىشار،
خويمۇ ماس كەلگەن كىيىمگە ھەممە زوقتا قارىشار،
قىز-جۇۋانلار ئۇز ياسانماق كويىدا چاچ تارىشار،
ئايلىنىپ بىر پارچە ئوتقا، بارچە ئەر ئىز مارىشار،
قان تومۇر، ياق گەۋدىلەردە ھېسسىيات شەربەتسىمان.
ئەر-ئايال كىيملىرىدە رەڭ، شەكىللەر باشقىچە،
پەرقى روشەن يەتتە ياشتىن بەستى يەتمىش ياشقىچە،
ياشقا باغلىق چاچ-ساقال، ھەتتا بۇرۇتتىن قاشقىچە،
جابدۇقى قىز ئاياللارنىڭ ئۆزگە زەر، قاشتاشقىچە،
ياش يىگىتلەر يانغا ئاسقان تىغ-پىچاق زىننەتسىمان.
ئاق كىيم − ساپلىق، خەيرلىك قۇتقا تەڭداش ئەسلىدىن،
قاپقارا − قايغۇ ئەلەملىك، مۇسىبەتلىك پەسىلىدىن،
قىپقىزىل رەڭ بەرق ئۇرار شوخلۇق، خۇشاللىق ۋەسلىدىن،
كۆك غەيۇرلۇقتىن، سېرىق مىسكىن، پەرىشان بەستىدىن ...
رەڭ بىلەن قانداش ھايات، كىيىم-كېچەك ھېكمەتسىمان.
سەل قارالماس تېخىمۇ ئاياغ كىيىمگە ھەر پەسىل،
تۇرسا پۇت ئىسسىق، قۇرۇق، ئەلۋەتتە ساقلىققا كېپىل،
كۆن، خۇرۇم، شاۋرۇن ... بىلەن موزدۇز ئاجايىپ دوست ئىجىل،
مەسە-كەش، سەندەل، ئۆتۈك، بۆكۈش، بەتىنكە ... زەپ ئېسىل،
قىز-ئايال سۈلكەتسىمان، ئەرلەر يۈرەر قۇدرەتسىمان.
پوتا باغلاپ روھلىنىپ پالۋانچە قامەت ئەيلىدۇق،
ئەلمىساقتىن بەلنى چىڭ تۇتماقنى ئادەت ئەيلىدۇق،
ئادىتى ئىللىق تۇرۇشتىن بەلكى ئامەت ئەيلىدۇق،
ساقلىنىپ قورساق سېلىشتىن، شۇنچە راھەت ئەيلىدۇق،
تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ھەممىدىن قىممەتسىمان.
ئەنئەنەمدىن سۆزلىسەمم، تىل بۇلبۇلۇم خەندان بولۇر،
ھەم غورۇرلانسام، بېشىمغا كىيگىنىپ ئاسمان بولۇر،
رەڭمۇرەڭ كىيىم-كېچەكتىن كاتتا بىر داستان بولۇر،
مەنىلەر يىلتىز سۈرۈك، تەكلىماكان ئورمان بولۇر،
ئۆزلۈكۈم تارىخ بېتىدە نۇرلىنار شۆھرەتسىمان.

Literature
قەشقەردىكى يەر شارى
ئادىل تۇنىياز
سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش،
سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ،
قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە.
يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە،
پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە،
بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە.
بۇ يەردىكى ئادەملەر،
پەرۋاز قىلار يۈرەكلەردە.
ئات قوشۇلغان،
قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن،
جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى.
سېۋىتىنى قويۇپ بېشىغا
گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن….
قۇشلار،
ھارۋا،
سۇمبۇل چاچلىق ئايال،
يەنە بىر ئايال،
كۆز،
ئەتلەس كۆڭلەك،
ساقال
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
مەن
كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان،
مۇڭدىشىۋاتقان،
يۆتەلگەن ،
چەينەك جوغىسىنى
پىيالىگە تەگگۈزۈپ
چاي قويغان،
چاي شامىسىنى پۈۋلەۋاتقان،
كىشىلەر
بىر-بىرىگە بېقىپ
گەپلەشكەن،
سەنلەشكەن
قايناق چايخانا ئالدىدا ئۆتكەچ،
كىملىكىنى بىلىندۈرمەستىن
كۆيۈۋاتقان مەخپىي ئاشىقتەك
ئوغۇرلۇقچە كۆيۈپ يۈرىمەن.
كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە
قاراپ-قاراپ يەنىلا تويماي
نۇردەك ئۈنسىز سۆيۈپ يۈرىمەن.
سۆيىمەن
ئاق نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى،
جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگۈسىنى،
ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگۈسىنى.
سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى،
ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى،
ئەنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى.
ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا
نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى.
سۆيىمەن مەسجىتتىن قايتار ۋاقىتتا
يۈزۈمگە ئۇرۇلغان سىم سىم يامغۇرنى.
سۆيىمەن
ئۈندىكى قارنى شامالنى،
چىملىقلاردا،ئېرىق بويىدا
سازاڭ تېرىپ يۈرگەن باھارنى.
12-ئاينى،12ئاينى،
چوڭ كوچىنى خالتا كوچىنى،
تىلەمچىنى،پالچى ئايالنى،
تەشتەكلىك،تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى،
سېنى ھەم ئۇنى.
سۆيىمەن مىلادىدىن بۇرۇنقى
ۋە كېيىنكى تارىخنى،
سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۈسىنىمۇ.
بېكەت ئىچىدە
بايا ماڭا ئەنجۈر ساتقان چال
(ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك)
ئەنجۈر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت.
بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە
ئەنجۈردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت.
تۇنۇشىمەن بۇ مۇھەببەت بىلەن
تۇنۇشلارغا،ناتونۇشلارغا،
كوچىدىكى ئاپتۇبۇسلارغا.
ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن سىمىدەك
تۇتىشارمەن مۇھەببەت بىلەن
قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا.
لاتۋىيىگە، فىرانسىيەگە،
شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا،
ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى
يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا.
ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى
غار غالتىغا،بېلىقچى قىزغا.
يىراق چىلى ئورمىنىدىكى
يېنىك،جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا.
سۇ ئاستىدا كەچكى شەپەق
قىزىلگۈل بولۇپ ئېچىلىپ قالغان
گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا.
مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ
تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بولۇپ كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ.
مەن ئالتاي ئورمىنىدىكى بىر يۇلتۇز بۇلۇپ
بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا
مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يورۇتۇپ.
مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز پەسلىدە
سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە،
ھاۋا بولۇپ كۈلۈمسىرەيمەن
كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە.
مەن نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چېكىت،
يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە.
قەشقەر
ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر.
بازىرى ھېيتگاھ
جىمجىت يۈرەكتەك
جىمجىتقىنا مەسجىت مۇنارى.
كۆز
سۆزلىيەلەيدىغان كۆز.
ھېيتگاھ بازىرى ئالامەت بازار،
ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار.
ئاشىقلار گۈل ئالغىلى كېلەر،
كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر،
سۈكۈتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر.
ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ،
ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال.
يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش،
كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا،قىيپاش.
بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،.
گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۇرىدا
ئادەملەر يۈرىكىدىن كۆرۈنەر قۇياش.
ھېيتگاھ مۇنارى،
ئەنسىز دۈپۈلداۋاتقان
يۈرەككە ئوخشاش.
مەغرۇر بىز ھەم،
بىچارە بىز ھەم.
توختىماي جىرىڭلار كۆڭۈل تېلىفۇنى،
ئېھ،ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم…
قات-قات غېرىبلىق
مىڭلىغان سۈپسۈزۈك ئادەملەر ئارا…..
قۇشلار
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار.
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.
غېرىبلىقتەك
ئېگىز بىنا.
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
تام.
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت.
توي.
ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ئەينەك غېرىبلىق.
قول يەتمەس ئىشىك.
كارىۋات.
قاچقان ئۇيقۇ.
غەم تولغان كۈلبەڭ ...
ئايرۇپىلان.
دېڭىز.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ھەممە يەردە يات ئادەم.

مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
5 كۈن بۇرۇن
يەھۇدىيلار ۋە زىيونىزم
يەھۇدىيلارنىڭ كېلىپ چىقىشى
يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتۇشىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىل ۋە ئىسھاق دەپ ئىككى ئوغلى بولغان ۋە ئىككىلى ئوغلى پەيغەمبەرلەدىن بولغان. چوڭ ئوغلى ئىسمائىل كىچىك ۋاقتىدىلا ئانىسى ھاجەر بىلەن مەككىدە ياشىغان ۋە كېيىنچە يەمەندىكى ئەرەب قەبىلىلىرىدىن مەككىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان جۇرھۇملاردىن ئۆيلەنگەن. كېيىنچە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئەرەبلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام كەنئان زېمىنىدا (ھازىرقى پەلەستىن، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئېئوردانىيە قاتارلىق جايلاردا) ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەسلىدىن يەھۇدىيلار بارلىققا كەلگەن. يەھۇدىيلار بۇرۇن «كەنئانلىقلار» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇلار «بەنى ئىسرائىل» (ئىسرائىل ئەۋلادى) دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. چۈنكى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى «ئىسرائىل» (ئاللاھنىڭ بەندىسى) ئىدى.
«يەھۇدىيلار» بىلەن «بەنى ئىسرائىل»نىڭ پەرقى
ھازىر دۇنيادا يەھۇدىيلار بىلەن بەنى ئىسرائىل ئىككىسى ئومۇمەن بىر مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «بەنى ئىسرائىل» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەرگە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، «يەھۇدىي» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەۋجۇت بولغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئۇلار يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەھۇزانىڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەردۇر. ھازىرقى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارمۇ يەھۇزانىڭ نەسلىدىن سانىلىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ مىسىرغا كۆچۈشى
يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندا، يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىۋالىدۇ ۋە ئاكىلىرىدىن ئەرزان پۇلغا سېتىۋالىدۇ. (يۈسۈف سۈرىسى 20- ئايەت). ئاندىن ئۇنى مىسىرنىڭ قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ، مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋەزىرى بۇتىفارغا سېتىۋېتىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مىسىردا ناھەق تۈرمىگە تاشلىنىش، ئاندىن ئاقلىنىپ چىقىپ مىسىرنىڭ مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كەنئان زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈزىسىدىن ياردەم سوراپ كەلگەن قېرىنداشلىرىنى تونۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ياشىنىپ قالغان ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى مىسىرغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، مىسىردا تۇرغۇزىدۇ. (يۈسۈف سۈرىسى 99-100- ئايەتلەر). ئۇلار مىسىرغا كەلگەندە 75 كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم. كېيىنچە ئۇلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىكى كەچۈرمىشلىرى
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھىمۇ ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىسىرنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە مىسىر پادىشاھلىرى »پىرئەۋن« دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى رەمسىسس2 نىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئۇ بىر چۈش كۆرىدۇ. چۈشكە تەبىر بەرگەنلەر مىسىردىكى بەنى ئىسرائىل جەمەتىدىن چىقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پىرئەۋن شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل جەمەتىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تۇغۇلغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كىچىك مۇسانى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلھام بويىچە ئۇنى بىر ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرىدۇ. (تاھا سۈرىسى 38-39- ئايەتلەر). ساندۇق سۇدا ئېقىپ پىرئەۋننىڭ باغچىسىغا كېلىپ قالىدۇ، پىرئەۋننىڭ ئادەملىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى تېپىۋېلىپ ساندۇقتىن چىقىرىدۇ ۋە پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بېقىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋندىن پىرئەۋننىڭ سارىيىدا قوغدايدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام شۇ سارايدا چوڭ بولىدۇ، كېيىنچە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك كېلىدۇ ۋە پىرئەۋننى ئىمانغا دەۋەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنى بولغان كەنئان زېمىنىغا بېرىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەب قىلىدۇ. چۈنكى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ بىردىنبىر تەلىبى شۇ ئىدى. ئەمما پىرئەۋن ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىمۇ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن قەۋمىنى باشلاپ كەنئان زېمىنلىرىغا قاراپ كېچىلەپ يولغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ ماڭىدۇ.
پىرئەۋن قوشۇنلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېڭىز بويىدا يېتىشىۋالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى قوغلاپ كەلگەن پىرئەۋن قوشۇنلىرىنى كۆرۈپ، «بىز ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇق» دەيدۇ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلار: «ياق، بىز تۇتۇلۇپ قالمايمىز، چۈنكى رەببىم ماڭا يول كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. (شۇئەرا سۈرىسى 62- ئايەت). شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇنى ھاسىسى بىلەن دېڭىزنى ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. نەتىجىدە، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق يولى ئېچىلىپ، ئۇلار سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، پىرئەۋن قوشۇنى دېڭىزغا كىرىپ بولغاندا، دېڭىز سۈيى ئەسلىگە كېلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي غەرق قىلىۋېتىدۇ. (شۇئەرا سۈرىسى 63-66- ئايەتلەر).
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئەمما پىرئەۋننىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيدۇ. مۇسا ئالايھىسسالام قايتا-قايتا تەكىتلىسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى بەك چوڭ بىلگەنلىكتىن، «پىرئەۋن ئۆلمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ جەسىتىنى دېڭىزنىڭ ساھىلىغا چىقىرىپ قويىدۇ. (يۇنۇس سۈرىسى 92- ئايەت). ئۇلار جەسەتنى كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىشى
ئىسرائىل ئەۋلادى مۇسا ئالايھىسسالامنىڭ يول باشلىشى بىلەن ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس زېمىنغا قاراپ ماڭىدۇ. يول بويىدا بۇتقا چوقۇنۇۋاتقان قەۋملەرنى كۆرۈپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگىمۇ بۇت ياساپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى بۇ غەلىتە تەلىبىگە رەدىيە بېرىدۇ ۋە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 138- ئايەت). يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۇلار «پىرئەۋنمۇ ئۆلدى، بىزنىڭ مىسىردا باغلىرىمىز ۋە ئۆيلىرىمىز قالغان ئىدى. شۇ يەرگە قايتىمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «ئى قەۋمىم! سىلەر ئەجدادىڭلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلغان ۋە مەندىن تەلەب قىلغان ئەمەسمىدىڭلار، ئەمدى نېمىشقا ئارقىغا چېكىنمەكچى بولىسىلەر» دەپ كايىيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 23-26- ئايەتلەر).
يەھۇدىيلارنىڭ سىينا چۆلىگە مەھكۇم قىلىنىشى
يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى چۆلگە مەھكۇم قىلىدۇ. ئۇلار مىسىرغا قايتمقغى بولۇپ، ھەر كۈنى يول يۈرىدۇ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرسا تۈنۈگۈنكى يېرىگە كېلىپ قالىدۇ، يەنە ماڭسا، يەنە شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، ھېچنەرسە يوق، قاقاسلىق سىينا چۆلىدە قالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئۇلار رەھىم-شەپقەت قىلىپ، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ، بېرىپ، ئاسماندىن تەرەنجىۋىل ھالۋىسى ۋە بۆدۈنە كاۋىپى قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ بېرىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 57- ئايەت). بۇ يەرە يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالا چۈشۈرۈپ بەرگەن تاماققا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سامساق، پىياز، لوۋىيا قاتارلىق كۆكتاتلاردىن چۈشۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 61- ئايەت).
يەھۇدىيلارنىڭ موزايغا چوقۇنۇشى
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن تۇر تېغىغا كېتىدۇ، ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىگە مەسئۇل قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلار ھارۇن ئەلەيھسسالامنىڭ سۆزىگە كىرمەيدۇ ۋە موزايغا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 52- ئايەت). مۇسا ئالايھىسسالام قايتىپ كېلىپ قەۋمىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق نارازى بولىدۇ. ئاندىن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن 70 ئادەمنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى قەۋمىنىڭ موزايغا چوقۇنغانلىق گۇناھى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش ئۈچۈن سىينا تېغىغا ئېلىپ چىقىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 155- ئايەت). مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ سۆزلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئاللاھنى كۆرۈشىمىز كېرەك، دەپ تۇرۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە تۇتۇلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 55- ئايەت).
يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىشى
تۇرىسىينا ئېلىپ چىقىلغان 70 كىشى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان تۇرۇقلۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلمىغان ئەدەپسىزلىكى ۋە يامانلىقى قالمايدۇ. بىر كۈنى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنى ئىگىزرەك بىر تاغقا ئېلىپ چىقىشقا ئەمر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان جايغا چىقىدۇ. شۇ جايدا ھارۇن ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىككى ئوغلى ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارنى ئەھۋالدىن ۋاقىپ قىلغىنىدا، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىپ، «ھارۇن سەندىن ياخشى ئىدى، سەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ» دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتتىق بىئارام بولۇپ، ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنى ھېچكىمنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەشتىن توختايدۇ.
شۇ ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيلىقى سەۋەبلىك ۋەدە قىلىنغان زېمىن — پەلەستىن زېمىنىغا كىرىشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، مۇسا ئالايھىسسالاممۇ شۇ چۆلدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. تولۇق قىرىق يىل ئۆتكەن ۋە شۇ چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدە يېتىلگەن يۇشەئ ئىبنى نۇن دېگەن كىشىگە پەيغەمبەرلىك كېلىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كىرىشى
يۇشەئ ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنى باشلاپ پەلەستىن زېمىنىغا كىرىدۇ ۋە ئۇ جايدا ھاكىمىيەت قۇرىدۇ. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ پەلەستىندىكى تۇنجى پادىشاھى تالۇت بولىدۇ. يەھۇدىيلار كىتابلىرىدا ئۇنى شاۋۇل دەپ ئاتىشىدۇ. تالۇتنى ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلار ئۇنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەسلىكتە قوبۇل قىلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 246- ئايەت). تالۇتتىن كېيىن داۋۇد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام پادىشاھ بولىدۇ. كېيىنچە بۇ دۆلەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، پەلەستىندە يەھۇزا ئىسىملىك پادىشاھىنىڭ ئىسمىدا يەھۇزا دۆلىتى، نابلۇستا يەھۇدىي دۆلىتى بارلىققا كېلىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنىڭ تارمار قىلىنىشى
يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاققا قالماي بابىل پادىشاھى بۇختەنەسسەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586- يىلى پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىدۇ، كىتابلىرىنى كۆيدۈرىدۇ، ئالىملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە خەلقىنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا (ھازىرقى ئىراققا) ئېلىپ كېتىدۇ. (ئىسرا سۈرىسى 4-8- ئايەتلەر). يەھۇدىيلار شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، سەرسانلىقتا ھايات كەچۈرۈپ كېلىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇشى
ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇستەھكەم قەلئەسى بولۇپ كەلگەن ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسىرلەردىن بېرى سەرسانلىقتا ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئەنگىلىيەنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشى بىلەن، 1948- يىلى پەلەستىندە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن دۆلەت قۇرۇۋالىدۇ، پەلەستىندىكى يەرلىك خەلقنى ئۆلتۈرۈش، قوشنا دۆلەتلەرگە پالاش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرى بىلەن پەلەستىندىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەلەستىن خەلقى مۇستەملىكىگە بوي ئەگمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان. ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ناقەق ئۆلتۈرگەن پەلەستىنلىكلەرنى سانى 100 مىڭدىن ئاشقان بۇ قېتىمقى غەززە قەتلىئامىدا شېھىت بولغانلار بىلەن بۇ سان ئۇنىڭدىمۇ يۈكسەلگەن.
يەھۇدىيلارنىڭ لەنەتلىنىشى
قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ لەنەتلەرگە قەۋم يەھۇدىيلار بولۇپ، ئۇلار يەنە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋم دەپ تەبىرلەنگەن. مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر قەۋم «ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋم» دەپ تەبىرلەنمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلاردەك تۇزكور، ۋاپاسىز، خىيانەتچى، سۇيىقەستچى، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ۋە جىنايەتچى قەۋم بولمىسا كېرەك. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان:
1. يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانى بېخىل دەپ سۈپەتلىگەن ئەدەپسىز قەۋمدۇر. (مائىدە سۈرىسى 64- ئايەت).
2. يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ساماۋى دىنغا ئېتىھاد قىلىپ تۇرۇقلۇق، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەپ، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن قەۋمدۇر. (تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت).
3. يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەن ۋە دۇنيا تارىخىدا ھېچقانداق بىر قەۋم قىلمىغان جىنايەتنى سادىر قىلغان قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 155- ئايەت).
4. يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ بەزىسىنى يوشۇرغان، بەزىسىنى بورمىلىغان قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 46- ئايەت).
5. يەھۇدىيلار مۇشرىكلارغا «سىلەرنىڭ دىنىڭلار مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن ياخشى» دەپ بەرگەن يالغانچى قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 51- ئايەت).
6. يەھۇدىيلار پەيغەمبىرى ھايات بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ موزايغا چوقۇنغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 54- ئايەت).
7. يەھۇدىيلار ئۆز پەيغەمبىرىگە «سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ جىھاد قىلغىن، بىز بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرايلى» دېگەن ئەدەپسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قورقۇنچاق قەۋمدۇر. (مائىدە سۈرىسى 24- ئايەت).
8. يەھۇدىيلار ئۆز پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەي، «ئاللاھنى بىزگە كۆرسەت» دەپ تۇرۇۋالغان كاپىر قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 55- ئايەت).
9. يەھۇدىيلار ھەقىقەتنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 146- ئايەت).
10. يەھۇدىيلار نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىدىغان، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلىدىغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 61- ئايەت).
11.
زىيونىزم
زىيونىزم —19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر قىسىم يەھۇدىيلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى پەلەستىن زېمىنىغا كۆچۈشكە تەرغىب قىلىش ۋە پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەرەبچە «الصهيونية»، ئىنگىلىزچە «Zionism» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ پەلەستىندىكى «الصهيون» دېگەن تاغنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار بۇ سۆزنىڭ ئورشىلىم دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. چۈنكى زىيونىستلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېرور تەشكىلاتىنى دىنىي ئىسىم بىلەن ئاتاش ئاقىلىق تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.
زىيونىزم تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى تىيودور ھېرتزل (1860- 1904) ئىسىملىك يەھۇدىي بولۇپ، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار ئۇنى «دۆلەت ئاتىسى» دەپ ئاتايدۇ. تىيودور ھېرتزل ئاۋۇستىرىيەلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەلەستىنگە كۆچۈرۈشكە قاتتىق كۈچىگەن ۋە ئۇلارغا يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن.
زىيونىستلار ۋاسىتە تاللىمايدۇ
زىيونىستلار ۋاسىتە تاللىمايدىغان تېررورىست تەشكىلات بولۇپ، دۇنيدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھشىي تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ كەلگەن ۋە قىلمىشلىرىنى دىنىي تەرەپتىن يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن رىۋايەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان مىراسى قىلىپ كۆرسىتىشتە ئىشلەتكەن ھۆججەتلىرىدىن بىرى «تەۋرات»نىڭ «تەكۋىن» بابى 13- تېكىستى بولغان «رەب ئىبراھىم بىلەن كېلىشتى ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە كەنئان زېمىنىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى» دېگەن تېكىست بولۇپ، بۇ تېكىست توغرا ۋە راست دەپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئەرەبلەرنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنىڭمۇ، يەھۇدىيلارنىڭمۇ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. زىيونىستلار پەلەستىننى پۈتۈنلەي يەھۇدىي دۆلىتى قىلىش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار چوڭ يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «نىلدىن فۇراتقىچە» دەيدىغان سەپسەتىسى بار.
ئىسرائىلىيە ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنى ئارقىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، دۇنيادا مۇشتۇمزورلۇق قىلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن دەپسەندە قىلغان تېررورىست دۆلىتىدۇر.
زىيونىستلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى يوشۇرىدۇ
زىيونىزم ھەرىكىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېررور تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بەرگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار زىيونىستلارنىڭ ۋاسىتە تاللىمايدىغان ۋەھشىيلىكىنى، قاتىللىقىنى ۋە ئۇچىغا چىققان زالىملىقىنى بايان قىلغان. مىسىرلىق دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلۋەھھاب مەسىرىي ئۈچ توملۇق «يەھۇدىي ئېنسىكلوپېدىيەسى» يازغان، فرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر ئالىم راجىيە گارودى 1982- يىلى ئالجىرىيەدە ئالجىرىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان، كېيىنچە مۇسۇلمانلار ياخشى مۇئامىلىسى ۋە ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن «ئىسرائىلىيە ئەپسانە ۋە تېررورلۇق» ناملىق بىر ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيونىزمنىڭ ۋەھشىي يۈزىنى ئېچىپ بەرگەن. گارودى مەزكۇر كىتابى سەۋەبلىك فرانسىيەدە نەزەربەنتكە ئېلىنغان ۋە كىتابلىرى پۈتۈن ياۋروپادا چەكلەنگەن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق بېسىملىرىغا ئۇچرىغان، ھەتتا ۋېنگىرىيەدە بىر ئادەم مەزكۇر كىتابنى ۋېنگىر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانلىقى سەۋەبلىك، كىتابنى باسقان نەشرىياتنىڭ مۇدىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىگە تاشلانغان.
2012- يىلى گارودى ۋاپات بولغاندا تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى مېنىستىرلىقى فىرانسىيەدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئارقىلىق بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، گارودىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە خەتمە قۇرئان قىلىپ روھىغا دۇئا قىلغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى گارودىنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ھۆرمەت قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋەتكەن. تۈركىيە تەرەپ بۇنى سۈرۈشتۈرگەندە «ئۆزىنىڭ شۇنداق ۋەسىيىتى بار ئىدى» دەپ ئىشنى تۈگەتكەن.

ئۇيغۇر دوپپىسى
تۇرغۇن يىلتىز
باش كىيىملەر شاھىدۇر جاھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى،
ماس، ياراشقاي ھەر زامان-دەۋرانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
كىيسە نورۇز-نەۋباھار، ياز، كۈزدە قوش سۆلەت ئىرۇر،
مەيلى پۇقرا، مەيلى شاھ-سۇلتانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
قول ھۈنەرۋەن سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، گۈلتاجى ئۇ،
ھەم ۋەكىل مىللەت، غۇرۇر، ۋىجدانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
نۇسخىلاردا پارلىغاي چىن تارىخىي ئەۋرىشكىلەر،
دەرس بېرەر سىردىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
بىر «چىمەن دوپپا» دېسە، تۈر- نۇسخىسى بار نەچچە ئون،
باشلىغاي بوستانغا، گاھ پىنھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
سىز «بادام دوپپا» كۆرۈپ: چاغلىق، بادامكەنغۇ دېمەڭ،
دوست قۇياش، يۇلتۇز ۋە ئاي، چولپانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«مامپۇ»، «راۋاب» باغىدا بال ھەرىسى، قۇش، «كېپىنەك»،
مۇڭ، مۇزىكا بۇلبۇلى خەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«پاختا»، «ئۈنچە»، «ئالماگۈل»، «ياپراق»، «ئۈزۈم» سەھراسى كەڭ،
ئوخشىغاي خوپ مول ھوسۇل، خامانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«كالۋىتۇن»، «مەزەڭگە»، «ئىلمە»، «چاچما»، «زەر» دۇنيا بۆلەك،
ئۇستىكارغا بەيگىدۇر جەۋلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«بەش تالا»، «چەكمەن»، «يۈرەك»، «شەيدائى» سىمۋول سۆيگۈگە،
يول ئاچار ئالىي تىلەك-ئارمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئايىمى ھېيىت، تويدا «ئەگىم قاش»، «گىلەم»، «كۆز» كۆرگى قىز،
كاتتا سۆلەت ئەر-ئايال مېھمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئالدىراپ كۈلمەڭ «شاپاق»، «بۆك»، «پوچى»، «كۈلگۈنچەك» دېسە،
نۇر تۆكەر «گۈلخان» كەبى غىلمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«يا»، «قىلىچ»، «بايتامغا»، «يۇلتۇزتامغا» دەپ تۈرلەر تولا،
خاس جىگەرلىك قىز، يېتۇك ئوغلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
دوپپا ئازمۇ «غۇلجا»، «تۇرپان»، بەلكى «تاشكەنت» نامىدىن،
بىرىنىڭ يەتكەي خىلى چەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
شۇنچە كۆپ تۈر-نۇسخىلارنى ھېچ كىشى بولماس ساناپ،
جان بېرەر مىزانغا، يەر-ئاسمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ياش-قېرى، ئۆسمۈر-بوۋاقنىڭ تاللىشى ئۆز ئالدىغا،
بار مۇۋاپىق ھەركىشى - ئىنسانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
يىپ دېمەڭ ئاددىي، تومۇرلار ئىلكىدە ئۆزلۈك مۇدام،
روزغار دەرمان، ئىشەنچ - ئىمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
بۇ ھۈنەرنىڭ پىرلىرىدۇر ئەسلىدە قەشقەر، خوتەن،
باب ئېسىل سەنئەت دېگەن ئۈنۋانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئەنئەنە يىلتىز گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك پاكلىق ئۈچۈن،
كۈيلىسەم سىغماس تۈمەن داستانغا ئۇيغۇر دوپپىسى

ئايال
ئەلا نۇر
ئۇنىڭ قولى گۈللىتەر ئۆينى،
ئۇ پەرزەنتكە ئەڭ ئىسسىق نەپەس ،
ئۇ رەڭلەرنى جۇلالاتقان روھ،
ئۇنىڭ بىلەن يېلىنجار ھەۋەس.
ئۇدۇر خۇدا تاشلىغان بىر چوغ،
سوغ دۇنياغا مىھىر تاراتقان.
ئۇدۇر گۈزەل، خۇشپۇراق بىر گۈل،
ئۆسكەنلىكى يەرگە ياراشقان.
ئايال
ئەلا نۇر
ئۇنىڭ قولى گۈللىتەر ئۆينى،
ئۇ پەرزەنتكە ئەڭ ئىسسىق نەپەس ،
ئۇ رەڭلەرنى جۇلالاتقان روھ،
ئۇنىڭ بىلەن يېلىنجار ھەۋەس.
ئۇدۇر خۇدا تاشلىغان بىر چوغ،
سوغ دۇنياغا مىھىر تاراتقان.
ئۇدۇر گۈزەل، خۇشپۇراق بىر گۈل،
ئۆسكەنلىكى يەرگە ياراشقان.
ئەلانۇر
Education
🔷
تىل -ئەدەبىياتنىڭ رولى
ئەلانۇر
تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش بۈگۈنكىدەك پەن - مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئىنتايىن مۇھىم. تىل-ئەدەبىيات پەقەت بىر پەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پەنلەرنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
تۆۋەندە تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا باغلىنىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقتىم.
تىل-ئەدەبىيات --
بارلىق پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى ۋە جەمئىيەتنىڭ روھى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. تىل پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش قورالىلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇرنىڭ شەكلى، ئەدەبىيات بولسا شۇ تەپەككۇرنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەخلاق بىلەن بېزەلگەن ئالىي كۆرۈنۈشىدۇر.
1. تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
كىملىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى: بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا، شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، قىممەت قارىشى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈزۈلىدۇ. ئەدەبىيات بولسا شۇ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان ئەنگۈشتەر.
تەپەككۇر شەكىللەندۈرۈش: بىز تىل ئارقىلىق ئويلايمىز. سۆز بايلىقىمىز قانچە مول بولسا، تەپەككۇرىمىز شۇنچە ئىنچىكە، لوگىكىمىز شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ھېسداشلىق: ئەدەبىيات ئىنسانغا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاشنى، ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ھېسداشلىقنى، غۇرۇر، ۋىجدان، ھىممەتنى ئۆگىتىدۇ.
تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى: ئەدەبىيات ئوقۇش كىشىنىڭ ۋەقەلەرگە باھا بېرىش، تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
دۇنيا قاراش: ئەدەبىيات كىشىگە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرنى چۈشىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ.
ئېستېتىك زوق ۋە روھىي ئوزۇق: ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ.
2. تىل-ئەدەبىياتنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى
نۇرغۇن كىشىلەر تىل-ئەدەبىياتنى پەقەت «ئىجتىمائىي پەن» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تەبىئىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىل-ئەدەبىيات بارلىق پەنلەرنىڭ ئورتاق زىمىنىدۇر.
تارىخ: تارىخ تىل ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر (مەسىلەن: «قۇتادغۇ بىلىك») مەلۇم دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەنزىرىسىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەدۇر.
ماتېماتىكا ۋە لوگىكا: ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىلنى توغرا چۈشىنىش، جۈملە قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. تىلدىكى گرامماتىكا بىلەن ماتېماتىكىدىكى لوگىكا بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن.
جۇغراپىيە: يەر نامى، ئۇ يەردىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئاتىلىشى تىل ئارقىلىق مەنە قازىنىدۇ. ئەدەبىياتتىكى ئاجايىپ- غارايىپ ساياھەتنامىلەر جۇغراپىيەلىك بىلىملەرنىڭ جانلىق تەبىرىدۇر.
تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل: بۈگۈنكى كۈندە «سۈنئىي ئەقىل» تېخنىكىسى تىلشۇناسلىق بىلەن يۇمشاق دېتالنىڭ بىرىكىشىدۇر. تىلنى بىلمەي تۇرۇپ كومپيۇتېرغا بۇيرۇق بەرگىلى بولمايدۇ.
پەرزەنت تەربىيەسى: پەرزەنت تەربىيەسى
ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات بىر قورالدۇر. ئەگەر بىر ئانا ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا پىششىق بولسا، ئۇ پەرزەنتىگە باشقا پەنلەرنى (تارىخ، جۇغراپىيە، ئەخلاق) چۈشەندۈرۈشتە قىينالمايدۇ. تىل يتەكچى ئورۇندا تۇرغاندا، بالا باشقا پەنلەردىكى مۇرەككەپ ئۇقۇملارنى ئاسان ھەزىم قىلالايدۇ.
خۇلاسە
تىل-ئەدەبىيات — پەنلەرنىڭ ئانىسىدۇر. ئۇ بىزگە دۇنيانى قانداق كۆزىتىشنى، بىلىملەرنى، مەلۇماتلارنى قانداق باغلاشنى ۋە كىملىكىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ھەقىقىي تۈردە قانداق قوغداشنى ئۆگىتىدۇ. بىر جەمئىيەتتە تىل ۋە ئەدەبىيات كۈچلۈك بولسا، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئۇلىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. شۇڭا، بىز تىلنى ئۆگەنگەندە پەقەت سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كائىناتنى چۈشىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ مۇھىم بىر ۋاسىتىنى ئۈگەنگەن بولىمىز ....

ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئاتاسى، ئاناسى، ئاچاسى، داپى، ئەمگەكى، گەپى دەپ يېزىلماي، ئاتىسى، ئانىسى، ئاچىسى، دېپى، ئەمگىكى، گېپى دەپ يېزىلىۋەردى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا فونىتېكىلىق قائىدە، يەنى ئېغىزدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىسا شۇنداق يېزىش قائىدىسى قوللىنىلغانىدى. ۋاھالەنكى، مەۋجۇت، كىتاپ، ئەدەپ، نەشىر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەر مورفولوگىيلىك قائىدىنى ئاساس قىلىمىز دېگەن گەپ بىلەن مەۋجۇد، كىتاب، ئەدەب، نەشر دەپ يېزىلدى. قائىدىلەر بىرلىككە كەلمىدى ياكى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى. ئەمدى قارىسام، يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئەدەب، نەشر دېگەن سۆز فونىتېكىلىق قائىدە بويىچە ئەدەپ، نەشىر دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، ئەمما قالغان بەزى سۆزلەر شۇ پېتى قاپتۇ، نېمدېگەن قالايمىقانچىلىق بۇ! ھېچقانداق مىللەتتە 30 يىلدا ئۈچ قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىش يوق.
ئەمەلىيەتتە، كۆڭۈل قويساق ئىملالىق خەت يېزىش تەس ئىشمۇ ئەمەس، ئىملا لۇغىتىنىڭ بېشىدىكى 50 بەتكە يېقىن قائىدىلەرنى بىر قۇر ئوقۇۋەتسەك، بىر نەچچە قېتىم مەشق قىلساقلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، يىللاپ-يىللاپ خەنزۇچە، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەن زېھنىمىزنىڭ بىر پۇچۇقىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلساق، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز. يىغىنچاقلىساق بىر نەچچە چوڭ قائىدە بار:
1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى…دە، دېمەك، يە يېمەك…
2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە، قەھۋەسى، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى… دېگەندەك.
قىسقا سوزۇق ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن، بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن، بالا (بالا-قازا) بالاسى…دېگەندەك.
3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى). يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد، ئىقتىسادىي، خىيال، خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، … دېگەندەك. سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى…
4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛ ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛ كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم… (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق…دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ).
5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن، بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياكى بۇلمىقى ئەمەس)، بولىدىغان، بولىدىغانلىقى، بولىدىغانلىقىنى، بولمايۋاتقانلىقىنى… قىل، قىلىدۇ، قىلماق، قىلمىقى (قىلمىغى ئەمەس)، قىلىدىغان، قىلىدىغانلىقى، قىلىدىغانلىقىنى، قىلمايۋاتقانلىقىنى… تەگ، تەگدى، تەگمە، تەگكەن (تەككەن ئەمەس)، ئەگ، ئەگدى، ئەگمە، ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس)…
6) ھەرىكەتناملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، بولۇش، بولۇشۇم، بولۇشۇڭ، بولۇشى(بولىشىم، بولىشىڭ، بولىشى ئەمەس)، كۆرۈش، كۆرۈشۈم، كۆرۈشۈڭ، كۆرۈشى (كۆرىشىم، كۆرىشىڭ، كۆرىشى ئەمەس).
7) يە بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر تۈرلەنگەندە ى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ياپونىيە، ياپونىيەگە (ياپونىيىگە ئەمەس)، نەزەرىيە، نەزەرىيەسى (نەزەرىيىسى ئەمەس)، پارتىيە، پارتىيەسى (پارتىيىسى ئەمەس)، ئارمىيە، ئارمىيەسى (ئارمىيىسى ئەمەس)، رازىيە، رازىيەگە، رازىيەدىن، سانىيە، سانىيەگە، سانىيەدىن…
8) سۆز بىرىكمىلىرىنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ئانالتىك(بۆلۈنمە ھالەتتە) ياكى سىنتېتىك (قوشۇلما ھالەتتە) ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئانالتىك سۆز بىرىكمىلىرى ئايرىپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن، باش پىياز(باشپىياز ئەمەس)، باش قۇر (باشقۇر ئەمەس)؛ ھېچ كىشى (ھېچكىشى ئەمەس)، خۇش پۇراق (خۇشپۇراق ئەمەس)… سىنتېتىك سۆز بىرىكمىلىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن: باشباشتاق (باش باشتاق ئەمەس)، ھېچكىم (ھېچ كىم ئەمەس)، ھېچبىر، ھېچقاچان، ھېچقايسى، ھېچقەيەر، ھېچقىسى(يوق)، سەكسەنپۇت، ئاشقازان…
بىزدە ساۋاتسىزلىق ئېغىر بولغاچقا ئىملا ساۋاتسىزلىقىنى توغرا چۈشىنىپ كېتىۋەردۇق، مانا مەن دېگەن زىيالىيلارمۇ ئىملادا چانىدۇ، بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق. قۇرۇلما جەھەتتە يېپىشقاق، ئەۋرىشىم، مەنە جەھەتتىن لوگىكىلىقى كۈچلۈك، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشكە باي، سۆز بايلىقى ھېچقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغان بۇ مۇبارەك تىلىمىز مۇشۇ ئىملا مەسىلىسگە كەلگەندە تېخىچە يارىدار، خاراپ، بىچارە ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ تىلنى قەدىرلەش، ھەقدادىغا يەتكۈزۈش قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، بۇ تىلنىڭ ھەقىقىي ساھىبىغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك، يازمىلىرىمىزدىن تىلىمىزغا، ئىملايىمىزغا قەترە-قەترە مۇھەببەت تېمىشى كېرەك.
مەنبە: ئەرتۈرك بىلوگى

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى
(نۇر روزى)
بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپسوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :
– تىنچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ .
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .
– خوش ، بۈگۈن نېمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟
–
مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ تۆگەدۆڭ دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يېرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردىدە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورۇلدىتىپ چېكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردىدە ، تۇيۇقسىز سورىدى :
– تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟
– ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
– ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتىدە ، دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى .
– بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ،دېدى ئۇ ئېڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موما ياغىچىنى كۆرسىتىپ ،مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى .
– ھە ؟!
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەگكەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىرقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭلاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۇرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالاپاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتىدە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپلىپ تىترىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى :
– نەچچە كۈن بولدى ؟
– تۈنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدىدە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى .
مۇدىر چىلىمنى قاتتىق قاتتىق ئىككىنى شورىدىدە ، ۋارقىرىدى :
– ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
– خوپ !
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيانبۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدىدە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
– خوش ، نۇسرەت ئەپەندى .
مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ،مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟
– بىر ھەپتە .
– ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
– كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭچوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق .
– خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇڭمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟
– ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
– قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
– 13 ياشلىق بىر بالا .
– 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟
– چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنچىكە ، يېرىمىغا چىقىپ بولغۇچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ،نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .
– قاپاقۋاش !مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدىدە ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ،ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نېمە دېگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !
تەرتىپ مۇدىرى تىترەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پېشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
– كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
– ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كېرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىقىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
– ئۇقتۇم .
– ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
– چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ چىقالايمەن دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
– شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟
– دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
– دادىسى كىمكەن ؟ نېمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
– سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسلىدە ئۇ ئىلىلىق ئوغرىلارغا قوشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ .
– ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟;
– داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
– ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كېچىكتۈرمەي تېزرەك ھەرىكەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۇجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراقپىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەمياد قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ،ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن X بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرىماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
– مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ…ئايھاي! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت …تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
– خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۈۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .
ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالايېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
– ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر .
بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىدە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىگە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . » يە ئوغلۇم» دېدى ئۇ تۇمشۇقىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭچوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارىشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە «مومىغا چىقالايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :
– ئىسمىڭ نېمە ؟دەپ سورىدى .
– مۆمىن .
– داداڭنىڭچۇ ؟
– مۇسا .
– ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
– سوپاخۇن باينىڭ ئۇيكالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
– نەچچە كالا باقىسەن ؟
– يىگىرمە .
– يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا ياقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىمكىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارنىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
ئۇ كارىۋاتنىڭ تېگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
– مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدىدە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
– بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر ؟
– قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتابالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر .
– راستما ؟
– راست بولمايچۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ،مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
– ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
– مۇنداق دېگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
«تىلخەت
مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىسام پىرقە ئۈچۈن شېھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھېچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
شاھىتلار :
مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37يىلى 9ئاي .
مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
– خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
– خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقىرىقى خەتنى مۇنداق ئوقۇشقا باشلىدى :
«تىلخەت
مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دېگەن بالا مەكتەپ بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.)
– قانداق بوپتۇمۇ ؟سورىدى مۇدىر .
ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شادلىق كۈلكىسى يامرىدى .
– بوپتۇ ،دېدى ئۇ خۇشاللىقىنى باسالماي .
– بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرىبۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىرچىمىر بولۇپ ، بۇ ئىلمەكتوقۇناق سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندىدە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خۇشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىكى پەلەمپەيلەردىن سەكرەپسەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
– قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
– ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، داداڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ،مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ،تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !
خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتى . بالا خاتىرجەم بولدى-دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاغلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئىدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردىدە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
– دادام نېمىشقا كەلمەيدۇ ؟
– سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت-ھۇيت دېگۈچە ، يەتتە غۇلاچلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
– يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدىدە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى .
ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سىرقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلاقىنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدىدە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقىرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :
– مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟
– كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نېمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ .
«مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن » دېگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى ..
ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرىلىغانسېرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لېكىن ئىرغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئېڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتىدە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئېگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكىنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرىغىلپاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئېگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى.
ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . «مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . » دادا!دادا!» ئۇ ھەر قېتىم «دادا» دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتىدە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىرغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ «غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !» دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ » ئۆزۈڭگە پەخەس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !» دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ، 2 غۇلاچ، بىر غۇلاچ..موما ئىرغاڭلايتى، سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ..
مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى-دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي ۋۇي ! نېمە دېگەن ئېگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەب كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى «قوي ئوغرىسى» قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى :
– مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتۈرۈلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى دە ، بايراقنىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
– بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !
دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈزكۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدىدە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشىلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردىدە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىرىدى :
– مۆمىنجان ! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟
– مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدىدە ، خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى .
– دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .
بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىدە ، قاتتىق ۋارقىرىدى :
– توختا ! …چۈشمە !
مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدىدە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
– ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نېمە دەپ ئۇرغان ؟!
– قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !
– قانداق ئۆلتۈرگەن ؟
– ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
– ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى ؟
بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
– ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .
– بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
– مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
– بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
– ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .
– ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتىدە ، ھايت ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرىدى :
– يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى ، ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
– دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول !- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردىدە ، بالىغا قارىتىپ ئارقائارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتىدە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا «ۋايجان!» دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۇۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدىدە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى دەل شۇ چاغدا ، قاراسقۇرۇس قىلىپ موما سۇندىدە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتىيۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە قويدىئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قوشۇلدى . بۇ چاغدا غەربكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىكىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى…

تەشناقاش
ئەلا نۇر
ئۆچەرمۇ كۆز نۇرۇم بىۋاق نىگار ۋەسلىگە يەتمەستىن،
ئىلاھىم چاچقۇ قىپ نۇسرەت، غېرىپ باشىمغا سەپمەستىن.
سېنى دەپ ئۆتتى ئۆمرۈمنىڭ باھارى، يازى تەشناقاپ،
زىمىستان قاتتى مۇز قەلبىم، نادامەت، داغى - ھەسرەتتىن.
زامانمۇ باقمىدى ئوڭ كۆز بىلەن ئۇنتۇلدۇق ۋە بەلكىم،
زاۋالغا تۇتتى يۈز بەختىم، ئىچىپ رەڭ تۈندە زۇلمەتتىن .
مەگەر تاڭ ئاتسا گۈلشەندە كۆرەرمەن يارنى دەپ كۈتسەم،
بىدارلىق سۇندى غەپلەتتە، ناماز خۇپتەنگە يەتمەستىن.
باھاردا سولدى گۈل، ياغمىش تومۇزدا قار بىلەن مۆلدۈر،
نېسىپ بولغايمۇ ئۇيغۇرغا بۇنىڭدىن ئۆزگە قىسمەتتىن!؟

Technology
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
9 كۈن بۇرۇن
نۇر: فىزىكىلىق رېئاللىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتنىڭ ئۇچرىشىشى
ئىنسانىيەت تارىخىدا «نۇر» ھەم ماددىي دۇنيانىڭ تۈپ قانۇنىيەتلىرىنى يېشىپ بېرىدىغان فىزىكىلىق ئاچقۇچ، ھەم مەنىۋى دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلاھىي سىمۋول بولۇپ كەلدى. زامانىۋى ئىلىم-پەن كائىناتنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەلۇم يەكۈنلەرگە كەلگەن بولسا، ئىسلام دىنى قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىۋى ۋە غەيبىي تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ماقالىدە، بىز قۇرئان ئايەتلىرى، سەھىھ ھەدىسلەر ۋە زامانىۋى كىۋانت فىزىكىسى شۇنداقلا نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قاتارلىق ئاكادېمىك مەنبەلەرگە تايىنىپ، «نۇر» نىڭ كائاناتتىكى ئورنىنى دىنى ۋە پەننى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىمىز.
1. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نۇرنىڭ ئورنى: قۇرئان كەرىمدە نۇرنىڭ كائاناتنىڭ ئەڭ تۈپكى ماھىيىتىگە تۇتىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ: «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر...» (سۈرە نۇر، 35-ئايەت). تەپسىر ئالىملىرى بۇنى «ئاسمان-زېمىننى باشقۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلارنى ھىدايەت بىلەن نۇرلاندۇرغۇچى» دەپ شەرھلەيدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ يارىلىش مەنبەسى: سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن بىر ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلدى، جىنلار تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلدى، ئادەم سىلەرگە بايان قىلىنغان نەرسىدىن (تۇپراقتىن) يارىتىلدى.» (مۇسلىم، 2996-ھەدىس). بۇ ھەدىس كائىناتتا بىز كۆرەلمەيدىغان، ماسسىسىز، ئەمما غايەت زور ئېنېرگىيەگە ۋە تېزلىككە ئىگە بىر ئاڭلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ (پەرىشتىلەرنىڭ) ئەسلى ماتېرىيالى «نۇر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
2. زامانىۋى فىزىكىدا نۇر: كائاناتنىڭ تۈپكى ئۆلچىمى زامانىۋى فىزىكىدا نۇر (فوتونلار) زامان، ماكان ۋە ماددىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. ئالبېرت ئېينىشتىيىننىڭ 1905-يىلى ئېلان قىلغان «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» ۋە ماكىس پىلانك باشلامچىلىق قىلغان كىۋانت نەزەرىيەسى بىزنىڭ نۇرغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. زامانىۋى فىزىكىدا نۇر دولقۇن-زەررىچە ئىككىلىك خۇسۇسىيىتى بولغان «فوتون» دەپ ئاتىلىدىغان ماسسىسىز زەررىچە سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. نۇرنىڭ بۇنداق قوش تەبىئەتكە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ كائاناتتىكى ئەڭ غەلىتە ۋە سىرلىق مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر تەڭلىمىسى E
=
mc2
ماددا بىلەن ئېنېرگىيەنىڭ (شۇ جۈملىدىن نۇرنىڭ) ماھىيەتتە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يەردە E ئېنېرگىيە، m ماسسا، c نۇر سۈرئىتى (تەخمىنەن 299,792,458 مېتىر/سېكۇنت). بۇ ئىلمىي يەكۈن، كائاناتتىكى بارلىق قاتتىق جىسىملارنىڭ ئەسلىدە بىر قۇتۇپلاشقان «ئېنېرگىيە (نۇر)» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ، دىنىي جەھەتتىكى «پۈتۈن كائانات ئاللاھنىڭ كۇن (بول) دېگەن بىرلا سۆزى (ئېنېرگىيەسى/قۇدرىتى) بىلەن پەيدا بولغان» دېگەن ئەقىدىگە پەلسەپىۋى جەھەتتىن ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
3. چوڭ پارتلاش ۋە ئالەمنىڭ نۇرغا تولۇشى: ئاستروفىزىكا ئالىملىرى كائاناتنىڭ يارىتىلىش پەيتىنى تەتقىق قىلغاندا «چوڭ پارتلاش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاكادېمىك كائاناتشۇناسلىق ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مىنۇتلاردا كائاناتتا ھېچقانداق قاتتىق ماددا يوق ئىدى؛ پۈتۈن كائانات پەقەت نۇردىن (فوتونلاردىن) ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رادىئاتسىيەدىن تەركىب تاپقان ئىدى. قۇرئاندىكى: «ئاسمانلار ۋە زېمىن بىر تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىدۇق...» (ئەنبىيا سۈرىسى، 30-ئايەت) دېگەن بايان ۋە باشتىكى «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر» دېگەن سىمۋوللۇق ئايەت، ئىلىم-پەننىڭ مۇشۇ بايقاشلىرى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاشلىق ھاسىل قىلىدۇ.
4. ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشى: نۇرنىڭ فىزىكىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىرى — ماددىلارنىڭ سۈرئىتى نۇر سۈرئىتىگە يېتىشكەندە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىدۇر. زامانىۋى فىزىكىدىكى «ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشى» تەڭلىمىسىگە قارايدىغان بولساق: (Δ
t
′
=
Δ
t / sqrt(1
−
v
2/ c
2 ئەگەر بىر جىسىمنىڭ سۈرئىتى ( v ) نۇر سۈرئىتىگە ( c ) يەتسە، ۋاقىت توختاپ قالىدۇ. يەنى فوتون (نۇر) ئۈچۈن ۋاقىت مەۋجۇت ئەمەس. فوتون كائاناتنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە نەچچە مىليارد يىلدا بارغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى ئۈچۈن بۇ مۇساپە نۆل سېكۇنتتا تاماملانغان بولىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى ئەسلىتىدۇ. فىزىكا قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، پەرىشتىلەر نۇر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار يەر شارىدىكى بىزنىڭ «ۋاقىت» چۈشەنچىمىزگە بويسۇنمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن زامان-ماكان توسالغۇسى يوق. ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى ھەققىدە قۇرئاندا مۇنداق ئايەت بار: «پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئۆلچىمى ئەللىك مىڭ يىل بولغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەپ چىقىدۇ.» (سۈرە مەئارىج، 4-ئايەت). بۇ ئايەت ۋاقىتنىڭ سۈرئەتكە ۋە ماكانغا قاراپ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، 20-ئەسىردىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسە: مەيلى ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بولسۇن ياكى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئىلاھىي بايانلىرى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى بىزگە كائاناتنىڭ ئەڭ يادرولۇق ماھىيىتىنىڭ «نۇر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فىزىكا بىزگە نۇرنىڭ كائاناتنى قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە ماكان-زاماننى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، قۇرئان بىزگە نۇرنىڭ كىم تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىنى قانداق ھىدايەتكە باشلايدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دىن ۋە ئىلىم-پەن بىر-بىرىگە قارشى ئەمەس، بەلكى بىرى ماددىي دۇنيانىڭ تىلى بولسا، يەنە بىرى شۇ ماددىلارنى ياراتقان زاتنىڭ تىلىدۇر. ئىككىسى بىرلىشىپ، بىزنى مۇتلەق ھەقىقەتكە يېتەكلەيدۇ.
-سەرخىللار مۇنبىرى

قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن
9 كۈن بۇرۇن
ناۋاي دادا ئاسپىرانت بالا
(مىكرو ھىكايە)
دادا ناۋاي ئىدى . ئۇ گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن بىر ئائىلىنى بېقىپ كەلدى. ئۇ ھاياتىدا
كەچكى شەپەقتە پېتىۋاتقان قۇياشتەك دۈپ -دۈگىلەك ، قىپقىزىل ، چوڭ-چوڭ نانلارنى ، كېچىدە تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان گىردىلەرنى ، كۆپكۆك ئاسماندا جىمىر-جىمىرلاپ تۇرغان
سانسىز يۇلتۇزلاردەك ئوماق توقاچلارنى ياققىچە، تالاي-تالاي قېتىم باش-كۆزلىرىنى ‹‹ ئۈتلەپ››
كەتكەنلىكى ئېسىدىمۇ يوق ئىدى . كېچە-كۈندۈز پەقەت ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ، يالغۇز ئوغلىنى ۋايىغا يەتكىچە ئوقۇتۇش ئىدى.
باشلانغۇچتا :
— بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ، دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ،ئوغلىغا روبىرو ئولتۇراتتى .
تولۇقسىزدا:
—بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ،دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر ژۇرنالنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ زور قىزىقىش بىلەن كۆرەتتى .
تولۇق ئوتتۇرىدا :
—ئوغلۇم، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىۋال دەپ، بالىنىڭ قۇلاقلىرىدىكى تىڭشىغۇچلارنى ئېلىۋېتىپ قولىغا بىر روماننى ئېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تازا ئىشتىياق بىلەن «ئوقۇيتتى».
ئاتا ئۆيدە بارلىكى چاغلاردا مۇشۇنداق قىلاتتى .
ئالىي مەكتەپتە:
ئاتا ئالىي مەكتەپكە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلەنسىمۇ ، ئەسلى ئادىتى بويىچە پات-پات تېلىفۇن قىلىپ:
—ئوغلۇم ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇما ، ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقۇ ! دەپ تاپىلاشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايتتى .
دوختۇرخانىدا :
ئوغلى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ،دوختۇرلۇق كەسپىنى قولىغا ئالدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاتا-ئانا مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتتى . بىر كۈنى توساتتىن، دوختۇرخانىدىن تېلىفۇن كەلدى . دادا ئۇچقاندەك يېتىپ باردى . ‹‹ سوقۇر ئۈچەي›› سەۋەبىدىن ،ئوغۇلنى جىددى
ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەنىدى . جەدىۋەلگە قول قويىدىغان چاغدا دادا ساۋاتسىز چىقىپ قالدى. ئوغۇلنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن ياشلىرى ‹‹ بوۋاي›› نىڭ ساقاللىرىدىن سىرغىپ چۈشتى.
بوۋاي ئەسلى بالىسى ئۈچۈن يالغان ساۋاتلىق بولىۋالغان ئىدى .........
پەرزەنىتلىرىمىزگە "دەپ" ئەمەس " قىلىپ" ئۈلگە بولىشىمىز كىرەككەن ھاياتتا

10 كۈن بۇرۇن
كائىناتنىڭ يارىتىلىشى ۋە يوق بولۇشى
ئىنسانىيەت تارىخىدىن بېرى «كائىنات قانداق باشلانغان ۋە ئۇ قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟» دېگەن سوئال ھەم ئىلىم-پەننىڭ، ھەم ئېتىقادنىڭ ئەڭ مەركىزىي تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. زامانىۋى ئاسترونومىيە كائىناتنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسا، فىزىكا ئالىملىرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى «چوڭ سىقىلىش» (The Big Crunch) نەزەرىيەسى ئارقىلىق مۆلچەرلىمەكتە. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ زامانىۋى ئىلمىي تەسەۋۋۇرلار بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى كائىناتنىڭ تۈرۈلۈشى ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەيران قالارلىق بىر ماسلىق مەۋجۇت. تۆۋەندىكى بايانلاردا كائىناتنىڭ دەسلەپكى نۇقتىغا قايتىش جەريانىنى ئىلمىي ۋە دىنىي نۇقتىدىن سېلىشتۇرما ھالدا كۆرۈپ ئۆتىمىز.
فىزىكا ئالىملىرى كائاناتنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قانچە نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىمنىڭ بايانلىرى بىلەن ئەڭ ماس كېلىدىغان نەزەرىيە «چوڭ سىقىلىش» (The Big Crunch) نەزەرىيەسىدۇر.
بۇ ئىلمىي ۋە دىنىي تەسەۋۋۇرنى تۆۋەندىكىدەك سېلىشتۇرۇپ كۆرەلەيمىز:
1. فىزىكا نۇقتىسىدىن: «چوڭ سىقىلىش» (The Big Crunch) نەزەرىيەسى بويىچە، كائانات ھازىر سىرتقا قاراپ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، كائاناتتىكى ماددىلارنىڭ تارتىش كۈچى (Gravity) مەلۇم بىر نۇقتىدا بۇ كېڭىيىشنى توختىتىشى مۇمكىن. كېڭىيىش توختىغاندىن كېيىن، كائانات خۇددى قۇيۇپ قويغان كاۋچۇكتەك ئەسلىگە يېنىشقا باشلايدۇ. يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى بىر-بىرىگە ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن يېقىنلىشىدۇ.
نەتىجىدە كائانات بارغانسېرى سىقىلىپ، تېمپېراتۇرا چەكسىز ئۆرلەپ، ئاخىرىدا دەسلەپكى يارىلىشتىكىدەك بىرلا نۇقتىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ جەريان «چوڭ پارتلاش» نىڭ ئەكسىچە بولغان «چوڭ سىقىلىش» تۇر.
2. قۇرئان نۇقتىسىدىن: ئاسماننىڭ تۈرۈلۈشى
قۇرئان كەرىمدە قىيامەت كۈنى كائاناتنىڭ قانداق شەكىلدە ئاخىرلىشىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەندە، زامانىۋى فىزىكىدىكى سىقىلىش جەريانىغا ئىنتايىن ئوخشاش بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ:
«بىز (قىيامەت كۈنى) ئاسماننى خەت يېزىلغان قەغەز تومارنى تۈرگەندەك تۈرىمىز، (مەخلۇقاتلارنى) دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتكە قايتۇرىمىز...» (سۈرە ئەنبىيا، 104-ئايەت). بۇ ئايەتنى زامانىۋىي فىزىكا بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، «قەغەز تومارنى تۈرگەندەك» دېگەن بۇ تەسۋىر كائاناتنىڭ كېڭىيىپ كەتكەن ماكانىنىڭ قايتىدىن يىغىلىپ، سىقىلىدىغانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. فىزىكىدىكى كائاناتنىڭ سىقىلىپ ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتىشى بىلەن قەغەزنىڭ تۈرۈلۈپ كىچىكلىشى بىر-بىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
«دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتكە قايتۇرىمىز»: بۇ جۈملە كائاناتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى (Singularity) غا قايتىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر.
3. يۇلتۇزلارنىڭ ئۆچۈشى ۋە نۇرنىڭ يوقىلىشى: فىزىكا ئالىملىرى كائانات ئاخىرلاشقاندا نۇرنىڭمۇ تۈگەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. يۇلتۇزلارنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە بۇ ھادىسە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
«يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەن چاغدا...» (سۈرە مۇرسەلات، 8-ئايەت)
«يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن (يەنى نۇرى ئۆچۈپ قاراڭغۇلاشقان) چاغدا...» (سۈرە تەكۋىر، 2-ئايەت)
خۇلاسە: ئىلىم-پەن بىزگە شۇنى دېمەكتە: كائانات بىر نۇقتىدىن باشلانغان (Big Bang)، كېڭىيىۋاتىدۇ (Expansion) ۋە بىر كۈنى قايتىدىن سىقىلىپ يوقىلىدۇ (Big Crunch).
قۇرئان بىزگە شۇنى دېمەكتە: ئاسمان-زېمىن بىر تۇتاش ئىدى ئايرىدۇق، بىز ئۇنى كېڭەيتكۈچىمىز ۋە بىر كۈنى ئۇنى تومارنى تۈرگەندەك تۈرۈپ ئەسلىگە قايتۇرىمىز.
بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ھەقىقەت شۇكى، نۇر بىلەن باشلانغان بۇ كائانات سەپىرى يەنە شۇ نۇرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاخىرلىشىدۇ. فىزىكا بىزگە بۇ جەرياننىڭ «ماتېماتىكىسى» نى سۆزلەپ بەرسە، دىن بىزگە بۇ جەرياننىڭ «مەقسىتى» نى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
- سەرخىللار مۇنبىرى

بۈركۈتنىڭ قايتا يارىلىشى
بۈركۈت دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان قۇش بولۇپ، 70 يىل ياشىيالايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق ئۇزۇن ياشاش ئۈچۈن، بۈركۈت قىرىق ياشقا كىرگەندە، ناھايىتى قېيىن بىر تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.
بۈركۈت قىرىق ياشقا كىرگەندە، تىرناقلىرى ئاجىزلاپ، ئوۋنى ياخشى قاماللىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. تۇمشۇقىمۇ ئۇزىراپ ھەم ئېگىلىپ، مەيدىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. قاناتلىرىمۇ ئېغىرلىشىپ ئۇچالماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئىككى تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. بىرى ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىش، يەنە بىرى بولسا، ناھايىتى ئازابلىق بولغان ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش.
بۈركۈتنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىگە 150 كۈن ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن بۈركۈت ئېگىز تاغ چوققىسىغا ئۇچۇپ بېرىپ، قۇرام تاشنى تاكى تۇمشۇقى ئۇپراپ كەتكۈچە چوقۇيدۇ. تۇمشۇقى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن، تاكى يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققۇچە شۇ جايدا ساقلاپ تۇرىدۇ. يېڭى تۇمشۇق ئۆسۈپ چىققاندىن كىيىن، ئۇ تۇمشۇقى بىلەن تىرناقلىرىنى بىردىن-بىردىن يۇلۇۋېتىدۇ. تىرناقلىرى قايتىدىن ئۆسۈپ چىققاندىن كىيىن، قانىتىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يۇڭدىۋېتىدۇ. بەش ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، يېڭى پەيلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۈركۈت قايتىدىن پەرۋاز قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە يەنە
30يىل ئارتۇق ياشىيالايدۇ .
خۇلاسە ئۆزىڭىزدىن .

History
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
بۇ ماتېرىيال قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1989- يىلى نەشىر قىلغان، ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى "تارىختىن قىسقىچە بايانلار" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنىيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ جۇشقۇن مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (روزەك باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان كوللىكتىپ پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئويۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرىسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. «ساما» دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. زىمىنغا گۈس- گۈس دەسسەپ تىترىتىپ ، غەيۇرلۇقنى ، يىگىتلىكنى، بىرلىك- ئىناقلىقىنى ، ئۇيۇمچانلىق- ماسلىشىشىچانلىقنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ.
بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان.
ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان.
XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلاد 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان.
XIX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن رېمونت قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرىپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان ھاممام، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەرۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.
ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار بۇزۇلغان ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، كۆچەتلەر تولۇقلاپ تىكىلگەن، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە « مەدرىس- مەسچىت ھەيئىتى » قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى.
ھېيتگاھ جامەسى ۋەتىنىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ھۈنەر- سەنئەت ماكانى بولۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق ،ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە : دەرۋازا، ھويلا، مەسچىت، مەدرىس، ھۇجرىلاردىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ.
جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار.
دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەھەرگە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بۇلۇپ، مەزىن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان بولۇپ ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراب شەكىللىك ئىشىكى بار.
گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17.5 مېتىر كېلىدۇ.بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ.دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بۇلۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارە كىرىمى جامە جىراجەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى- شەھەرنىڭ ئەڭ قويۇق ئېلىم- سېتىم، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر. بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئورۇن- ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا (ھويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3- 4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5-10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە 40-50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ھويلىسى بىلەن كايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر، كايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان.
مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پىشايۋان)، كايىۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.
جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېسابلىغاندا 2660 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ئايۋان تۇرۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز- رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن مەشھۇردۇر.

يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز قانچىلىك ھالال؟
تۈركىيە يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان تەم كىرگۈزگۈچى، رەڭ بەرگۈچى ۋە خۇمار قىلغۇچى قاتارلىق قوشۇمچە ماددىدىن 4000 خىلغا يېقىن نەرسىنى خىتاي، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، تۈركىيە بۇ ماددىلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى ئەمەس، ئىنسانغا زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكىنىلا تەكشۈرۈپ ئىشلىتىشكە رۇخسەت بېرىدىكەن. دېمەك ئۇ نەرسىلەرنىڭ نېمىدىن قانداق شەكىلدە ياسىلىدىغانلىقىغا قاراپ يۈرمەيدىكەن.
مىڭ ئەپسۇس، تۈرك ئاشخانىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان يۇقارقى تاماق تېتىقۇ ۋە رەڭ كىرگۈزگۈچى ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوزۇقلۇق ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا مەزكۇر نەرسىلەرنىڭ ھالال ئەمەسلىكى، ھەتتا بەزىسى ساغلاملىققا زىيانلىق نەرسىلەردىن ياسالغانلىقى ئىسپاتلانغان. چۈنكى ئۇلار مال بوغۇزلىنىدىغان يەرلەردىكى قانلاردىن، ئىنساننىڭ چاچلىرىدىن، چوشقىنىڭ ۋە ئىتنىڭ تۈكلىرىدىن ياسىلىدىكەن.
شۇنداقلا بازارلاردا ۋە ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان گۆش مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، تاتلىق تۈرۈملەر، رەڭلىك مېۋە سۈيى ۋە گازلىق ئىچىملىكلەرنىىڭ 90% شۈبھىلىك بولۇپ ، ئۇلارغا يۇقارقىدەك شۈبھىلىك ھەتتا كەسكىن ھارام بولغان قوشۇلمىلار ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھارام دېگىلى بولمىسىمۇ، بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن《 ھالالمۇ ئاشكارا، ھاراممۇ ئاشكارا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك نەرسىلەر بار بولۇپ ئۇنى كۆپىنچە ئاۋام بىلمەيدۇ، كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۆزىنى ساقلىسا دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ 》 دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز شۈبھىلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن ئۆزىمىزنى قەتئىي تارتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن ئەڭ كۆپ ئالدىمىزغا ئۇچرايدىغان، پىززا، بۇرگەر نېنى، باقلاۋا يۇپقىلىرى قاتارلىق ئۇنلۇق تاماقلارنىڭ ئۇنلىرىدا ئاساسەن دېگۈدەك ئىستېمال قىلىش ھارام بولغان قوشۇمچە ماددىلار ئىشلىتىدىكەن.
رەڭلىك ئىچىملىكلەردە ھاراق، 2+1 ياكى 3+1 قەھۋەلەر، سۈت، ئېرىمچىك، پىشلاق، قېتىق، تورت قاتارلىقلاردىمۇ ئىستېمال قىلىش ھارام بولغان قوشۇمچە ماددىلار بار ئىكەن.
كىچىك بالىلار ئامراق بولغان، ھەتتا بىز چوڭلارمۇ يەپ قويىدىغان، چوكا مۇزلار، شېكەر ۋە سوزۇلىدىغان تاتلىق نەرسىلەردىمۇ خىتايدىن ئەكىلىدىغان ئىنساننىڭ ياكى چوشقىنىڭ تۈكىدىن ياسالغان قوشۇمچە ھارام ماددىلار بار ئىكەن.
ئۇنداق بولسا نېمە يەيمىز ؟
مۇمكىن قەدەر سىرتتىن تاماق يېمەسلىككە ئادەتلىنىش.
سىرتتىن ئەكىرىدىغان گۆش، ئۇن ، ماي، سۈت، قېتىقلارنى قاتتىق دىققەت بىلەن ئىزدىنىپ ھالال ماركىلىقلىرىنى ئالىمىز.
ئەڭ مۇھىمى ھالال ماركېتلەردىن نەرسە سېتىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز.
شۇنداقلا بىرە نەرسە سېتىۋالماقچى بولساق تۈركىيەدە ھالال بەلگىسى بېرىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك ( GIMDES) دېگەن شىركەتنىڭ ھالال بەلگىسى بارمۇ يوقمۇ دېگەننى تەكشۈرۈپ باقىمىز.
مەزكۇر شىركەتنىڭ ئايفۇن ۋە ئاندىرويىد تېلىفونلاردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەپلىرى بار بولۇپ شۇنى چۈشۈرۈپ پايدىلانساق بولىدۇ.
ئۇ ئەپلەردە مەزكۇر شىركەت ھالال بەلگىسى بەرگەن ئۇن، گۆش ۋە بىزلەرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجىمىزغا يېتىپ ئاشقۇدەك ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكى بار.
ئەھمەد ئۈمىدۋار

يۈرەك نېمە؟
ئەلانۇر
قېنىپ يىغلاش لازىم ئىنسانغا ،
بايقىغاندا ئۆز ئۆزىنى بەزلەپ يۈرگەننى .
ياشاش نېمە ؟
تەنگە قۇل بولۇش
يۈرەك نىمە؟
قەپەستىكى قۇش
ئەڭ مۇقەددەس مۇساپە ئۆلۈم
ئازاپلىقتۇر تۆشەكتە ئۆلۈش .
يۈرەك نېمە؟
ئەلانۇر
قېنىپ يىغلاش لازىم ئىنسانغا ،
بايقىغاندا ئۆز ئۆزىنى بەزلەپ يۈرگەننى .
ياشاش نېمە ؟
تەنگە قۇل بولۇش
يۈرەك نىمە؟
قەپەستىكى قۇش
ئەڭ مۇقەددەس مۇساپە ئۆلۈم
ئازاپلىقتۇر تۆشەكتە ئۆلۈش .
ئەلانۇر
Education
خۇدانىڭ مېھمىنى*
(چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەللامە ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمغا بېغىشلايمەن)
(1936-2018)
ئەركان قادىر
بۈگۈن بارلىق ئاق كەپتەرلەر قان يىغلىدى
زەيتۇن شاخلىرى ئۆزىگە ئوت قويىۋالدى
تاغلار ئېغىرئۇھسىنغىنىچە بېشىنى ئەگدى
ئالەم يەنە بىر قېتىم ئۆلدى…
سۆيگۈنىڭ كىيىمى بار دېيىلسە
شەكسىزكى ئۇ سەن كەيگەن كېپەن
چۈنكى سېنى ئۇنىڭدا كۆرۈپ قايتىدىن سۆيدۇق
زېمىن سېنى قوينىغا ئېلىپ ئۇلۇغ بولدى
يامغۇر زېمىننى سۆيگەندىن كېيىن ئاسمان تېخىمۇ ئىگىزلىدى
شۇنداق،
بىز سەندىن ئايرىلىپ تېخىمۇ پاكارلاپ كەتتۇق
روھىڭنى ئېلىپ ماڭغان پەرىشتىلەرنىڭ شادلىقى ھەققىدە سۆزلىمەيمەن،
ئارىمىزدىن يۈتكەن روھىڭغا قايغۇرىمەن…
سەندىن مىراس قالغان ئاتمىش ھەرپ
ئەمدى سەن باردىكىدەك كۈلەلمەيدۇ…
«شەبىستاندا چاقنىغان چولپان» *ئىدىڭ
قېنىڭدىن ئۈنگەن چېچەكلەردە ھاياتىمىز كۆركەملەشكەن ئىدى
ئاللاھ سېنى ھوزۇرىدىكىلەرگە كۆرسىتىپ ماختانغاندا
ھاياتىمىز بىر كۆزى قان يىغلىغان،
يەنە بىرىدە چېقىن چاققان ھالدا
ئۆلۈمىڭگە يېقىن، سەندىن يىراق بىر جايدا
قايغۇغا ئايلىنىپ كەتتى
زۇلمەت سەن ھەققىدىكى چۈشلىرىمىزنى ئوغرىلاپ كەتتى
لېكىن بىزگە يېڭى بىر قۇياش ۋەدە قىلىندى…
بۈگۈن يۈرىكىمىزگە شېھىتلىق ئەتىرىڭنى چاچقىنىمىزچە
سەن ياندۇرغان چوغلاردىن رىۋايىتىڭنى ئاڭلىدۇق
سۆيگۈ تىراگىدىيە ھاڭلىرىدا تۇنجۇقتى دېيىشتۇق
تاۋۇتۇڭ يوق، قەبرەڭ يوق ھالدا ساڭا ھازا ئاچتۇق
ئىزىڭنىڭ نۇرىدىن يېڭى ئۆيۈڭنىڭ گۈزەللكىنى سەزدۇق…
قولۇڭدا پارلىغان سىياھلارغا مۇبارەك بولسۇن
ئارزۇ قىلغىنىڭدەك
بىز ئۇنى مەشئەل قىلىپ مېڭىۋاتىمىز…
. *«خۇدانىڭ مېھمىنى» مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمنىڭ كۈيئوغلى، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان مەشھۇر شائىر ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ 1993-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاپات بولغان ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمغا يازغان مەرسىيەسىنىڭ نامى.
*«شەبىستاندا چاقنىغان چولپان»2006- يىلى ئۇستازغا يازغان قەسىدەمنىڭ نامى ئىدى. ئۇستاز ئۇ كۈنى: ئالىملارنىڭ كىتاب يېزىپ قالدۇرۇرىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە بىزدىكى بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئانا تىلنى ياخشى بىلمەسلىك ئىكەنلىكى، ئانا تىلنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئۆگىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق سۆزلىگەن ۋە بىزگە بۇ ھەقتە نەسىھەت ھەم ۋەسىيەتلەرنى قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇستازنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن، ياتقان يېرىنى فىردەۋسۇلئەئلا دا قىلسۇن.

مەنىۋىي ۋەتىنىمىز- ئانا تىل
ئەلا نۇر
ئىسلام دىنىدىن قالسىلا ،ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىكى يەنە بىر ماھىيەتلىك ئامىل – تىلدۇر. ئۇيغۇر تىلى بىز ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى باشقا ھەممە مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بەلگىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى بىز ئۇيغۇرلار بىر-بىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغان قورال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تارىخىمىز، بىلىش چوڭقۇرلۇقىمىز، ھېسسىيات ئالىمىمىز، تەپەككۇر ئادىتىمىز ۋە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىمىزنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
تىل كىملىكىمىزدىكى مۇھىم ئامىللا ئەمەس، ھايات-ماماتلىق ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.
تىل ئارقىلىق بىز ئۆزگىلەرگە ئۆزگىچىلىكىمىزنى ئىپادىلەپلا قالماي،يەنە ئۆز دۇنيارىمىزنى قۇرىمىز. مىللەتداشلىرىمىز بىلەن ئەخلاقىي،ئىجتىمائىي،سىياسىي ۋە تارىخىي باغلىنىشىمىزنى ھىس قىلىمىز. ئۆز تىلىمىز بىزگە قورغان كەبى خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ، بىر-بىرىمىزگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. كۆڭۈل رىشتىمىزنى چىڭىتىدۇ، شۇنداقلا بىزگە غۇرۇر، پەخر،ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.
بىزدە تىلىمىز "ئانا" غا ئوخشىتىلىدۇ --- ئۇ ھەر بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆز پەرزەنتىگە تۇنجى قېتىم سۆزلەيدىغان تىلدۇر. ئۇ – ئانىنىڭ تىلىدۇر، شۇنىڭدەك ئۇ بىلىدىغان تىللىرىمىزنىڭ ئانىسىدۇر. يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا تىلىمىز ئانا بېرىدىغان دىلئاراملىقنىڭ، ئانىمىز بىلەن مۇناسىۋېتىمىزدەك تەرىپلىگۈسىز، قان بىلەن گۆشتەك بىرىكىپ كەتكەن مۇناسىۋەتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ، پاسىبانلىقنىڭ تىمسالىدۇر.
خەلقىمىز ئۆزىگە مۇقەددەس شەيئىلەرنى ئانىغا ئوخشىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىككى شەيئىنى ئانا بىلەن باغلاپ ئىدراك قىلىدۇ — ئانا ۋەتەن ۋە ئانا تىل. ھەر ئىككىسىدە ئانىنى ئۇلۇغلاش خاھىشى بار. ئانا – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدراكىدا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇنىڭدىن كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئۇ پەرۋىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە ھاياتلىقنى پەپىلەيدۇ، ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىدۇ. ئانا بالىنى چوڭ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق يارىلىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپىرىدە قىلغۇچى مەنبە سۈپىتىدە قارىلىدۇ.
ئانا خۇددى زىمىنغا ئوخشاش يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.
ۋەتەن بىلەن تىلنىڭ ئانا سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىشىدا شۇنداق چوڭقۇر باغلىنىش باركى ، ھەر ئىككىسى يېڭى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ھەر ئىككىسى خۇددى زىمىنغا ئوخشاش ھەم مەۋجۇتلۇقنى ئۆزىدە ساقلايدۇ ھەم ئاينىتىدۇ. ھەر ئىككىسى ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلاردۇر. ھەر ئىككىىسى ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەجدادىغا باغلايدۇ. ئادەمنىڭ كىملىكىنى تارىخىيلىققا ئىگە قىلىدۇ.
ۋەتەن بىر پارچە زېمىن بولۇش سۈپىتىدە ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەن بوشلۇق بىلەن تەمىنلىسە، ئادەمنىڭ ھايات قېلىشى ۋە كۆكلىشىنى دەستەكلىسە، تىل ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. ۋەتەن خۇددى تىلدەك ئادەمنى سىغدۇرىدىغان پاناھگاھ ، ئىللىق باغر ۋە ئارامبەخش ماكان بولسا، تىل ئادەمنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا قىلىدىغان ۋەتەندۇر. شۇ سەۋەبتىن، ۋەتەنسىزلىك نوقۇل ھالدا ئاشۇ بىر پارچە زېمىندىن ئايرىلىپ قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تېخىمۇ تىرەن نۇقتىدىن ئالغاندا، ھاياتلىقنى ئاينىتىدىغان مۇھىتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىش خۇددى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشاش، ئۆزى سۆزلىشىدىغان دۇنيادىن ۋە ئۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ تىلدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ھەسرىتى ۋەتەنسىزلىكنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ --- چۈنكى ئۇنىڭدا ئادەم ئۆزىدىن، ئۆزىنىڭ ئادەملىرىدىن ۋە تۇپرىقىدىن يىراقلىشىدۇ، تارىخى خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ ئۆزىگە يات ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ھەتتا ئۇ باشقا بىر قانچە تىلدا راۋان سۆزلىيەلىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزلۈكىدىن، ئەسلىدىن، يىلتىزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .
مۇستەملىكە رىئاللىقىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقىنى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشلا ئەمەس ، بەلكى يەنە تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشتۇر. ھەر ئىككىسىدىن ئايرىلىش ئۆزىنى خاتىرجەم، بىمالال ھېس قىلدۇرىدىغان ئانىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشايدۇ ۋە ئۈزۈل- كېسىل ھالدا مىللەت سۈپىتىدە يېتىمچىلىكنى ئىشارىلەيدۇ.
شۈبھىسىزكى – تىل كىملىكنىڭ يادرولۇق ئامىلىدۇر. چۈنكى تىل بىر مىللەتنىڭ نەچچە ئەسىرلىك كۈلتۈرىنى، تارىخىنى ئۆزىدە توشۇپ ماڭغۇچىدۇر. تىل – مىللەتنىڭ روھىنى سۆزلىگۈچى، مىللەتنىڭ كوللىكتىپ خاتىرىسىنى ساقلىغۇچىدۇر.
تىل – شۇ مىللەتنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى يولىدۇر. دۇنيانى ئىپادىلەشنىڭلا ئەمەس، ئۇنى ئېدراك قىلىشنىڭمۇ سخېمىسىدۇر. تىل ئادەم بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دۇنياسىدۇر—ئۇنىڭ مەنىۋى ۋەتىنىدۇر.
ئەگەر ئۇيغۇر تىلى يوقالسا، شەكسىزكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىمۇ يوقىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھېچقانداق بىر تىل ئۇيغۇلارنىڭ دۇنياسىنى ئۇيغۇر تىلىدەك ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋايىغا يەتكەن ئەۋرىشىم ۋە باي تىلكى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھېس- تۇيغۇلىرىنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ھەق- دادىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىيەلەيدۇ.
ئادەم ئۆز تىلىدا ئاراملىق تاپىدۇ، ئۆز تىلىغا سىغىنىدۇ، ئۆز تىلىدا خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ.
كىملىك ئانا تىلدا ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانا تىل تۇپرىقىدا بىخ ئۇرۇپ چىقىدۇ، كۆكلەيدۇ، باراقسانلايدۇ ۋە مېۋىلەيدۇ.
ئانا تىل- بىزگە بېرىلگەن مۇقەددەس پۇرسەت. تىلىمىز ئارقىلىق نامايەن بولىدىغان كىملىكىمىزمۇ بىز ئۈچۈن مۇقەددەس پۇرسەت.

مەن كىم
ئەلا نۇر
شېئىر ئەسلى تىم- تىم ئاققان جان ئىكەن،
نەپسىگە قارشى جىھاد، ئىسيان ئىكەن.
ئاق بېتى ئىمان، قۇرى ۋىجدان بىلەن،
ھەر ھەرپ سۆيگۈ، سىياھى قان ئىكەن.
كۆرگىنىم چۈش، مۈلكى ئالەم ئۇيقۇدا،
تىن- نەپەستە ھال غېرىپ، ئۇلپەت رىيا.
ھەر قەدەم ئاھ ئىپتىدا، يوق ئىنتىھا،
ئەسلى ئىلھام قوزغىتار ئەزان ئىكەن.
ياندىشىپ باتىلغا پىكرۇ- مەسلىكىم،
بىلگىنىمدىن زور بولۇپ بىلمەسلىكىم.
ھېچ سوراپ باقماپتىمەن < مەن ئەسلى كىم؟>
ئەمدى بىلسەم شۇ بىلىشمۇ شان ئىكەن.
مەن كىم
ئەلا نۇر
شېئىر ئەسلى تىم- تىم ئاققان جان ئىكەن،
نەپسىگە قارشى جىھاد، ئىسيان ئىكەن.
ئاق بېتى ئىمان، قۇرى ۋىجدان بىلەن،
ھەر ھەرپ سۆيگۈ، سىياھى قان ئىكەن.
كۆرگىنىم چۈش، مۈلكى ئالەم ئۇيقۇدا،
تىن- نەپەستە ھال غېرىپ، ئۇلپەت رىيا.
ھەر قەدەم ئاھ ئىپتىدا، يوق ئىنتىھا،
ئەسلى ئىلھام قوزغىتار ئەزان ئىكەن.
ياندىشىپ باتىلغا پىكرۇ- مەسلىكىم،
بىلگىنىمدىن زور بولۇپ بىلمەسلىكىم.
ھېچ سوراپ باقماپتىمەن < مەن ئەسلى كىم؟>
ئەمدى بىلسەم شۇ بىلىشمۇ شان ئىكەن.
ئەلانۇر
Literature
ئوت
ئەلا نۇر
ئوت ئىدىم
تۇتاشماقچى ئىدىم ئالەمگە
تۇتىشالمىدىم
تۇتاشتى ماڭا ئالەمنىڭ ئوتى
ئوت ئىدىم
تۇتاشماقچى ئىدىم مەن يارغا
تۇتاشتى لىكىن ماڭا يار ئوتى
ئۆمرۈم
ئۆت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوت.
جىسمىم
كۆيگەن ئوتنىڭ قىزىل يالقۇنى.
سورىماق بولساڭ
سۇ سورىما، سورا مەندىن ئوت
شېئىرلىرىم ئوتنىڭ بىر شېخى.
ئوت شېخىدىن سۇندۇرۇپ بىرتال
تىكىپ قويغىن كۈنگەي قەلبىڭگە
پەسلەر بەلكىم ئوتنىڭ ھەسرىتى.
ئوت
ئەلا نۇر
ئوت ئىدىم
تۇتاشماقچى ئىدىم ئالەمگە
تۇتىشالمىدىم
تۇتاشتى ماڭا ئالەمنىڭ ئوتى
ئوت ئىدىم
تۇتاشماقچى ئىدىم مەن يارغا
تۇتاشتى لىكىن ماڭا يار ئوتى
ئۆمرۈم
ئۆت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوت.
جىسمىم
كۆيگەن ئوتنىڭ قىزىل يالقۇنى.
سورىماق بولساڭ
سۇ سورىما، سورا مەندىن ئوت
شېئىرلىرىم ئوتنىڭ بىر شېخى.
ئوت شېخىدىن سۇندۇرۇپ بىرتال
تىكىپ قويغىن كۈنگەي قەلبىڭگە
پەسلەر بەلكىم ئوتنىڭ ھەسرىتى.
ئەلانۇر
Literature
ھەيرانمەن
ئەلا نۇر
ھەق يولى ئالدىدا تۇرسا ئېزىپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن،
تېڭىرقاش چۆلىدە سەرسان كېزىپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.
چېچىپ نۇر قولىدا تۇرسا گۆھەردىن بىباھا قۇرئان،
ساپال ئىزدەپ شېغىل تاشلار قېزىپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.
بولۇپ غەۋۋاس، كېزىپ ئوكيان، كويىدا لەئلىيۇ- مارجان،
نىھايەت دۇر ئەمەس تاشنى سۈزۈپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.
ئۆمۈرنىڭ دەملىرى شۇنداق يېنىپ كەلمەس باھار تۇرسا،
مېۋىسىز چېچەك كەبى توزۇپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.
نادانلىق ئەۋجىدە قۇتراپ، گۆھەرنى تېگىشىپ تاشقا،
پۇشايمان يېشىدىن قەترە يۇتۇپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.
ئىگەمنىڭ رەھمىتى جەننەت قىلىپ جىلۋە كۈتۈپ تۇرسا،
بۇ دۇنيا ئىشقىدا قانلار يۇتۇپ ئۆلگەنگە ھەيرانمەن.

23 كۈن بۇرۇن
جېرىس نان
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
جېرىس ناننى سومكىغا سېلىپ،
يېنىمىزغا كورۇشكا ئېلىپ،
قەھرىتان قىش، سوغۇق سەھەردە،
قارلاركېچىپ كېلىپ مەكتەپكە،
دىژورنىلىق نۆۋەت كەلگەندە،
ھۆل ئوتۇننى قاپلاپ لىققىدە،
كۈل-توزانلىق چۆيۈندىن مەشكە،
بۇلخانلىتىپ تۈتەك چىقىرىپ،
ئىسسىتاتتۇق سىنىپنى تەستە...
كۆمۈر يۇقى قولىمىز بىلەن،
سۈرتۈپ قويۇپ پوتلىمىزنى دەم،
كۈل ئۈستىگە تىزلىنىپ تۇرۇپ،
تۇتاشمىغان ئوتنى پۈف-پۈۋلەپ...
يورۇتقاندا ئەتراپنى ۋال-ۋۇل،
مەشتىن چىققان گۈلخاننىڭ نۇرى،
جىلۋە قىلىپ سەبىي يۈزلەردە،
چۆيۈن مەشنىڭ ئىسسىق ھورۇرى..
مۇزلۇق سۇنى ئۇسسۇپ بۇلاقتىن،
سوغۇق نەشتەر ئۇرۇپ قۇلاقتىن،
ئەپكەش بىلەن توشۇپ يىراقتىن،
مەش ئۈستىگە قاپقارا چاينەك،
پولدۇقشىتىپ قاينىغان سۇنى،
كورۇشكىغا تۆكۈپ ئاۋايلاپ،
جىرس ناننى پاتۇرۇپ چىلاپ،
يەپ كىتەتتۇق بەك ھوزۇرلىنىپ..
___________________________________________
جېرىس نان: بۇغداينىڭ كېپىكى ئارىلاش ئۇندا ئېتىلگەن توم نان. تەمى غۇۋا تاتلىق، قاتتىقىراق نان.

يۇرتۇم
ئەلانۇر
لەپىلدەيدۇ تۇغى ھەسرەتنىڭ
سەرسانلىقتىن يېرتىلغاچ ياقام
شۇ تاپ ھەرگىز پاتماي قالىمەن
دەريايىڭدا قان بولۇپ ئاقسام.
يۇرتۇم ئەي ئەزىز
باغرىڭدىكى قەدرىمگە يەتكەن
سايلىرىڭدا تاش بولۇپ ياتسام.
يۇرتۇم ئاتۇش
چوغ مىسالى كۈل باغرىدىكى
يىراقلاردا ياتار يېلىنجاپ
مەن ۋۇجۇدى مۇزلىغان كارۋان
چاچلىرىمنى يۇلغۇنلار تاراپ.
قۇملار قاينار تومۇرلىرىمدا
توغراقلاردەك ئىسەدەپ ئۇزاق
يۇلۇنماقنىڭ دەردىدە ئېغىر
گويا قۇشنىڭ بىر تال پىيىدەك
بارسام كىندىك قېنىمنى ھىدلاپ...
يۇرتۇم
ئەلانۇر
لەپىلدەيدۇ تۇغى ھەسرەتنىڭ
سەرسانلىقتىن يېرتىلغاچ ياقام
شۇ تاپ ھەرگىز پاتماي قالىمەن
دەريايىڭدا قان بولۇپ ئاقسام.
يۇرتۇم ئەي ئەزىز
باغرىڭدىكى قەدرىمگە يەتكەن
سايلىرىڭدا تاش بولۇپ ياتسام.
يۇرتۇم ئاتۇش
چوغ مىسالى كۈل باغرىدىكى
يىراقلاردا ياتار يېلىنجاپ
مەن ۋۇجۇدى مۇزلىغان كارۋان
چاچلىرىمنى يۇلغۇنلار تاراپ.
قۇملار قاينار تومۇرلىرىمدا
توغراقلاردەك ئىسەدەپ ئۇزاق
يۇلۇنماقنىڭ دەردىدە ئېغىر
گويا قۇشنىڭ بىر تال پىيىدەك
بارسام كىندىك قېنىمنى ھىدلاپ...
ئەلانۇر
General
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
28 كۈن بۇرۇن
رەسىمدىكى بۇ كىشى ئۆزدەمىر بايراقتار بولۇپ،بايقار شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.
بۇ كىشى 1949 _ يىلى ئىستانبۇلدا ئىسلامىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ،ئىمانىي ئېتىقاد بىلەن تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈلگەن.
بايراقتار يېغىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىلىكتىرونات ۋە سانائەت ئىنجىنىرلىقىغا ئالاھىدە قىززىققان.
ۋە كىيىنچە بىر تۆمۈر سانائەت دۇكىنى ئاچقان. تۈركىيەنىڭ دەۋىردىكى تىرور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلەپ شېھىت بولىشىغا قاراپ تۇرالمىغان بايراقتار،2001 _ يىلى بايراقتار نامىدا ،ئىنسانسىز ئايروپىلانلارنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.
بۇ ھەركەتنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ۋەتىنى مۇداپىئەسى ئۈچۈن قىلغان بولۇپ،زامانىدىكى ھۆكىمەت موچەن ياردەم بەرمىگەن. ھەتتا مانۋېر ئۇچۇشلارغا تەجرىبە سىناقلارغا ھەم رۇخسەت قىلمىغان چەتكە قېقىلغان. ئەمما بايراقتار نىمە قىلايلى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىمىز ،
پۇل ئالدىڭ دىگەن گەپ ئەمىر ئالدىڭ دىگەن گەپ . ئەگەر ئەمىر خائىنلار تەرىپىدىن كەپ قالسا تۈگۈشىمىز دىگەن شۇئارى بىلەن ئۆز ئىمكانىيىتىنى قوللانغان. ئائىلىسىنى سەپەرۋەر قىلغان. 2 ئوغلى قېرىنداشلىرى، دوسلىرى بىلەن بۇ پىلان ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز ھەركىتىنى داۋام قىلغان.
بايراقتارنىڭ جىيەن قىزى شۇ ۋاقىتتىكى 10 ياشلىق بىر قىز ، بۇنچىلىق قۇرئان كەرىم ياسىن شەرف ئۇقۇلۇپ ،دۇئانى ماڭا قىلغان بولسا مەنمۇ ئۇچا بوغۇيتتۇم دەپ ،ئائىلە ئىچىدىكى بۇ ھىممەتنى ۋە مەنىۋىي تىرىشچانلىقلارنى ھەم ئىپادىلەپ بەرگەن.
دەرۋەقە مانا بۇ ھىممەت تىرىشچانلىق ۋە ئىمانى كۈچ بۇ كىشىنىڭ ئارزۇزىنى روياپقا چىقاردى. دۆلىتىگە قارشى تىرورىزىم بۈگۈن ئاياقلاشتى. بايراقتار دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيەدەك بىر دۆلەت خەلىقئارا سىياسەتتە ئۈستۈن ئوبىكتىپ بولىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بايراقتارلارغا ئىھتىياجى بار.
بۇ كىشى دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن شۇقەدەر ھىممەت قىلغان بولسا،دۆلەت قۇرماقچى بولغان بىزلەر بۇ كىشىدىن 10 ھەسسە تىرىشىش بىزنىڭ قەرزىمىز. مەسئۇليىتىمىز
ئابدۇللاھ ئەزىز.

ئۆز تىلىم
ئەلا نۇر
مېنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس - تۇيغۇ، ئىزگۈ مەنالار بىلەن ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ چوڭ قىلغان ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل.
مەن ئۇنىڭ مەنا كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، كۆكتىكى بۈركۈتتەك قانات قاققىنىمدا ئۆزۈمنى بەقۇۋۋەت ۋە غەيۇر ھىس قىلىمەن.
مەن ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى، چەكسىز دۇنيانى كۆرىمەن. رەڭگارەڭ خىيال يىپلىرىمنى چىرايلىق كەشتە قىلىپ توقۇيمەن.
مېنىڭ تىلىم مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالىتى ۋە ھىمايەتچىسى، ئۇ خۇددى شىپالىق ئابىھايات سۈيىدەك كۆڭۈل ئېتىزىمغا قۇيۇلۇپ، مېنى قاغجىراق جەزىرىدىن كۆكلەم بەزمىسىگە ئۇلاشتۇرىدۇ. قوۋم- قېرىنداشلىرىمنى ئۆزگىچە ئاھاڭى بىلەن بىزەيدۇ. خەلقىئالەمگە تونۇتىدۇ. چۈنكى مېنىڭ تىلىم سەنئەتلىك ۋە مۆجىزىلىك تىل.
مېنىڭ تىلىم بىر قارىسا شوخ ۋە ئويناق،. بىر قارىسا قار لەيلىسىدەك گۈزەل ۋە سىپايە تىل. بىر قارىسا تاغ تورغىيىنىڭ دالانى چاڭ كەلتۈرۈپ زوق بىلەن سايرىشىدەك يېقىملىق، ئىلھام بەخش ۋە ساددا تىل.
تىلىمسىز بۇ جاھان ماڭا زۇلمەت تۈن،تىلىمسىز مەن پاڭ، تىلىمسىز مەن چولاق، تىلىمسىز مەن يېتىم، تىلىمسىز مەن ھېچنىمە...
تىلىم- مېنىڭ يىلتىزىم. ئۇنىڭدا ئەجداتلىرىمنىڭ شانلىق، تەۋەررۈك روھى ئەسىرلەر پايانىدا نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك ئۆزجىلۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ناۋاسى،ئاھاڭى، چۈچۈكلىكى ، تاڭسۇقلۇقى بىلەن ئەۋلاد لارغا تارىخنى، ھىكمەتنى، ئىنساننى، پانىي ئالەم ۋە باقىي ئالەمنى تونۇتىدۇ.بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ. نۇرلۇق ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ،قەلبتىن قەلبكە قانال ئېچىپ، جان سۈيى، مىھىر چەشمىلىرى ئاققۇزىدۇ.
مېنىڭ تىلىم شۇنچىلىك قۇدرەتلىك بىر تىلكى، ئۇنىڭدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلىشىر نەۋائىي،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر گىچە ... پاراسەت،ھىكمەت نۇرلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت داستىخىنىغا چاچقۇ قىلىدۇ. تىلنى قورال قىلغان ئالىملىرىمىز تۈندەك دىللارغا مەرىپەت، تەۋپىق، ھىدايەت نۇرى سېپىدۇ. شۇ تىل بىلەن ئەل - يۇرتنى، ساداقەتنى، ۋاپانى، مىھرى- مۇھەببەتنى، ئادىمىيلىكنى كۈيلەيدۇ. 32 ھەرپنى ئۇستا رەققاسلاردەك ئۇسسۇلغا سالالايدىغان، مۆرىتى كەلگەندە قەلىمىدىن قان تامدۇرالايدىغان شائىرلىرىمىز شۇ تىل بىلەن رەزىللىك، پاسىقلىق، چىركىنلىكنىڭ گۆرىنى قازىدۇ. يىراقنى يېقىن، دۈشمەننى دوست قىلىدۇ.
شۇ تىل بىلەن خەلقىم ئانا تۇپراق باغرىغا تەكلىماكان توغراقلىرىدەك مۇستەھكەم يىلتىز تارتىدۇ. كۆككە بوي سوزغان تەڭرىتاغ قارىغايلىرىدەك باراقسانلايدۇ، قۇياشقا يېقىنلىشىدۇ.
مېنىڭ تىلىم بالغا ئوخشاش تاتلىق تىل. ئۇنىڭدا بوۋاي- مومايلارمۇ،بالىلارمۇ،دىھقان - ھۈنەرۋەن، زىيالىيلارمۇ پىچىرلىشالايدۇ.ئاشىق- مەشۇقلار ئەڭ پىنھان كۆڭۈل سىرلىرىنى تىلىمدىن تىزىق تىزىپ بىر- بىرىگە سۇنالايدۇ.
مۇشۇ تىلىم خىرىس قىلىپ، چىش غۇچۇرلىتىپ تۇرغان رەقىبلەرنىڭ قىلىچىنى قېنىغا سالدۇرالايدۇ. تاشتەك قېتىپ كەتكەن دىللارنى ئېرىتىپ يۇم- يۇم يىغلىتالايدۇ. يېقىشلىقى ،ھارارىتى، ھاياتى كۈچى، تەمى، پۇرىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ.
مېنىڭ تىلىم مېنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك تىل. ئۇنىڭدا ئۆتمۈشمۇ، بۈگۈنمۇ ۋە ئىنشائاللاھ كەلگۈسىمۇ بار.
پاسىبانىم، قەلئەيىم، قورغانىم، مېنى مەن قىلغان جانىجان ئانا تىلىم. مەن سېنىڭ بىلەن ماختىنىمەن، ھەر تاۋۇشۇڭنى تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرىمەن.

كۆپتۇر
ئەلا نۇر
ساماندەك رەڭگىمگە تاڭ قالماڭ،دىلىمدا داغلىرىم كۆپتۇر،
پەسىلسىز ياپرىقى سولغان ناۋاسىز باغلىرىم كۆپتۇر.
نىسىۋەم يوق ئىكەن ئەسلا گۆھەردەك ئەتىۋالىقتىن،
ساپالدەك گاھى پەگادا قويۇلغان چاغلىرىم كۆپتۇر.
كۆڭۈل شىشەمگە تەگمەڭلار، تۈمەنمىڭ يېرىدە دەز بار،
كېيىكتەك ناتىۋانلىقتىن ئۈزۈلگەن تارلىرىم كۆپتۇر.
ۋاپادىن سۇ بولۇپ ئاقتىم، لىكىن چاك- چاك ئۆزۈم قالدىم،
يارانلار رەنجىدىن تولغان يۈرەكتە قانلىرىم كۆپتۇر.
دىلىمدا تاغچە ئارمانلار، لىكىن جانىم گىياھچە بار،
مۇشەققەتنىڭ داۋانىدا ئېرىمەس قارلىرىم كۆپتۇر.
كېزىپ چۆللەر ئادا بولدۇم سىياھتەك قارىدۇر بەختىم،
بۇ شورلۇق باشىمنى ئەگىيدۇ قاغا يۇ- زاغلىرىم كۆپتۇر.
شۇبۇ خارابە ھالىمنى خۇداياغا ئەرز قىلدىم،
ئەجەپ ھىجران بىلەن تولغان ئاقار ماس تاڭلىرىم كۆپتۇر.
دىلىمدا ئوت، كۆزۈمدە مۇڭ ، ۋۇجۇدۇم تىترىگەن ياپراق ،
مېنىڭدەك باغرى قانلارغا كۆڭۈل ئىزھارلىرىم كۆپتۇر.

تۇردىمۇھەممەت ئابدۇللاھ
34 كۈن بۇرۇن
بىر كۈنى بىر ئادەم بېغىدا ئولتۇرۇپ بىر قۇرۇتنىڭ ھايۋانلارنىڭ قىغى بىلەن ھەپىلىشىپ كوملاچ ياساپ ئېغىنتىپ ماڭغىننى كورۈپ ئىچىدىن شۇنداق بىر سۇئال كەپتۇ: «ئەي ئاللاھىم سەن ھەممە نەرسىلەرنى بەك گۈزەل يارتىپسەنۇ ئەمما بۇ قۇرۇتنى پەقەت بۇ مەينەت تېزەكلەر بىلەن ھەپىلەشسۇن دە پ ياراتتىڭمۇ؟» ئارىدىن بىرقانچە ئايلار ئۆتۈپ ئۇ ئادەم تۇيۇقسىز بىر كېسەلگە تۇتۇلۇپتۇ ،ھىچكىممۇ ئۇنىڭ بۇ كېسىلىگە داۋا تېپىپ بېرەلمەپتۇ . . بىر كۈنى بىر ئالىم دوختۇر :«قارا ، بەزەن باغلاردا ھايۋانلارنىڭ تېزىكىنى ئېغىنتىپ يۈردىغان بىر قۇرۇت بار ، سەن شۇ قۇرۇت ئېغىنتىپ يۈردىغان قىغ كوملىچىدىن 40كۈن ئۈزۈلدۈرمەي يەپ بەرسەڭ ساقىيسەن »دەپتۇ . ئادەم قىرىق كۈن ئۈزۈلدۈرمەي يەپتۇ ۋە ساقىيىپتۇ.ئۇزۇن يىللار دىن كىيىن يەنە شۇ ئادەم كېمىگە ئولتۇرۇپتۇ،كېمە دېڭىزنىڭ تازا ئوتتۇرسىغا كەلگەندە بورانغا تۇتۇلۇپتۇ، كىشىلەر ئاللا توۋا كوتۈرۈپ جىددىيلىشىشكە باشلاپتۇ، ئەممە ئۇ ئادەم پۇتلىرىنى بىر بىرىگە ئالماپ ھىچ ئش بولمىغاندەك چېينى ئىچىپ ئولتۇرىۋىرىپتۇ. بىر ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىماي سوراپتۇ:« بىز قورقۇنجىدىن كۆيۈپ ئۆلۋاتساق ئەممە سەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك چاي ئچىپ ئولتۇرسەنغۇ ھوي!!؟؟» ئۇ ئادەم شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ .:«مەن ئاللاھنىڭ ئشىغا بىر قېتىم ئارلاشقانتىم، ئۇ ماڭا 40 كۈن پوق يېگۈزدى . خالىسا ئۈزدۈرەر كېمىنى، خالىسا چۆكۈرەر ! مەن ئەمدى ئارلاشمايمەن ئۇكام! ھەممىمىز ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنىپ بولغان،ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىمىز ئوخشاشمايدۇ خالاس.. تۇپراقتىن تۆرەلدۇق،تۇپراققا قايتىمىز،تۆت كۈنلۈك ئالەم،نەھاجەت بىھۇدە رەنجىش،تالاش تارتىش،كۆڭۈل ئاغرىتش ھەم ئاغرىنىشلار......بولۇپمۇ بىزلەگە بۇ ناھايتى ئارتۇقچە،كاللا قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلا كۆپ.

38 كۈن بۇرۇن
باشقىلار بىلەن كارىمىز بولمامدۇ؟
ھارۇن رەشىدنىڭ مەسلىھەتچىسى بەھلۇل، دېمەكچى بولغانلىرىنى ھېچكىمنى ئاياپ ئولتارماي دەۋېرىدىغان، نەسىھەتلىرىنى ئۇدۇللا ئوچۇق سۆزلەۋېرىدىغان شىجائەتلىك بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى كۆرگەن ناتوغرا ئىشلارنى يۈز خاتىرە قىلماستىن پەرۋاسىزلارچە ئەيىپلەشلىرىدىن بىئارام بولۇشقان بىر قىسىم كىشىلەر خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ: ئى پادىشاھىم! بىزنىڭ قىلغان خاتا ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا نېمە زىيىنى بار؟ ئۇ بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋەتسە بولمامدۇ؟ بەرىبىر ھەر بىر قوي قاساپنىڭ كىنارىغا ئۆز پاچىقىدىن ئېسىلىدىغۇ؟ دېمەك ھەر بىرىمىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب بېرىمىز ئەمەسمۇ... دېگەندەك شىكايەتلەرنى قىلىشىپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن خەلىپە ھارۇن رەشىد بەھلۇلنى ئوردىغا چاقىرتىپ ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ شىكايەتلىرىنى يەتكۈزۈپتۇ. بەھلۇل ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە لام- جىم دېمەستىن ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە بىر قانچە قوي ئېلىپ كېلىپ سويۇپ ئۇنى مەھەلىلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە پاچىقىدىن ئېسىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر: ساراڭ دېگەن شۇنداق ئىشلارنى قىلماي قانداق قىلاتتى، ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى قىلىدۇ، دېيىشىپ مەسخىرە قىلىشىپتۇ. ئەمما ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتە- ئۆتمەي ئېسىلغان قويلارنىڭ گۆشى پۇراپ ئەتراپنى سېسىق پۇراق قاپلاشقا باشلاپتۇ، پۇراق چېدىغۇسىز ھالغا كەلگەندە كىشىلەر يەنە خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ بۇ ئەھۋالدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىپتۇ.
خەلىپە ھارۇن رەشىد يەنە بەھلۇلنى چاقىرتىپ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىغاندا بەھلۇل: ئى پادىشاھىم! مەن ئۆز پاچىقىدىن ئېسىلغان قويلارنىڭ كىشىلەرگە زەرەر بەرمەي قالمايدىغانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ بۇ زىياندىن زەرەرلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھېكايىدىن ئىبرەتلەر: ھەر بىر ئادەم ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان، قىلىنىۋاتقان يامان ئىشلارنى: مەن قىلمىغاندىكىن مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ پەرۋاسىز يۈرسە ، ئۇنى توسىمىسا، بۇ يامانلىقلار پۈتكۈل جەمىئەتنى چىرىتىدۇ، كۈنلەر ئۆتۈپ ئۆزىمىز شۇ يامانلىقلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى بولىمىز. ئاللاھ بىزنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىقلارغا باشلاشقا بۇيرىمىغانمۇ؟ ۋە بۇنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنىنىڭ پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھەدىسلەر بايان قىلمىغانمۇ؟

39 كۈن بۇرۇن
25 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر يېگىت بىر ياشانغان بوۋاي پويىزدا كېتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر جۈپ ئەر- ئايال بار ئىدى. يېگىت تۇيۇقسىز ۋاقىرىدى: «دادا!قارا، ياپيېشىل دەرەخلەر كەينىمىزدە قالدى!». بوۋاي يېگىتكە قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇدۇلدىكى ئەر-ئايال «بۇ يېگىتنىڭ نېرۋىسىدا چاتاق بارمۇ نېمە» دەپ ئويلىدى. سەلدىن كېيىن بالا يەنە ۋاقىرىۋەتتى:« دادا! قارا، بۇلۇتلار بىزگە ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ! ». بوۋاي يەنە بالىغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇدۇلدىكى ئايال بوۋايغا« بالىڭىزنى دۇختۇرغا كۆرسىتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ »دېدى. بوۋاي جاۋاپ بېرىپ:«بىزنىڭ ھازىر دەل دۇختۇرخانىدىن كېلىشىمىز، بۇ بالام تۇغما ئەما ئىدى. ئاللاھغا شۈكرى، بالام ئاخىرى كۆرەلەيدىغان بولدى! ».
ئېسىڭىزدە بولسۇن كىشىلەر ھەرگىز ئالدىراپ باھا بەرمەڭ، سىزنىڭ كۆزىڭىزگە سىغمىغان ئىشلارنىڭ ئارقىسىغا يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ئېسىل ھىكايىلەر يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن!

40 كۈن بۇرۇن
مائارىپ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر
«ئوقۇتقۇچى — ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» دېگەن گەپ بار. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇقۇملارنى ئۆگىتىدىغان كىشى بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كىشىدۇر. ئۇ گويا بىر باغۋەنگە ئوخشاش يۇمران كۆچەتنى ئاۋايلاپ سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدىغان، «ھارام شاخ»لىرىنى پۇتاپ، ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولىدىغان كىشىدۇر.
مائارىپ تەربىيەسى كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى ياكى كۆپىنچە ھاللاردا تولۇق ئىزاھلانماي كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، مائارىپ تەربىيەسى، جۈملىدىن مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىتىلگەن نەرسىلەرنى بىلىشى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ پۈتتۈرۈشى، دىپلوم ئېلىپ ئىش تېپىشى ئۈچۈنلا مۇھىم ۋاسىتە ۋە ئۆتكەل سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى. ئەكسىچە، ئىنسانىيلىق، دىن-ئەخلاق، ئىنسانلارنى ۋە تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى-ياماننى ئايرىش، ھەق-ئادالەت تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئارقا پىلاندا قالدى، ھەتتا پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ قالدى.
ھازىرقى دۇنيادا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىقلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر دۇنيادىكى تەخمىنەن 8 مىليارد ئىنساننىڭ تەڭدىن تولىسى يۇقىرىدا دېيىلگەن مەنىۋىيات ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان، ھەقىقىي ئىنسانلىق فىترىتى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقىدەك زۇلۇم، ئۇرۇش ۋە تەڭسىزلىكلەر بولمىغان ياكى تېخىمۇ ئاز بولغان بولاتتى؛ دۇنيا تېخىمۇ ئادىل، تىنچ ۋە گۈزەل بىر جايغا ئايلانغان بولاتتى. شۇنداقلا، دۆلەت بېشىغا ۋە دۆلەت ئاپاراتلىرىغا پاسىق، قانخور، زالىم كىشىلەر كېلەلمىگەن بولاتتى. زالىملارنىڭ قول-پۇتى بولىدىغان روھسىز، ئەقىلسىز، ئەخلاقسىز، روبوتتىن پەرقسىز ئەسكەر، ساقچى ۋە پايلاقچىلار بولمىغان بولاتتى.
بۇنداق بولۇشىدا ئەلۋەتتە ياخشى ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ ۋە كۈچسىز بولۇشى سەۋەبىدىن، «يولۋاس يوق تاغقا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ» دېگەندەك، بوش قالغان مەيداننى ئاق-قارا، ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى يوقاتقان ياكى ئەزەلدىن بۇ تۇيغۇلار بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى پەقەتلا «نان تېپىپ يېيىش»، «سىڭگەن ناننى يېيىش»نى مەركەز قىلىپ قالسا؛ كۈچلىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەتلا پەننىي دەرسلەر، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەردىلا دەپ قارالسا؛ ئىنسان مەنىۋىياتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىسە؛ ئىنساننىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ھالدا شەخسىي نام-ئاتاق، پۇل-مال، ھوقۇق-مەنسەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىنى ساتىدىغان پىروفېسسور، ئۆز مىللىتىگە قارىتىپ ئوق ئاتىدىغان ساقچى ۋە ئەسكەر، شەخسىي خىرىس ياكى ھەۋەسلەردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئىنسانلارغا زىيان سالىدىغان باشلىق، دۇنياغا بالايىئاپەت بولىدىغان پرېزىدېنت چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىنسانلارغا زىيىنىدىن باشقا نېمە پايدىسى بار؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، مائارىپ — بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مۇداپىئەسىدىن قالسا، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويدىغان، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان، ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگىنى بولۇشى لازىم. چۈنكى مائارىپ بىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىنسان تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئىنسانلار توپى بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېسىل ۋە كۈچلۈك ئىنسانلاردىن تەركىب تاپسا، دۆلەت ئاپاراتلىرى كۈچلۈك ۋە سۈپەتلىك بولىدۇ؛ دۆلەت پۇقرالارنى ھەقىقىي قانات ئاستىغا ئالالايدۇ، پۇقرالار ھوزۇر ۋە ئىشەنچ ھېس قىلىدۇ. ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ياخشىلىق، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە قائىدە-تۈزۈم خەلق ئارىسىدا ستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىدۇ. كىشىلەر يامانلىق قىلىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئەڭ ئاددىيسى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشنى (خۇددى بىر يېرى ئېچىلىپ قېلىشنى ئەيىب ھېس قىلىپ نومۇس قىلغاندەك) ئەيىب ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلاردا «ئەگىشىش پىسخولوگىيەسى» بار؛ ياخشىلىق ئومۇملاشسا كىشىلەر شۇنىڭغا، يامانلىق ئومۇملاشسا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يەنى بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى، مىنىستىرلىرى پاسىق، زالىم، قانخور، كىشىلىرى ئەخلاقسىز، شەخسىيەتچى، زوراۋان، قورقۇنچاق ياكى نادان بولسا، ئۇ دۆلەت تېز سۈرئەتتە چۆكۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە دۇنيا يارالغاندىن بۇيان ھەق بىلەن ناھەق، ئىنسان بىلەن (جىن ۋە ئىنسان شەكلىگە كىرگەن) شەيتان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر كۈرەش، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بىر مۇۋازىنات بار. ياراتقۇچى دۇنيانى مۇشۇنداق ياراتقان بولسا كېرەك. لېكىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللىشىمىز ياخشىلىق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇشى لازىم. ياراتقۇچىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟

مۇسۇلمان قانداق تەپەككۇر قىلىدۇ؟
ئالدىن ئەسكەرتىدىغان ئىككى مۇھىم نۇقتا:
ئاللاھ رازىلىقىنى نىيەت قىلىش(ئىخلاس).
●بۇ تېمىنى نېمە ئۈچۈن تاللىدۇق؟
1.تارىخىي رىئاللىقىمىز
ئەقىل-كۆپلىگەن ئېقىملارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئۇقۇمنىڭ بىرى. مەزھەپلەردىكى ھەدىس مەنبەسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئەقىل ئىشلىتىشكە بولغان ئېھتىياجلارنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يۇنان پەلسەپە بىلىملىرىنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشى.
2. قۇرئان كەرىم نۇقتىسىدىن
سۈرە ئەلەقنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەۋھىد ۋە ئىبادەت ھەققىدە چۈشمەي ئوقۇ دەپ بەزىلەر قىلىنغانلىقى، ۋە ئەقىل ئىگىلىرىگە نازىل قىلىنغانلىقى، ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال ئەقىل ئىشلىتىشتىن باشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى.
●ئەقىل ئۇقۇمى
لۇغەت مەنىسى-باغلاش، چەكلەش
ئىستىلاھىي مەنىسى- بىلىش ۋە ياخشى-ياماننى ئايرىش ئىقتىدارى، تەپەككۇر قورالى.
تەپەككۇر- سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق رېئاللىقنى چۈشىنىش.
●ئەقىل قانداق ئىشلەيدۇ؟
1.رىئاللىق- ئۆزىمىزدىن سىرت ھەممە نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىل بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلالمايدۇ. رېئاللىق بولمىسا ئەقىلگە ئۇچۇر كەلمەيدۇ.
2.سەزگۈ ئەزالىرى
3.مېڭە-ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى
4.ئۇچۇر-توغرا بولغان خەۋەر
5.قەلب
ھۆكۈم تۈرلىرى
1.تەجرىبىۋى ھۆكۈم-ئەمەلىيىتىمىزدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھۆكۈم
2،شەرئىي ھۆكۈم
3.ئەقلىي ھۆكۈم
1)مۇقەررەر ھۆكۈم. مەسىلەن: ئاللاھ تەئالانىڭ مەۋجۇدلىقى، پۈتۈننىڭ پارچىسىدىن چوڭ بولۇشى. 2)مۇمكىن ھۆكۈم. مەسىلەن: ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، كائىناتنىڭ بار ۋە يوق بولۇشى.
3) مۇمكىن ئەمەس ھۆكۈم. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى، 100يىل بۇرۇن يانفوننىڭ مەۋجۇت بولۇشى.
بىلىشنىڭ دەرىجىلىرى
1.جەزمىيەت ( 100%)
2.گۇمان (زان)( 51%~99%)
3.شەك (50%)
4.ۋەھىم (1%~49%)
5.بىلمەسلىك (جەھل) (0%)
●ئەقىلنڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنىشى
قۇرئاندا 300دىن كۆپ ئورۇندا مەنىداش سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان.
قۇرئانىي ئەقىل- زېمىندا خەلىپىلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئىشقا سالىدىغان ئەقىل.
●ئەقىلنىڭ چېكى
سۈرە بەقەرەدىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئۆلۈكنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى سورىغانلىقى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى.
1.ئاللاھ تەئالا ئىككىلا تەلەپنى جاۋابسىز قويمىدى.
2.ئىككىلا تەلەپكە تەجرىبە بىلەن جاۋاب بېرىلدى.
بىرىنچىسىگە ئىسپات، ئىككىنچىسىگە ئىنكار شەكلىدە جاۋاب بېرىلدى.
ئىسلامدا ئەقىلنىڭ چېكى ئاللاھنىڭ زاتىغا، غەيبكە تاقاشقاندا توختايمىز. بۇنىڭدىن سىرت ھەرقانداق تېمىدا ئەقىلنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ.
●ئىسلامدا ئەقىل
ئەقىل-نۇسۇس(قۇرئان ۋە ھەدىس)نىڭ ئاساسى. نۇسۇسنى ئېتىراپ قىلىش ئەقىل بىلەن بولىدۇ. نۇسۇستىن كېيىن ئەقىل نۇسۇسقا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
●ئەقىل،تەپەككۇر
تەپەككۇر-كونا بىلىملەر ئاساسىدا مېتود ئارقىلىق يېڭى بىلىمگە ئېرىشىش جەريانى.
مېتود-يول، تەپەككۇرنىڭ يېڭى بىلىمگە ئىرىشىشتە قوللىنىدىغان ئۆلچەم-پىرىنسىپلىرى
●تەپەككۇر مىتودلىرى
1.ئەقلىي مېتود
2.ئىلمىي مىتود
3.پەلسەپە
●لوگىكا
يۇنانچە لوگوست، تىل، ئەقىل، قانۇن مەنىلىرىدە، ئەرەبچە مەنتىق.
لوگىكا-تەپەككۇر قانۇنىيىتى، ئەقىلنىڭ گرامماتېكىسىدۇر.
●ئەقىلنىڭ پىرىنسىپلىرى
1.زىددىيەت قانۇنىيىتى
2.سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى
3.مەقسەت قانۇنىيىتى
لوگىكىنىڭ ئامىللىرى
1.ئۇقۇم (خام ماتىرىيال)-ماھىيەت ئېنىقلىمىسى، سۈپەت ئېنىقلىمىسى.
2.ھۆكۈم.ىنى
1)ھۆكۈملۈك جۈملە
2)خۇلاسە-ۋاستىلىق خۇلاسە، ۋاستىسىز خۇلاسە
ۋاستىلىق خۇلاسە- چاچما خۇلاسە، يىغما خۇلاسە، قىياس (تەمسىل).
●بىلىش نەزىرىيىسى
پەلسەپەنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بىلىمنىڭ خاراكتېرى، مەنبەسى ۋە دائىرىسى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان پەن.
بىلىش ئىمكانىيىتى- بىلىش مۇتلەق ۋە نىسپىي بولىدۇ.
بىلىش ۋاستىسى-ئەقىل، تەجرىبە(سەزگۈ)، ئىشەنچلىك خەۋەر.
بىلىش مەنبەسى-ۋەھىي (مۇتلەق غەيب ۋە نىسپىي غەيب)، كائىنات.
بىلىشنىڭ قىممىتى.
●ئىلمىي مېتودنىڭ جەريانلىرى
1.كۆزىتىش
2.پەرەز
3.تەجرىبە
4.يەكۈن
5.قانۇنىيەت
●ئىلمىي مېتودنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئونىۋېرسال، ئىنچىكە، تەرتىپلىك، ئابستراكىت، تەجرىبىگە تايىنىدۇ، لوگىكىنى ئاساس قىلىدۇ، سەۋەب قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىدۇ. ئوبيېكتىپلىققا ئىگە.
●ئىسلامنى قانداق چۈشىنىمىز؟
ۋەھيى-قۇرئان ۋە ھەدىس. مۇتلەق، زامان-ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
پىكىر (تۇراس)-قۇرئان ۋە ھەدىسلەر ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىلەر بولۇپ، بارلىق ئىسلامىي بىلىملەر، ئىدىيە-مەپكۇرىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
●قۇرئان قانداق كىتاب؟
قۇرئان-ئاللاھ تائالانىڭ كالامى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىيدۇر.
1.ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن.
2.مەنبەلەرنىڭ مەنبەسى (بىرىنچى مەنبە)
3.قۇرئان-لەفزى ۋە مەناسى بىلەن ساقلانغان، ئۆزگەرتىلمىگەن.
4.قۇرئاننىڭ تەرتىپى بېكىتىلگەن.
5. قۇرئان ئىسلامنىڭ ئومۇمىي ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىلرىنى بېكىتىپ بىرىدۇ.
6. قۇرئان مۇھكەم (ئوچۇق) ۋە مۇتەشەبىھ (كۆپ مەنىلىك ۋە بىرى-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان). ئەيسا ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ روھى دەپ نىسبەت بەرگەنلىك ئايىتى مۇتەشابىھ بولۇپ، بۇ سۈرە ئىخلاستىكى مۇھكەم ئايەتلەر بىلەن ئوچۇقلىشىدۇ.
7. مەككىدە ۋە مەدىنىدە نازىل بولغان. مەككە ئايەتلىرىدە ئەقىدە بەكرەك گەۋدىلەنگەن، مەدىنە ئايەتلىرىدە ئەھكام بەكرەك گەۋدىلەنگەن.
●قۇرئاننىڭ مەقسەدلىرى
تەۋھىد
ئەخلاق
ئاخىرەت
ئاقارتىش
ئادالەت
ئەھكام
تارىخ ۋە قىسسىلەر
●ھەدىس ۋە سۈننەت
ھەدىس ۋە سۈننەتنىڭ پەرقى: ھەدىس «سۆز» دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى، تەستىقلىرى، يارىتىلىش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى سۈپەت-خۇلقلار.
سۈننەت-يول مەنىسىدە بولۇپ، ھەدىسلەردىن پايدىلىنىپ ئەھكام ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ھەدىسلەر ھەممىسى بىر خىل ئەمەس. يەنى ھەدىس يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى، سۈپىتى ۋە قۇرئانغا ئۇيغۇن بولۇش-بولماسلىقى جەھەتلەردىن ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىلىرى ئوخشىمايدۇ.
2. ئىككىنچى مەنبە.
3. تەرتىپى يوق.
4. قۇرئاننىڭ بايانى ۋە تەپسىرى
5. خاسلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
●سۈننەت- پەيغەمبەرلىك ماقامى، دۆلەت رەھبىرى، ئادەتتىكى ئىنسان.
سىيرەت-ئىسلامىي ھاياتنىڭ تەسۋىرى.
مەنبەلەرگە تۆۋەنرەك ئۆلچەم قويۇلغان. شۇڭا نۇرغۇن ئاجىز تەپسىلاتلار سىيرەتتە تېپىلىدۇ.
●تەدەببۇر
تەدەببۇرنىڭ ئاساسلىرى
1.ئەقىل
2.تىل ۋە تەپسىر
3.سەلەف چۈشەنچىسى
مىسال:
نۇھ ۋە ئوغلى، نۇھ، لۇت ۋە ئايالى…
يۈسۈف سۈرىسى
مۇساپىرلىق، زىيانكەشلىك، ئازدۇرۇشقا ئۇچرىغان، سەۋر، رەھبەر، رەھىمدىللىك…
فاتىھە سۈرىسى
قۇرئاننىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى دېگۈچىلەر بار.
كەھف سۈرىسى
بۇ سۈرىدە تۆت چوڭ قىسسە بار. ھەربىر قىسسىدە بىر پىتنە سۆزلىنىدۇ.
●ئۇسۇلى فىقھى
فىقھى دەلىللىرىنى بىلىش، ئۇنى قوللىنىش ۋە مۇجتەھىدنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ.
شەرئىي ھۆكۈم- ئاللاھ تەئالانىڭ مۇكەللەفلەرگە چۈشۈرگەن بۇيرۇق، چەكلىمە، رۇخسەت ۋە سەۋەبلىرى.
ھۆكۈملەر- ۋاجىب، مەندۇب، ھارام، مەكرۇھ، مۇباھ.
سەۋەب ھۆكۈملەر-سەۋەب(ۋاقىت ۋە ناماز)، شەرت (تاھارەت ۋە ناماز)، توسالغۇ (ئېمىلداشلىق ۋە نىكاھ)، توغرىلىق (شەرتلىرى تولۇق نىكاھ)، خاتالىق (ئىناۋەتسىز، مەجھۇل نەرسىنى سېتىش).
●نەزىرىيەلەر
مەنبەلەر-قۇرئان، سۈننەت، ئىجما، قىياس…
دەلىللەش-دەلىللەر ئىشەنچلىكمۇ؟
دەلىل كۆرسەتمىسى- مەنبەلەردىن قانداق دەلىل ئېلىنىدۇ؟
قەتئىي ۋە زاننى- دەلىللەرنىڭ تۈرلىرى.
قىياس-نۇسۇس چەكلىك، ۋەقەلەر چەكسىز
پەتىۋا- دەلىللەر ئارىسىدىكى مۇۋازىنەت
●مۇسۇلمان ئەقلىيىتى ۋە تەپەككۇرى
مۇسۇلمان تەپەككۇرىنىڭ مېتود ئاساسلىرى
1.تەۋھىد-ئاللاھتىن باشقا پۈتۈن شەيئىدە كۆپ خىللىق ۋە سەرخىللىق مەۋجۇت
2.ئورۇنباسارلىق- زېمىندا ئىسلام تۇرغۇزۇش
3.مەسئۇلىيەت-ئاخىرەت، قىيامەت، مەھشەر، ھېساب
4.ھۆر ئىرادە- ئەقىدە ئەركىنلىكى، تەپەككۇر ئەركىنلىكى
5.سەۋەب ۋە غايە- دۇنيا ۋە ئىنسان غايە ۋە مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغان.
6.بىرلىك-بىر پەرۋەردىگار، بىر ئۈممەت، بىر دىن، بىر كىتاب
●مۇسۇلمان تەپەككۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
1. قوبۇل قىلىش. ھېكمەت مۇئمىننىڭ يوقاتقان نەرسىسى، نەدىن تاپسا شۇ يەردىن ئېلىشى كېرەك.
2. ئىسلاھات
3. غەيىب ۋە شاھادەت(رېئاللىق)
4. مەنبەلەر
5. قىممەت قاراش ۋە ئەخلاق
6. كەڭ قورساقلىق
●مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
مۇسۇلمان ئەقلىيىتىنىڭ ئون ئاساسى
1. ئاللاھ تەئالا ئەڭ بۈيۈك غايە
2. ھەقنى ئۇلۇغلاش
3. دەلىلگە ئەگىشىش
4. مۇھكەمنى ئاساس قىلىش
5. بىلىمنىڭ دائىرىسى كەڭ
6. ساھەگە كۆرە مېتود قوللىنىدۇ
7. بەشەرىي (ئىنسانىي)ئىلىمنىڭ چەكلىكلىكى
8. ئەقىلگە زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش
9. قىممەت قاراشلار
10. ئىنچىكە ئۆلچەم
ئاچىل گۇرۇپپىسى

يەنە شۇ تەرجىمە ھەققىدە
تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى خىل تەرجىمىدە «تەرەققىيات» سۆزى «تولدۇرغۇچى» بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇچقاندەك» كېتىۋاتقان «تەرەققىيات»نى «ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە گەپ «ئىقتىساد»نىڭ «ئۇچقاندەك» كېتىۋاتقان ياكى كەتمەيۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئەمەس، «ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. دېمەك، تولدۇرغۇچى «تەرەققىيات» سۆزى ئەمەس، ئەكسىچە، «ئىقتىساد» سۆزىدۇر.
... دېگەن جۈملىنى «مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش لازىم» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنى «مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش لازىم» دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا بولىدۇ.
«زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى «زامانىۋىلاشتۇرۇش» دېگەنلىك بولىدۇ.
ھازىرقى تەرجىمىلىرىمىزدە گىرامماتىكا قائىدىسىگە سىغمايدىغان، مەنتىقىي ئۇقۇمنى مۇجمەللەشتۈرىدىغان، تىل ئادىتىنى زورمۇ ـ زور بۇزىدىغان ئاشۇنداق ھادىسىلەر خېلى كۆپ. ئەمەلىيەتتە سۇنىڭ كۆپۈكىنى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇچى سۇ دەپ مەتبۇئات ئېتىزىمىزنى كۆپۈك بىلەن تولدۇرۇپ قويۇۋاتىمىز.
... تەرجىمىدە ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش كېرەك: بىر تەرەپتىن چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلىي ئەسەرنىڭ تۇرقى ـ سىياقىنى ساقلاش كېرەك، لېكىن بۇنداق ساقلاش كۆپ ھاللاردا چۈشىنىشلىك قىلىش بىلەن زىت بولۇپ قالىدۇ؛ يات كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ... ئۇنى يات كۆرۈنمەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن، لېكىن بۇرنىنى يونۇپ پاناق قىلىپ قويماسلىق، كۆزلىرىنى ئويۇپ كور قىلىپ قويماسلىق كېرەك.
ھازىر بەزى تەرجىمانلىرىمىز ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گىرامماتىكىلىق پەرقلەرگە، تىل ئادىتىدىكى پەرقلەرگە ئېتىبار قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا، جانلىق تىلدا ئۆزى بىۋاسىتە سۆزلىسە، «خاتىرجەم بولدۇم»، «خۇشال بولدۇم»، «بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ـ تەتقىق قىلدۇق» ۋاھاكازا دەيدۇ ـ يۇ، لېكىن دەل شۇ سۆزلەرنى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىش توغرا كەلسە، «خاتىرجەملىك ھېس قىلدىم»، «خۇشاللىق ھېس قىلدىم»، بېشىم ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدىم»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈش ـ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردۇق» ۋاھاكازا دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا «... سۆزگە چىقتى» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ «... سۆز سېتىۋالغىلى چىقتى»، «... سۆزنىڭ ئۈستىگە چىقتى» دېگەن مەنىدىكى سۆز ئەمەس. «دوپپىسىغا جىگدە ساپتۇ» دېگەن گەپ ھەرگىزمۇ جىگدىنى قاچىلايدىغان نەرسە تاپالماي، «دوپپىسىغا قاچىلاپتۇ» دېگەن گەپ ئەمەس. ... ئەگەر تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللارنىڭ تىل ئادىتىدىن چەتلەپ، كونكرېت سۆز ـ ئىبارىلەرنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئالاقىسىدىن قەتئىينەزەر، بىر سۆزگە بىر سۆزنى يەككە ـ يىگانە ھالدا توغرىلاش يولىنى تۇتىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا تەرجىمىنىڭ توغرا بولماسلىقى تۇرغان گەپ.
(توختى باقىنىڭ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر» ناملىق كىتابىدىن بىرئاز ئۆزگەرتىپ ئېلىندى) تەرجىمە ھەققىدە

تەرجىمە ھەققىدە
بىزنىڭ ھازىرقى بەزى تەرجىمىلىرىمىزدە گەپتە سۆزلەر گىرامماتىكا جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە باغلىنىپ، ماسلىشىپ كەلسىمۇ، لېكىن جۈملىدىكى سۆزلەر مەنە جەھەتتىن، ئىستىلىستىكا جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە دېگەندەك ماسلاشمايدىغان جۈملىلەر ئۇچرىماي قالمايدۇ. مەسىلەن: «بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزدە ئىلگىرىلەش بار بولدى»، «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش»، «... زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»، «بۇنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە قارىتا چوڭ ياردىمى بار»، ۋاھاكازا. بەزىلەرنىڭ بۇنداق جۈملىلەرنى «تەرجىمانچە سۆز» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جانلىق تىلدا «بىز ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىدۇق»، «زامانىۋىلاشتۇرۇش» ياكى «زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش»، «...نى زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتىدۇ»، «بۇنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە چوڭ ياردىمى بار» دەيمىز. ھالبۇكى، يۇقىرىقىدەك ياسالما سۆزلەر، ياسالما جۈملىلەر ئەدەبىي تىلىمىزدىكى شەكلىياتچىلىقنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
...
1. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز جىددىيلەشمەي قالمايدۇ.
2. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز ئالدىراپ قالماي قالمايدۇ.
3. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز ئاسىقماي قالمايدۇ.
بۇ ئۈچ خىل تەرجىمىدە «...» سۆزى ئۈچ خىل ئېلىنغان. بىز كۆپ ھاللاردا «جىددىي» دېگەن مەنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە يانداش كەلگەن سۆزلەر بىلەن ماسلاشقان ياكى ماسلاشمىغانلىقىغا ئېتىبار قىلماي قالىمىز، نەتىجىدە جۈملىدىكى سۆزلەر بىر ـ بىرىگە ماسلاشماي قالىدۇ.
بىرىنچى مىسالنى ئالساق، ھەتتا «باشقا چاغلاردا ھەرىكەتتە سۇس ئىدى، بىرىنچى قېتىم سەھنىگە چىققانلىقتىن بىزئاز تېز، جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغان بولدى» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىشى ھەم مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا گەپ بىر ياش ئەرتىسنىڭ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققاندا «تەمتىرەپ»، «ھودۇقۇپ» ياكى «ئاسىقىپ» ۋە ياكى «قورۇنۇپ» قالغانلىقى ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. مانا شۇنداق مەنىنى ئېنىق، توغرا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، يانداش سۆزلەرگە ماسلىشىپ كېلىدىغان مۇناسىپ سۆزلەرنى تىل ئادىتىگە ۋە ئىپادىلەش بېرىش ئېھتىياجىغا قاراپ تاللاشقا توغرا كېلىدۇ.
...
بۇ مىسالدا «...» سۆزى ئالدى ـ كەينىدىكى سۆزلەر مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاز»، «قىس»، «كەم» ياكى «باس ـ باس» مەنىسىنى ئاڭلىتىدۇ. ئەگەر بىز شۇنداق مۇناسىۋەتلەرگە قارىماي، «يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۆكتات تەمىناتى جىددىيلىشىپ كەتتى» دەپ تەرجىمە قىلساق، كۆكتاتنىڭ «ئاز»، «كەم»، «قىس» ياكى «باس ـ باس»لىقىنى ئۇقتۇرالامدۇق؟ ئېھتىمال بەزىلەر «ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ»، «شۇنداق چۈشەنچىنى بېرىدىغان بولۇپ قالدى» دەپ جاۋاب بېرەر. ئەمەلىيەتتە بۇنداق جاۋابلار بىر تەرەپتىن شۇ تەرجىماننىڭ سۆزدە گادايلىقىنى ئۇقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «تەرجىمان تىلى»غا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ تېخىمۇ مۇھىمى، تەرجىمىدە مەنىنى ئېنىق، توغرا ۋە سادىقلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش پىرىنسىپىغا سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋەزىيەت چوڭ ياخشى.
ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، «چوڭ» سۆزى ھېچقاچان «ياخشى» سۆزىنىڭ سۈپىتى ياكى ئېنىقلىغۇچىسى بولالمايدۇ، جانلىق تىلدىمۇ شۇنداق. ... دېمەك، جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ بىر ـ بىرىگە ماسلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن تىل ئادىتىگە ئېتىبار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكىگە ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز.
تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ، ھەممە تەرەپلەپ يۈرۈش قىلايلى ۋە چوڭقۇرلاپ كىرەيلى.
«تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى» دېگەن سۆزلەر بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ كەلگەن؛ بۇ سۆز «تەبىئەت دۇنياسى كەڭ ۋە چوڭقۇر» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىپ تۇرىدۇ. لېكىن، «يۈرۈش قىلىش» سۆزى بىلەن بىرلەشكەندە، ئەنە شۇنداق «كەڭ» ۋە «چوڭقۇر» تەرەپكە قاراپ «يۈرۈش قىلايلى» دېگەن مەنىگە تارتىپ كېتىدۇ.
... بۇ جۈملىنى «ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇددى بىر پارچە ئوتتەك يۈرىكىمدە ئېتىلدى» دەپ تەرجىمە قىلساق، يەنى «ئۇنىڭ سۆزلىرى ... يۈرىكىمدە ... ئوتتەك ... ئېتىلدى» دېسەك، ئېنىق بىر مەنىنى ئۇقتۇرالماسلىقىمىز تۇرغان گەپ. ئەسلىي تىلدا بولسا مەنە ناھايىتى ئېنىق: «ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمنى خۇددى بىر پارچە ئوتتەك ئېرىتىۋەتتى» ياكى «ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمگە خۇددى بىر پارچە ئوت بولۇپ تۇتاشتى».
ئەلۋەتتە، بۇ جۈملىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك، راۋان ھەم چىرايلىق تەرجىمە شەكىللىرىنىمۇ تېپىش مۇمكىن. ئەگەر تەرجىمىدە شەكلىياتچىلىققا بېرىلىپ كېتىدىغان بولساق، ... ئوقۇغۇچىلارنى تېپىشماق تېپىش ئاۋارىگەرچىلىكىگە سېلىپ قويۇش سەۋەنلىكىدىن خالىي بولالماي قالىمىز.

سەكسەن پۇت دىلىغۇللىقى
ئاڭسىز تونۇپ يېتىشنىڭ زىيىنى
بىر كۈنى بىر پاقا يولدا كېتىۋېتىپ ، بىر سەكسەن پۇتنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ . سەكسەن پۇتنىڭ پۇتلىرىنى شۇنداق راۋان باشقۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پاقا ئىنتايىن ھەيرانلىق بىلەن :« سەندىن بىر نەرسىنى سورىسام بولامدۇ ؟» دەپتۇ . « ئەلۋەتتە بولىدۇ» دەپتۇ سەكسەن پۇت . سېنىڭ شۇنچىلىك كۆپ پۇتۇڭ باركەن ، سەن يول ماڭغاندا بۇلارنى قانداقمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويماي ، پۇتلىشىپ كەتمەي ، ئوخشاش بىر سۈرئەت ۋە قەدەم بىلەن تەڭپۇڭ ھەرىكەت قىلدۇرالايسەن ؟ قايسىنى ئاۋال قايسىنى كېيىن ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى قانداق ئايرىيالايسەن ؟مەسىلەن 21-پۇتۇڭ بىلەن قەدەم ئېلىشتىن بۇرۇن 12- پۇتۇڭدا قەدەم ئېلىپ بولغانلىقىڭنى قانداق بىلەلەيسەن ؟ »
بۇنى ئاڭلىغان سەكسەن پۇت گاڭگىراپ قاپتۇ . نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەپتۇ . چۈنكى ھازىرغىچە بۇ توغرىلىق ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن .
سەكسەن پۇت جاۋاب بېرەلمەپتۇ . پاقا بىراز ساقلىغاندىن كېيىن ، كېتىپ قاپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ سەكسەن پۇت قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي قاپتۇ . پۇتلىرىمنى قانداق مىدىرلىتىپ پۇتلاشماي ، قالايمىقانلىشىپ كەتمەي ماڭامەن دېگەننى ئويلاپ ئالدىغا بىر قەدەممۇ ئالالماپتۇ .
بۇ ھېكايە پىسخولوگىيىدىكى بىر يىغىندى كېسەللىكنىڭ ئىپادىسى .
بىرىنجىسى ، ئىنسان ھەر كۈنى ئاڭسىز ۋە ئاپتوماتىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىلىق ئويلىشىپ قالغاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز ئۇ ئىشنى قىلىشتىن توختاپ قېلىش ، قىلالماسلىق ۋە دىلغۇل بولۇش ، قىلىشتا توسالغۇغا ئۇچراش ھالىتى .
ئىككىنجى خىل ھالى بولسا ، دىقەتنى پۈتۈندىن پارچىلارغا بۆلۈش . يەنى ، دىققەتنى سېستىمىلىق ۋە بىر پۈتۈن ھالدا خىزمەت قىلىۋاتقان مېخانىزىمنىڭ پۈتۈن ھالىتىدىن ھەر بىر ئايرىم پارچىنىڭ خىزمەت مېخانىزىمىغا قارىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان قالايمىقانلىىشپ كېتىش ھالىتى . خۇددى سەكسەن پۇتنىڭ قايسى پۇتنى ئاۋال قايسى پۇتنى كېيىن ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىدەك …
خۇلاسە :
بىرىنجى ، تەييار بولمىغان ھالەتتىكى تونۇپ يېتىش پايدىدىن بەكرەك زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۆزى تەييار بولمىغان ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم قىلالمايسىز . ئاڭلىق ھالدىكى ئۆز ئىچىدىن تونۇپ يېتىشنىڭ ، باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى ئاستىدىكى تونۇپ يېتىشكە قارىغاندا ئىزچىل ۋە ئاكتىپ تەسىرى بولىدۇ . يەنە بىرى ، تەپسىلاتلارغا غەرق بولۇشتىن ساقلىنىپ ، بىر پۈتۈنگە قاراڭ ! قاپسىلىپ قالغان ئۇششاق ھالقىدىن بەكرەك پۈتۈنلۈكنىڭ پىرىنسىپىغا قاراپ بېقىڭ !

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققىدە
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئەمەلىيەتتە قارشىلىشىش پىسخىكىسى نورمال روھى ھالەت بولسىمۇ، لېكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى دېگىنىمىز: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولۇش، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل پىسخىكىلىق ھالەتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. قارشىلىشىش پىسخىكىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا، مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىدىلىك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكى 《ئۆتكۈنچى مەزگىل 》 دە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چوڭلارنىڭ يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى《كىچىك بالا》 ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرۇشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىدىكى《خاسلىق》 نى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىشىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ-دە، تۈرلۈك ۋاستە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 《ئۆزى》 بىلەن سىرتقى مۇھىت ئۆزئارا باراۋەر بولالايدىغان ئورۇننى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ (قارشىلىشىش پىسخىكىسى) نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا بەكلا نورمالسىز بولىدۇ. ئۇ بىنورمال روھىي ھالەتتىن پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا بىنورمال روھىي ھالەتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
ياشلىق مەزگىلى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. پىسخولوگىيەدە 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلنىۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلى، 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى شۇنداقلا قارشىلىشش ۋە سەزگۈرلۈك پىسخىكىسى روشەن ئىپادىلىنىدىغان مەزگىل دەپ قارايدۇ.
ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ۋە جەمئيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىدا دائىم ئاتا-ئانا بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارشىلىشىش ھالىتى شەكىللىنىپ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىدىيەسى كۈچىيىدۇ شۇنداقلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، پىكىر قىلىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭى ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ ئۆزىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:
1. ئاتا-ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى 《كىچىك بالا 》 ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، مۇشۇ دەۋردىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
2. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدىكى خاتالىق. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، بالىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماستىن، ئەكسىچە بالىلىرىغا تەن جازاسى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىغا نۇرغۇن قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلار ئائىلىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالماي، ئۇلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدە بولىدۇ.
4. ئوقۇتقۇچىلاردىكى نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار قارشىلىشىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە سەل قارايدۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. قارشىلىشىش پىسىخىكىسى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە گۇمانخور، جاھىل، باشقىلارغا ئارىلاشقۇسى كەلمەسلىكتەك ناچار خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتلىق جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىماستىن، ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بالىغا كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.
2. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، غورۇرىغا تەگمەسلىكى، ئادىل، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،ئۇلارغا تېخمۇ مېھىر- مۇھەببەت بېرىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.
3. بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۈچلۈك ئىپادىلەنگەندە، مەسىلەن: ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرگە نىسبەتەن ئاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ھەمدە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا يەنە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن.
4. ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئائىلە مۇكەممەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بالىلارنىڭ ئالدا جەڭگە-جىدەل قىلىشماي،ئەكسىچە بالىغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بېرىش، ئۆز كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، پىسخىك قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.
6 . بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياكى يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يات جىنىسلىق(قىز ياكى ئوغۇل)ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بالىنى قورقۇتۇش ياكى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى بالىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بالىغا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روھى ئۇزۇق بەرگىلى بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
ئەلا نۇر
ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشىنى بىلسە
ئۇ ئاۋغۇستتىكى سېرىق پۇرچاقزارلىقتىكى نۇرانە ئاپتاپپەرەس
ياكى قاپىقى سېلىنغان كۆممەقوناقلىقتىكى خۇشخۇي يۆگىمەچ .
تۇرمۇش دېگەن
نىمجان بوۋاينى ياشارتقان مىھىر
ئەرنىڭ ئىشەنچتىكى بىخارامان ئۇيقۇسى
بىر بىمارنى
يۆلەۋاتقان قولنىڭ ئىسسىق تەپتى
قاتتىق ناننى كۈلۈپ يىگۈچىلەرنىڭ قانائىتى...
ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
ئۆيىنى گۈل ئۆستۈرگەندەك تۇتاتتى .
بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىدا نىمىلەر بارلىقىنى ھىس قىلاتتى .
چىقىر تىكەنلىكتىكى گۈللەرنى كۆرەلەيتتى.
سۆيۈشتىن سۆيۈلۈشنى ھىس قىلاتتى .
تۇرمۇش دېگەن
يۆگىمەچ گۈللەر چىڭ قۇچاقلاپ گۈللەپ كەتكەن قوڭغۇراقتىكەن .
ئۇ قاپاقتىرەك ،كۈنگەيلىرى سېمىز ،تەسكەيلىرى شەلۋەرەپ كەتكەن .
ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
ئۇ ماي ئاسمىنىدىكى ئوتتەك يىلىنجاۋاتقان نۇرانە قۇياش.
ياكى بەرگىلىرى قۇياش نۇرىنى ئىمىپ ئايدەك جىلمىيىۋاتقان ئاپتاپپەرەس .
ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
ئائىلىسىنى پىچىنىدەك شەكىللەرگە كىرگۈزەلەيدۇ .
ئۇ نان ياكى تۇزدەك زۆرۈرىيەتكە ئايلىنالايدۇ .
ئۇنىڭ تۈرۈلگەن بىلەكلىرى ،
ئۇنىڭ يۈزىدىكى گۈل- چىچەكلەر
ئەڭ لەقۋا ئەرنىمۇ شەمشەردەك بىلىيەلەيدۇ .

مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھەققىدە كىچىك بىر تەكلىپ
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
مەن ئۆزۈمنى مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى دەپ ئويلاشتىن كۆپ يىراق بولساممۇ لېكىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىمگە ئاساسەن بەزەن دوستلىرىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارغا دۇچ كەلدىم ۋە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ بۇ تېمىدا بىر نەچچە قېتىم قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.ئىسرائىلىيەدە پوست دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بولغاندىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا دۇچ كەلدىم ۋە بۇ ھەقتە ئۆزۈمگە باغلاپ بىر نەرسە دىيىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم.
بىرىنچى، مەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ مېنى تالانتلىق دەپ قارىشىغا دۇچ كەلدىم.مەن بىلەن ئارىلىشىپ باققان دوستلار بىلىدۇ.مەن تالانتلىق ئەمەس.مېنىڭ ئەقىل كويپىنسىنتىم ئوتتۇرا ھال بىر قاتلامغا تەۋە بولۇشى مۈمكىن. لېكىن ئاللاغا مىڭ شۈكرى،مەن تۇغۇلۇشۇمدىن بەدەن ئەزالىرىم ساغلام،نورمال بولۇپ،ھازىرغا قەدەر ئۆزۈمنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنىڭ باشقىلاردىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىمىدىم. ئەكسىچە نۇرغۇن جايلاردا ئۆز ئىقتىدارىمنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا نىسبەتەن تۆۋەن ياكى ئۇلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇردۇم.لېكىن ئۆزۈمنىڭ ساغلام يارىتىلغانلىقىدىن ئىبارەت بىر رىياللىقتىن ئىزچىل سۆيۈنۈپ كەلدىم.مەن تالانتلىق ئادەملەرنىڭ بار بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لېكىن ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشايدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىمەن.مەن 1989-يىلى ئالى مەكتەپكە كەلگەندە ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ مەندىن ئۈستىن تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان.ھەتتا شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسى بولۇپ شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتىغا قوبۇل قىلىنغان بىر دوستۇم يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇنى تالانتلىق دەپ ئويلىغان ۋە كېلەر يىلى ئۇ شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرسىتىدا ئېنگىلىزچە دەرىجە ئىنتىھامىنىڭ تۆتىنجىسىدە ناھايىتى يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ مەكتەپتە زىل_زىلە قوزغىغاندا ئۇنىڭغا بولغان ھەۋەسلىشىم ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارغا ئۆزگەرگەن ئىدى.كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى يېقىن دوستلارغا ئايلاندۇق.مەن بۇ جەرياندا بۇ دوستۇمنىڭ تالانتلىق ئەمەس بەلكى ھەممە جەھەتتە ماڭا ئوخشاش نورمال لېكىن ماڭا قارىغاندا نۇرغۇن ئىشنى پىلانلىق ۋە ئەقىل بىلەن قىلىدىغان،ئىزچىللىققا رىئايە قىلىدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. كېيىن بۇ دوستۇم ئامېرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولدى. بۇ دوستۇمنىڭ ھازىرغا قەدەر قۇلىقىمدىن چىقمايدىغان بىر جۈملە سۆزى بار.بىر قېتىم ئۇ ئىنتىھامدىن قورقۇش ياكى قورقماسلىق ھەققىدە سۇئال قويۇلغاندا ناھايىتى يۇمۇرلۇق ئۇسۇلدا << مەن ئىنتىھام ئۇچراتسام قوغلاپ يۈرۈپ قاتنىشىپ ئۇنى قورقىتىدىغانلار تىپىدىن >>دېگەن مەنىدە جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
مەن بۇ دوستۇمدىن ئۈگەنگەن قانۇنىيەت شۇكى نىشاننى بېكىتىپ،ئىزچىللىقنى ساقلاپ،خام-خىيالدىن خالى تۇرۇپ،بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىگەندە ھەرقانداق نىشانغا يېتىش مۈمكىن. مەن ھازىرغا قەدەر مۇشۇ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلىشقا تىرىشپ كەلدىم.ھەركۈنى ئۆزۈمنىڭ نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن 30-40بەت ئوقۇپ تۇرۇش ۋە مۇھىم مەزمۇنلارنى تەكرار ئوقۇش،كاللامدا مۇلاھىزە قىلىش ۋە تېگى-تەكتىدىن چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلدىم. يېزىقچىلىقتىمۇ ھەركۈنى مەلۇم مىقداردا يېزىپ تۇرۇشنى ئادىتىمگە ئايلاندۇردۇم. ھەركۈنى ئىككى ئۈچ ۋاراق يېزىپ تۇرغاندا بىر يىلدا بىلىپ-بىلمەي 700 ۋاراقتەك يازما يىغىلىپ قېلىشى مۈمكىن. يېرىمىنى قىسقارتىپ تاشلاپ 200 بەتتەك يازمىنى ئاشۇرۇپ قالسا بىر يىلدا تەخمىنەن بىر پارچە كىتاب يازغانغا باراۋەر بولىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل مەندەك ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. مېنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئالاھىدىلىكىم شۇكى تۇنجى نۇسخىنى يېزىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلىشقا ئالدىرىماي تەكرار ئۆزگەرتىش ۋە تەكرار سېلىشتۇرۇش.
ئىككىنچى،مېنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ بەكمۇ تىرىشچان دەپ قارايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.بۇ خىل باھا كۆپىنچە مېنى تونۇيدىغانلار تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تالانتلىق ئەمەس تىرىشچان دېمەكچى بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. چۈنكى ئۇلار مېنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە ئەقلى ئىقتىدارىمنىڭ ئۇلاردىن يۇقۇرى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ياكى نۇرغۇن نوقتىلاردا ئۆزىنى مەندىن يۇقۇرى ھىس قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا مەن دوستلىرىم ۋە مېنى دوست دەپ قارايدىغانلار بىلەن بەكمۇ سەمىمىي ئارىلىشىدىغان بولۇپ،ئۇلارغا دىپلۇماتىك ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئۇلۇغ ۋە سىرلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمايمەن. مەن دەرس ئۆتۈۋاتقاندا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئالىغا بىلمەيمەيدىكەنمەن دەپ جاۋاپ بېرىپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغانلىقىم ئېسىمدە. ئەلۋەتتە،ئۆزۈمگە بەك ئېنىق مەسىلىلەردە بەكمۇ كەسكىن ھۆكۈم قىلىدىغان بىر تەرىپىممۇ بار.بۇ ئالاھىدىلىكىم بەزىلەرگە ھاكاۋۇر ۋە مەن-مەن تەسىر بەرگەن بولۇشى مۈمكىن. قىسقىسى مەن باشقىلار تەرىپلىگەندەك بەك تىرىشچان ئادەممۇ ئەمەس.ھاياتتىن زوق ئېلىش ۋە ئويۇن-تاماششا ،دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق كەيپىياتىمنى تەڭشەپ تۇرۇشمۇ مۇھىم ئادىتىم. مەن ھەركۈنى 8 سائەت ئەتراپىدا مەشغۇلات قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ،ئۇيقۇم بەكمۇ ياخشى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەركۈنى تەخمىنەن 10 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايمەن. بەزىدە بەكمۇ جىددىي ۋەزىپە ۋە تۇيۇقسىز پۈتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن توختىماي قەھۋە ئىچىپ 24 سائەت كۆز يۇممىغان ۋاقتىممۇ بار. لېكىن بەكمۇ كۆپ ئەمەس. ئادەتتە سەككىز سائەتلىك ئىشىم ئاخىرلاشقاندا ئېسىل دوستلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئۇلارنىڭ پىكرىدىن ھوزۇرلىنىش ياكى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلىرىمنى ئوقۇپ ئىسىتىتىك زوققا غەرق بولۇش كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى.مەن نۇرغۇن بىلىمنى كىتابتىن كۆرە دوستلىرىمدىن ئالغان. سۆھبەت ئارقىلىق ئېرىشكەن. مەن دۇنيادىكى ھەممە بىلىمنى مەن چوقۇم بىلىپ چىقىشىم كېرەك دەپ قارىمايمەن. دىنغا ئائىت مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسەم ھۆرمەتلەيدىغان دوستلىرىم بار. ئۆزۈم كىتاب كۆرگەندىن كۆرە ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراشنى تېخىمۇ لايىق دەپ قارايمەن ۋە ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئىش قىلىمەن.كومپىيۇتۇرۇم بۇزۇلۇپ قالسا ئۆزۈم ئوڭشايمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە بىرەر كومپىيۇتۇر تېخنىكىغا مۇراجەت قىلىمەن. قارشى تەرەپ مەلۇم دەرىجىدە ھەققە ئېرىشىدۇ.كېسەل لايىقىدا ساقىيىدۇ. مەن ھوزۇر ئېلىش بىلەن ئۈگۈنۈشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ ئىسرائىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن تۈرك تىلىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيادىكى ئورنىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىن يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئىشتىن سىرت تۈركنى تىلىنى پىششىقلاپ ئۈگۈنۈشنى نىيەت قىلدىم ۋە تۈركچە كىنو كۆرۈش ئارقىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىمنى،تۈركچە ماتىريال ئوقۇش ئارقىلىق خام سۆز ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ ماڭدىم. تەتىلدىكى ئارام ئېلىشىمنى تۈركىيەگە توغرىلاپ،ئەمەلىي تۈرك تىلى مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتىم.ھازىر تۈرك تىلىدا سۆزلىشىش ، ئوقۇپ چۈشۈنۈش جەھەتتە چوڭ توسالغۇ يوق. ھەپتە ئاخىرىدا توردا ئېلان قىلىنغان تۈركچە لېكسىيەلەرنى ئاڭلاپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىش يەنە بىر ئادەتكە ئايلاندى.
خۇلاسەم شۇكى تىرىشچان ۋە بەكمۇ ئالدىراش قىياپەتكە كىرىۋالماي تۇرۇپمۇ بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش مۈمكىن.ھايات بىر خىل جەريان بولۇپ،پەقەت نەتىجىگە قىزىقىپ،جەريانغا سەل قاراش توغرا ئەمەس.
ئۈچىنچى، مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇلارنىڭ ئەخمەقنىڭ تاغنى يۆتكىشى دېگەن مەسىلىنى ئۈگەنگەن بولۇپ،مۇئەللىم گەرچە ئەخمەقنىڭ تاغ يۆتكەش جەريانىنى بىر خىل قەيسەرلىك ۋە قەھرىمانلىق دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ لېكىن قەلبىمدە تاغنى يۆتكەشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە مايىل بولۇپ قالغان ئىدىم.شۇ تۈپەيلىدىنمۇ كېيىنكى ھاياتىمدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىدىم. لېكىن ھەر قېتىم بىر قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ ئالدىمنى توسقاندا قېيداپ ھەممىدىن ۋاز كېچىش ياكى ھىچ ئىش قىلالمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى توسالغۇغا دۆڭگەپ قويۇشتىن ساقلاندىم. ئىلاجى بولسا توسالغۇدىن ئەگىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندۇم. مەن يېڭى خىزمەتكە چىققاندا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئوقۇشنى قارار قىلغان بولساممۇ مەكتەپتىكى بەزى توسالغۇلار تەرىپىدىن تۈپەيلىدىن ھەتتا ئاسپىراتنلىق ئىنتىھامىغىمۇ قاتنىشالمىدىم. لېكىن ئۈگۈنۈشنى تاشلاپ قويمىدىم.ئارىدىن نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتۈپ 2006-يىلىغا كەلگەندە ئاسپىرانتلىق ئىنتىھامىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىدارىنىڭ رۇخسىتى بولمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئاسپىرانتلىق دىپلۇمى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قويۇلدى.لېكىن بۇ چاغدا مېنى ئاسپىراتنلىقتا ئوقۇشقا يول قويمىغانلار ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ "ئۆزۈڭلار ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا يول قويماي ئەمدى ئۇنۋان ئالىمەن دېسەم ئاسپىرانت دىپلومىڭ يوقكەن دەپ ئالدىمنى توسۇۋاتىسىلەر" دەپ سۇئال قويۇدىغان يەرمۇ قالمىغان ئىدى.سۇئال يوللۇق بولسىمۇ لېكىن ۋاقتى ئۆتكەن ئىدى.شۇڭا مەن بىر يىل تەييارلىق قىلىپ 2008-يىلى ئاسپىرانتلىق ئىنتىھامىغا قاتناشتىم. ئەلۋەتتە،مەن مۇشۇ جەريانغىچە بولغان ئارىلىقتا مەلۇم ئىشنى قىلالمىسام مەلۇم ئىشنى قىلمايمەن دەيدىغان تەپەككۈردا بولماي ھەممە قۇرداشلىرىمغا ئوخشاش ئۆز نۆۋىتىدە توي قىلىپ ئائىلە مۇھەببىتىدىن بەھرىمام بولدۇم. ئايالىمنىڭ خىزمىتىنى يۆتكەش تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىك بولۇشۇم سەل كېچىككەن بولسىمۇ ئىككى پەرزەنتكە ئاتا بولدۇم ۋە ئاتا-ئانا بولۇش شان-شەرىپىدىن بەھرىمان بولدۇم. مەن ئۆزۈمنى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتايمەن دەپ قاراپ شەخسىي تۇرمۇشۇم ھالاۋىتىدىن ۋاز كەچمىدىم. لېكىن تېخىمۇ ئۇلۇغ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە قۇربانلىق بېرىشتىن قورقۇپ قالمىدىم. ئىككى پەرزەنتىم چوڭ بولۇۋاتقان شارائىتتا ئائىلەمنىڭ ھەممە ئىشىنى ئايالىمغا تاشلاپ، ئىككى پەرزەنتىمنىڭ مۇھەببىتى قىيناپ تۇرسىمۇ يۈرەككە تاشنى تېڭىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىدىم. بىر يىل ئائىلەم بىلەن بىرگە بولغاندىن كېيىن پوست دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى پۇرسىتىگە ئېرىشىپ يەنە بىر قېتىم ئائىلەم ۋە سۆيگەن كىشىللىرىمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
خۇلاسەم شۇكى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ باھانىگە ئايلىنىپ قالغاندا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز. شۇڭا ئەگىپ ئۆتۈشنى ئۈگۈنۈش كېرەك. باھانە مۇۋاپىقىيەت قازىنالماسلىقنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولۇش رولىنى ئوينىيالىغاندەك قىلغان بىلەن سىز تارتقان زىياننى تۆلەپ بېرىشكە قادىر ئەمەس.مەن پات-پات ئاتا-ئانا مۇھەببىتى ناھايىتى كۈچلۈك،ئۇلارنى باقمىسام بولمايدۇ،ئۇلاردىن ئايرىلالمايمەن دەپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلالمايدىغان ئىشلىرىغا باھانە ئىزدەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش دوستلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن. ئۇلارغا دىگۈم كېلىدۇ: ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى ئۇلارنى غەمگە قويماسلىق، بالاغەتكە يېتىپ تۇرۇپمۇ مۇھەببەتنى ۋاستە قىلىپ ئۇلارنى شىلىپ يىيىش بىر خىل پارازىتلىق،ناۋادا سىز تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىپ،ئاتا-ئانىڭىزغا تايىنىۋالماي ياشىسىڭىز ،نەدە ياشىسىڭىز مەيلى،ئاتا—ئانىڭىز سىزدىن تېخىمۇ رازى بولىدۇ.
تۆتىنچى،مېنىڭ ھايات تەرجىبەمدىن قارىغاندا پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. مەن يول كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ھاياتتا نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بىرسى بولۇپ،بەزىدە ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ ئاچچىق خىيالغا غەرق بولىمەن.ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۈگۈنۈشكە تىرىشقان بولساممۇ پەقەت كىتاب ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ يېزىش ۋە سۆزلەشنى مەشق قىلمىغاچقا كېيىن نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن قۇرۇق قالدىم.2014-يىلى جوڭگۇدىكى ئەڭ ياخشى ئالى مەكتەپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىدا 20 مىنۇت سۆزلەش ۋە كېيىن بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. تەلەپپۇزۇم بەك ئۆلچەملىك بولمىغان بولسىمۇ نۇتقۇم ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.ئەتىسىدىن باشلاپ بېيجىڭدا ياشايدىغان خېلى داڭلىق خەنزۇ زىيالىلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېھمان قىلىشى ۋە تونۇشۇشقا تەكلىپ قىلىشىغا سازاۋەر بولدۇم. پوست دوكتۇر ۋە دوكتۇرلارغا سۆزلىگەن بىر مەيدان لېكسىيەمگە ياخشى ھەق ئېلىپ قالماي ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتىم.لېكىن خەنزۇچە نۇتقۇمدىن رازى ئەمەس ئىدىم.ناۋادا ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا خەنزۇچە نۇتۇق ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا تىرىشقان بولسام ئەھۋال تېخىمۇ ياخشى بولغان بولۇشى مۈمكىن ئىدى.مەن ئېنگىلىزچىدىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش سۆزلەش ۋە يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولغاچقا ئىسرائىلىيەگە كېلىپ نۇرغۇن قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش ۋە ماقالە يېزىپ كۆز قارىشىمنى بايان قىلىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالدىم. ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمنى (ئىقتىسادى ئۈنۈمى بەكمۇ يۇقۇرى ئىدى.بىر مەيدان لېكسىيەنىڭ ھەققى خېلى يۇقۇرى سان بولۇپ گەپنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولمىغاچقا تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدىم) قويۇپ تۇرۇپ،ئىجتىمائىي ئۈنۈم نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە تەييارلىقىم پۇختا بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پۇرسەتنى تۇتالمىدىم.
بۈگۈن جوڭگۇدا خەنزۇ ماقالە يېزىپ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ،خەنزۇ جامائىتىنىڭ پىكىر يۆلۈنۈشىگە تەسىر قىلالايدىغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن بىرەر يۈز موڭغۇل ۋە شۇنىڭغا يېقىن تىبەت ئالىمى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە خەنزۇ تىللىق مەتبۇئاتتا ئۆز مىللىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇش نوپۇزىغا ئېگە. شۇ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى ئۆز زىيالىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەل بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچە ئەسەر يېزىپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئىجتىمائي پەن زىيالىلىرى ياكى جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئالىملار نىسبەتەن ئاز بولۇپ،بارماق بىلەن سانىساق بارماق ئېشىپ قېلىشى مۈمكىن. رەيھان قادىر خانىم،مەرھۇم توختى مۇزئارت،ياسىن ھوشۇر قاتارلىق ئالىملار مۇشۇ جۈملىگە مەنسۇپ بولۇپ،لېكىن ئۇلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن خەنزۇ تىللىق مەتبۇئاتتا پىكىر قاتلىمى ھاسىل قىلىش سەۋىيەسىگە يېتىپ بارالمىدى ياكى تىبەت ۋە موڭغۇللار بىلەن سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس.
ئېنگىلىز تىلى دۇنياسىدا ئەھۋالىمىز تېخىمۇ ناچار بولۇپ،ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان دۇنياۋىي ئىلمىي ژورنال ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى يوقنىڭ ئورنىدا. دېمەك ئېنگىلىز تىلىلىق دۇنيا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئېنگىلىز تىلىدا چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىكى پىكىرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىدى.پەقەت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇچرىشىپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇق. ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرمىسا بىز يەنە بىر مەزگىلگىچە ئۆزىمىز ھەققىدىكى پىكىر نوپۇزىغا ئېگە بولالمايمىز.
ئىسرائىلىيەدىكى زىيالىلارنىڭ ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان تەرىپى ئۇلار ئۆز تىلىدا ئىبراي تىلىدا ئەسەر يازغاندىن باشقا ئېنگىلىز تىلى ۋە باشقا دۇنياۋى تىللاردا ئىلمىي ئەسەر ئېلان قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ پىكىر يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشنى بۇرچى ۋە ئىلمىي خادىم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقەللى سالاھىيەت دەپ قارايدۇ. مېنىڭ ئەتراپىمدىلا ئىككى ياكى ئۈچ خىل تىلدا ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان يەھۇدىي زىيالىلىرى خېلى نۇرغۇن.
ياش دوستلارغا تەسۋىيەم شۇكى بۈگۈن ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئىگەللەش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش مۈمكىن. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئېنگىلىز تىلى بىلىدىغانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپات ۋە تەتقىقات پۇرسەتلىرى بار.ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئاساستا ئېنگىلىزچە ئۈگەنسەك،ئاددىسى يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى دېگەن كىتابنىڭ تۆت قىسمىدىكى 360 ئەتراپىدىكى تېكىستلەرنى ھەركۈنى بىردىن يادلاپ ماڭساق بىر يىلدا ئېنگىلىز تىلىدا يېزىش ۋە سۆزلەش مەسىلىمىز تامامەن ھەل بولىدۇ.ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش چۈش ئەمەس.چەتئەللەردىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق بارلىق تۇرمۇش چىقىملىرىنى قامداش مۈمكىن بولغاندىن باشقا تىجەپ پۇل يىغىش مۈمكىن. ھەتتا بۇ پۇل بىلەن ياخشى ياشاش مۈمكىن.نۇرغۇن مۇكاپاتلار ھەتتا سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىن شۇ دۆلەتكە بارىدىغان يول كىرايىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قىسقىسى سىز تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىسىڭىز يېڭى بىر دۇنيا سىزگە قۇچاق ئاچماي قالمايدۇ.
بەشىنچى،بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى شۇ توپنىڭ تەپەككۈر قىلىش دەرىجىسىگىمۇ باغلىق بولۇپ،دىپلۇم پىرامىداسىدىكى ئۆزگۈرۈش مىللەتنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالايدۇ.بىز بۇ پىرامىدانى باشلانغۇچ مەكتەپ دىپلومى،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى،ئالى مەكتەپ دىپلومى،ماگىستىرلىق دىپلومى،دوكتۇرلۇق دىپلومى دېگەن ئات بىلەن كۈزەتسەك مەسىلىنى چۈشۈنۈش تېخىمۇ ئوڭايغا توختايدۇ،يۇقۇرى دىپلوملۇقلار ياكى ئىلىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر نوقتىسىغا بارالىغانلارنى پىرامىدانىڭ چوقۇسى ياكى بېشى دەپ قارىساق بۇنداق كىشىلەرنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتى ئاۋۇغانسىرى بۇ باش يوغىنايدۇ ۋە باشنىڭ يوغۇنىشى پىرامىدانىڭ قالغان قىسمىنىڭ نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ،پىرامىدانىڭ تۇتقان ئورنى ۋە ئىگەللىگەن يەر مەيدانىدا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ.مەن بۇ نوقتىدا پىرامىدانىڭ باش قىسمىنى يوغۇنۇتۇش مۇشۇ توپنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن ۋە ياش دوستلارغا شۇ نىشانغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن دائىم "باشقىلار بىر كۈندە سەككىز سائەت ئۈگەنسە،بىز ئون سائەت ئۈگۈنۈش ئارقىلىق مەسىلىمىزنى ھەل قىلالايمىز" دەپ باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرسەممۇ لېكىن ئالغان تەدبىرىمىزنىڭ توغرا خاتا بولۇشىنىڭ جاننى تىكىپ ئۈگۈنۈشكە ئوخشاش ئۈنۈم بېرەلەيدىغانلىقىنى قىستۇرما قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ئالتىنچى،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ۋە نىشانغا يېتىشتە ياردەم قوبۇل قىلىشمۇ بەك مۇھىم ئىش بولۇپ،ياردەمگە تايىنىۋېلىش پىسخىكىسىدا بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.لېكىن مۇۋاپىق تۈردە ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىمىزغا بولغان پايدىسى بەكمۇ زور بولۇپ،باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا تەپەككۈر نوقتىسىدىن ياردەم بېرىش،ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ھەممىدىن مۇھىم.بۈگۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرغا ئوخشاش مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئوقۇش مۇكاپات ۋە ياردەم تۈرلىرى بولۇپ،بۇ خىل ئۇچۇرلارنى جامائەتلەشتۈرۈش ۋە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بەھرىمان بولۇش بۈگۈنكى ئىلىم ئەھلىللىرىنىڭ بۇرچىدۇر.مەن ھاياتىمدا ياخشى كىتابلارنى ئۇچراتسا دەرھال تىقىۋېلىپ ھىچكىم بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان زىيالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن خالى بولالمىغان بولساممۇ ئۆزى بىلگەن ئىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە كۈچەيدىغان ئېسىل سۈپەتلىك ئىلىم ئەھلىللىرىدىن بەكمۇ كۆپ نەپ ئالغان. بۇ خىل كىشىلەر مىللىتىمىزنىڭ بايلىقىدۇر. ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش قارىماققا رىقابەت يولىنى تارلاشتۇرۇپ قويىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ رىقابەت ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ،بىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدۇ.توپ سۈپىتىدە تەسىر كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. مەن ئۇچراتقان چەتئەللىكلەر ئىچىدە ھىندىستانلىقلاردا مۇشۇ ئالاھىدىلىك ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ ئۇلار ئۆز دوستلىرى ۋە جامائىتى بىلەن مۇشۇنداق ئۇچۇرلاردىن ئورتاقلىشىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.مەن تۇرىۋاتقان خەيڧا ئۇنىۋېرسىتى ۋە باشقا مەكتەپلەردە ھىندىستاندىن كەلگەن ئوقۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ،مەلۇم ھىندىستانلىق چەتئەلدە مەلۇم ياخشى ئۇچۇرنىڭ پايدىسىغا ئېرىشكەن ھامان ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنى بۇ ئۇچۇردىن بەھرىمان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز يېنىغا كېلىشىگە تاماسىز ياردەمدە بولۇشنى شان-شەرەپ ھىس قىلىدۇ. شۇڭا ھىندىستانلىق پەيدا بولغان جايلاردا ئۇلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاۋۇپ كۆپ ئۆتمەي بىر توپ ھاسىل قىلىدۇ.
2015-يىلى 21-ئۆكتەبىر, خەيڧا شەھرى

سەھەرنى كۆر ماماتىمدىن
ئەلا نۇر ئەتتار
جەبر ئىسكەنجىدە بەختىم ،زىمىن تىترەيدۇ ئاھىمدىن ،
ئاقار ئۆركەش ياساپ تارىم ،ئىلى قەترەئى ياشىمدىن.
ئۈمىدلەر ئەزىيەت بارخانلىرىدا قالدى ئىزناسىز،
زاۋال ئۈلپەت بولۇپ ئىچ دەپ ماڭا سۇنغاچقا قانىمدىن.
بېشىمدا ئەگىسە كۈلپەت قۇشى ئارتۇقچە تاڭ قالما ،
گۇناھىم دانلىتىپ قولدا ،سۇ بەرگەن ئاڭا ئاغزىمدىن.
پەلەك ھەم دەرگۇمان يۇلتۇزلىرىم ئۆچكەچكە بىر - بىرلەپ.
كۈتۈشلەر رەنجىدە قان دىل ، جۇدامەن بۇندا بارىمدىن.
پۇتۇم يول دەستىدە ھالسىز ، سېلىنغاچ ئىشكىلى تەقدىر،
ماڭارمەن شۇندىمۇ كۆزلەپ، سەھەرنى كۆر ماماتىمدىن.
ۋادەرخ
تۈنلەر داۋام تۇغۇلمىغاچ تاڭ قۇياشىمىز ،
ئېتەك ياقا ، ئاياغ بولدى ئەزىز باشىمىز.
ھەق، ئادالەت نەدە ؟ ئالەم بولدى بىر قەپەس ،
يوقتۇر ھەتتا دەرد تۆكەرگە دوست- قاياشىمىز.
دۇنيا ھارام ئەمەس بىزگە ، بىراق ئەجەبكى
زەھەر ياكى تاش بولدى يېگەن ئاشىمىز .
غەملەر باشتا ، تولا ھەتتا ياشتىكى چاچتىن ،
ئېلىپ قاچار ئەر يوق قۇلدۇر قەلەمقاشىمىز.
قۇرۇغان لەۋ كۆزياش بىلەن كەلدى نەملىنىپ،
چىڭدۇر ۋادەرخ بۇ جانىمىز ، بۇ بەرداشىمىز.

كىتاپ ئوقۇغاندا تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاچ، ئەستايىدىل يوسۇندا چوڭقۇرلاپ ئوقۇساق ،يەنى ،ئاپتور نىمىشقا يازدى ،نىمىشقا بۇ ئۇسلۇبنى تاللىدى ،يەتمەكچى بولغان چوڭقۇرلۇققا يىتەلىدىمۇ ؟ بىلدۈرمەكچى بولغىنى زادى نېمە؟ قانداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ؟ ... دېگەندەك...
.
1. بۇ كىتاب سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىز ۋە ئادەتلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟
2. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلامسىز؟
3. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلمىغان نۇقتىلىرىڭىز بارمۇ؟ نېمىشقا؟
4. قايسى جۈملە/ئابزاسلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويدىڭىز، ياكى خاتىرىڭىزگە كۆچۈرىۋالدىڭىز؟قايسى جۈملە ياكى ھال يۈرىكىڭىزنى تىترەتتى ياكى كىتاپنى قويۇپ ئويلاندىڭىز ؟
5. كىتابنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قانداقراق تەسەۋۋۇر قىلغانتىڭىز؟ كىتاب سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك چىقتىمۇ؟
6. ئەگەر ئاپتوردىن بىرەر سوئال سورىماقچى بولسىڭىز نېمە سوئال سورايتتىڭىز؟
7. سىز ئوقۇغانلىرىڭىزنى باشقا بىرىگە سۆزلەپ تەسىر قىلارلىق سۆزلەپ بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېسىڭىزدە قالدۇرالىدىڭىزمۇ؟
8. سىزچە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزەلىدىمۇ؟
9. بۇ كىتابتىكى مەركىزى ئىدىيە ياكى ئاپتور ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۈزمەكچى بولغان، تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ئۇچۇرياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت سىزچە نېمە؟.
10. بۇ كىتاپ ھەققىدە دوستىڭىزغا پەقەت بىر جۈملە دېمەكچى بولسىڭىز نىمە دېگەن بولاتتىڭىز ؟

*بالىلارغا رامزاننى ھىس قىلدۇرۇش*
1. بالىلار بىز بىلەن بىرلىكتە سۇھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق داستىرخاننى تەييارلىشىپ بېرىش.
2. رامزان كالىندارى ياساش.
3. بالىلارمۇ رامزان كۈتىۋىلىش چوڭ تازلىقىغا ۋە ئۆي بىزەشلەرگە داخىل بولاش( رامزان مۇبارەك بايراقلىرىنى ئېسىش ، چىراق ئېسىش ...)
4. رامزانلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى بىللە قېلىش
5. باشقا دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق رامزان ئۆتكۈزۈش ئۆرۈپ ئادەتلىرى بار ؟ شۇنى بالىلار بىلەن بىللە ئىزدىنىپ ئوخشىمىغان مەدىنىيەتتىكىلەر بىلەن تۇنۇشۇش ، ۋە دۇنيادا بىزدىن باشقا يانا باشقا بەك كۆپ مۇسۇلمانلار جامائىتى بارلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش.
6. سەدىقە قۇتىسى ياساش ۋە رامزان ئاياغلاشقان كۈنى سەدىقىنى ئۆز جايىغا يەتكۈزۈش ( مەسلەن ئىھتىياجلىق ئاداشلارغا ھېيتلىق سوغات ئەپ بېرىش)
7. بالىلار بىلەن بىرلىكتە خوشنىلارغا خورما دىگەندەك ئاددى سوغاتلارنى قاچىلاپ رامزانلىق تەبىرىك كارتىسى ياساپ ھەدىيە قېلىش. ( پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كاپىر قەۋىمگە رامزاننى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش )
8. بالىلارنى ھەر خىل قىزىقارلىق رامزانلىق پائالىيەت ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەش
9. دوستلىرى بىلەن رامزاننى كۈتىۋىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش( پائالىيەتتە بالىلار قول ھۈنەرۋەنۋىلىكى قىلسا ، قۇرئان ئوقۇشدا بەسلەشسە ...)
10. بالىلارغا رامزاننى ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلەتكۈزۈپ ، ۋە ئۇنى خاتىرلىۋىلىپ «مىنىڭ 20xx يىللىق رامزان كىتابىم» دەپ ئۆزىگە خاس رامزان ھىكايە توپلىمىسى چىقارسا ھەر يىلى ئۈچۈن بىر خاتېرە بۇلۇپ قالىدۇ .
11. قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى بالىلارغا ئاددى قېلىپ سۆزلەپ بېرىش
12. بالىلارغا "شۈكۈر خاتېرىسى " تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ، خەت يازالايدىغان بالىلار خەتچە ، كىچىك ياشدىكىلەر رەسىم بىلەن ئۆزىنىڭ شۈكۈرلىرىنى ياسۇن سىزسۇن . ( مەسلەن كىيىم كىيىۋاتىمىز ئەگەر كىيىملىرىمىز يوق بولغان بولسا قانداق قىلاتتۇق ؟ )
13. ئىھتىياجلىق ئادەملەرگە كىيىم كېچەك ۋە ئۇيۇنچۇقلىرىدىن سەدىقە قېلىش.
14. بالىلار بىلەن" ياخشى ئەمەللەر جەدىۋىلى " تۈزۈش، ۋە شۇ ياخشى ئەمەللەرنى قېلىپ ئادەتلىنىش
15. ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىم كىچەكلىرىمىز بىلەن رامزاننىڭ تۇنجى كۈنىنى باشلاش.
16. ئەدىگەن بالىلار سۇھۇرلۇققا قوپىشى تەس ، لىكىن بىز ناشتىلىقىنى سوھۇرلۇقدەك ھىسىياتتا قىلىپ بېرىپ ،بالىلارنىڭ يىشىغا قارىتا ئۇلارنىمۇ بىرە نەچچە سائەت روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش .
17. ھېيتلىق كىيىمنى ئېلىشتا بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قۇيۇپ بېرىش .
18. ئىبادەت پىلان جەدىۋىلىدىن بىرنى ياساش (قۇرئان ئوقۇش ، سۈرە يادىلاش ، ناماز ئوقۇش ...) ۋە ئەمەل قىلغاندا سوغات بىلەن مۇكاپاتلاش
19. بالىلارغا خاس ئۆزىنىڭ كىچىك مەسجىدىنى ياساپ بېرىش
20. رامزانلىق ئاينى بىللە كۈزۈتۈش ، ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ بېرىش. (ئاينىڭ ھەر خىل شەكىلدە نىمە دەپ ئاتىلىشىنى ۋە نىمىشقا ئايلار بۇ شەكىللەردە بولىدۇ بىللە ئىزدىنىش )
21. كۈندە ئۆيدە قۇرئان ۋە نەشىدلەرنى قۇيۇپ ئاڭلاپ بېرىش .
22. ئاتا ئانىلار قەدىر كىچىسىنى كۈچلۈك ئىبادەت بىلەن كۈتىۋىلىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بالىلارغا بۇ 10 كۈننىڭ زور ئەھمىيىتىنى ھىس قىلدۇرۇش .
23. بالىلار بىلەن بىرلىكتە رامزانغا ئائىت ياكى ئىسلامى كىتابلارنى ، ھېكايىلەرنى ئوقۇش.

ھاياتىمىزدىكى 30 تۈرلۈك ئىش ھەم ئۇنىڭ قۇدىرىتى
ھەر كىمنىڭ ھاياتى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلار قاينىمىدا دولقۇنلايدۇ. گاھى ئىش-ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كېمىسىنىڭ راۋان ئىلگىرىلىشىگە تۇسقۇنلۇق قىلسا، يەنە شۇنداق قىممەتلىك، ئۆرنەك ئىش-ئەمەللەر باركى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاددى بولۇشىغا قارىماي، ئادەمگە نىشان، كۆڭلىگە ئەمىنلىك ئاتا قىلالايدۇ.
1. ھەركۈنى ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان ئۈچ مۇھىم ئىشنى قىلشنى پىلانلاڭ.
2. باشقىلاردىن 10 مېنوت بۇرۇن ئىشقا كېلىڭ.
3. بىر ئىشقا ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، نەچچە سېكونت ئويلىنىۋىلىڭ.
4. ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن، 30غىچە ساناڭ.
5. مۇقىملاشتۇرالمىغان ۋاقتىڭىزدا، ئىشنىڭ ئەڭ جاپالىقىنى تاللاپ قېلىڭ.
6. ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۇنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىنى ئېنىق بىكىتىڭ.
7. 1-رەتتە ئولتۇرۇڭ.
8. سىزدىن ئالغا كەتكەنلەرنى كۈزىتىپ تۇرۇڭ.
9. باشقىلارغا قارىغاندا 10 مېنۇت ئارتۇق بەرداشلىق بېرىڭ.
10. يېنىڭىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى يادىڭىزدا تۇتۇۋىلىڭ.
11. ئىشنى تالىشىپ قىلىڭ، تازىلىق ئىشنى بولسىمۇ مەيلى.
12. باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ياخشى گېپىنى قىلىڭ.
13. يېنىڭىزدىكى ھەربىر ئادەمگە ئەھمىيەت بىلەن قاراڭ.
14. باشقىلار سۆزىنى تاماملىغىچە گىپىنى بۆلمەڭ.
15. ئۆز يېنىڭىزدىكى كىشىلەرگە باشقىلاردىنمۇ ئارتۇق ئۈمىد بېغىشلاڭ.
16. باشقىلارنى تەنقىدلەشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىڭ.
17. يېنىڭىزدا قەلەم، قەغەز ئېلىپ يۈرۈڭ.
18. ئويغاندىن باشلاپ ئىككى مېنۇت ئىچىدە شۇ كۈنلۈك قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاڭ ياكى يېزىڭ.
19. ئۆزىڭىزنىڭ 10 تۈرلۈك ئاجىزلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ، ھەمدە تۈزۈتۈڭ.
20. ئەڭ مۇھىم قارارنى ئەڭ ياخشىسى بىر كۈننى ئۆتكۈزىۋىتىپ، ئېلان قېلىڭ.
21. ئوخلاشتىن بەش مېنۇت بۇرۇن، ئۆز-ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇڭ ۋە شۇ كۈنىڭىزنى خۇلاسىلەڭ .
22. ھەركۈنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىش ئادىتىڭىزنى ساقلاڭ.
23. ھەرگىز خىزمەتتىكى ئىشلارنى ئائىلىڭىزگە ئېلىپ كەلمەڭ.
24. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىڭ.
25. دوستلىرىڭىز ئارقىلىق يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇڭ.
26. ھەركۈنى يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى كىتاب ئوقۇشقا سەرىپ قىلىڭ.
27. قىسقا مۇددەتلىك پىلاندىن تۆتنى بىكىتىڭ، بۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى «نۇقتىلىق پىلان» قىلىپ تاللىۋىلىڭ.
28. پۇل تېپىشنى ھەرگىزمۇ ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى نىشان قىلىۋالماڭ.
29. ئەڭ ياخشىسى نىشان، پىلانلىرىڭىزنى يېزىپ، چاپلاپ قويۇڭ، ئاندىن ھەر كۈنى 10 نۆۋەت ئاۋازىڭىزنى قويۇۋىتىپ ئوقۇڭ.
30. دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ! دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ! دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ!

ئازمۇ ھىجرانىم مېنىڭ
ئەلا نۇر
لەۋلىرىڭنىڭ ئەمرىگە مۇنتەزىر جانىم مېنىڭ،
قېنى ئۆلتۈر بىر بۇسەڭدە، مانا جانانىم مېنىڭ.
لال بولۇر شۇئان دىلىم، بىلمەم نىچۈن كۆرسەم سېنى،
كۆرمىسەم قالماس قارارىم، تىنماس ئەفغانىم مېنىڭ.
خەستە كۆڭلۈم كۆپ زاماندۇر ئارزۇ - پىراقىڭدىن خاراب،
بولمىدىم بىر لەھزە راھەت، كەچتى دەۋرانىم مېنىڭ.
مۇپتىلا مەن بىر ئۈمىدسىز، قارا دەردنىڭ زەھرىگە،
شۇل سەۋەپتىن كۈنسايىن پۈتتى دەرمانىم مېنىڭ.
يوق تەسەللىگە تەھاممۇل، بەرمىگىن زەخمەت ماڭا،
ئەتمىگىن ئۈستلەپ سىتەم ، ئازمۇ ھىجرانىم مېنىڭ.
ئوق ئاتارسەن ھەر بېقىشتا، قەست قىلارسەن جانىمە،
يار مىسالى ئولكى مەلھەم، ئاقمىسۇن قانىم مېنىڭ.
نۇرئەلانۇر ھەر نە ئەتسەڭ قايىل ئىرۇر، مۇشتاق ئىرۇر،
دىلنۇرۇمسەن، دىلئارامىم، ھەمدە دىل زارىم مېنىڭ.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدىن ماڭا بىلىنگىنىنى ئۈچ كەلىمىگە يىغىنچاقلىسام؛ ئازاب، ئەسلىمە ۋە نەپىسلىك
1.ئاياللارچە نازۇك سېزىم ۋە روھىيەتنىڭ سۈزۈكلۈكتىن خىرىستاللىشىشى
خالىدە ئىسرائىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبى ۋە پىسخىكىلىق تەسۋىر چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان سىما. ئۇنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدىكى ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىك — چوڭقۇر سېزىمچانلىق. ئۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەننى ۋەقەلەرگە جەلب قىلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىنسان روھىيىتىدىكى تىترەشلەرنى تەسۋېرلەش جەريانى دەپ قارايدىغان يازغۇچى .
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ «كەچمىش» رومانىدا، مەن يازغۇچىنىڭ تاشقى دۇنيادىن كۆرە، پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قانچىلىك مەپتۇنلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدا «ئاياللارچە تۇيغۇنلۇق » ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يازغۇچىنىڭ «ئاياللارچە تۇيغۇنلۇق»ى ئاجىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى ھېس- تۇيغۇمىزنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىشقا يېتىدىغان ئىنچىكە ئازابلارنى، سۆيگۈنىڭ نازۇك،نەپس تەرەپلىرىنى، ئائىلە ۋە جەمەتنىڭ يوشۇرۇن جاراھەتلىرىنى كۆرەلەيدىغان بىر خىل ئاجايىپ قۇدرەتتىن دىرەك بىرىدۇ . ئۇنىڭ قەلىمى خۇددى بىر ئوپىراتسىيە دوختۇرىنىڭ تىغىدەك ھەم نازۇك، ئەمما ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىشتە ھەم شۇنچە قەتئىيدۇر.
2.ئەسلىمە ۋە تارىخىي تراگېدىيەنىڭ روھىي يۈكى
خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىنىڭ يەنە بىر قۇتۇبى — ئەسلىمە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆتمۈش بىر ئۆلۈك تارىخ ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن كۈچ سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەسلىمىگە ،تارىخقا يۈزلىنىش نوقۇل يېزىش، ئەسلەش ئېھتىياجىدىن ئەمەس، بەلكى روھىي بىر مەسئۇلىيەتتىن، تىراگىدىيەنىڭ روھىي يۈكىدىن تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ قۇرلىرىدا «يوقىتىلغان گۈزەللىككە قارىتا ھەسرەت» دائىم ھەمراھ . ئەسەرلىرىدە كونا مەھەللىلەرنى، ئۆزگىرىپ كەتكەن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە يىمىرىلىۋاتقان ئەخلاق مىزانلىرىنى تەسۋىرلىگەندە، مەندە بىر خىل «روھىي غۇربەتچىلىك» تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ تارىخنى تاشقى بوران-چاپقۇنلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى شۇ بورانلاردا يىقىلغان كىشىلەرنىڭ سۇنغان قەلبى،سۇنماس قەددى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىنى يىغلىتىدۇ، ئەمما بۇ ياش بىر خىل ئاچچىق ياش ئەمەس، بەلكى روھنى پاكلايدىغان سۈزۈك ياشتۇر.
3. زىيالىي غورۇرى ۋە ئېستېتىك ئىسيان
خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدا يەنە بىر مۇھىم تەرەپ —ھەقىقىي زىيالىيلىق سالاھىيىتى. مەنچە ئۇ بىر قەلەمكەش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يۈكىنى مۈرىسىگە ئالغان زىيالىي. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى باش پېرسوناژلار يازغۇچىنىڭ ئۆز روھىيىتىنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر. بۇ پېرسوناژلار ھەمىشە رېئاللىقتىكى قوپاللىققا، نادانلىققا ۋە مەنىۋى نامراتلىققا قارىتا ئېستېتىك بىر ئىسيان ئىچىدە تۇرىدۇ.
بۇ خىل ئىسيانكارلىق شوئارلاردا، مونولوگلاردا ئەمەس، بەلكى گۈزەللىككە بولغان جاھىللارچە سادىقلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، تەسۋىرنىڭ ئىنچىكە، ھەشەم- دەرەمدىن خالى، ئىخچام بولۇشىغا شۇنداقلا يېقىملىق، تېتىملىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ چېگراسىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. مېنىڭ ئىچ- ئىچىمدىن ھېس قىلىدىغىنىم يازغۇچىنىڭ پىسخىكىسىدا تەگسىز بىر يالغۇزلۇق، يۈرەكنى زىل- زىلىگە سېلىپ يىغلىتىۋېتىدىغان بىر گۈزەللىك بار. بۇ يالغۇزلۇق ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىشكە، تېخىمۇ سەمىمىي، تېخىمۇ ئىنچىكە يېزىشقا ئۈندەيدۇ. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسى — ئازابنى، قوپاللىقنى، چىركىنلىكنى، دەردنى گۈزەللىككە ئايلاندۇرۇش پىسخىكىسى ئىكەنلىكىنى ھەر ئەسىرىدىن تېتىپ تۇرىمەن. يازغۇچى تارىخنىڭ ئاچچىق چارىسىزلىكىنى، سىياسىي قىزىل قىيامەتلەرنى (زىيالىيلارچە تەپەككۇرى ۋە قەلەم ئىستىداتى، مىللىتىگە بولغان ئانىلارچە ساپ سۆيگۈسى ئارقىلىق) گۈزەللىك، نەپىسلىك، نازۇكلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ، بىر پاك روھنىڭ دەۋر بىلەن بولغان ئېلىشىشىغا، سۆيگۈ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتتۇرىسىدىكى قىينىلىشلىرىغا شاھىت بولىمەن ۋە ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ، خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلۈكىدە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىمەن. بۇ گىگانت روھىيەت مۇتەخەسىسىنىڭ خەلقىنىڭ مول،مۇرەككەپ، پاكىز ئىچكى دۇنياسىنى ۋە كىپىنەك قانىتىدەك ھىلپىرلەپ تۇرىدىغان نازۇك روھىيەت تەسۋېرلىرىنى سىيا بىلەن ئەمەس يۈرەك قېنى بىلەن يازغىنىنى ھەر ئەسىرىدە جان- جېنىم بىلەن ھېس قىلىمەن .

مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئوقۇتقۇچىلىق ناھايىتى مۇقەددەس بىر ۋەزىپە بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھېساپلىنىدۇ
بىز ئوقۇتقۇچىلىق نىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرەلىسەكمۇ ، ئوقۇتقۇچىلىق قانداق شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ ؟دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىشتە قىينىلىپ قالىمىز
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاجىرەتتە پەرزەنتلىرىمىز مەكتەپ ياكى ئىجتىمائىي ھاياتتا بولسۇن ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مۇھىتتا ياشىماقتا .بۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئائىتلىقىنى ،ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىز ھېس قىلىشى ، يەرلىك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتكە قايىل بولۇپ كېتىشى ،ھەتتا ئاستا - ئاستا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىنلىگى كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەت.
ئۇيغۇرلۇققا ئائىت نۇقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى يېڭەلىشىمىز مۇمكىن دەيمىز- يۇ، تەتبىقاتى ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلىدۇر. (بۇنىڭغا سەئۇدى ، ئەرەبىستان،پاكىستان ۋە تۈركىيە گە بۇرۇن كۆچمەن بولغان ئەجداتلىرىمىز نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مىسال (قىلالايمىز.
ئوقۇتقۇچى يەنى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تارىخى دەۋىردە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە نېمە يۈكلىنىدۇ؟
پىداگوك يەنى يىتەكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلارغا سىڭدۈرۈشكە تېگىشلىك روھ ۋە مەنىلەرنى قايسى شەكىلدە سىڭدۈرەلەيمىز ؟!
ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈگلۈك ئۇرۇق بار ، ئۇنىڭغا پەرۋىش يامغۇرى ياغسا كۆكلىشى مۇمكىن ، ئەمما قاقاسلىققا قانچە يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ كۆكلىمەيدۇ ،مائارىپ ئەنە شۇ يامغۇرغا ئوخشايدۇ.
ئوقۇتقۇچى يامغۇرنى ئېرىقلارغا مۇۋاپىق بۆلۈپ، ئۇرۇقنىڭ يېنىغا سۇ باشلاپ كەلگۈچىلەر ھېساپلىنىدۇ.بالىلار بولسا ئۇرۇق سېلىنغان مۇنبەت تۇپراق
ئوقۇتقۇچىلىق سەنئىتى ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە ئوخشايدۇ ، ئوقۇتقۇچى ئوخشىمىغان سۈپەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشلارنى تونۇپ ئايرىپ ،ھەر تاشنىڭ خاسلىقىغا ماس ھەيكەل ئويۇپ چىقالىشى مۇمكىن .
ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى
قايسىلار؟
بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ، »ئوقۇتقۇچىلىق- بىر قەلبكە،بىر جانغا تەسىر كۆرسەتمەك« دېگەننى ئېسىدە تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يۇمران ، نازۇك روھلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ۋىجدانى يۈكىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ
بالىلار نىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى ،خاسلىقى،ئىقتىدارى ۋە شارائىتىغا قارىتا تەربىيە مېتودى تەتبىقلايدۇ
مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكەئۇرۇنمايدۇ بېلىقنى ئۇچۇشقا ،قۇشنى ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ، ئۆگىنىشتىن زىرىكىشىگە سەۋەپ بولۇشتىن ساقلىنىدۇ
دەرسنى قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەيدۇ
ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ
ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ساغلام رىشتە ھاسىل قىلالايدۇ
دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىدۇ ،بالىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچىدىن مەسىلىلەرنى سورىيالايدۇ ، تېلىفون قىلالايدۇ ،ھەتتا شەخسىي مەسىلىلىرىنىمۇ مەسلىھەت ئالالايدۇ
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىغا يېقىنلىشالايدۇ، تارتىنىپ ياكى قورقۇپ ياكى ياقتۇرماي يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ
مەيلى دەرستە ياخشى ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى بولسۇن ،مەيلى ئىنتىزامسىز ،چاتاقچى ئوقۇغۇچى بولسۇن باراۋەر ،ئادىل ، ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدۇ
خاتالىق سادىر قىلغاندا ياردەملىشەلەيدۇ ۋە ئوقۇغۇچىغا ئەمەس خاتالىقلار مەركەزلىشىدۇ
ئۆزى يىتەرسىز بولغان تەرەپلىرىى بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلاردىن دۇرۇس پوزىتسىيەدە كەچۈرۈم سورىيالايدۇ
ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەيدۇ ،مەسخىرە قىلمايدۇ،مۇناسىپ ئۇسلۇپتا خاتالىقىنى تونۇتىدۇ
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ،ئۆگىنىش ئۇسۇلى ،ئائىلە ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ .چۈنكى بالىلارنىڭ سىنىپتىكى كەيپىياتى، قىزغىنلىقى ۋە ئىش - ھەرىكىتىگە مەكتەپ سىرتىدىكى ئەھۋاللىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ
ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچمايدۇ. چۈنكى بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ ھەممىنى تولۇق بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندا ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ ، بەلكى تېخىمۇ تىرىشىشى مۇمكىن
ئوقۇتۇشتىكى ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇبلىرىغا ، مىتودىغا ،كەسىپىي بىلىمگە داۋاملىق تۈزىتىش ۋە كۈچەيتىش ،تەرەققى قىلدۇرۇش كويىدا بولىدۇ .
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى سىنىپ پۈتۈنلۈكىنىڭ بىر پارچىسىدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ . سىنىپنى بىر ئائىلە قىلىپ تەشكىللەپ خوشاللىق ئىچىدە ھەمكارلىشىش ، ئاكتىپ ۋە توغرا رىقابەتلىشىش ھاۋاسى پەيدا قىلىدۇ ، تەۋەلىك تۇيغۇسى قوزغىلىپ گۇرۇپپا ھالىتىدە ۋەزىپە ئورۇنداش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ .
سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ
ئۆزىنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ ،ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەكرەك ياش نوتىلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىگە يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ خاراكتىر ،ئىرادە ،دۇنيا قاراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ، ئۇلاردا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ساغلام كىشىلىك يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ
ناچار ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار ؟
كەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز ،پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بولىدۇ .شەخسىي مەسىلىلىرى سەۋەپلىك سىنىپقا خاپىغان كىرىدۇ ۋە بالىلارغا پارتىلاپ سالىدۇ، قوپال تېگىپ سالىدۇ
ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلىرىغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدۇ
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ ،ئىزدىنىپ باقمايدۇ
دەرسنى يۇقىرى كەيپىياتتا باشلاش ،سىنىپ ئىنتىزامى تەشكىللەش ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ، تاپشۇرۇقلارغا ئەستايىدىل ،ئىلھامبەخىش باھا يېزىش، دوسكىنى رەتلىك باشقۇرۇش ، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا دەرس سۆزلەش قاتارلىق ئۇششاق لېكىن مۇھىم ھالقىلاردا يىتەرسىز بولىدۇ
ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ ياكى سۇس ،بىپەرۋا قارايدۇ،قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدۇ
بالىلارنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ

47 كۈن بۇرۇن
سەرخىللار مائارىپى ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتى بىلىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
18-يانۋار«سەرخىللار مائارىپى»نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتى بىلى مۇسابىقىسى»نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ھەمدە «ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى»نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
ياشلارنىڭ زېھنىي قابىلىيىتى ۋە مىللىي كىملىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە، 4-يانۋار يېزىقچە ئېلىنغان ماتېماتىكا ئولىمپىياتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ مۇكاپات تارقىتىلغان بولسا، 15-يانۋاردىكى دەسلەپكى تاللاش باسقۇچىدىن ئۆتكەن ماھىرلار نەق مەيداندا مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىلىملىرى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە قاتناشتى.
مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان «سەرخىللار مائارىپى»نىڭ قۇرغۇچىسى، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى مەھمۇدجان ئۆزئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلۇق»نىڭ سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كىملىكنىڭ ئىككى قانىتى بولغان تىل ۋە مەدەنىيەتنى ساقلاش بىلەن بىرگە، تەبىئىي پەنلەرنى ئانا تىلىدا پۇختىلاپ ئۆگىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلۈكىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىم جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن بەدىئىي نومۇرلار پائالىيەتكە ئالاھىدە ھۆسن قوشتى. ئوقۇغۇچىلاردىن ئاممار ئوغۇزنىڭ قەشقەرنى تونۇشتۇرغان سۇنۇمى، ئەندەرنىڭ جەڭگىۋار شېئىرى ۋە مەرىەمنىڭ تەسىرلىك نەسىرى كۆپچىلىكنى ھاياجانغا سالدى؛ نەفىسە، سۈمەييە، پاتىمە ۋە مۇسلىمەلەر ئورۇنلىغان «تىلىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى قوغدايلى» ناملىق ئىتوت تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «سەرخىللار مائارىپى»نىڭ كىچىك زېرەكلىرىدىن زەينەپ ئۆزئۇيغۇر بىلەن رۇقىيە مۇھەممەدمۇ «قار ياغدى» ناملىق شېئىرىنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا دېكلىماتسىيە قىلىپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.
مۇسابىقە نەتىجىسى بويىچە، ماتېماتىكا تۈرىدە شەرىفە ئۇلۇغيول (1-دەرىجىلىك)، مۇھەممەد ئەمىن (2-دەرىجىلىك) ۋە ئىھسان ئۆزئۇيغۇر (3-دەرىجىلىك) مۇكاپاتلاندى، شۇنداقلا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلدى. مەدەنىيەت بىلىم مۇسابىقىسىنىڭ چوڭلار گۇرۇپپىسىدا نەفىسە نۇرمۇھەممەد، مۇھەممەد ئەمىن قۇم ۋە ئەكرەم ئۇيغۇرخانلار ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە؛ رەھىمە سىراجىدىن، ئىھسان ئۆزئۇيغۇر ۋە سەفىيە مۇھەممەدلەر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.
پائالىيەتنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا دوكتور بورھان ئۇلۇغيول رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەڭ ئادىل باھالاش ۋە تەقسىملەش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپلا قالماي، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى بىرمۇبىر سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا قىزغىن رىغبەت سۆزلىرىنى يوللىدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ۋە خىمىيە پەنلىرى دوكتورى تۇردى مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېپىلىش سۆزى قىلدى. دوكتور ئالىمجان بۇغدا سەرخىللار مائارىپىنىڭ پوتېنسىيالىنى يۇقىرى باھالاش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيەنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. دوكتور تۇردى مۇھەممەد ئابدۇللاھ پائالىيەتنى تەشكىللەش، مۇسابىقە ۋە مۇكاپاتلاش جەريانىنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە ئادىل بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سەرخىللار مائارىپىنىڭ مەقسىتى پەقەتلا شەخسىي مەنپەئەت كۆزلەيدىغان بىلىم ئىگىلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىنى، مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قەلبىگە پۈككەن، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئۆتكۈر پىكىرلىك ۋە يۇقىرى قابىلىيەتلىك ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ئورگان «سەرخىللار مائارىپى» نامىدىن قاتناشقان بارلىق مېھمانلارغا، ماھىرلارغا، كۈچ چىقارغان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا، ئاتا-ئانىلارغا ھەمدە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولغان بارلىق خەير-ساخاۋەتچىلەرگە ۋە ئورگانلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ، نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
مۇسابىقە خاتىرىسىنى توربېتىمىزدىن كۆرەلەيسىز:
ئۇلىنىش: پائالىيەت خاتىرىسى - ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار تۈز مىجەزمۇ ؟
ئىلھام
ئۇنىڭ ئىسمى ئىلھام ئىدى، ئۇ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇپ 7- سىنىپقا چىققاندا ، بىزنىڭ مەكتەپكە ئالمىشىپ ، بىزنىڭ سىنىپىمىزغا بۆلۈنگەنىدى . ئۇ ئېگىز بويلۇق ، كەڭ يەلكىلىك بالا ئىدى. ئۇنىڭدا تەبئىتىدىن بىر ھەييارلىق، كەپسىزلىك بار ئىدى، ئۇنىڭدىن كۆرگىنىم كەم كۆرۈلىدىغان تەسەۋۋۇر كۈچى ئىدى ، بۇ تەسەۋۋۇر كۈچلۈك بىر ئەقىل بىلەن بىرلەشكەنىدى.
تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ ئىككى قانىتى كەبى ئۇنىڭ ئاتۇشنىڭ ئۇنتۇلغان، نامرات ۋە زېرىكىشلىك بوشلۇقلىرىدىن دۇنياغا ۋە ھەتتا كائىناتقا يۈزلەندۈرەتتى. ئىنتىلدۈرەتتى. بۇ ھەقتە چۈش كۆردۈرەتتى. ئۇ ئىككى كۆزى ئوچۇق ھالدا چۈش كۆرگۈچى ئىدى، مەن بىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدەك ئۆزگىچە دۇنياسى بارلار بەكلا ئاز ۋە ھەتتا يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىشقا باشلىدى.
ئىلھام ئىجادكارلىققا تولغانىدى. ئۇنىڭ كاللىسى توختىماي يېڭى ئوبرازلار، يېڭى خىياللار ۋە يېڭى بايقاشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇنى ئۇنىڭ تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا دوسكىغا سىزىپ قويىدىغان ھەجۋىي رەسىملىرىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولاتتى. ئۇ يېڭىدىن يېڭى ھەجۋى رەسىملىرى ئارقىلىق، بىزنى توختىماي كۈلدۈرۈپ تۇراتتى.
بۇ جەرياندا مېنىڭ دىققىتىمنى كۆپرەك تارتقىنى ئۇنىڭ يەنىلا خىتايچە تەپەككۇر قىلىشى ئىدى. گەرچە ئۇ ئۇيغۇرچىنى يامان ئەمەس سۆزلىيەلىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزۈشى يەنىلا خىتايچە قېلىپتىراق ئىدى، ھەتتا بەزىدە ئۇ كاللىسىدىكى خىتايچە جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۆزلەيتتى. يەنە بەزى كاللىسىدىكى بۇ تەرجىمىگە يېتىشەلمىسە، ئۇنى ياخشى قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۇيغۇرچىدا كۈلكىلىك ئاڭلىنىدىغان سۆزلەر چىقىپ كېتەتتى. بەزىدە ئۇ بۇنى ھېس قىلىپ ، دەرھال تۈزىتىشكە ئالدىرايتتى. بەزىدە ھېس قىلمايتتى . بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى توغرىلايتتۇق. بەزىدە ئۇ« ئاپام بۇ ئىشتاننى ياساپ بەردى » دەپ پەخىرلىنىپ سۆزلەيتتى.شۇنىڭ بىلەن بىز قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتەتتۇق. ئۇ دەرھال خاتا سۆزلىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قىزىرىپ كېتەتتى.
ئىلھام دائىم ئۆزىنىڭ مىجەزىنى خىتايلاردەك تۈزلا دەپ قارايتتى. بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدە شۇنداق بىر قاراش بار ئىدىكى،خىتاي مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ خىتايلاردەك تۈز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئويلىغىنىنى تۈزلا دەيدۇ. ئالدى – ئارقىنى جىق ئويلاپ كەتمەيدۇ،ھەقنى دادىل سۆزلىيەلەيدۇ دىگەندەك.
ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا چوڭقۇرلاشقاندىن كىيىن ، بىر كۈنى ئىلھامدىن بۇ ھەقتە سورىدىم:
-سەن خىتايچە ئوقۇغان، ئۆزۈڭ دائىم مەن خىتايچىدا ئوقۇغاچقا، مېنىڭ مىجەزىم خىتايلاردەك تۈزلا دەيسەن،ئەلۋەتتە مىجەزىڭدە تۈزلۈك بار. بۇ ھەم سېنىڭ ئۇيغۇرچىدا بەزى گەپلەرنى بىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە دېيەلمەيدىغانلىقىڭنى چاندۇرماي كېلىۋاتىدۇ. گەپتىن گەپ چىقسا، سەن « مەن مۇشۇنداق تۈزلا سۆزلەيمەن» دەيسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ تۈزلا ئېيتىلغان سۆزلىرىڭنىڭ بەزىلىرىدىن قايمۇققان ياكى دىلى ئازار يېگەنلەر سېنى كەچۈرىۋىتىدۇ. ئەمما، مەن بىر ئىشتىن قايمۇقۇپ قالدىم. ئەگەر خىتايچىدا ئوقۇغانلار تۈز سۆزلەيدۇ دەپ قارالسا، ئۇ زامان بىزدەك ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغانلار ئەگرى سۆزلەمدۇق ؟ ئەگەر سىلەرنىڭ مىجەزىڭلار تۈز بولسا، بىزنىڭ ئەگرىمۇ ؟
ئىلھام بۇنداق بىر سۇئالنى مەندىن كۈتمىگەچكە مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. بىرى، مېنىڭ سۇئالىم تۈزلا سورالغانىدى. ئىككىنچىسى، بۇ سۇئال بىزنىڭ ئارىلىقىمىزدا يەنىلا تىل كۈلتۈرىدە ئىپادىلىنىدىغان يوشۇرۇن ئارلىقنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگەنىدى.
ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتتۈم. بىر ھازادىن كىيىن، ئۇ ماڭا:
-شۇ ئۇيغۇرچىدا نۇرغۇن سۆزلەرنى ۋە جۈملىلەرنى چۈشەنمەك تەسكەن. گەپنىڭ ئارقىسىدا گەپ باردەك بىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر بالىلار كۆڭلىدىكىنى يوشۇرىدىكەن. كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەيدىكەن. خىتايلار ئۇنداق ئەمەس.
-مېنىڭچە، خىتايچىمۇ گەپنىڭ تېگىدە گەپ باردەك بىلىنىدىغان بىر تىل، بۇنى خىتايلارنىڭ بىز ھازىر كۆرىدىغان قەدىمكى زامان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەرقانداق بىر تىلدا بار ئىش بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن ، ئەمما ، خىتايلارنىڭ مىجەزىگە كەلسەك، مېنىڭچە ئۇلار ئەڭ قۇۋ مىللەتتۇر. قاراپ تۇرۇپ، ساڭا يالغان سۆزلىيەلەيدۇ.يالغان سۆزلەشنى نۇمۇر قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى پەخىرلىنىدىغان ئىش دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپى ئىچ مىجەز كېلىدۇ. كۆڭلىدىكىنى ئالدىراپ ئاشكارىلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ يۈزى بىر نىقاپتۇر. ئۇلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق- يورۇق ۋە ئاددى. نېمىنى ئويلىسا شۇنى تۈزلا ۋە ھەتتا بەزىدە ئويلاشمايلا دەپ سالىدۇ. شۇڭىمۇ بەزى خىتايلار بىزنى بەك ساددا دەيدىكەنغۇ ؟ شۇنداق تۇرۇپ، سىلەردەك خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار تۈز بولساڭلار، بىز ئەگرى بولامدۇق ؟ يەنە شۇنداق تۇرۇپ، سېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزى ئەگرى بولامدۇ ؟ مېنىڭچە، سىلەر تۈز ئەمەس، بىزمۇ ئەخرى ئەمەس، پەقەت سىلەر ئۇيغۇرچىنى تولۇق بىلمىگەچكە، گىپىڭلار قاتتىق- قۇرۇق، تۈزلا چىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتى ، ئۆرپ – ئادىتى ۋە باشقا ئادەتلىرىنى تولۇق بىلىپ كەتمىگەچكە، مۇرەككەپلىكلەرنى چىقىرالمايسىلەر. بۇلارنى بىز چىقىرالايمىز، چۈنكى ، بىز بۇ ئادەتلەرنىڭ ئىچىدە ياشايمىز. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتىڭلار كۆزىمىزگە تۈزلا كۆرۈنىدۇ.
ئىلھام بۇ گەپلىرىمگە جاۋاپ قايتۇرمىدى، پەقەت ئۇزۇندىن ئۇزۇن جىمىپ كەتتى . بۇ گەپنى قايتا تەگەشمىدۇق. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ تەدرىجىي ھالدا بەزىدە سۆز ئارلىقلىرىدا قىستۇرۇپ سالىدىغان خىتايچە سۆزلۈكلەرنى پۈتۈنلەي ئىشلەتمەس بولدى،كىيىن مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندە قەستەن كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچىنى ھەقىقىي ئۇيغۇرلاردەك سۆزلەشكە تىرىشىپ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى كۆردۈم .
مەمتىمىن ئەلانىڭ «ئۇنتۇيالمىغانلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 1- قىسمىدىن ئېلىندى .

گۈزەلنۇر
General
تۇردىمۇھەممەت ئابدۇللاھ
69 كۈن بۇرۇن
25 يىل=چارەك ئەسىر!
ئاتتى تاڭلار، پاتتى كۈنلەر، ئۆتتى غەپلەتتە زامان،
بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقالدى، سۇدەك ئاقتى بۇ جاھان.
ھەر بىر تىنىق بىر غەنىيمەت، قەدرىنى بىلگەن يامان،
بول گۆھەر بەرگىن مېۋە، بولمىغىن خەشتە سامان.
تۈنۈگۈنلا يېڭى بىر ئەسىرگە قەدەم قويغان، «ئۇچۇر دەۋرى باشلاندى» دەپ ھاياجان بىلەن جار سالغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن شۇ ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرى، يەنى پۈتۈن بىر چارەك ئەسىر تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلۈپ بولدى. 25 يىل... بۇ بىر بوۋاقنىڭ يېتىلىپ، ئۆسۈپ، بىر ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرالايدىغان ناھايىتى ئۇزۇن، ئەمما غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن بىر كۈندەكلا قىسقا بىر مۇساپە.
ۋاقىت بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك، ئەمما قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر بايلىق. بۇ چارەك ئەسىردە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى پەۋقۇلئادە تىز بولدى. بولۇپمۇ تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۇندى، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە بىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى.
1. بىز نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟
• قۇلاي بىلىم ئېلىش پۇرسىتى: ئىلگىرى بىرەر كىتاب ياكى مەلۇمات ئۈچۈن كۈتۈپخانىلاردا كۈنلەپ ۋاقىت سەرپ قىلاتتۇق. دۇنيانىڭ بۇ بۇرجىكىدىن ئۇ بۇرجىكىگە سەپەر قىلاتتۇق. بۈگۈن دۇنيا بىلىم خەزىنىسى يانفونىمىزغا سىغىدىغان بولۇپ كەتتى. شەخس سۈپىتىدە ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش پۇرسىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى.
• رەقەملىك جەم بولۇش: ئومۇمەن دۇنيانىڭ قايسى بۇرجىكىدە بولمايلى، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، مىللىي كىملىكىمىزنى رەقەملىك دۇنيادا نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. (كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا بۇ پۇرسەت تۇلۇقى بىلەن نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ)
• چەك چىگرىسىز پۇرسەتلەر: تېخنىكا بىزگە يەر يۈزىنىڭ خالىغان جايىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىش، تىجارەت قىلىش ۋە ئۆز ئىقتىدارىمىزنى دۇنيا مىقياسىدا جارىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.
2. بىز نېمىلەرنى يوقاتتۇق؟
• خاتىرجەملىك ۋە مەخپىيەتلىك: تېخنىكا بىزگە ئەركىنلىك بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنى «ئېكران تۈرمىسى»گە قاماپ قويدى. شەخسىي مەخپىيەتلىكىمىز بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇماتقا ئايلىنىپ قالدى.
• ئارىمىزدىكى سەمىمىيەت: بىزنىڭ ئەنئەنىۋى «مەھەللە،جامائەت» تۇيغۇلىرىمىز ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ، ئورنىنى رەقەملىك يالغۇزلۇق ئىگىلىدى. بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپمۇ، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراشنىڭ ئورنىغا ئېكرانلارغا تەلمۈرىدىغان بولۇپ قالدۇق.
• چوڭقۇر پىكىر قىلىش قابىلىيىتى: قىسقا سىنلار ۋە تۈگىمەس ئۇچۇر ئېقىمى بىزنىڭ چوڭقۇر پىكىر قىلىش، كىتاب ئوقۇش ۋە سەۋرچانلىق خىسلەتلىرىمىزنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى.
3. ياشلىرىمىز ۋە رەقەملىك كىملىك كىرىزىسى
بۇ جەرياندا ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىغۇچىلار — بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بولغان ياشلىرىمىز. ئۇلار دەل مۇشۇ ھەم پۇرسەت ھەم خىرىسقا تولغان تېخنىكا دەۋرى ئۈستىگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتماقتا:
• مەۋھۇم بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى قىسىلىش: ياشلىرىمىز بىر تەرەپتىن رەقەملىك دۇنيانىڭ پارقىراق، ئەمما يالغان تۇرمۇش ئەندىزىلىرىگە ھەۋەس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن رېئال تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلماقتا.
• كىملىك تۇمانلىرى: ياشلىرىمىز دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىدا، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قېلىشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تىل ۋە مەدەنىيەت بايلىقىمىزنى تېخنىكا ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا، يات مەدەنىيەتلەرنىڭ ساداقەتمەن ئىستېمالچىسىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى كۈچىيىۋاتىدۇ.
• پىسخىكىلىق بېسىم: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى «باشقىلاردەك نوچى بولۇش» مودىسى ياشلىرىمىزدا ئۆزىگە ئىشەنچسىزلىك، تەشۋىش ۋە بوشلۇق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلماقتا.
خۇلاسە
بىز بۈگۈن تېخنىكىنىڭ «خوجايىنى» بولۇش بىلەن «قۇلى» بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى نېپىز چىگرىدا تۇرىۋاتىمىز. ئەگەر بىز تېخنىكىنىڭ ئىجادچىلىرى بولالىساق ۋە ئۇنى مائارىپىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، كىملىكىمىزنى قوغداش ۋە ياشلىرىمىزنى توغرا يېتەكلەشكە ئىشلىتەلىسەك، ئۇ بىز ئۈچۈن قايتا گۈللىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەگەر بىز تېخنىكىنىڭ پاسسىپ ئىستېمالچىسىلا بولۇپ قالساق،ئۇنداقتا بىز تېخنىكىنىڭ يەمچۈكىگە ئايلىنىپ قالىمىز.

88 كۈن بۇرۇن
ئۆز ئىسىمنى ئۆچۈرۈپ، ۋەتەن -مىللىتىنى تارىخقا يېزىش:
نەپسى بەندىچىلىكتىن نامسىز قەھرىمانلىقنىڭ يۈكسەك پەللىسىگىچە
ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي
ھازىرقى زاماننىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالت يۇلت چاقناشلىرى ئاستىدا، ئىنسانىيەت مەلۇم بىر نۇقتىدا توختاپ، ئۆزىدىن مۇنۇ ئەڭ ھاياتىي سوئالنى سوراشنى تاشلىدى: «مەن ھەقىقەتەن شۇنچە مۇھىممۇ؟»
بۇ سوئال ئادەتتىكى بىر پەلسەپەۋى قىزىقىش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ كىملىك ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ بوسۇغىسىدۇر. بولۇپمۇ بىز... يۇرت-ماكانسىز قالغان، مۇقەددەس ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغان، ئەزىزلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىپلاس ئاياقلىرى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ھەممە نەرسىسى قولىدىن تارتىۋېلىنغان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، بۇ سوئالنى ئاللىقاچان ئۇنۇتقىنىمىزدىنمۇ چوڭ تىرادېگيە بولمىسا كېرەك.
ئەي ئەزىز قېرىندىشىم! قېنى سەمىمىي بىر جاۋاب بېرىڭ، سىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان «مەن» دېمەي، «مەنسىپىم» دېمەي، «ئىلمىي ئۇنۋانىم» ياكى «ئابرۇيۇم» دېمەي، پەقەت «ۋەتەن ۋە ئاللاھ» دەپلا پاك بىر جۈملە قۇرۇپ باقتىڭىز؟ ئارىدىن زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندۇ؟
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىرتتىكى مەنزىرىسىگە ۋە تەشكىلاتلىرىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىتاي زۇلۇمىنىڭ قىزىل ئوتلىرىدەك كۆيدۈرگۈچى، ھېچ بولمىغاندا شۇ قىيىن-قىستاقلاردەك خەتەرلىك بىر ئىچكى كېسەللىكنىڭ پۇرىقىنى ئالىمىز. ئۇ بولسىمۇ: «ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە قىممەتلىك چاغلاش ساراڭلىقى» دۇر. بۇ قەلبنى چىرىتىدىغان، كىشىنى ھالاكەتكە سۆرەيدىغان «ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش» (ئۇجۇب) كېسىلىدۇر. ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىنى مەركەزدە دەپ بىلىدۇ. ھەممە ئادەم ھەقلىق، ھەممە ئادەم ئۆزىنى تېپىلغۇسىز بىر رەھبەر، تەڭداشسىز بىر ئىستراتېگىيەچى، دانا بىر سىياسەتچى دەپ خىيال قىلىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال سورىغاندەك بىر سوراپ باقايلى: «ئەگەر ھەممەيلەن قوماندان بولۇۋالسا، جەڭ مەيدانىدا قان كېچىپ شەھىد بولىدىغان، ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدىغان 'نەپەر' (ئاددىي ئەسكەر) كىم بولماقچى؟» ئەگەر ھەممەيلەن بىنانىڭ چوققىسىدىكى زىننەتلىك گۈمبەز بولۇشنى خالىسا، شۇ گۈمبەزنى ئاسماندا تۇتۇپ تۇرىدىغان، تۇپراق ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقتا مىڭلىغان توننا يۈكنى يېگانە زىممىسىگە ئالغان «ئۇل تاش» كىم بولىدۇ؟
ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى پەقەت سەھنىلەردىكى جاراڭلىق نۇتۇقلار ياكى پارقىراق يىغىن زاللىرىدىكى دىپلوماتىك سۆز ئويۇنلىرى ۋە ياكى مەنسەپدارلار بقلەن چۈشكەن رەسىملەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كىملىكىنى تارىخقا، جېنىنى ۋەتەنگە تاپشۇرۇپ، ئۆزىنى مىللىتى ئۈچۈن «يوق» قىلغان نامسىز قەھرىمانلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدە تۆككەن ئىسسىق قانلىرى بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ.
دېمىسمۇ، مۇستەقىللىق بىر بۈيۈك بىنا بولسا، ئۇنىڭ ئۇل تېشى دەل كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، ئالقىش كۈتمەيدىغان، قەبرىسىگە ئىسمىمۇ يېزىلمىغان سىرلىق پىداكارلاردۇر. ئەگەر بىزنىڭ دەۋايىمىز بۈگۈنمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن توختاپ قالماي داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، «مەن» دەپ توۋلىغانلارنىڭ شاۋقۇنىدىن ئەمەس، بەلكى «ۋەتەن ياشىسۇن، مەن ئۆلسەممۇ مەيلى! ئەمەل مەنسەپ، نام ئاتاققا ئەمەس، ۋەتەندىكى بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىغا بىر تامچە سۇ بولالىساملا شۇ ماڭا يېتەرلىك شەرەپ» دېيەلەيدىغان يوشۇرۇن شېھىدلارنىڭ سۈكۈتىدىن ۋە مەقبۇل غايبانە دۇئارلىدىن بولماقتا. چۈنكى نامسىز قەھرىمانى بولمىغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى، تومۇرىدا قېنى بولمىغان ئىنساننىڭ ھاياتلىق تاماسىغا ئوخشاش بىر خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ھازىرقى تەشكىلاتچىلىقىمىز بىر «خىزمەت رىقابىتى» بولۇشتىن چىقىپ، نەپسلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا، گويا «ئۆزىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش» سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئىمام غەززالى مەنمەنلىكنى «ھەقىقەتنى رەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرۈش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. بۈگۈن بىز تەنقىدنى ئۆزىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم، ھۆرمەتسىزلىك، ھەتتا «دۈشمەنلىك» دەپ قارايدىغان پاتولوگىيەلىك بىر روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈۋالدۇق.
ئىنسانلىرىمىز ئەمدى ئۆز قىممىتىنى، قىلغان ئەمگىكى بىلەن ئىسپاتلاشنى خالىمايدۇ؛ بەلكى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىر بۇيرۇق سۈپىتىدە جاكارلايدۇ ۋە شۇنى مەجبۇر تاڭىدۇ. بىر يارىغا مەلھەم بولغانلىقى ياكى بىر ئېسىل پىكىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت «مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى» ۋە شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا باشقىلاردىن ئالقىش كۈتىدىغان غەلىتە بىر توپقا ئايلانماقتىمىز...
ئەمدى توختاپ بىرئويلىنىپ باقساق! سېنى شۇ ئورۇندۇقتىن چۈشۈرۈۋەتسە، قولۇڭدىكى ئۇنۋاننى ئېلىۋەتسە، ئارقاڭدا «ھەقىقىي دەۋا ئادىمى» دېگەن سۈپەتتىن بىرەر زەررە ئەسەر قالامدۇ؟ ياكى سېنىڭ پۈتۈن ھەيۋىتىڭ پەقەت شۇ ئامانەت ئورۇندۇقتىنلا ئىبارەتمۇ؟ ھەزرىتى ئەلى (ر.ز) نېمە دېگەن جاراڭلىق ئېيتقان-ھە: «شەخسىيىتىنى مەنسىپى بىلەن قازانغانلار، مەنسىپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېچلىققا مەھكۇمدۇر»
دەۋا ئادەملىكىمىز «مەن شۇنداق»، «مېنى شۇنداق قوبۇل قىلىسەن» دېگەندەك مەسئۇلىيەتسىزلەرچە نەپسىي بىشەمىلىكنىڭ زىننەتلەنگەن زىندانلىرىغا بەند بولۇپ قالماقتا. ھېچكىم ئۆزگىرىشنى، ئىزچىل ئۆەۈنىشنى ۋە سۈزۈلۈشنى خالىمايدۇ؛ ھەممەيلەن چۈشىنىلىشنى، ھەممەيلەن ئالقىشلىنىشنى، ھەممەيلەن «ئەڭ توغرا» دەپ بىلىنىشنى خالايدۇ.
ئۆزىنى ئىلاھتەك ھېس قىلىپ، كىچىك بالىدەك قېيىدايدىغان، مەنمەنلىكى يوغانغانسېرى ۋىجدانى تارىيىدىغان بىر ئەۋلاد... ئۆزۈڭنى قانچە چوڭايتقانسىرى، دەۋايىڭنى شۇنچە كىچىكلىتىۋاتقانلىقىڭنى، مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ پەريادىنى ئۆزۈڭنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىڭ بىلەن بوغۇۋاتقانلىقىڭنى قاچانمۇ توغرا ھېس قىلاسەن؟
بۇ ساراڭلىقنىڭ ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ سىستېمىلىق شەكلى، جەمئىيەتنىڭ «مېڭىسى ۋە يولباشچىسى» بولۇشى كېرەكلىك ئاكادېمىك ساھەيىمىزدە، يەنى «ئوقۇمۇشلۇقلار» قاتلىمىمىزدا ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. خەلق «ئالىم»، «ئۇستاز»، «پىروفېسسور» دەپ ھۆرمەت قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئۆزلىرىنىڭ كاتتىلىق مۇنارلىرىدىن چۈشۈپ، ئاددىي خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىشنى، شۇ جاپاكەش خەلق بىلەن مۇڭدىشىشنى ئۆزىگە نۇمۇس، بىر «تۆۋەنلەش» دەپ بىلمەكتە. كىبرى دىپلومىسىدىن چوڭ بولغان بۇ زاتلارنىڭ تىلىدا ھەمىشە ئوخشاش بىر زەھەرلىك باھانە:
«مەن شۇنچە كاتتا ئاكادېمىك تۇرسام، بېرىپ ئۇ نادانلار، ئۇ جاھىللار قۇرغان تەشكىلاتلاردا كىرەمدىم؟ ئۇ سەۋىيىسىز كىشىلەر بىلەن بىر رامكىدا كۆرۈنۈپ، ئابرۇيۇمنى تۆكەمدىم؟»
ئەي دىپلوملۇق بۇرادەر، توختا ۋە ئۆزۈڭدىن بىر سوراپ باق! سەن نادان دەپ مەنسىتمىگەن، سالام بېرىشنى خالىمىغان ئەشۇ ئاددىي ئادەملەر بارغۇ؛ بەلكىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ بىر تامچە سەمىمىي يېشى سېنىڭ تامغا ئېسىپ قويغان ئۇ چىرايلىق دىپلوملىرىڭدىن مىڭلىغان ھەسسە ئېغىر كەلسىچۇ؟
مەلىك بىننەبى ئېيتقاندەك: «ئەگەر بىر ئىلىم، ئىگىسىنى ئۆز جەمئىيىتىدىن ياتلاشتۇرسا، ئۇ ئىلىم ئەمەس، بەلكى بىر قۇل قىلىش قورالىدۇر»
داۋاملىق «بۇ مېنىڭ كەسپىي ئوبرازىمغا داغ چۈشۈرىدۇ، ئىناۋىتىمگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ قورقۇپ ياشايدىغان «سەرخىل» تەبىقىمىز، تەشكىلاتلاردىن قېچىپلا قالماي، جان تىكىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى مەنسىتمەي، ھەتتا باشقىلارغا يامان كۆرسىتىپ، مىللەتنىڭ روھىي كۈچىنى ۋەيران قىلماقتا. بىر ياشنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «بارغىن، تەشكىلاتقا قوشۇلۇپ، ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە، قۇرۇلمىسىنىڭ سىستېمىلىشىشغا بىر كىشىلىك ھەسسەڭنى قوشۈپ، مىللىتىڭگە خىزمەت قىلغىن» دېيىشنىڭ ئورنىغا، «ئۇلاردىن تۇر، ئۇلارغا ئارىلىشىپ كەسپىي كەلگۈسىڭنى خاراب قىلما» دەپ دۈشمەننىڭ تۈگمىنىگە ئاشكارا سۇ توشىماقتا.
ئەي ئۇنۋانلىق ئاكادېمىك بۇرادەر! سېنىڭ شۇنچە ئاسراۋاتقان «كەسپىڭ»، قەشقەردىكى زىنداندا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىڭنىڭ تارتىپ چىقىرىلىۋاتقان تىرنىقىدىن، ياكى نومۇسى ئۈچۈن ئۆلۈمگە باش قويغان بىر ھەمشىرىمىزنىڭ تارتقان «ئاھ» لىرىىدىن قىممەتلىكمۇ؟ ئۇنتۇما، بىلىم مەسئۇلىيەتتۇر، ئۇ بىر ئىمتىياز ئەمەس. ئەگەر بىلىم سېنى خەلقىڭدىن ئايرىپ، كىبىرىڭنى سەمىرىتىۋاتقان بولسا، ئۇ بىلىم سېنىڭ بوينۇڭدىكى جەھەننەم زەنجىرىدۇر. مىللەت قان يىغلاۋاتقاندا «مېنىڭ ئىناۋىتىم نېمە بولار؟» دەيدىغانلار، تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلۈشكە مەھكۇمدۇر.
بۇ كىبىر قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا چىقىش يولى بار. ئۇ بولسىمۇ زامانىۋى دۇنيا ئۇنتۇپ قالغان، نەپىسلەرگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان پاك دەرۋازا: «ئىخلاس» تۇر. يەنى قىلىۋاتقان ئىشىنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلاردىن ھېچقانداق مىننەتدارلىق ياكى ئالقىش كۈتمەستىن قىلىش خاراكتېرىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۈگۈن تېخىمۇ كۆپ مىكروفونغا، تېخىمۇ چىرايلىق ئىشخانىلارغا، تېخىمۇ يارقىن ئۇنۋانلارغا ئەمەس؛ بەلكى «ئاللاھ بىلسە كۇپايە، بەندىلەر بىلمىسىمۇ مەيلى» دەيدىغان شۇ «كۆرۈنمەس قوشۇن» غا بەكرەك ئېھتىياجى بار.
سەمىمىي بولايلى! مەقسىتىمىز ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىمۇ ياكى «ۋەتەننى قۇتقازغان قەھرىمان» سۈپىتىدە ھەيكىلىمىزنىڭ تىكلىنىشىمۇ؟ بۈگۈن تەشكىلاتلىرىمىزدا ئىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، زېھنىمىزنى «ئىش قىلىش» قا ئەمەس، «ئىشقا كىم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، كىمنىڭ نامى يېزىلىدۇ» دېگەن نام-شۆھرەت جېڭىگە سەرپ قىلغانلىقىمىزدا.
ھەقىقەت شۇكى، مەقسەت قەلئەنىڭ پەتىھ قىلىنىشى بولىدىغان بولسا، بايراقنى قەلئەنىڭ چوققىسىغا كىمنىڭ تىكلىشىنىڭ، شۇ ئەسنادا كىمنىڭ ئىسمىنىڭ توۋلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. «ئاللاھ بىلسە يېتەر» دېيەلىگەن كىشى ئۆزىنى ئالدى بىلەن مەنىۋىي قۇللۇقنىڭ كىشەنلىرىدىن ئازاد قىلغان كىشىدۇر.
ئەگەر مەنسەپ بېرىلمىسە قىيىداپ كەتسەڭ، سەن دەۋا ئۈچۈن ئەمەس، مەنسەپ ئۈچۈن مەۋجۇت دېگەنلىكتۇر. ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنمىسا، رەت-تەرتىپتە كەينىگە يېزىلىپ قالساڭ خىزمەتنى تاشلىساڭ، سەن مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، شۆھرەت ئۈچۈن يۈگۈرۈۋاتىسەن دېمەكتۇر. ھەقىقىي نىجاتلىق؛ سەھنە چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى شۇ چىراغلارنىڭ كەينىدىكى قۇيۇق قاراڭغۇلۇقتا، ھېچكىم كۆرمەيدىغان، ھېچكىم ئالقىشلىمايدىغان ئەمما ئاللاھلا ككرۈپ تۈرىدىغان يەردە تەر تۆكۈشتە ۋە جان بېرىشتە يوشۇرۇنغاندۇر.
ئەمدى مەسىلىنىڭ ئەڭ ئاچچىق، كۆزلەردىن قانلىق ياشلارنى تۆكۈدىغان يادروسىغا كېلەيلى:
دۇنيادىكى بارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە، ئەڭ مۇقەددەس جايىدا بىر ئۆچمەس مەشئەل يېنىپ تۇرىدۇ. ئۇ مەشئەلنىڭ بېشىدا بىر خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: «نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى» ياكى «نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى» دۇر. ئۇنىڭدا ئىسىم يېزىلمىغان. ئۇ يەردە ياتقاننىڭ كىمنىڭ ئوغلى، قايسى مەنسەپلىك ئىكەنلىكىمۇ بىلىنمەيدۇ.
ھەر بىر كۈچلۈك مىللەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئەشۇ نامسىز قەھرىمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا باغلايدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئۆز ئىسىملىرىنى تارىختىن ئۆچۈرۈپ، مىللىتىنىڭ نامىنى تارىخنىڭ قەلبىگە قېنى بىلەن يازغانلاردۇر. ئەمما ئاچچىق بىر ھەقىقەت باركى، بىز ئۇيغۇرلاردا «نامسىز قەھرىمان» بولۇش ئەخلاقى تېخى يېتىلمىدى. بىزدىكى ھەممە ئادەم «تونۇلغان» قەھرىمان، «داڭلىق» رەھبەر، «تاراتقۇلارنىڭ چوققىسىدىكى» قۇتقازغۇچى بولۇشنى خالايدۇ.
قېنى ئېيتىپ بېقىڭ: ھەممە ئادەم بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن يالىتىلغان زىننەت بولۇشنى خالىسا، كىم تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ، ئەشۇ زىمىستان قاراڭغۇلۇقتا مىڭلىغان توننا ئېغىر يۈكنى سۈكۈت ئىچىدە كۆتۈرىدىغان «ئۇل تاش» بولۇشقا رازى؟ سىز رازىمۇ؟ ياكى «مېنى ئالقىشلىمىسا، ئىسمىم پارلىمىسا، مەن بۇ ئىشتا يوق» دەمسىز؟!
ۋەھالەنكى، ئەگەر ئۇل تېشى «مەنمۇ كۆرۈنىمەن، مەنمۇ قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىمەن» دەپ تۇپراقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالسا، ئۇ بىنادىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، شۇ ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق دەۋايىمىزنىڭ ئۇل تاشلىرى توختىماي يەر يۈزىگە چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا يۈكسىلەلمەيۋاتىدۇ!
سەمىمىي بولايلى، قەھرىمانلىق پەقەت بەدرىدە، ئۇھۇدتا ياكى كونا داستانلاردا قالدى دەپ ئويلامسىز؟ ياق! دەل مۇشۇ مىنۇتتا، زامانىۋى دۇنيانىڭ يالغان چاقناق سەھنىلىرىنىڭ ئارقىسىدا، نامسىز قەھرىمانى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار، بۇ بەدەلنى سۈكۈت ئىچىدە تۆلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھەر ئايدا، مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىنى زىممىسىگە ئالغان ئونلىغان «نامسىز قەھرىمالار» يا بىر مەخپىي ھەرىكەتتە، يا دۈشمەننىڭ ئەڭ سىرلىق ئۆيلىرىدە، يا بىر جاسۇسلۇق تورىدا پاش بولۇپ قېلىپ، جىمجىت شەھىد قىلىنماقتا.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئايلارچە كۈن نۇرى كۆرمەيدىغان زىندانلاردا ئەڭ ئېغىر، ئەڭ رەزىل قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. تىرناقلىرى سۇغۇرۇلىدۇ، سۆڭەكلىرى چېقىلىدۇ، روھى ئېزىلىدۇ؛ ئەمما مىللىتىنىڭ بىرلا سىرىنى، دەۋاسىنىڭ بىرلا مەخپىيەتلىكىنى بەرمەسلىك ئۈچۈن تىلى كېسىلسىمۇ سۆزلىمەيدۇ. ئاخىرىدا مۇزدەك بىر زىنداننىڭ بۇلىڭىدا، بىر پارچە بېتوننىڭ ئۈستىدە جان بېرىدۇ.
ئۇلار ھەققىدە نە بىر تېلېۋىزور خەۋەر تاپىدۇ، نە تور بەتلەر خەۋەر بېرىدۇ. دەپنە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، تابۇتلىرىغا بايراق يېپىلمايدۇ، يېرىم كېچىدە جىمجىت بىر دۆڭلۈكتە يەرلىككە قويۇلىدۇ. قەبرە تاشلىرىمۇ ئىسىمسىز قالدۇرىلىدۇ، ياكى پەقەت بىر نومۇرلا يېزىلىدۇ، ياكى تۈپتۈز بىر تۇپراق...
ئەمدى سوراپ باقاي سىزدىن، سىز قەبرە تېشىڭىزغا ئىسمىڭىزنى يازدۇرمايدىغان دەرىجىدە سۆيۈپ باقتىڭىزمۇ ۋەتىنىڭىزنى؟
سىز بالىلىرىڭىزنىڭ سىزنى بىر قەھرىمان دەپ بىلىشىنى ئەمەس، بەلكى «دادام ئاددىي بىر كىشى ئىدى» دەپ چوڭ بولىدىغانلىقىغا پەرۋاسىز ئىش - ئىزلىرىڭىزنى ئائىلىڭىزدىنمۇ يوشۇرۇپ، شۇلاردەك ئۆلۈمگە قاراپ ماڭالامسىز؟
ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى تارىخ كىتابلىرى يازمايدۇ، خەلقمۇ بىلمەيدۇ. ھەقىقەتنى پەقەت دۆلەتنىڭ مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان «سىرلىق ئۆيى» ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھلا بىلىدۇ. مىللەتلەر ئەنە شۇ ئىسىمسىزلارنىڭ مۈرىسىدە يۈكسىلىدۇ، دۆلەتلەر ئەنە شۇ نامسىزلارنىڭ قېنى بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
مانا بۇ «دۆلەت ئىرادىسى» ۋە «دەۋا ئەخلاقى» دۇر. دۆلەت بولۇش دېمەك؛ مىللەتنىڭ «بار» بولۇشى ئۈچۈن، شەخس سۈپىتىدە «يوق» بولۇشقا جۈرئەت قىلىش دېمەكتۇر. ئەلىيا ئىزەت بېگوۋىچ ئېيتقاندەك: «ئۇرۇش ئۆلگەندە ئەمەس، دۈشمەنگە ئوخشاپ قالغاندا مەغلۇپ بولىدۇ» بىز ئەگەر دۈشمىنىمىزگە ئوخشاش نەپسنىڭ ۋە ماددىيەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغانلارغا ئوخشىغان كۈنىمىز، خىتاينى يەڭسەكمۇ ئۆزىمىزگە يېڭىلگەن بولىمىز.
ئەي ئۇنۋانى بىلەن كۆرەڭلىگەن پىروفېسسورۇم، ئەي ئۆزىنى دەۋانىڭ مەركىزى دەپ بىلگەن تەشكىلات رەئىسىم، ئەي ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئالقىش كۈتىدىغان پائالىيەتچى بۇرادىرىم... تاراتقۇلاردا كۆرۈنۈش، ھەر كۈنى بايانات بېرىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئالقىش» قوغلىشىش بىلەن دۆلەت قۇرۇلمايدۇ، ۋەتەن قۇتقازغىلى بولمايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ئازادلىقى؛ ئۆز ئىسمىدىن، شان-شۆھرىتىدىن ۋە نەپسىدىن ۋاز كېچىپ، مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىنى يۈكسەلدۈرىدىغان شۇ «نامسىز قەھرىمانلار» يېتىشىپ چىققان كۈنى باشلىنىدۇ.
قىلغان چوڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى ككڭلى قانچە تارتىپ تۇرسىمۇ، دەۋانىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن سۈكۈت قىلالايدىغان، ھەققى يېيىلىپ كەتسىمۇ، تۆھمەتكە ئۇچرىسىمۇ «دەۋايىم زىيان كۆرمىسۇن» دەپ چىدىيالايدىغان، ۋە قەبرە تېشىغا «ئىسىم ئەمەس نۇمۇر» يېزىلىشىنى ۋەسىيەت قىلالايدىغان ئەۋلاد قەيەردە؟
ئۇنتۇماڭ: داڭلىقلارنىڭ چىقارغان شاۋقۇنى پەقەت ھاۋانى تەۋرىتىدۇ؛ ئەمما نامسىزلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى پىداكارلىقى دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىدۇ.
ئەمدى قولۇڭىزنى ۋىجدانىڭىزغا قويۇپ، ئەينەكتىكى ئەكسىڭىزگە قاراپ ئۆزۈڭىزدىن سوراپ بېقىڭ:
سەن سەھنىدە ئالقىشلىنىدىغان بىر رولچى بولماقچىمۇ، ياكى تۇپراق ئاستىدا دۆلەتنى ۋە مىللەتنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئەشۇ كۆرۈنمەس، ئەمما ۋەزىپىسى ئېغىر، مۇبارەك ئۇل تاشمۇ؟
تارىخ سېنى «مەن» دېگەنلەرنىڭ خارلىقى بىلەن ئەسلىسۇنمۇ، ياكى «ۋەتەن» دەپ يوق بولغانلارنىڭ شەرىپى بىلەنمۇ؟
چۈنكى پەقەت ئۆز ئىسمىنى ئۆچۈرەلىگەنلەرلا، مىللىتىنىڭ نامىنى مەڭگۈلۈك تارىخقا يازالايدۇ.

115 كۈن بۇرۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سەرخىللار مۇنبىرىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ تۇنجى نەشىرى ئېلان قىلىندى!
بۇ نەشىرى ئىجتىمائىي تارتقۇلارنىڭ مەنتىقىسىگە ئوخشاش لاھىيەلەنگەن بولۇپ، يازما، ئاۋاز، رەسىم ۋە سىن يوللىغىلى ۋە ھەمبەھىرلىگىلى، ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ. باشقا تاراتقۇلارغا قارىغاندا يېڭىلىق ۋە ئارتۇقچىلىق تەرىپى يازما يېزىش كۆزنىكىنىڭ ئاددىي، لېكىن نىسبەتەن تولۇق بولۇشى. مەسىلەن، بۇ كۆزنەك ئارقىلىق تېكىست يازغىلى، تېكىستنى ھەرخىل تەھرىرلىگىلى، رەڭلەندۈرگىلى، رەسىم ۋە ئىموجىلارنى قىستۇرغىلى، ئاۋاز قالدۇرغىلى، ۋېدىيو تارتقىلى، رەسىم، سىن ۋە باشقا فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى يۈكلىگىلى. ھەتتا ماتېماتىكىلىق فورمۇلا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
كىرىپ سىناپ بېقىڭلار. يېڭى تېمىلارنى، ۋىدىيولارنى ياكى رەسىملەرنى يوللاڭلار... ھازىرچە پەقەتلا ئوقۇتقۇچىلار ئارا-سىناق قىلىنىدۇ. مەخپى نومۇر ئوقۇتقۇچىلار سەھىپىسى بىلەن ئوخشاش...

120 كۈن بۇرۇن
I. كىرىش سۆز:
دىئاسپورادىكى مائارىپنىڭ رولىۋەتەن ئىچىدىكى ئانا تىل مائارىپى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى مىللىي كىملىك، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەتنى كېيىنكى ئەۋلادقا يەتكۈزۈش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالدى. دىئاسپورادىكى مائارىپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى پەرزەنتلەرنىڭ يەرلىك دۆلەتنىڭ مەكتەپ سىستېمىسىدا ئوقۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
II. ئاساسلىق شەكىل ۋە قۇرۇلۇشلاردىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مائارىپى ئاساسلىقى غەيرىي رەسمىي (Non-formal) شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇر جامائەتلىرى توپلاشقان چوڭ شەھەرلەردە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا (مەسىلەن، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار).
1. 🏡 ئانا تىل مەكتەپلىرى (ھەپتە ئاخىرى مەكتەپلىرى):ماھىيىتى: بۇ مەكتەپلەر ئادەتتە شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى مەخسۇس ئېچىلىدىغان بولۇپ، بالىلارغا ئۇيغۇر يېزىقى، گرامماتىكىسى، ناخشا-ئۇسسۇل، ئەدەبىي دەرسلەرنى ئۆگىتىدۇ.مەقسەتلەر:تىلنى ساقلاش: بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.كىملىكنى يېتىلدۈرۈش: ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئارقىلىق مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى ئورنىتىش.ئەھۋالى: بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلدىن كېيىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ سانى 70 تىن ئاشقان، ئەمما 2023-يىلغا كەلگەندە ئاساسلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى (تۆۋەندە تىلغا ئېلىنىدۇ) بۇ سان زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن.
2. 🕌 دىنىي ۋە مەدەنىي كۇرسلار:بەزى مەكتەپلەر ئانا تىل دەرسلىرى بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنى تەلىماتىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆگىتىش ئارقىلىق تىلنى دىن بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا يازلىق تەتىللەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (مۇزىكا، ئۇسسۇل، قول-ھۈنەر) بىلەن تەربىيەلەش مەقسىتىدە مەخسۇس كۇرسلارمۇ ئېچىلماقتا.
III. دىئاسپورادىكى مائارىپ دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق خىرىسلەردىئاسپورادىكى مائارىپ پىدائىيلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىدىغان بولغاچقا، ئۇ بىر قاتار ئېغىر خىرىسلەرگە دۇچ كەلگەن:خىرىس تۈرىتەپسىلاتىمالىيە مەسىلىسىمائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ مۇقىم مەبلەغ مەنبەسى بولماسلىقى، ئاساسەن ئىئانە ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەققىگە تايىنىشى سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش قىيىنغا توختىغان.ئوقۇتقۇچىلار كەمچىللىكىئانا تىلنى ياخشى بىلىدىغان، شۇنداقلا مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە مۇقىم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كەمچىل بولۇش. كۆپىنچىسى مائاشسىز ياكى تۆۋەن مائاشلىق پىدائىيلار.دەرسلىك كىتاب مەسىلىسىئۇزۇن مۇددەت بىر تۇتاش، زامانىۋى ۋە ياشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىغان دەرسلىك كىتابلارنىڭ يېتىشمەسلىكى. (يېقىنقى يىللاردا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى بارلىققا كەلدى).زامان ۋە ماكان مەسىلىسىئانا تىل مەكتەپلىرى ئاساسلىقى ھەپتە ئاخىرى ياكى كەچلىك كۇرس شەكلىدە بولۇشقا مەجبۇر، بۇ بولسا بالىلارنىڭ يەرلىك مەكتەپتىكى دەرسلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.تىلنىڭ رىقابەت كۈچىبالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىدا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك تىل (ئىنگلىزچە، تۈركچە، گېرمانچە قاتارلىقلار) ئانا تىلدىن كۈچلۈك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئانا تىلغا بولغان قىزىقىش تۆۋەنلەش خەۋپى بار.
IV. تەرەققىيات ۋە ئۈمىد نۇقتىلىرىيۇقىرىدىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۈمىدنى ياندۇرماي تىرىشماقتا:دەرسلىك تۈزۈش: بىر تۇتاش «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى تۈزۈپ چىقىش تىرىشچانلىقلىرى بارلىققا كەلدى.تور مائارىپى: تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش، ياشلار ئارىسىدا ئۆگىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش خىزمەتلىرى كېڭەيمەكتە.خەلقئارالىق ھەمكارلىق: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ياشلارنى مەخسۇس مەدەنىيەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن قايتىدىن باغلىماقتا.V. خۇلاسەدىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مائارىپى "كىملىكنى ساقلاش" بىلەن "يەرلىككە ماسلىشىش" ئوتتۇرىسىدىكى نېگىزلىك كۈرەش بولۇپ، ھەر بىر ئانا تىل مەكتىپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دىئاسپورادىكى مۇستەھكەم قەلئەسى ھېسابلىنىدۇ. مالىيە، ئادەم كۈچى ۋە دەرسلىك جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئانا تىل مائارىپىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي ۋەزىپىسىدۇر.

151 كۈن بۇرۇن
ئاپتۇرى: نەسرۇللا ئابلەت
ئەلىشىر نەۋايى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داھىيانە ۋەكىلى، 15- ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان نۇرانە قۇتۇپ يۇلتۇزى، ئۇ ئۆز ئانا تىلىدا يۈكسەك بەدىئىي ۋە ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە نادىر، ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان، ئىجادىيلىققا ئەڭ باي مۇتەپەككۇر لىرىك شائىر.
مەن بۇ ماقالەمدە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «خەزائىنۇلمە ئانى» دىۋانى(«چاھار دىۋان»)دىكى غەزەللەرنىڭ بىرقىسمى ۋە نەۋايى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى، نەۋايىنى ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگەن ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بەيگىگە چۈشەلەيدىغان بارماق بىلەن سانىغۇدەك كاتتا نامايەندە »خەمسە« دىكى بەزى داستانلار ئۈستىدە ئېستېتىكا جەھەتتىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە تىرىشتىم.
نەۋايى غەزەللىرى 2600پارچە بولۇپ، »چاھار دىۋان«نىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مۇھەببەت لىرىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى يارقىن ئىپادىلەنگەن. ئۇ مۇھەببەت تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىنسان روھىنى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مۇھەببەتنى، ئالىيجاناب پەزىلەتنى، ئەخلاقنى تەرغىب قىلغان.
نەۋايىنىڭ لىرىك شېئىر تەرەققىياتىدىكى غايەت زور تۆھپىسى شۇكى، ئۇ لىرىك شېئىرلاردىكى ئەسلىدىكى تار تېما دائىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرنى، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مەدھىيە، كۈي – ناخشا دائىرىسىگە ۋە ئىپادىلەش ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ غەزەللىرى مەزمۇن جەھەتتە پەلسەپە، سوتسىيولوگىيە، سىياسىي ۋە ئەخلاق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە ئېستېتىك قىممىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئۇنىڭ لىرىكىلىرى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى نەپىس، بەدىئىي جاۋاھىراتلار ئەلىشىر نەۋايىنىڭ لىرىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا 15- ئەسىردىلا چىققان گىگانت سېما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن دۇنيا ۋە جۇڭگو، جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دۇنيا ۋە جۇڭگو، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مۇھەببەت ۋە دوستلۇق شائىرلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى باش تېما بولۇپ كەلدى. چەت ئەلدە، مەسىلەن: مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8 – ئەسىردە ياشىغان يۇنانلىق ھومىرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى »ئىليادا« قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇھەببەت ۋە دوستلۇققا چەمبەرچاس باغلانغان. ھازىر بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان گىيوتې، شىللېر، بايرون، پۇشكىن… قاتارلىق نۇرغۇن شائىرلارنى مىسال قىلىش تېخىمۇ ھاجەت ئەمەس. جۇڭگونىڭ 2000يىلىدىن بۇرۇنقى شېئىرلار توپلامى »شېئىرنامە«نىڭ بىرىنچى قىسمىدا: »ساھىبجامال −− سەتەڭلەرگە يىگىتلەر ئاشىق – بىقارار كېلۇر« دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا غايىۋى مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلەنگەن.
مۇبادا ھېسسىيات بولمىسا ئىنسانىيەت دۇنياسى پەقەت مۇھەببەت – نەپرەت بولمىغان، شەرەپ – نومۇسنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىق – يامانلىق ۋە گۈزەللىك، رەزىللىك قاتارلىق سوبيېكتىپ تەسىراتنى يوقاتقان تېتىقسىز بىر دۇنيا بولاتتى. »شېئىرنامە، دىيار مەنزىرىسى« نىڭ باش قىسمىدا: »ئاقىدۇ دەريا سۈيى يېشىل بوستاننى قۇچاقلاپ، تۇتى قۇش سايرار ھامان تال شاخىدا ئاڭا قاراپ. زىلۋا بوي ئۇز – نازىنىن قىلىپ كۆڭۈل ئىزھارىنى، قىلدى ئاشىق بىقارار زەپ يىگىتى – نىگارىنى« دەيدىغان مىسرالار بار. بۇنىڭدا مۇھەببەتكە بولغان سېغىنىش ۋە ئىنتىلىش چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرى ئەلىشىر نەۋايى، ئابدۇرېھىم نىزارى، مەشرەپ… ۋە بۈگۈنكى دەۋر شائىرلىرىنىڭ شېئىر – داستانلىرىمۇ مۇھەببەت – دوستلۇقتىن ئايرىلغان ئەمەس.
ئىنسانلارنىڭ جورا ئىزدىشى جەمئىيەت، سىنىپ، ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە يېقىملىق گۈزەل تۈس ئالغان بولىدۇ. ئىنسانلار ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن ھالقىپ سىرلىق ھېسسىيات ۋە سىرلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق تىللاردا داستان بولغۇدەك قانچىلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى، شېئىرلىرى يېزىلغان ھە! دەل ئېنگېلس ئېيتقاندەك: »ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئىنسانىيەت يارالغاندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. جىنسىي مۇھەببەت يېقىنقى 800يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق مەنە ۋە ئورۇنغا ئېرىشتىكى، ئۇ مۇشۇ دەۋردىكى بارلىق شېئىر، ناخشىلار دەۋر قىلىپ ئايلىنىدىغان مەركەزگە ئايلاندى.«
1886- يىلى ئاۋسترالىيەلىك روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى كىبرات. ئايبىننىڭ »پىسخىكىلىق كېسەل« ناملىق كىتابى ئاشكارا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن جىنسىي مۇھەببەت مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئاستا – ئاستا راۋاجلىنىشقا باشلىدى. مور، فولېر، فىرىئود قاتارلىق نەچچە ئەۋلاد جىنسىيەت ئالىم – مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جىنسىيەت ئىلمى −− جىنسىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخى، جىنسىي قوزغىلىش ۋە يېتىلىش ئىلمى، جىنسىيەت ئاناتومىيە ئىلمى، فىزىيولوگىيە ئىلمى، جىنسىيەت تېببىي ئىلمى، جىنسىيەت كىلىنىكىسى، جىنسىيەت پىسخولوگىيەسى، جىنسىيەت ھەرىكەت ئىلمى، جىنسىيەت مائارىپ ئىلمى، جىنسىيەت ئېتىكا ئىلمى ۋە جىنسىيەت پەلسەپىسى قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىپ، جىنسىيەت مەدەنىيىتى تەتقىق قىلىنماقتا.
گۈزەل مۇھەببەتنى مەدھىيەلەشتە گۈزەل غايىگە بولغان قىزغىن ئارزۇ ۋە پاك مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلىنىدۇ. خەلق، بولۇپمۇ ياشلار نېمە ئۈچۈن مۇھەببەت قوشاقلىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسە گۈزەللىك. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېستېتىكىلىق غايىسىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇنان پەيلاسوپى پىلاتون»ھەقىقىي مۇھەببەت ئەسەبىي ۋە شەھۋانىيلىققا يېقىن نەرسىلەرنى ئۆزىدىن يىراققا قوغلاشتۇر« دېگەن ئىدى.
شىللېرنىڭ مەشھۇر بىر شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:
”بولغاچقا ئۇ سىرلىق − سېھىرلىك،
بولغان ئىدى شۇنچە قەدىرلىك.“
گىيوتېنىڭ مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىرى بار:
قايسى ياش بولالمىغان سۆيگۈگە ماھىر بىر يىگىت،
قايسىبىر قىز قالمىغان سۆيگۈ – كۆيۈككە چىگىلىپ.
سۆيگۈ پاكتۇر −−
بولىدۇ ئادەم مۇيەسسەر سۆيگۈگە،
چىقىدۇ نېچۈن ئۇنىڭدىن پاجىئەلەر ئېتىلىپ؟«
ئەلىشىر نەۋايى »چاھاردىۋان«دا مۇھەببەتنى مۇنداق يۈكسەك مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ:
زاھىد ساڭا ھورو، ماڭا جانانە كېرەك،
جەننەت ساڭا بولسۇن، ماڭا مەيخانا كېرەك.
يار ئولدۇر كىم تىلىيۇ كۆڭلى ئانىڭ بولسا بىر،
كىم تىلى ئۆزگىيۇ، كۆڭلى ئۆزگىدۇر، ئول يار ئەمەس.
شائىر بۇ مىسرالاردا تەبىئەت گۈزەللىكىنى ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈستىگە مۇجەسسەملىگەن ھەم ئۇلارنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرغان. ھەقىقىي مۇھەببەت ئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئادەم قەلبىدىكى كۈچنى ھەم يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغايدۇ ھەمدە چىن دىلدىن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىككى قەلب ئىپادىلىگەن سەمىمىيەت ۋە شەخسىيەتسىزلىكتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. دېمەك، نەۋايى مۇھەببەت، ساداقەت ۋە ۋاپانى شۇ دەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. نەۋايى ئۆز زامانىسىدا ئىلغار ئىدىيەۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىپ، شۇ دەۋردىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيەۋى بويۇنتۇرۇقلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئالىيجاناب غايىنى مەدھىيەلىگەن.
»چاھار دىۋان«دىكى مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە »خەمسە«دىكى بىرقىسىم داستانلارنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1 – ئوبراز(ئىماگ )
»پەرھاد – شېرىن« داستانىدىكى پەرھاد ئىنسانپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، مۇھەببەتكە سادىق، ئىجادكار، بىلىملىك، يارقىن خاسلىققا ئىگە ئوبراز. شېرىن گۈزەل، لاتاپەتلىك، قانائەتچان، قەيسەر، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق، ياۋۇز دۈشمەنگە خەنجەر، سۆيگەن يارىغا نۇرانە ئەختەر قىز. ئالتۇندەك ساپ ئوبراز. خىسراۋ مەككار، زالىم، جاھىل، ئالدامچى – قويمىچى، ئاچ كۆز، بەتنىيەت، ۋەھشىي ھايۋان، جاللات قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سەلبىي ئوبراز. ئەلىشىر نەۋايى قەدىمكى ئەپسانە، رىۋايەت تېمىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا دادىللىق بىلەن قايتا ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى ئىدىيە، يېڭى قان، يېڭى مەزمۇن بەرگەن. ئۇ ئەسلىدىكى ھېكايە ۋەقەلىكى بويىچە ئۆزىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىغا ئاساسەن شۇ دەۋردىكى چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە يۈكسەك رومانتىك تۈس ئالغان پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان. بىز تۆۋەندىكى رېتورىك سوئال – جاۋابلارغا قاراپ باقايلى:
دېدى: ۋەسلىغە بارسەن ئارزۇمەندە؟
دېدى: بەرمان خەيالى بىرلە خۇرسەندە.
(دېدى: ئۇنىڭ ۋىسالىنى ئارزۇ قىلامسەن؟
دېدى: ئۇنىڭ خىيالى بىلەن خۇرسەندىمەن.)
دېدى: نوشى لەبىدىن تاپقاي ئەل بەھر؟
دېدى: ئول نوشدىن ئەل قىسمىدۇر زەھر.
(دېدى: ئۇنىڭ شېرىن لېۋىدىن باشقىلار بەھرە ئالسىچۇ:
دېدى: ئۇ شېرىنىن لېۋىدىن باشقىلارغا تېگىدىغىنى زەھەر.)
دېدى: جانىڭنى ئالسا لەئىلى يادى؟
دېدىكىم: ئۇشبۇدۇر جانىم مۇرادى.
)دېدى: لەئىلى خىيالى جېنىڭنى ئالسىچۇ:
دېدىكى: كۆڭلۈمدىكى مەقسەت – مۇرادىممۇ شۇ!(
دېدى: كۆكسۈڭنى گەر چاك ئەتسە بىباك؟
دېدى: كۆڭلۈم تۇتاي ھەم ئەيلە دەپ چاك.
)دېدى: زۇلۇم كۆكسۈڭنى ئايىماستىن چاك – چاك قىلىۋەتسىچۇ؟
دېدى: ھەتتا چاك – چاك قىلىۋەت دەپ كۆڭلۈمنىمۇ تۇتۇپ بېرىمەن.(
دېدى: كۆڭلۈڭ فىدا قىلسا جەفاسى،
دېدى: جانىمنى ھەم ئەيلەي فىداسى.
)دېدى: ئۇنىڭ جاپاسى سېنىڭ كۆڭلۈڭنى قۇربان قىلىۋەتسىچۇ؟
دېدى: جېنىمنىمۇ پىدا قىلىمەن.(
دېدىكىم: ئىشقىدىن يوق جۇز زىيان بۇد،
دېدى: بۇ كەلدى سەۋدا ئەھلىغە سود.
)دېدىكى: ئىشقىدىن زىياندىن باشقا نەرسە يوق،
دېدى: مەجنۇنلار ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى پايدا.(
دېدى: بۇ ئىشق تەركى ياخشىراقدۇر،
دېدى: بۇ شىۋە ئاشىقىدىن يىراقدۇر.
)دېدى: بۇ ئىشقتىن ۋاز كېچىش ياخشىراق،
دېدى: ئاشىق بۇنداق ئادەتتىن يىراق.(
دېدى: ئال گەنجۇ قوي مېھرىن نىھانى!
دېدى: تۇپراققا بەرمان كىميانى.
)دېدى: خەزىنە ئالغىن، مۇھەببەتنى قوي،
دېدى: مەن ئالتۇننى توپىغا تېگىشىمەن.(
ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئوقۇرمەنلەرگە ئاجايىپ ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوبرازلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىيلىقلىق، ھەرخىل قاراشلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۆلۈك شەرھلەشلىرىنى دائىم دېگۈدەك بۇزۇپ تاشلاپ ئىلگىرى سەل قارالغان، بېسىپ قويۇلغان، يوشۇرۇنغان مەزمۇنلارنى ئاشكارىلايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسىنىڭ باسالمايدىغانلىقىدەك بىباھا قىممىتى بىلەن مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە ئايلانغان.
ئادەتتە ئوقۇرمەنلەر »پەرھاد – شېرىن«، »لەيلى مەجنۇن« قاتارلىقلارنى كوچا – كويلاردا ئۇچراتمايدۇ. قەلەم ساھىبلىرى ئۆزلىرىگە تونۇش پېرسوناژلارنى توقۇپ چىقىرىپ، ئەسەرلەردە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. توقۇلما قەلەمكەشلەرنىڭ غايەت زور ئالاھىدە ھوقۇقى. توقۇلما چىنلىقنىڭ ئەكسى، ئەمما توقۇلما چىنلىق تۇيغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ −− توقۇلما پېرسوناژلار، ھېكايىلەر، ۋەقەلەر، سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ۋە ساۋادىمىزنى ئىسپاتلىشىغا نائىل قىلىدۇ. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، توقۇلما ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بويسۇندۇرۇشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى.
ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يادروسى ئېستېتىك ئىماگ، ئېستېتىك ئىماگ ئېستېتىك ئاڭنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يارىلىشى ھېسسىي ئىماگنىڭ ئېستېتىك ئىماگ بولۇپ يارىتىلىشى دېمەكتۇر. ئېستېتىك ئىماگنىڭ يارىتىلىش ماتېرىيالى تۇرمۇش تەجرىبىسى يەنى ھېسسىي ئىماگ بولۇپ، ئۇ ئابستراكتسىيە ۋە ئۇقۇملىشىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ. بەلكى، ئېستېتىك غايە )كىشىلەرنىڭ ئەركىن تەلىپى(نىڭ رولى بىلەن ئېستېتىك ئىماگقا ئايلىنىپ ئەدەبىي ئوبرازنىڭ رولىنى ئادا قىلىدۇ. ئەدەبىيات ئابستراكت ئۇقۇم ئارقىلىق ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئوبراز )ئىماگ( لىق تەسۋىر ئارقىلىق ئېستېتىك چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بايان ئەدەبىياتىدا كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتقا بولغان مۇھاكىمە ئىپادىلىنىدۇ. لىرىكا ئەدەبىياتىدا ھەرخىل ھېسسىيات ئىماگلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھايات ئىزدىنىشلىرى ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەلىشىر نەۋايى »پەرھاد – شېرىن« داستانىدا پەرھاد – شېرىنلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن.
ئەدەبىي ئوبراز ئېستېتىك ئىماگنى يادرو قىلىدۇ، ۋاھالەنكى، ئېستېتىك ئىماگدا ھېسسىي ئىماگدىن ھالقىپ كېتىدىغان، بىلىشتىن ھالقىپ كېتىدىغان مەنىلەر بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەدەبىي ئوبراز چوڭقۇر، مول مەزمۇنغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەدەبىي ئوبرازدىن لەززەتلىنىشنىڭ چېكى – پايانى بولمايدۇ. ئۇنى ئويلاشقا، خىيال قىلىشقا بولىدۇكى، ئوي – خىيالنىڭ چېكى بولمايدۇ. بىز ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىدىن زوقلانغان ۋە بۇ ئەسەرلەرنى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتىدىن تولۇق بەھرە ئېلىپ كەتكىنىمىز يوق، بۇ ئەسەرلەردىن بىز داۋاملىق ھۇزۇرلىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. يېزىقنىڭ يەنى تىلنىڭ ئوبرازچانلىقى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى. شۇڭا، ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يارقىن، جانلىق بولۇشى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ بەلگىسى. ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئەدەبىيات ئوبرازىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر پېرسوناژلاردا خاسلىق )ئىندىۋىدۇئاللىق( بولمىسا، ھېسسىيات سەمىمىي، چوڭقۇر بولمىسا ئەسەرلەر قۇرۇق، مەنىسىز بولۇپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايدۇ، تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەلىشىر نەۋايى ئۆزىنىڭ داستانلىرىدا جانلىق، تەسىرلىك ئەدەبىي ئوبرازلارنى ياراتتى. ئېھتىمال بىز بەزى تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن پەرھاد – شېرىن، لەيلى – مەجنۇنلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمىز. ئۇلار بىزنىڭ خاتىرىمىزدە ئەبەدىي ياشايدۇ.
2 – ئىدىيە – خاھىشچانلىق
ئەدەبىيات ساپ ئوبيېكتىپنىڭ نامايان بولۇشى ئەمەس، ئىدىيەسىز ئويۇن – تاماشا ئەسىرىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوبراز ئارقىلىق مۇئەييەن ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ. ئەدەبىي كەچۈرمىش ئىدىيەۋى خاھىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەدەبىي پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە، پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ھېسداشلىق قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئىدىيەۋىلىكى ئىدېئولوگىيە خاھىشچانلىقى ۋە ئېستېتىك خاھىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ بىزگە تۇرمۇشنىڭ قائىدىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ھەم ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ. بىز ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىدىيەمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بىزنى ھايات يوللىرىغا باشلايدۇ. ئەدەبىيات شۇڭا، بىزنىڭ ياخشى ئۇستازىمىز ۋە دوستىمىز بولۇپ قالغان. يۈكسەك ئىدىيەۋىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بەلگىسى بولىدۇ، قانچە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولسا، ئۇنىڭ ئىدىيەۋىلىكى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئىدىيەۋىلىكى كەمچىل ئەسەرلەر ئادەتتىكى ئەسەر بولۇپ قېلىپ ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ ھەم ئوبرازچانلىقى، ھەم ئىدىيەۋىلىكى بولىدۇ. بۇنىڭدا زىددىيەت باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئابستراكت ئۇقۇم ۋە نەزەرىيە ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ، ئەمما كونكرېت ھادىسىلەرنىڭ تەسۋىرىدە ھېسسىي ئەھمىيەتلا بولىدۇ. ئەدەبىي ئوبرازنىڭ ئەلۋەتتە ھېسسىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە ھېسسىيات كەچۈرمىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدۇ. ئەمما، ئەدەبىياتنىڭ ئىدېئولوگىيە ئەھمىيىتى ئېستېتىك ئەھمىيىتىمۇ بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ رېئال ئەھمىيىتىدە ئەدەبىي ئوبراز ئادەتتىكى ھېسسىي ئوبراز ئەمەس، ئۇ يەنە تىپىكلەشتۈرۈلۈپ تىپىك ئوبراز قىلىپ يارىتىلىدۇ. تىپىك ئوبراز دېگەن نېمە؟ تىپىك ئوبراز دېگىنىمىز−− »ئىندىۋىدۇئاللىق«قا باي بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەكىللىك ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان پېرسوناژلار ئوبرازىدىن ئىبارەت. يازغۇچىلار ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە باي پېرسوناژلارنى تاللاپ ئەدەبىي ئوبراز يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىپىك ئوبراز ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. تىپىك ئوبراز ئادەتتىكى ھېسسىي ئوبرازغا ئوخشىمايدۇ. )مەسىلەن، ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە ئىشلارنىڭ تەسۋىرى دېگەندەك( ئۇ مۇستەقىل خاسلىققا ئىگە بولۇپ قالماي، يەنە چوڭقۇر ئىدىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي تونۇش ۋە قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئوبراز بىزنىڭ جەمئىيەتنى بىلىشىمىز ۋە ئۆزلۈكنى بىلىشىمىزدىكى ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەلىشىر ناۋايى ئۆز دەۋرىدىكى ھەرقايسى تەبىقە، قاتلاملاردىكى كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تىپىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ھەرخىل تىپىك ئوبرازنى يارىتىپ بىزگە چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشنى تونۇتتى. تىپىكلىك ئىجتىمائىي ئۇقۇممۇ ياكى ئەدەبىيات، ئېستېتىكا ئۇقۇمىمۇ دېگەن مەسىلىدە تالاش – تارتىش مەۋجۇت. بىز ئالدى بىلەن بۇ ئۇقۇمنى ئەدەبىياتنىڭ رېئال قاتلىمىغا تەتبىقلىساق، ئۇنىڭ گەۋدىلەندۈرگىنى ئەدەبىي ئوبرازنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىي ئوبراز ئېستېتىك ئىماگ بولۇپ، ئۇ ھېسسىي ئىماگنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى ئېستېتىك ئىماگ تۇرمۇش تەسەۋۋۇرى ئەمەس، بەلكى ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە توشۇغۇچىدۇر. ئۇ تۇرمۇش تەسۋىرى ئارقىلىق قانداقسىگە ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ؟ چۈنكى ئېستېتىك ئىماگنىڭ يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولى بولغاچقا ھېسسىي ئوبرازنى تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن مېتافىزىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولىنىڭ يىلتىزى تىلنىڭ ئىپتىدائىي سېھرىي كۈچىدە بولىدۇ. ئىپتىدائىي تىلنىڭ يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولى بولىدۇ. كونكرېت تەسۋىرلەر ئارقىلىق تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن سېھىرگەرلىك ئەھمىيەتتىن بېشارەت بېرىدۇ. ئەدەبىي تىل مۇشۇنداق رولغا ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن ئېستېتىك تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن ئەھمىيەتكە نائىل بولغان. ئەلىشىر نەۋايى پەرھاد – شېرىن، لەيلى – مەجنۇنلارنىڭ قىسمەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنىڭ تەقدىرىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدا ئۆزلۈكنىڭ ھېسسىيات كەچۈرمىشىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش كەچۈرمىشى ۋە ئىنتىلىشىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىدۇ.
نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە پەند – نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ئىپادىلەنگەن، ئۇ ياراتقان ئەدەبىي ئوبراز گويا بىتەرەپ تۇرغاندەك، ئوبيېكتلىقى، خاھىشچانلىقى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە خاھىشچانلىق مەۋجۇت. ئۇ ياراتقان ئوبرازدا مەلۇم ئەخلاق خۇسۇسىيىتى بار. ئۇ سىزگە مۇئەييەن مەيدان بەلگىلەپ بېرىپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزدىن ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ ياراتقان ئوبرازدا ئىستىخىيەلىك خاھىش ئاپىرىدە بولغان؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەر ئومۇملىشىپ كەتكەن قىممەت ئۆلچىمى بىلەن ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ئادەملەرگە ۋە ئىشلارغا باھا بېرىدۇ. ئەگەر ئەسەردە بىر ئاق كۆڭۈل كىشى تەسۋىرلەنسە، بىز ئۇنى ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. ئەگەر بىر ۋەھشىي ئادەم تەسۋىرلەنسە، بىز ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىمىز. بۇ دەل ئەدەبىياتنىڭ رېئال خاھىشچانلىقى بولغانلىقتىندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئەدەبىيات بىر خىل ئېستېتىك پائالىيەت، بىز ئەدەبىي ئوبرازنى قوبۇل قىلغاندا ئېستېتىك ھۆكۈم يۈرگۈزىمىز. ئېستېتىك ھۆكۈم ئېستېتىك غايە، يەنى ئەركىن ئىنتىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ئەڭ يۈكسەك قىممەت ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۈزەللىك تۇيغۇسى ئېستېتىك قىممەت ئۆلچىمىنىڭ مەھسۇلى. گۈزەللىك، سەتلىك، ئالىيجانابلىق، بىمەنىلىك، تىراگېدىيە، كومېدىيە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېستېتىكا كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەدەبىي ئوبرازغا ئېستېتىك ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. بىز بۇلارنى نەۋايى ئەسەرلىرىدە كۆرۈپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز نەۋايى ياراتقان ئوبرازلارنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئېستېتىك ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنالمايمىز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ئېستېتىك خاھىشچانلىققا نائىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئېستېتىك خاھىشچانلىق رېئال خاھىش بىلەن بىردەك بولغان. بۇ چاغدىكى گۈزەللىك ئاق كۆڭۈللۈك بولغان. ئەمما گۈزەللىك بىلەن ئاق كۆڭۈللۈك بىردەك بولۇشى ناتايىن. چۈنكى نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى گۈزەللىك ئاق كۆڭۈللۈكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېستېتىك قىممەت رېئال قىممەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېئال ھۆكۈم ئېستېتىك ھۆكۈمگە بويسۇنغان.
3 – ھېسسىيات
ئەدەبىيات ئېستېتىكا يېتەكچىلىكىدىكى ھايات )مەۋجۇدىيەت( كەچۈرمىشى بولغانلىقتىن ئادەتتىكى بىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتلىق روھىي پائالىيەت. ھېسسىياتچانلىق ئەدەبىيات بىلەن ئىلىم – پەن قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ. ئىلىم – پەن جەھەتتىكى بىلىش ھېسسىيات قاتارلىق سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئارىلىشىشىنى چەتكە قاقىدۇ، ئېغىر – بېسىقلىق ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئوبيېكتنى تەھلىل قىلىپ، ئوبيېكتىپ بىلىمگە ئېرىشىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىلىش پائالىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر خىل ھېسسىيات كەچۈرمىشى، ئەمما ھېسسىيات كەچۈرمىشى بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان بىلىشنىڭ بېقىندى نەرسىسى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئەدەبىيات ھېسسىياتتىن ئايرىلىپ كەتسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، كىشىلەرنى جەلپ قىلالمايدۇ ۋە تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەدەبىيات ئىدېئولوگىيەنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئىلىم – پەنگە ئوخشاش ئەقلىي پائالىيەت. ئىلىم – پەن قائىدە ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. ئەدەبىيات بولسا ھېسسىيات، مۇھەببەت بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەيلى ئاپتورلار ياكى ئوقۇرمەنلەر بولسۇن، ئەدەبىي پائالىيەت جەريانىدا ھېسسىياتنى ئىشقا سالمىسا بولمايدۇ. ئەسەر ھېسسىيات كەچۈرمىشى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ، كىشىلەر ھېسسىيات كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى چۈشىنىدۇ.
نەۋايى ئەسەرلىرى رېئال ھېسسىيات، ئېستېتىك ھېسسىيات ۋە ئىپتىدائىي ئارزۇ – ئىستەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ئەقىلنىڭ ھېسسىياتقا بولغان چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ ھېسسىياتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن ۋە يۇقىرى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھېسسىيات ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان. بولۇپمۇ ئۇ ئاپىرىدە قىلغان ئېستېتىك ھېسسىيات ئەقىلنىڭ چەك – چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كىشىنى ئىنتايىن قايىل قىلىدۇ. مۇنداق ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىز ئەقىل جەھەتتە بەزى ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلالمايمىز، ئەمما، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قالىمىز. ئاخىرىدا ھېسسىيات ئەقىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمنەپەس بولىدۇ. ئەقىل – ئىدراكنىڭ ئەدەبىياتقا بىر تەرەپلىمىلىك قارىشى بولۇپ، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى يەنە بىر خىل يۇقىرى پەللىلىك كەچۈرمىش بولۇپ، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنتايىن شاد – خۇراملىق ھېسسىياتى قوزغايدۇ، ئۇ رېئال ھېسسىياتقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە رېئاللىق ۋە بەختلىك كەچۈرمىش تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.
شۇڭا، نەۋايى ئەسەرلىرى غايەت زور سېھرىي كۈچكە نائىل بولغان. ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە داستانلىرى كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە چىن مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات ئىنتايىن كۈچلۈك.
4 – توقۇلمىلىق
توقۇلما −− يازغۇچىلارنىڭ غايەت زور ئىمتىيازى. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، توقۇلما ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. توقۇلما بىز كۆرۈپ تۇرىدىغان چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا بىر قويۇق رەڭدار دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. توقۇلمىنىڭ نوپۇزى تەسەۋۋۇرغا غايەت زور ئەركىنلىك ئاتا قىلىدۇ. توقۇلما ئاساسسىز بولمايدۇ. تۇرمۇش ماتېرىياللىرى توقۇلمىغا پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئوبراز يازغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ. بۇ گويا ئالاھىدە ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىغا ئوخشاش بولۇپ، توقۇلما ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىلغان ئوبراز سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مەركەزلىك تاۋلانغان بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن−لارنى ئىپادىلەيدۇ، ب−ۇ دەل توقۇلمىنىڭ كۈچىدىن بولىدۇ. شۇڭ−ا، ئ−ارستوتېل »شېئىرىيەت ئىلمى« ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: »شائىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت.« شۇڭا، شېئىر يېزىش پائالىيىتى تارىخ يېزىشقا قارىغاندا تېخىمۇ پەلسەپىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى دۇنيامۇ توقۇلما. رەڭگارەڭ دۇنيا توقۇلما ئارقىلىق پەيدا بولغان. ئۇ ئىپادىلىگەن ھېسسىياتنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللىبۇرۇنلا ئېستېتىكىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، رېئال ھېسسىياتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ پاك، تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن.
ئېستېتىك غايىنىڭ تەسىرىدىن ئەدەبىياتتا تەسۋىرلەنگەن دۇنيا رېئال دۇنيادىن پەرقلىق بولىدۇ. ئالىيجانابلىق بىلەن پەسكەشلىك قارىمۇقارشىلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان ئەقلىي دۇنيا؛ رومانتىك دۇنيا، كىلاسسىكىزملىق دۇنيا، خام خىيال ۋە قايناق ھېسسىياتلىق دۇنيا، رېئالىستىك دۇنيا، غەيرىي ئىنسانلىق پاجىئەلىك دۇنيا، مودېرنىزملىق دۇنيا، ناتونۇش، ياتلاشقان، غەيرىي ئەقلىي دۇنيا قاتارلىقلار.
نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى توقۇلما كىشىلەرگە ھەقىقىي تەسىرات بېرىدۇ. كىشىلەر ئۇ توقۇغان دۇنياغا راست دەپ ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ. ئەدەبىي توقۇلمىنىڭ چىنلىقلىقى بىر خىل خىيالىي چىنلىقلىق. ئېستېتىك ئاڭ تولۇق غەيرىي ئاڭ بولغانلىقتىن سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئەقىلنى يوقىتىدۇ. خام خىيالنى راست دەپ قارايدۇ. يەنە سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپ ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەچكە ئوبيېكتلىق ئاڭ ئۆزلۈك ئاڭ بولىدۇ. شۇڭا بىزدە بەدىئىي ھېسداشلىق قوزغىلىدۇ. بىز پەرھاد – شېرىن، لەيلى – مەجنۇن داستانلىرىدىكى باش قەھرىمانلارنى ھايات ئادەم دەپ چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەن قايغۇ – ھەسرەتتە، ۋىسال شادلىقىدا بىللە بولغۇمىز كېلىدۇ. نەۋايى ئەسەرلىرىدە توقۇلمىلىق، چىنلىق ھېسسىياتى بولغاچقا بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز ھۇزۇر ئالىمىز.
5 – خاسلىق (ئىندىۋىدۇئاللىق)
ئەدەبىيات ئىجتىمائىي پائالىيەت، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خاسلىق پائالىيىتى. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئۇ رېئال تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئۆلچەمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىشىلەرنىڭ خاسلىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيامۇ ئىندىۋىدۇئاللاشمايدۇ، بەلكى ئاممىۋى دۇنيا بولىدۇ. شۇڭا، رېئال دۇنيادا ئومۇمىيلىق ماھىيەت بولىدۇ، خاسلىق غەيرىي ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنىڭ ماھىيىتى خاسلىق. بۇ ئادەم بىلەن نەرسىلەرنىڭ پەرقى. خاسلىق يوقالسا ئادەم ياتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئېستېتىك خاسلىق رېئال خاسلىقنىڭ چەكلىمىسىنى يېڭىپ تولۇق جارى قىلىنغان خاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئەدەبىيات ئېستېتىك خاسلىق ئىجادىيىتى بولغانلىقتىن، تولۇق ئىندىۋىدۇئال پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خاسلاشتۇرۇلغان سۇبيېكتىپنى يارىتىپلا قالماستىن، خاسلاشتۇرۇلغان ئوبيېكتىپ دۇنيانىمۇ يارىتىدۇ. نەۋايى لىرىك ۋە ئېپىك ئەسەرلىرىنىڭ جېنى ئىجادىيلىقتا. سەنئەتنىڭ جېنىمۇ ئىجادىيلىقتا كۆرۈلىدۇ. ئىجادىيلىق بولمىسا سەنئەت بولمايدۇ. نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى خاسلىق )ئىندىۋىدۇئاللىق( ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ خاسلىقى ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى خاسلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. نەۋايى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە ئاساسەن، مۇستەقىل ئېستېتىك غايە بىلەن مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇستەقىل ئەدەبىيات ئوبرازىنى ياراتقان، ئۇنىڭدا خاسلىققا ئىنتىلىش بولغاچقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەقىقىي ئۆزلۈك ۋە ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ئىزدىگەن، ئۇ تۇرمۇشنى تەسۋىرلىگەندە ئادەتتىكىچە قىلىپ قويمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۆز چۈشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ بەدىئىي مۇھاكىمىسى جامائەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالمىغان، ئۇ، ئۇسلۇب، تىل جەھەتلەردىمۇ يېڭىلىق ياراتقان، شۇڭا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
نەۋايىنىڭ لىرىك ئوبرازلىرىمۇ مۇستەقىل، ئىجادىي. ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭدىكى پىكىر مەنزىلىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئادەتتىكى كەچۈرمىشى ۋە پىكىر پەللىسى بولۇپ قالمىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەردە مۇستەقىل زوقلىنىش ۋە تونۇش ئاپىرىدە قىلالايدۇ، مۇشۇنداق چۈشىنىش قانچە مۇستەقىل بولسا زوقلىنىشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا ئالاھىدىلىك بىلەن ئومۇمىيلىق قارىمۇقارشى ھالەتتە بولىدۇ. بەك ئالاھىدە بولسا ئومۇمىيلىقنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەمما، ئەدەبىياتنىڭ مۇستەقىللىقى ئومۇمىيلىقنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى مۇستەقىللىق ئومۇمىيلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى، باھانە – سەۋەبى بولىدۇ. نەۋايى ياراتقان ئوبراز شۇنداق ئۆزگىچە، گۈزەللىك تۇيغۇسى شۇنچە چوڭقۇر، جەلپ قىلىش كۈچى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، جامائەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ناۋادا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇستەقىللىق، ئالاھىدىلىك بولمىغان بولسا ئېستېتىك قىممەتنى يوقىتىپ قويغان، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ يوقىتىپ قويغان بولاتتى. ئەدەبىي پائالىيەت جەريانىدا خاسلىق بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ قارىمۇقارشى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نەۋايى ھەربىر پېرسوناژدا مۇستەقىل خاسلىق ياراتقان. ئۇلارنىڭ ئەركىن خاسلىقى يەنى ئېستېتىك خاسلىقنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياراتقان پېرسوناژلار باشقىلارنى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى، بوشلۇقنى ياراتقان، بۇنداق بوشلۇق ئېستېتىك غايىنىڭ رېئال مۇناسىۋەتتىكى توسالغۇلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنى تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. نەۋايى مانا مۇشۇنداق ئەركىن خاسلىقنى ئالماشتۇرۇش شەكلىنى ئاپىرىدە قىلغان.

152 كۈن بۇرۇن
فىزىكىدىكى بىر مۇھىم سوئاللارنىڭ بىرى كۋانتلىق خۇسۇسىيەلەرنى نامايان قىلالايدىغان فىزىكىلىق سىستېمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمىنىڭ زادى قانچىلىك بولىدىغانلىقىدۇر.
شىۋىتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى 2025 - يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى جون كلارك (John Clarke)، مىشېل ھ. دېۋورېت (Michel H. Devoret) ۋە جون م. مارتىنىس (John M. Martinis) دىن ئىبارەت ئۈچ ئالىمغا بەرگەن بولۇپ، بۇلار «ماكروسكوپىك كۋانت تونېل ئېففىكى» نى بايقىغانلىقى ۋە كۋانت ھادىسلىرىنىڭ ئاتوم ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ھالەتتىكى زەرىچىلەر دۇنياسىدا بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدى چوڭ بولغان ماكرو دۇنيادا (يەنى قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان دۇنيادا) مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىنى، يەنى ئېلېكتر زەنجىرىدە «كۋانت تونېل ئۈنۈمى» (quantum tunnelling) ۋە «كۋانتلانغان ئېنېرگىيە سەۋىيىسى»(quantised energy levels) قاتارلىق كۋانت دۇنياسىغا خاس ئۈنۈملەرنىڭ مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىنى ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن. كۋانت مېخانىكىسىدا بىر زەررىچىنىڭ «تونېل ئۈنۈمى» بولسا ئېلىكترونغا ئوخشاش ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ بىر توسالغۇغا يولۇققاندا گەرچە بۇ زەرىچىنىڭ ئېنىرگىيەسى توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە يەتمىسىمۇ خۇددى بۇ توسالغۇ يوقتەك توسالغۇنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىش ھادىسىسنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل ئۈنۈم كۋانت فىزىكىسىنىڭ ئاساسى پرىسنسىپلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، زەرىچىنىڭ دولقۇن ۋە زىرىچىلىكتىن ئىبارەت قوشياقلىق خۇسۇسىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن گەرچە توسالغۇغا يولۇققان زەرىچە بوشلۇقتىكى بىر ماددا بولسىمۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر دولقۇن بولغانلىقى ئۈچۈن خۇددي دولقۇننىڭ دېفراكسىيە خۇسۇسىيىتى ( توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ) بولغاندەك ئېنىرگىيەسى قانچە كىچىك بىر زەرىچە بولىشىدىن قەدئىي نەزەر بۇ زەرىچىنىڭ توسالغۇنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەن ئېنىرگىيەلىك بىز زەرىچىمۇ تونېل ئېففىكتى ھاسىل قىلىپ ئالدىدىكى توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ ھادىسە بىر تال ئېلىكترون بولغان ھالەتتە كۆرىنەرلىك بولسىمۇ، بۇ خىل تەسرلىشىشكە كۆپ ساندىكى زەررىچىلەر قاتناشقاندا، كۋانت مېخانىكىلىق ئۈنۈملىرى ئادەتتە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تەجرىبىلىرى كۋانت مېخانىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ماكرولۇق دۇنيادىمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
1984- ۋە 1985-يىللىرى، جون كلارك، مىشېل ھ. دېۋورېت ۋە جون م. مارتىنىس «ئالاھىدە ئۆتكۈزگۈچىلەر» (superconductors) دىن، يەنى ھېچقانداق ئېلېكتر قارشىلىقىسىز توك ئۆتكۈزەلەيدىغان زاپچاسلاردىن ياسالغان ئېلېكتر زەنجىرى بىلەن بىر يۈرۈش تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بۇ ئېلىكتىر زەنجىردە، ئالاھىدە ئۆتكۈزگۈچى زاپچاسلار نېپىز بىر قەۋەت ئېزىلياتۇرلۇق ماتېرىيال ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ خىل قۇرۇلما «جوسېفسون ئۇلىنىشى» (Josephson junction) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ئېلىكتىر زەنجىرىنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆلچەش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن توك ئۆتكۈزگەندە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان پارارمېتىرلارغا ئايلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالاھىدە ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەن زەرەتلىك زەررىچىلەر بىرلىشىپ تۇرۇپ پۈتۈن ئېلىكتىر زەنجىرنى قاپلىغان« خۇددى بىر تال زەررىچىدەك» ھەرىكەت قىلىدىغان بىر تەجبىبە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ سىستېما دەسلەپتە نۆل ۋولتلۇق ھالەتتە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ كلاسسىك فىزىكا بويىچە بۇ توساقتىن قېچىپ چىقالمايتتى. لېكىن، سىستېما كۋانت تونېل ئۈنۈمى ئارقىلىق بۇ قاپسىلىپ قالغان ھالەتتىن قېچىپ چىقتى. بۇ ھادىسە توك يولىدا ئېلېكتر بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئارقىلىق كۆزىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سىستېمىنىڭ پەقەت مەلۇم ئېنېرگىيە سەۋىيىلىرىنىلا قوبۇل قىلالايدىغانلىقى ۋە چىقىرالايدىغانلىقى بايقالدى — يەنى كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى ماكرو سېستىمىدا ئىسپاتلاندى. كومپيۇتېر مىكرو ئۈزەكلەردىكى ترانزىستورلار( كىرىستال لامپىلار) ئەمەلىي قوللىنىلىۋاتان كۋانت تېخنىكىسىنىڭ بىر مىسالىدۇر. بۇ يىلقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى كېلەچەكتىكى كۋانت تېخنىكىسى، جۈملىدىن «كۋانت شىفىرلاش تېخنىكىسى» (quantum cryptography)، «كۋانت كومپيۇتېرى» (quantum computers)، ۋە «كۋانت سەزگۈچلىرى»(quantum sensors) نى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
1. جون كلارك (John Clarke)، 1942-يىلى ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي شۆبىسىنىڭ پروفېسسورى.
2. مىشېل ھ. دېۋورېت (Michel H. Devoret)، 1953-يىلى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى فرانسىيە پارىژ-جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى (نيۇ ھېۋېن، CT) ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتا باربارا شۆبىسىنىڭ پروفېسسورى.
3. جون م. مارتىنىس (John M. Martinis)، 1958-يىلى تۇغۇلغان. 1987-يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي شۆبىسىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتا باربارا شۆبىسىنىڭ پروفېسسورى.

ئەسما ئىلھام
163 كۈن بۇرۇن
قەشقەر، خوتەن، ياركەنت، تۇرپان، ئۈرۈمچى
غۇلجا، ئاتۇش، قومۇل، ئاقسۇ ئالتاي، كورلا ۋە كۇچا
ئانا يۇرتۇم سەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ماكان،
گويا پاتماس قۇياشتەك چەكسىز مىھىرگە تولغان
ئەلمىساقتىن بوۋام قىلدى گۈلىستان ھارماي،
يەنە مەڭگۈ داۋام قىلار ئۈزۈلۈپ قالماي.
يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت،
پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش داۋام تا ئەبەد
.يۈسۈپ مەھمۇد پەرزەنتىڭپەخرىڭ مەھكەم يادىمدا،
تالاي باتۇر مەرد قەھرىمانلار ئۆتكەن قوينۇڭدا.
شاھىتسەن ئۆتمۈشكە ئۇ ئەمەس ئىز- دېرەكسىز،
ئۇل جىسمىڭدا بار تىلسىمات تۈگىمەس چەكسىز
سۇتۇق بۇغرا ئوغۇز روھى سىڭسۇن چىڭ بىزگە،ئۈمىد ،
ئىشەنچ ئۆملۈك غەيرەت بولسۇن خۇي بىزگە.
قېرىنداشلار قول بەرگىن دۇرۇس ھەمرا قىل كۈلكە،
تىرىشايلى ئۇيۇشايلى يار بولۇپ بىر-بىرىمىزگە
بىز قۇچقان زەپەر ئانا يۇرتىمىزغا جاۋاب،
پەرزەنت قالسۇن بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ.
يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت،
پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش داۋام تا ئەبەد.
دۇئا قىلاي ئەجىر قىلاي تۆكۈپ تەر مىھنەت،
ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن بۇ سۇنماس ھەقىقەت.

ئېنترۇپىيە (Entropy)
ئېنترۇپىيە — بىر سىستېمىدىكى تەرتىپىسىزلىك ياكى تاسادىپىيلىك مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قوللىنىشقا بولمايدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مىقدارى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئاساسەن، ۋاقىت ئۆتۈش بىلەن ئېنترۇپىيە ئاشىدۇ؛ دېمەك، سىستېمىلار تەبىئىي ھالدا كۆپرەك تەرتىپسىزلىككە ۋە تۈزۈلمىنىڭ ئازىيىشىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
بۇ چۈشەنچە پەقەت فىزىكىلىق سىستېمىلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر نەزىرىيەسى ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ.
🌀 ھەر كۈنىدىكى مىسال
ھەر كۈنى كىيىم ئىشكابىڭىزنى تەرتىپكە سالسىڭىزمۇ، بىر ھەپتە ئۆتۈپلا قايتا قالايمىغانلىشىدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟
ياكى ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئەڭ مۇھىمىنى تاللاشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بۇنىڭ سەۋەبى — ئېنترۇپىيە.
ھەر نەرسە تەرتىپسىزلىشىدۇ: ئېنترۇپىيە دېگەن نېمە؟
ئېنترۇپىيە، بىر سىستېمىدىكى تەرتىپسىزلىك مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئاساسەن، ھەرقانداق بىر سىستېما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈش بىلەن تەرتىپسىزلىشىدۇ.
بۇ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىش ئىشلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
🔥 تېرمودىنامىكىدىكى ئېنترۇپىيە فۆرمۇلىلىرى
(a) Foundation formula
S = kB ln Ω
بۇ يەردە:
S — ئېنترۇپىيە
kB — بولتزمان تەڭشىكى (1.38 × 10⁻²³ J/K)
Ω — سىستېمىنىڭ مۇمكىن بولغان مىكروسكوپىي ھالەت سانى
(b) Differential form
dS = δQrev / T
dS — ئېنترۇپىيە ئۆزگىرىشى
δQrev — قايتۇرۇلمىلىق ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش مىقدارى
T — ئەبسۇلۇت تېمپېراتۇرا (Kelvin)
(c) Entropy change
ΔS = ∫(δQrev / T)
ئەگەر T ئۆزگەرمىسە:
ΔS = Qrev / T
(d) Example — Ideal Gas
ΔS = nR ln(V₂/V₁) = nCV ln(T₂/T₁) + nR ln(V₂/V₁)
n — ماددە مىقدارى (mol)
R — گاز تەڭشىكى (8.314 J/mol·K)
V₁, V₂ — باشلانغۇچ ۋە ئاخىرقى ھاجىم
T₁, T₂ — باشلانغۇچ ۋە ئاخىرقى تېمپېراتۇرا
💡 ئۇچۇر نەزىرىيەسىدىكى ئېنترۇپىيە
Shannon Entropy formula
H(X) = -∑ p(xᵢ) logb p(xᵢ)
H(X) — ئۇچۇر ئېنترۇپىيەسى
p(xᵢ) — نەتتىجە xᵢ نىڭ ئېھتىماللىقى
b — لاگېرىفم ئاساسى (ئادەتتە 2 → bit)
Example:
ئەگەر ناتۇرال بىر سىستېما ئىككى ھالەتتە 50%–50% بولسا:
H = -[0.5log₂0.5 + 0.5log₂0.5] = 1 bit
→ ئەڭ چوڭ بەلگىسىزلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنترۇپىيە ھالىتى.
🧠 خۇلاسە
تېرمودىنامىكاS = kB ln Ωتەرتىپسىزلىك مىقدارى
تېرمودىنامىكاdS = δQrev/Tئىسسىقلىق بىلەن باغلىق ئۆزگىرىش
ئۇچۇر نەزىرىيەسىH(X) = -∑ p(xᵢ)logbp(xᵢ)ئۇچۇر بەلگىسىزلىكى

كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىرىنىڭ بىرىدە، بىر ئوقۇغۇچى دەرسىدە ئىختىيارسىز ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇ ئويغانغاندا سىنىپ جىمجىت بولۇپ، دەرس تۈگەپ ھەممەيلەن سىنىپتىن چىقىپ كەتكەن ئېدى. تاختايغا يېزىلغان قارا رەقەملىك ئىككى مەسىلە، ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. ئۇ تاختىغا يېزىلغان بۇ مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇق دەپ ئويلاپ، دەپتىرىگە خاتىرىلەپ، ئۆيىگە قايتىدۇ.
كەچتە، ئۇ دەپتىرىنى ئېچىپ مەسىلىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ماتېماتىكا مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى قىيىن، قارىماققا «ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارىلىدىغان تىپتىن مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن تەس بولسىمۇ قەتئىيلىكى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن ئۇ ھارماي-تالماي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.
كۇتۇپخانىلارنىڭ تىنچلىقىدا، كىتابلارنىڭ سەھىپىلىرى ئارىسىدا، ئۇ ئۆز قەلبىگە قۇلاق سالىدۇ. ھەر بىر قەدەم، ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. كۈنلەر ئۆتىدۇ، ئۇ تۆت بەتلىك ھېسابلاش ئارقىلىق ئاخىرى مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى ھەل قىلىدۇ.
كېيىنكى سائەتلىك دەرستە، پروفېسسور تاختيغا يېزىلغان بۇ «تاپشۇرۇق» ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمەيدۇ.بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچى ھەيران بولۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ سورايدۇ:
— «پروفېسسور، ئالدىنقى قېتىم تاپشۇرغان تاپشۇرۇق ھەققىدە نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟»
پروفېسسور كۈلۈمسىرەپ، ھەيرانلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ:
— «تاپشۇرۇق؟ ئۇلار تاپشۇرۇق ئەمەس ئىدى… ئۇلار ھېچكىم ھەل قىلالمىغان ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنىڭ مىسالى ئىدى!»
ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزلىرى ھاياجان بىلەن چاقنايدۇ ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا شۇنداق دەيدۇ:
— «بىراق… مەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ھەل قىلدىم!»
ئۇنىڭ ھېسابلاش جەريانلىرى تەپسىلى تەكشۈرۈلۈپ، توغرا ئىكەنلىكى دەلىللىنىدۇ...ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ھېكايە، ھېلىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت زاللىرىدا سۆزلىنىدۇ ۋە قەلبلەرگە قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
ھېكايىدىن چىقىرىلىدىغان ھىكمەت
سەن قانداق بولۇشقا قارار قىلساڭ، شۇنداق بولالايسەن.
«قىلالمايسەن» دېگەنلەرنى ئاڭلىما، چۈنكى ئۇلار ئۆز چەكلىمىسىنى سەن بىلەن بەھەم كۆرۈشكۈسى كېلىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت، جىسمانى جەھەتتىن ئەمەس، روھىي جەھەتتىن قەتئىي بولۇش بىلەن كېلىدۇ.

مىسلىسىز دەرىجىدە كىملىك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا دىئاسپورادا چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە سادىق ھالدا چوڭ قىلىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرۇچىدىن ئىبارەت! ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئائىلەردە ۋە ئانا-تىل مەكتەپلىرىدە پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ئۆگىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ بۇ تەربىيەنىڭ مۇنتىزىم ۋە ئىزچىل بولالماسلىقى، ھەممىدىن مۇھىمى بالىلار ياشىغان مۇھىتنىڭ ۋە مائارىپ تىلىنىڭ ھەرخىل تىللاردا بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىنتاين تۆۋەن بولۇشى، مىللىي كىملىك ئېڭى يېتىلدۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ يوققا چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئىنتايىن تەس بولماقتا...
سەرخىللار مائارىپى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان، مىللىي مائارىپ ئەندىزىسىنى شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە نىشانلىق تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بىر تور مائارىپ ئورگىنى بولۇپ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ھەرخىل پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا ئىزچىل ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە يېتەكلەش مېتوتى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئىسلام ئەخلاقى قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭ يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىسا، ماتېماتىكا، پەن بىلىملىرى قاتارلىق دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پەنلەردىكى مۇھىم بىلىملەرنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، بۇ پەنلەردىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۆگىتىپ، سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ!
سەرخىللار مائارىپى دەرس ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلاردا ئىنتىزام، ئەخلاق، توغرا كىشىلىك قاراش ۋە ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جەمئىيەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىقىيىتى ئۇنىڭ دەرسلەردىكى ئەلا نەتىجىسى بىلەنلا ئۆلچىنىپ قالماستىن، ئۇنىڭ ساغلام خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنلىكى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا سەرخىللار مائارىپى بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمنيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتە پىشقان، يېتىشكەن ۋە ياراملىق ئىنسانلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تەربىيەلەش نىشانى:
1. ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئوقۇپ يازالايدىغان، راۋان سۆزلىيەلەيدىغان نىشانغا يېتىش
2. ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى ۋە تەپەككۇر قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈش
3. گۈزەل كىشىلىك خاراكتىر يېتىلدۈرۈش
ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر:
ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
ماتېماتىكا ۋە تەپەككۇر مەشىقى
ئەخلاق ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش
ھەپتىدە ئۈچ سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ
دەرس تىلى: ئۇيغۇرچە
تەربىيەلەش مۇددىتى: ئەڭ ئاز سەككىز ئاي، ئەڭ كۆپ 32 ئاي
مائارىپىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەق ئېلىنىدۇ.
دەرس ھەققى:
ئامېرىكا ۋە كانادا ئۈچۈن ئايلىق 60 ئامېرىكا دوللىرى
ياۋروپا ئۈچۈن ئايلىق 50 ياۋرو
ئاۋستىرالىيە ئۈچۈن ئايلىق 60 ئاۋۇستىرالىيە دوللىرى
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئايلىق 40 ئامېرىكا دوللىرى
ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ئايلىق 40 ئامېرىكا دوللىرى
سىنىپلار ۋاقىت رايۇنىغا قارىتا بېكىتىلىدۇ، ئەڭ ئاز بىر سىنىپتا 5 ئوقۇغۇچى بولغاندا دەرس باشلىنىدۇ
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. جەدۋەل بىردەك ئۇيغۇرچە تولدۇرۇلىشى لازىم، ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلەر باشقىلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ.
2. ئې-خەت ئادرىسىڭىز توغرا بولىشى، تېلېفون نومۇرىڭىز چوقۇم ۋاتاسئەپكە ئۇلانغان بولىشى لازىم.
3. رەسىم ئۆلچەملىك بولىشى لازىم.
4. نېمە ئۈچۈن سەرخىللار مائارىپى دېگەنگە چۈشەنچىڭىز ۋە مەقسىتىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىڭ.
تىزىملىتىش ئاخىرقى چېكى: ئىستانبۇل ۋاقتى 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 11:50 كىچە
بۇيەرنى چېكىپ تىزىملىتىڭ

1، ھورۇن بولمايدۇ2. ئىشنى كەينىگە سۈرمەي ۋاقتىدا قىلىدۇ3، ئۆزىنى كونترول قىلايدۇ ( ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ)4. قۇرۇق خام-خىياللارنى كۆپ قىلمايدۇ5. ھاۋيى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەيدۇ6. ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇرنى توختاتمايدۇ7. شۆھرەتپەرەسلىق قىلمايدۇ8. سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولىدۇ ( قۇرۇق گەپ ساتماي، ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ)9. مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تۇتۇشنى بىلىدۇ. مۇھىم بولمىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالمايدۇ10.تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇپ، قورقماس ۋە جاسارەتلىك بولىدۇ

يېشىمى مىلىيون دوللارلىق ئىككى تەڭلىمە — Navier-Stokes تەڭلىمىسى ۋە Black-Scholes تەڭلىمىسى — فىزىكا ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان، ماتېماتىكىلىق تەڭلىملەر بولۇپ، تۆۋەندە بۇ تەڭلىمىلەرنىڭ فورمۇلاسى ۋە قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى بېرىلىدۇ:
🌊 Navier-Stokes تەڭلىمىسى (ئاقار جىسىملار فىزىكىسى)
Navier-Stokes تەڭلىمىسى سۇ، ھاۋا قاتارلىق سۇيۇق جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى سۈركىلىشى، بېسىمى ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
تەڭلىمە فورمۇلاسى:
∇⋅u=0
ρ(∂u∂t+(u⋅∇)u)=−∇p+μ∇2u+f
Extra \left or missing \rightExtra \left or missing \right
rho: ئاقار جىسىمنىڭ زىچلىقى
u: ئاقار جىسىمنىڭ تېزلىك ۋېكتورى
p: بېسىم
μ: ۋىسكوزلۇق (سۈركىلىش)
f: تاشقى كۈچ ۋېكتورى
💰 Black-Scholes تەڭلىمىسى (ئىقتىساد ۋە مالىيە)
Black-Scholes تەڭلىمىسى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ماېتماتىكىلىق مودېللاشتۇرىدۇ. بۇ تەڭلىمە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى قالايمىقان ھەرىكەتنى (Brownian Motion) قوللىنىدۇ.
تەڭلىمە فورمۇلاسى:
∂V∂t+12σ2S2∂2V∂S2+rS∂V∂S−rV=0
V: پايچەك ۋە تاللاش باھاسى
S: ئاساسىي قىممەت
σ: باھانى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆلچەملىك قىممىتى (volatility)
r: بازارنىڭ قىزىقتۇرۇش نىسبىتى
t: ۋاقىت
🔗 ئوخشاشلىقى
ھەر ئىككىسى قىسمىي دىفرېنسىيەل تەڭلىمە سېستىمىسى بولۇپ، ۋاقىتقا ۋە باشقا ئۆزگەرگۈچىلەرگە باغلىق
قالايمىقان ھەرىكەتنى قوشقاندا، ئىقتىساد ۋە فىزىكا ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
يېشىمى مىلىيون دوللارلىق ئىككى تەڭلىمە — Navier-Stokes تەڭلىمىسى ۋە Black-Scholes تەڭلىمىسى — فىزىكا ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان، ماتېماتىكىلىق تەڭلىملەر بولۇپ، تۆۋەندە بۇ تەڭلىمىلەرنىڭ فورمۇلاسى ۋە قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى بېرىلىدۇ:
🌊 Navier-Stokes تەڭلىمىسى (ئاقار جىسىملار فىزىكىسى)
Navier-Stokes تەڭلىمىسى سۇ، ھاۋا قاتارلىق سۇيۇق جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى سۈركىلىشى، بېسىمى ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
تەڭلىمە فورمۇلاسى:
: ئاقار جىسىمنىڭ زىچلىقى
: ئاقار جىسىمنىڭ تېزلىك ۋېكتورى
: بېسىم
: ۋىسكوزلۇق (سۈركىلىش)
: تاشقى كۈچ ۋېكتورى
💰 Black-Scholes تەڭلىمىسى (ئىقتىساد ۋە مالىيە)
Black-Scholes تەڭلىمىسى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ماېتماتىكىلىق مودېللاشتۇرىدۇ. بۇ تەڭلىمە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى قالايمىقان ھەرىكەتنى (Brownian Motion) قوللىنىدۇ.
تەڭلىمە فورمۇلاسى:
: پايچەك ۋە تاللاش باھاسى
: ئاساسىي قىممەت
: باھانى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆلچەملىك قىممىتى (volatility)
: بازارنىڭ قىزىقتۇرۇش نىسبىتى
: ۋاقىت
🔗 ئوخشاشلىقى
ھەر ئىككىسى قىسمىي دىفرېنسىيەل تەڭلىمە سېستىمىسى بولۇپ، ۋاقىتقا ۋە باشقا ئۆزگەرگۈچىلەرگە باغلىق
قالايمىقان ھەرىكەتنى قوشقاندا، ئىقتىساد ۋە فىزىكا ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
admin
General
ئەسما ئىلھام
215 كۈن بۇرۇن
«ۋەتەن» دىگەن نىمە ؟ «ۋەتەن» چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بولۇپ كەلدى . ئۇ كىيىنچە ھۆكۈمرانلىق سەلتىنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرى دەخلىسىز بولغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرخىل خەلقلەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق رىشتە سۈپىتىدە تەكىتلەندى . شۇنداق بولۇشىغا قارىماي پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى شۇ نەرسىنى ئېتىراپ قىلىدۇكى، «ۋەتەن» ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتىنوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر . بىرىنچى، ھەربىر كىشىنىڭ ئوز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان – جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىدۇر . بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك، تارىخىي جۇغراپىيىلىك، رىئال – ئىجدىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بۇلۇپ، «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يورۇتىدۇ . ئىككىنچىدىن، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان، ۋارىسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيەت تىپى، ئىتىنىك روھىيەت غەزىنىسى _ تىل، فولىكلور، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئۆرپ- ئادەت، ئىقتىسادىي تۇرمۇش رىجىسى، مىللىي تارىخى، ئەقىدە – مىزانلىرى، پەخىر – ئىپتىخارى ۋە ئار – نۇمۇس ئادەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مىللىيەتلىك چەمبىرى بولۇپ، بۇ «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ مىللىيەتلىك چەمبىرىدە تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ .ھەربىر ئادەم مۇئەييەن «ۋەتەن» ۋە «مىللىيەتلىك» كە تەۋە بۇلۇپ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي خاراكتىرىگە يوشۇرۇن ئاڭ _ تۇغما جىسمانىي ۋە ھېسسىي تامغا باسقان بولىدۇ . ئۇنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئادەم بولالىشى ئومۇمەن ئۇ ياشىغان تارىخ مەزگىلىدىكى «ۋەتەن» ۋە «مىللىيەتلىك» قىمىتىگە باغلانغان .«ۋەتەن» خۇددى ئانا قېلىپتەك ئۆزپەرزەنتلىرىنى يارىتىدۇ: ئوخشاشلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئانا «ۋەتەن» نىڭ ھال – ئەھۋالى، قىممەت – ئىتىبارى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرىنى يارىتىدۇ . ھەركىم، ھەر ئائىلە ئۆز ھال - پەزىلەتلىرىگە يارىشا ياشىغىنىدەك، ھەربىر مىللەتمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئىچكى سەۋەپلىرى _ ئۆز تۈركىمىنىڭ ھال – پەزىلەتلىرىگە يارىشا تەقدىر قىسمەت كەچۈرىدۇ .«ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى تاشقى ماكان ۋە ئىچكى مىللىيەتلىكتىن ئىككى ئامىلدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىچكى مىللىيەتلىكتۇر . ئەگەر بۇ ئامىل تارقاق، نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان بولسا، تاشقى جۇغراپىيىلىك ماكان ئامىلى ئىستىلا ۋە دەپسەندە پەنجىسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە زىت ۋاستىگە ئايلىنىدۇ . روشەنكى، مىللىيەتلىك تىپىك خاسلىققا ۋە شۇ سەۋەپلىك باشقا مىللىيەتلىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشتىن ئۆزگە تەقدىرگە دۇچ كەلسىمۇ، ماكان ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرى ھەرقانداق ئىتىنىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماي ئۆزلەشتۈرىلىدىغان ئوبىكىتتۇر . «ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى ئامىلنىڭ بىر بىرىدىن ئاجرىلىپ كىتىشى بىر بىرىگە قارشى قىمەتكە ئىگە بۇلۇشى، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە يەرلىك مىللەتنىڭ ئىتىنىك مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن ئىبارەت غەيرىي نورماللىقنى جەزىملەشتۈرىدۇ . تەنتەنىلىك ئىبارىلەر بىلەن بىزەندۈرۈلگەن بۇ تارىخى يۈزلىنىشنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرمەسلىك ھەقىقەتتىن مەھرۇملۇقتۇر . بۇ پاجىئە ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ساتقۇنلۇقتۇر .«ۋەتەن» تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش، ئۆز ماھىيەتلىرىنى ئىزدەش، يۇرۇقلۇق ۋە ھەقىقەت ئىچىدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ . بۇ ئۇلۇغ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە «ۋەتەن» ۋە مىللەتنىڭ نۇرانە ئىقبالىدىن غايەت زور مۇمكىنلىكلەرنى يوققا چىقارمايدۇ . روشەنكى، ھەرىكەت ئالەمنىڭ تىنىقى، ئۆزگىرىش جاھاننىڭ بىقارار قىياپىتىدۇر . مۆجىزە _ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ چىكىگە يەتكەندىكى قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇر . تارىخ ھەرقانداق پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ھلاك قىلغۇچى سەۋەبلىكىنى ئەزەلدىن نامايىش قىلىپ كەلگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن بىراخمان دىنىدىكىلەر كۆپ قوللۇق سىۋا ئىلاھىنى ھەم ئالەم بىنە قىلغۇچى ھەم ئالەمنى ھالاك قىلغۇچى مۇئەككەل دەپ ئىتقاد قىلغان ئىدى .ھەرقانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى، ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە . بۇ تۇلىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھۇقۇق قارىشىدۇر . ھەرقانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھۇقۇقنى بوغماق، ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زىمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم ئالامىتى بۇلۇپ، ئۇمۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە زىت زوراۋانلىقتۇر . مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر – بىرىگە قارشى قۇيۇش بىلەن مىلەتلەرنى، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى، بۇلاردىن تەبىئىي يۇسۇندا كىلىپ چىقىدىغان ھۇقۇقى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم . بۇ قائىدىلەر ئۇچۇق – يۇرۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان جايدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر سۈنئىي ياساندۇرۇلغان ساختىلىقتىن ۋە بۇ ساختىلىقنىڭ ئۆز – ئۆزىنىئاشكارلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . خەلىقلەر ئارىسىغا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ مەلۇم يەنە بىر قىسمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىدىيە، روھىيەت ۋە دىپلۇماتىك سىياسەت قىلىۋېلىش ئاتالمىش «يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇقۇم قىلىش تاكتىكىسى» دۇر . بۇنداق قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ جاھالەت دەۋرىگە خاس بۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان جاھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .تارىخ تۇلىمۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى . ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن . ئىنسانىيەت تېخى ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسانىيەتكە ئايلىنىپ بۇلالمىغان بولسىمۇ، بۇ جەريان ئۇچقۇر ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي يۈز بەرمەكتە . ئاقىلانە ئىنساننىڭ بۇرچى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدىكى ھازىرقى تارىخنى تېخمۇ ئىنسانىيلىككە، ئۇنىڭ ئەركى ۋە كىشىلىك قىمىتىگە لايىق قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت . كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسى ۋە مەدىيىسى خۇددى قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈم لەۋھەلىرىدەك ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان ھۆكۈمدۇر . ھەرقانداق ھاكىمنىڭ سەلتەنەت تەختى – تاجى، ھەرقانداق پېقىر مەھكۇمنىڭ گادايلىق ھاسا – تاۋىقى، ھەر قانداق مەدىھىيات ياكى ھاقارەت سالنەمىلىرى بۇ ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان يەكۈننىڭ ھەقىقەت نۇرى ۋە مۇقەددەس كۈچى ئالدىدا ئاجىزدۇر .

(بىر مۇھاجىرنىڭ چەت ئەلگە بارغان ئىلىم -پەن خادىملىرىغا ئېيتقانلىرى )قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،تۇزىمىسۇن يۇرتتىن كەلگەن توزانلار .ئۇنى سۈرەي كۆزلىرىمگە،سۈيەيمەن ،مەن تېنىگەن ،يول ئاداشقان قوزاڭلار...قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،قونسۇن ئۇلار ئۈستۈمگە ،ياق قەلبىمگە .ئانا يەرنىڭ زەررىسىدۇر ئۇ توزان،نۇر بولغۇچى ،مەن ئايرىلغان بەختىمگە َ!قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،پۇراپ ئالاي باغلىرىمنىڭ ھىدىنى .ئىپار چېچەك ،ئىپار غۇنچە،ئىپار گۈل ،يۇيسۇن دىلدىن ھىجرانلارنىڭ دېغىنى .قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،ئۇ زەررىلەر تەۋەرۈكتۇر ،مۇقەددەس.مەن كۈرىمەن تەڭرى تاغنى ئۇنىڭدىن ،كۈمۈش چاچلىق ،مەغرۇر،ئۇلۇغ ،زەبەردەس .قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،مەن ئۇنىڭدىن شاھ مۇقاملار ئاڭلايمەن.شاۋقۇن سالار دەريالىرىم زەر قىرغاق ،خىيالىمدا دەريالارغا قارايمەن .قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،ئۇ ۋەتەننىڭ تۇپرىقىدۇر تۇتىيا .ئىز تاشلىدى پىشانەمگە جۇدالىق ،يارا سالدى يۈرەگىمگە ھەر گىياھ .ئىنسان پەقەت ئۈچ نانغىلا تۇياركەن ،تۇياركەنۇ نان غېمىنى قۇياركەن .غاپىللىقتىن ئۆچسە ئەقىل شاملىرى ،ئۆز كۈزىنى ئۈزى جەزمەن ئۇياركەن .(بۇلبۇل دەركەن تىكەنلەرنى ۋەتىنى،ئالتۇن قەپەس ھەيۋىتىنى ئاچسىمۇ )شۇ بىر قۇشچە بۇلالمىدىم ۋاي ئىسىت ،ئازغۇ مىنى تاغلار كېلىپ باسسىمۇ .قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،قىيالمايمەن ئۇنى ھەرگىز قېقىشقا ...بىر زەررىگە تەسەددوقتۇر مىڭ ھايات ،ئۇ زەررىلەر سەرخىل شولا چېچىشتا...قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى ،ئۈستۈڭدىكى چاڭ توزانغا تەشنامەن .چۆلدە قالغان يۈگۈرگەندەك ئالۋۇنغا ،بىر ھالەتكە مەھكۇم بولدۇم،ئەسرامەن .1981.يىل ئىيول .بېيجىڭ .

ئۇزۇن ۋە سۆلەتلىك گەپ قىلىشقا ماغدۇرۇم يوق، ئۇزۇن گەپكە نۇرغۇن ئىنساننىڭ تاقىتىمۇ يوق... شۇڭا ئاجىزانە ھالدا تاقا-تۇقا خىياللىرىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى..ۋەتەننىڭ تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر ئېنىقلىمىسى مەنچە تۆۋەندىكىدەك:ئۇيغۇر ۋەتىنى= ئۇيغۇر*( پىداكارلىق + بىرلىك ئەقىل+ پاراسەت + بىلىم - مەنمەنچىلىك - تەپرىقچىلىق - تۆھپە تالىشىش- مەجلىسۋازلىق- شۆھرەتپەرەسلىك- خائىنلىق- جاھالەت- خۇراپاتلىق) + پۇرسەت...ئۇيغۇر = ساپ ئۇيغۇر قېنى + ساپ ئۇيغۇر تىلى+ ساپ ئۇيغۇر تارىخى + ساپ ئۇيغۇر كۈلتۈرى+ ساپ ئىسلام دىنى--------ئەمدى ئويلاپ باقساق- قانچىمىز ئۇيغۇر بولالايمىز؟- قانچىمىز ئەۋلادىمىزنى ئۇيغۇر قىلالايمىز!؟- ۋەتەن ئۆزلىكىدىن نېسىپ بولامدۇ؟- ۋەتەننى باشقىلار بەخىش ئىتەمدۇ؟- قاچانغىچە چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، دېمىسىمۇ سانىمىز بەك ئاز ئۇيغۇرلار كۈچىمىز ۋە ئەقلىمىزنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا تەپرىقچىلىققا چۆكۈپ كېتىمىز؟..سوئاللار ئىنتايىن كۆپ.. خالىغانلار ئويلاپ باقسۇن، خالىغانلار جاۋاپ بەرسۇن.لېكىن ھېچنىمە بولمىسىمۇ ئىچىمىزدە شۇنداق سادا بولسۇن: مېنىڭ بۇرچۇم بار، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ھېچكىم كۆرمىسىمۇ، ھېچكىم مۇئەييەنلەشتۈرمىسىمۇ، ھەتتا قارشى چىقسىمۇ قىلغانلىرىم ۋىجدانىمنى ۋە ئىمانىمنى راھەتلەندۈرىدۇ. بۇ مېنىڭ ئىمتىھانىم، بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم، ھۆر ۋەتەننىڭ دىدارىنى مەن كۆرەلمىسەم بالام، بالام كۆرەلمىسە نەۋرەم كۆرىشى كېرەك! مېنىڭ ياكى بالامنىڭ شەخسى ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرغا پايدىسىز بولسا نۆلگە ھېساپ!

ياخشىلىقلارنى،تاغدەك دۆۋلىۋەت.بىرىنىڭ كەينىدىن،يەنە بىر نۆۋەت...دۇنيا ياخشى كىشىلەرنىڭ بولغانلىقى بىلەن گۈزەل! ياخشىلار قانچە كۆپ بولسا دۇنيا شۇنچە ئادىل، شۇنچە ھوزۇرغا تولغان بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە رىئال دۇنيا ئىنسانلار يارالغاندىن بۇيان، تاكى قىيامەتكىچە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىدىكى مۇئازىنەت، ياخشىلار بىلەن يامانلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۆرەش ئۈستىگە قۇرۇلغان.ياخشىلىقنى تاللىغان ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى پەقەت ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياخشىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بۇ جەرياندىكى كەلگەن توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى جاسارەت بىلەن، ئۈمۈد بىلەن يېڭىش، كۆرەش قىلىش. دىندا كەڭ مەنىدىكى جىھات مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت...خۇددى بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇپ لازىم بولغاندا ئىشلەتكەندەك، قىلغان (مەيلى ئۇ چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن) ھەر بىر ياخشىلىق بىر ئامانەت، ئۈزلۈكسىز يىغىلغان بايلىقتىن ئىبارەت.بەزىدە قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى بىر ياراتقۇچىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، ھەتتا بەزىدە «ياخشىلىققا يامانلىق» كۆرۈشۈڭىزمۇ مۇمكىن... بۇ خىل ئەھۋال كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلغاندەك تۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە سىزگە ئامانەت سۈپىتىدە ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى مۇشۇ خىل ياخشىلىق!ئۈچ كىشى غارغا سولىنىپ قالىدۇ. بۇلار ھەر قانچە قىلىپ غارنىڭ ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغان تاشنى مىدىرلىتالمايدۇ...ئارىسىدىن بىرى شۇنداق دەيدۇ:« ھەممىمىز ئەڭ ياخشى ئەمىلىمىزنى شېپى كەلتۈرۈپ ئاللاھغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى.»شۇنداق قىلىپ بۇلاردىن بىرى بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش پۇرسىتى بولسىمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ يانغانلىقىنى، يەنە بىرى ئامانەتكە خىيانەت قىلماستىن ئۇنى ئېگىسىگە تاپشۇرغانلىقىنى، ئاخىرقى بىرى ئاتا-ئانىسىغا قىلغان مىھرىبانلىقىن شېپى كەلتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. دەرۋەقە قورام تاش مىدىراپ غاردىن قۇتۇلىدۇ. ( بۇ رىۋايەتنىڭ تەپسىلاتىنى «سەھىھۇل بۇخارى» دىن كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ)دېمەك، ئەڭ سەمىمىي ھالدا قىلغان بىر ياخشىلىقىمىز مۇشۇ دۇنيادىمۇ بىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ.ياخشىلىق فىتىرىتى ساغلام ( شەيتانلىشىپ كەتمىگەن) ئىنسانلارغا ھوزۇر بېغىشلىسا، يامانلىق ئۇلارنى بىئارام قىلىدۇ.دىلى قېتىپ كەتكەن، شەيتانلىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئۈچۈن بولسا ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. ئادەملەرگە، جانلىقلارغا ياكى ئەتىراپىدا زىيانكەشلىك قىلىشتىن، زۇلۇم قىلىشتىن، بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن «خوشاللىق» تاپىدىغان، مەخلۇققا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئىنسانلار ئەپسۇسكى دۇنيادىكى زۇلۇم، ھەقسىزلىق ۋە جەڭگى-جىدەللەرنىڭ سەۋەپچىسى سۈپىتىدە ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت..ياراتقۇچىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ قىلغان ھەر بىر ياخشىلىق بىر ئىبادەتتىن ئىبارەت. ئىبادەت بولۇپلا قالماي، خوشاللىق بېغىشلاپ روھى ساغلاملىق ئاتا قىلىدىغان بايلىقتىن ئىبارەت! نېمە ئۈچۈن دىنغا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئانچە ئىشەنمەيدىغان ئىنسانلارمۇ ياخشىلىقنى تاللايدۇ، مەسىلەن، پۇل ئىئانە قىلىدۇ؟ چۈنكى ياخشىلىق ئۇلارغا خوشاللىق بېغىشلايدۇ، كۆڭلىگە تەسەللىي، ھاياتتا قانائەت تۇيغۇسى بېرىدۇ.ھاياتتىكى نىشان كۈچلۈك بولۇشلا بولماسلىقى، ئاۋال ياخشى بولۇپ ئاندىن كۈچلۈك بولۇش لازىم. كۈچلۈك ياخشى ئىنسانلار قانچە كۆپ بولغان بولسا ھازىرقى دۇنيارىمىزمۇ شۇنچە ياخشى بولغان بولاتتى.ئۇيغۇرلارغا تەدبىقلىساق، كۈچلۈك ۋە ئېسىل ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىزنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇت بولۇشىمىز ۋە مۇستەقىل دۆلەت ساھىبى بولالىشىمىزنىڭ يېتەرلىك شەرتى.نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتقاندا كۈچلۈك بولۇشىنى كۆزلەيدۇ، ياخشى بولۇشىغا، ئۇيغۇر بولۇشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ھەتتا «ياخشىنىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەن ئىدىيە بىلەن تەربىيەلىشى مۇمكىن ( ئائىلىدە بالا تەربىيەلەش دېگەن ئۇقۇم قانچىلىك توغرا، بۇ بىر سوئال بەلگىسى...)ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە ۋاقتىدا ۋەتەن سىىرتىدا توسالغۇسىز ۋە ئىمكانىيەت ساھىبى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتىنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلىشى لازىم. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېگەن گەپ ياخشى ئىنسان، ياخشى مۇسۇلمان، ئۆز ئەنئەنىسىگە سادىق، ئۆز تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، تارىخىنى بىلىدىغان ئادەم دېگەنلىك.ئۇيغۇر = ساپ ئۇيغۇر قېنى+ ساپ ئۇيغۇر تىلى + ساپ ئۇيغۇر كۈلتۈرى+ ساپ ئۇيغۇر ئەخلاقى (ساپ ئىسلام دىنى)بىز سەرخىللار مائارىپى ئاتا-ئانىلارغا ياردەملىشىپ مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنى غايە قىلىمىزشۇڭا باللىرىڭلارنى ئىككىلەنمەي بېرىڭلار، ھەر جەھەتتىن قوللاڭلار!

290 كۈن بۇرۇن
تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ۋە تەپەككۇر قۇرالى. ئىنسانلار ئۆز-ئارا ھەرخىل تىللار ئارقىلىق ئالاقە قىلغانغا ئوخشاش كومپيۇتېر بىلەن كومپيۇتېر، كومپيۇتېر بىلەن روبوت ۋە بۇلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە قۇرىدىغان ۋاسىتىلەرنى كومپيۇتېر پىروگرامما تىلى دەيمىز. ئىنسانلار ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلەشكەنگە ئوخشاش ھەرخىل پىروگرامما تىللىرى بولىدۇ. بۇ تىللار ئىچىدە پايسون پىروگرامما تىلى كۈچلۈكلىكى، ئاممىۋېلىقى، ئىنسان تىلىغا ئەڭ يېقىنلىقى، بولۇپمۇ ھازىرقى سۈنئىي ئەقىل ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلىمىنىڭ پايسون پىروگرامما تىلىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى بىلەن ئەڭ ئالدىغا چىقىدۇ.پىروگرامما تىللىرى كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدىكى بارچە ھەرىپ، سان ۋە بەلگىلەرنى پىروگرامما تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسى ئىلىمىنتلىرى قىلىدۇ. ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس گىرامماتىكا ۋە ئىملا قائىدىسى بولغانغا ئوخشاش ھەر پىروگرامما تىلىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان گىرامماتىكا ۋە ئىملا قائىدىسى بولىدۇ. ئىنسانلار تىلىدىن بىر مۇھىم پەرقى پىروگرامما تىللىرى گىرامماتىكا ۋە ئىملا قائىدىسىگە ئىنتايىن كەسكىن ئەمەل قىلىدۇ. چۈنكى پىروگرامما تىللىرى گىرامماتىكا ۋە ئىملا قائىدىسى خاتا بولغان چاغدا ئىشلىمەي، خاتالىق بېرىدۇ..پىروگرامما تىلى بەلگىلىك ئالگورىزما بىلەن ئىشلەيدۇ. ئالگورىزما ئىنسانلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشتىكى تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ كومپيۇتېرغا يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئالگوزىمىنىڭ ياخشى بولۇشى كومپيۇتېر پىروگرامما تىلى بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا پىروگرامما ئالگورىزما بىر ئىشنى قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە رىتسىپىدىن ئىبارەت.ھەر قانداق پىروگرامما تىلىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ ئامىل بولىدۇ:بىرىچى، شەرت. ( if, else, case ... ) قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئاساس قىلىدۇ. سېلىشتۇرۇش، سەۋەب-نەتىجىلىك شەرت قۇرۇش ... قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. شەرت ھەرقانداق بىر پىروگرامما تىلىدا چوقۇم بولىدۇ.ئىككىنچى، تەكرارلىق. ( for, while, do while) قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئوخشاش بىر ئىشنى تەكرار-تەكرار قىلىدىغان يەرلەردە ئىشلىتىمىز. تەكرارلاش ئەندىزىلىرىمۇ ھەرقانداق بىر پىروگرامما تىلىدا چوقۇم بولىدۇ.ئۈچىنچى، فونكىسسىيە. مەخسۇس مەلۇم ئىشنى قىلىش ئۈچۈن يېزىلغان تۆۋىنى بىر قانچە قۇردىن مىڭلارچە، ئونمىڭلارچە قۇر پىروگرامما تىلى بىلەن يېزىلغان كود پارچىسى، بىر لايىھە ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن ئىبارەت. فۇنكىسسىيە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىر نەرسىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى، قىلىدىغان ئىشى دېگەن مەنىدە. مەسىلەن، قولنىڭ فۇنكىسسىيەسى تۇتۇش، يېزىش، مېڭىنىڭ فۇنكىسسىيەسى تەپەككۇر قىكىش، ماشىنىلاردا رولنىڭ فۇنكىسسىيەسى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش، تورمۇزنىڭ فۇنكىسسىيەسى ماشىنىنى توختۇتۇش دېگەندەك...فونكىسسە يۇقىرى سەۋىيەلىك پىروگرامما تىللىرىنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ. ئەڭ ئاددىي تۆۋەن سەۋىيەلىك پىروگرامما تىللىرىدا بولمايدۇ.تۆتىنچىسى، سىنىپ ۋە ئوبىكت. سىنىپ ۋە ئوبىكت چۈشەنچىسى نەرسىلەرنى خۇسۇسىيەتلىرى ۋە فۇنكىسسىيەلىرىگە قارىتا تۈرلەرگە ئايرىپ، فونكىسسىيەلەر ۋە خاسلاشتۇرۇلغان سان تىپلىرىدىن تۈزۈلگەن سىستېمىلىق بىر قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. بۇ ھەممە پىروگرامما تىللىرىدا بولمايدۇ، python، Java ۋە ++C غا ئوخشاش يۇقىرى سەۋىيەلىك پىروگرامما تىللىرى بۇنى ئىشلىتىدۇ. بۇنى ئىشلەتكەن پىروگرامما تىلىنى ئوبىكتقا (نەرسىلەرگە) قارىتا پىروگراممىلاش دەپ ئاتايمىز. بىز بۇ مەۋسۇم ئالدىنقى ئۈچىنى ئۆگىنىپ چىقتۇق ۋە ئاخىرىدا بۇلارنى مەشىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە قىزىقارلىق ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولغان پايسون پىروگرامما تىلىنىڭ بىر كۈتۈپخانىسى بولغان تىرتىل ( تاشپاقا دېگەن مەنىدە) نى ئۆگەندۇق. تىرتىل ئېكران يۈزىگە گىرافىك ۋە ھەرخىل شەكىللەرنى سىزدۇرىدىغان بىر پىروگرامما بولۇپ، تاشپاقا دەپ ئىسىم قويۇشتىكى سەۋەپ، تاشپاقا قۇملۇق يەردە سۆرۈلۈپ ماڭغاندا ماڭغان يولىدا ئىز قالدۇرىدۇ. مۇشۇ ئىزلار ئارقىلىق ھەرخىل شەكىللەرنى سىزدۇرالايمىز. تىرتىل شەرت، تەكرارلىق، فونكىسسىيە، ھەتتا سىنىپلارنى ئۆگىنىشىمىز ۋە قىزىقارلىق يوللار بىلەن تەكرار قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر قۇرال. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ پايسون پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشى،بچۈشىنىشى ۋە مەشىق قىلىشى ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ۋاسىتە..بىز بۇ مەۋسۇملۇم دەرسىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى پايسون تىرتىل بىلەن سىىزدۇرۇپ چىقتۇق. تىرتىل بىلەن پىروگرامما تۈزۈشنىڭ قېلىپى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك:بىرىنچى، ئېكران رەڭگى، قەلەم رەڭگى، توملۇقى، تېزلىكى، تىرتىل بەلگىسىنىڭ كۆرۈنۈش، كۆربنمەسلىكى قاتارلىقلارنى تەڭشىۋالىمىز.ئىككىنچى، تۈگەنچ فونكىسسىيەسى قويىمىز.ئۈچىنچى، تەڭشەك بىلەن تۈگەنچنىڭ ئوتتۇرىسىغا شەرت، تەكرارلىق، فونكىسسىيەلەردىن تەركىپ تاپقان بىر قانچە قۇردىن يۈزلەرچە قۇر كودىتىن تەركىپ تاپقان پايسون پىروگرامما تىلىنى يازىمىز.
تۆۋەندە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى سىزدۇرۇش ئورنىكى بېرىلدى:
import turtle# --------------------------------------------# Renk ve Ekran Ayarlarıekran_rengi = "#65B7FF"kalem_rengi = "#FFFFFF"ekran = turtle.Screen()ekran.bgcolor(ekran_rengi)# --------------------------------------------# Kalem Ayarlarıt = turtle.Turtle()t.hideturtle()t.speed(5)t.pensize(1)# --------------------------------------------# Çember (Ay) Çizme Fonksiyonudef cember_ciz(yaricap, renk, x, y): t.penup() t.goto(x, y - yaricap) # Çemberin merkezine göre ayarla t.pendown() t.color(renk) t.begin_fill() t.circle(yaricap) t.end_fill()# --------------------------------------------# Yıldız Çizme Fonksiyonudef yildiz_ciz(renk, boyut, x, y, aci=0): t.penup() t.goto(x, y) t.setheading(aci) t.forward(boyut / 2.5) t.setheading(0) t.pendown() t.color(renk) t.begin_fill() for _ in range(5): t.forward(boyut) t.right(144) t.end_fill()# --------------------------------------------# Ay-Yıldız Çizim Fonksiyonudef ay_yildiz_ciz(): # Ay için iki çember cember_ciz(100, kalem_rengi, 0, 0) # Büyük dış ay cember_ciz(80, ekran_rengi, 30, 0) # İç kısmı temizle (hilal efekti) yildiz_ciz(kalem_rengi, 80, 100, -20, 45) # 45 derece döndürülmüş yıldız# --------------------------------------------# Çizimi Başlatay_yildiz_ciz()turtle.done()

303 كۈن بۇرۇن
ھەر ئىككىسى شەرەپلىك كەسىپ. بىرى ئىنسانلارنىڭ روھىنى داۋالايدۇ، يەنە بىرى ئىنسانلارنىڭ بەدىنىنى داۋالايدۇ. بۇ يەردىكى روھ دەل بىز دەۋاتقان ئىنسان پىسخىكىسىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئىنساننىڭ خاراكتىرى، تۇرىشى، قىممەت قارىشى، قىلىقى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىقلاردىكى ساپانى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى داۋالاش سۆزى ئىنساننىڭ بىلمەسىكتىن ياكى بىلىپ تۇرۇپ نەپسى ئاجىزلىقىدىن قىلىنىدىغان خاتالارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا پەيغەمبەرلەر بىر مۇئەللىم.ئوقۇتقۇچىنى شۇڭا، ئاددىي مەنىدىكى خەت ئوقۇشنى، يېزىشنى ئۆگىتىدىغان كىشى دەپ قاراش ئوقۇتقۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە رولىنى زىيادە تارايتىۋەتكەنلىكتۇر. ئوقۇتقۇچى توغرا بولغاننى ئۆگەتكۈچى، خاتا بولغاننى تۈزىتىپ بەرگۈچى. بۇ يالغۇز خەت، بىلىم، ئۇچۇر، ئۇقۇملارنى كۆرسەتمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى كەم تەرەپلەرنى تولۇقلاپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ماڭغۇچىدىن ئىبارەت. بۇ مەنىدىن، ئوقۇتقۇچى گويا باغۋەنگە ئوخشايدۇ. بىر تال ئالما كۆچىتىنى ئىھتىيات بىلەن سۇغۇرۇپ، ئوغۇتلاپ، پۇتاپ يوغان-يوغان شىرىن مىۋە بەرگۈچە تەر تۆكىدۇ، شۇ كۆچەتنىڭ چۆرىسىدە...بىلگەن نەرسىلىرىنى، ئۇچۇر ۋە ئۇقۇملارنى ئوقۇغۇچىلارغا دەپ بېرىش دەل مەنىدىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىق ھېساپلانمايدۇ. قايسى مەزمۇننى قانداق دەپ بېرىش، قايسى تەرىزدە دەپ بېرىش، قانچىلىق دەپ بېرىىش ئىنتايىن مۇھىم! خۇددى بىر دوختۇر كىسەلگە رىتسىپ يازغاندا كىسەلنى ساقايدىغان دورىلارنى ۋە دورىلارنىڭ مىقتارىنى ئېنىق قىلىپ يېزىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە مىقتار ئىنتايىن مۇھىم، ئوخشاش كىسەلگە كىچىك بالىلارنىڭ ئىچىدىغان دورىلىرى بار، چوڭلارنى ئىچىدىغان دورىلىرى بار، ئوخشاش دورىدىمۇ كىچىك بالىلار ئازىراق، چوڭلار كۆپىرەك ئىچىدۇ...شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نېمىگە ئىھتىياجى بارلىقىنى داۋاملىق كۆزىتىپ ۋە بايقاپ، شۇنىڭغا قارىتا دەرس پىلانى ھازىرلايدۇ. ئوخشاش مەزمۇننى ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارغا قانداق پەرىلىق چۈشەندۈرۈشنى پىلانلايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش-قورامى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ جانلىق ھالدا پىلان ۋە سىتىراتىگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ

311 كۈن بۇرۇن
1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى...دە، دېمەك، يە يېمەك...2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە، قەھۋەسى، تەۋە، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى... دېگەندەك.قىسقا سوزۇق ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن، بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن، بالا (بالا-قازا) بالاسى...دېگەندەك.3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى). يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد، ئىقتىسادىي، خىيال، خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، ... دېگەندەك. سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى...4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛ ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛ كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم... (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب... دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق...دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ).5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن، بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياك مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە، قەھۋەسى، تەۋە، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى... دېگەندەك.قىسقا سوزۇق ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن، بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن، بالا (بالا-قازا) بالاسى...دېگەندەك.

ئايرىلمىغىل
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر ،قايرىلمىغىل.
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقم،اي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سكزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىر ۋەيا يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.
تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويلا، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نېچۈك بولغاي كىيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.
سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار ئالماي قېلىپ،
ئۇشبى ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.
1929-يىل

📚 دۇنيادىكى ئېچىۋىتىلگەن ئېلىكتىرونلۇق كۇتۇپخانىلار تىزىملىكى
1. دۇنيا ئېلىكتىرونلۇق كۇتۇپخانىسى (World Digital Library)
مەزمۇنى: ھەرخىل نۇسخىلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھىم ماتېرياللارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تەمىنلەيدۇ.
ئادرېسى: http://www.wdl.org/zh/
2. ERIC مائارىپ مەنبەسى
مەزمۇنى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مائارىپ ئۇچۇرلىرى مەنبەسى.
ئادرېسى: http://www.eric.ed.gov/
3. Blackwell ئېلىكتىرونلۇق ژۇرنال مەنبەسى
مەزمۇنى: 10 پەنگە چېتىشىدىغان، 800 خىل ژۇرنال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئادرېسى: http://www.blackwell-synergy.com/ (يېڭى ئادرېسى Wiley Online Library غا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن)
4. كانادا ئۇنۋان ماقالىلىرى ئامبىرى
مەزمۇنى: كانادادىكى 1300 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇنۋان ماقاللىرىنى توپلىغان.
ئادرېسى: http://www.collectionscanada.gc.ca/thesescanada/index-e.html
5. ئاۋىستىرالىيە ئاكادېمىك ماقالىلىرى ئامبىرى
مەزمۇنى: ئاۋىستىرالىيەدىكى 140 دىن ئارتۇق مەكتەپ 155,400 دىن ئارتۇق ئۇنۋان ماقالىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئادرېسى: http://adt.caul.edu.au
6. شىمالىي كارولىنا ئۇنۋېرسىتىتى ماقالە ئامبىرى
مەزمۇنى: 3937 پارچە خىمىيە، فىزىكا، ئېلېكتىرونىكا، يادرو، مېخانىكا، ماتېريال، يېمەكلىك، ئورمانچىلىق، تۇپراق ئىلىملىرىگە دائىر باكلاۋۇرلۇق ۋە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىلىرى.
ئادرېسى: http://www.lib.ncsu.edu/ETD-db/ETD-search/search
7. پىنسىلىۋانىيە ئۇنۋېرسىتىتى ماتېريال ئامبىرى
ئادرېسى: http://etda.libraries.psu.edu/ETD-db/ETD-search/search
8. ۋوسىت سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتى ماتېريال ئامبىرى
ئادرېسى: http://www.wpi.edu/Pubs/ETD/
9. ئوخائىئو ئۇنۋېرسىتىتى ماقالە ئامبىرى
ئادرېسى: http://www.ohiolink.edu/etd/search.cgi
10. مىشىگىن ئۇنۋېرسىتىتى ماقالە ئامبىرى
مەزمۇنى: 2000 ھەر ساھەگە دائىر تەتقىقات، ماقالە ۋە دوكلاتلار.
ئادرېسى: https://deepblue.lib.umich.edu/
11. ئوچۇق مەنبەلىك كۇتۇپخانا (OALib)
مەزمۇنى: 4 مېليوندىن ئارتۇق ھەر ساھەگە دائىر ئىلمىي ماقالە.
ئادرېسى: http://www.oalib.com/
12. Bioline International
مەزمۇنى: تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر نەشىر قىلغان نادىر ژۇرناللار.
ئادرېسى: http://www.bioline.org.br
13. HINARI
مەزمۇنى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇرغان، 3280 دىن ئارتۇق سەھىيە ۋە داۋالاشقا ئائىت ژۇرنال.
ئادرېسى: http://www.who.int/hinari/en/
14. HighWire (Stanford University)
مەزمۇنى: سىتەنفۇرد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ نەشىرياتى، 1176 خىل ژۇرنال، 2,400,000 دىن ئارتۇق ماقالە تەمىنلەنگەن.
ئادرېسى: http://highwire.stanford.edu/lists/freeart.dtl
15. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاكادېمىيىسى نەشىرياتى
مەزمۇنى: Nature ۋە Science دىن قالسا دۇنيادا 3-ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە نەشىريات.
ئادرېسى: http://www.pnas.org/
16. Socolar
مەزمۇنى: دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ھەقسىز ئىلىم ئامبىرى.
ئادرېسى: http://www.socolar.com/
17. كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىتى بىلىم ئامبىرى
مەزمۇنى: كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئالاقىدار ماقالە ۋە تەتقىقات يېڭىلىقلىرى.
ئادرېسى: http://www.dspace.cam.ac.uk/
18. CERN Document Server
مەزمۇنى: فىزىكا ۋە ئالاقىدار كەسىپكە ئالاقىدار 360,000 دىن ئارتۇق ھەقسىز پۈتۈن ماقالە.
ئادرېسى: http://cdsweb.cern.ch/
19. ArXiv
مەزمۇنى: كورنېل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە بىئولوگىيەگە دائىر ماقالە ئامبىرى.
ئادرېسى: http://www.arxiv.org
20. PMC (PubMed Central)
مەزمۇنى: ئامېرىكا مېدىتسىنا تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ماقالىلەر.
ئادرېسى: http://www.pubmedcentral.org/

ئاينۇر بىلگە
385 كۈن بۇرۇن
ۋەتەن ، سىنى قانداق سۆيىمىز ؟ئامۇ گېرمانىيىدە تۇرۇپ قالغىلى شۇنچە يىل بولدى ، ھەر قېتىم گېرمانلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ، گېتلىرنىڭ پارىڭىدا توختىغاندا ياكى گېرمانىيىنىڭ سىياسىتىگە باھا بەرمەكچى بولغىنىمدا سۆھبەتتىدىشىم ئۆزىنى ئەپقاچماسىتىن سەمىمىيلىك بىلەن ئەجدادلىرىنىڭ ، گېرمانىيىنىڭ تارىختىكى خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ،ئۇلار مۇنداق دەپ تۇرغان يەردە مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن .نەچچە ئون يىلدىن بۇيان گېرمانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن گەپنى تىلغا ئېلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ كەلدى ، ھەتتا ئاۋام پۇقرا دېگەن سۆزلەرنى بەكمۇ ئاز ئىشلەتتى ، ھازىر گېرمانىيىدە پەقەت بىر ماشىنا ماركىسىلا" ئاۋام "دېگەن سۆزنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ، نېمىشقا ؟چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلېر مۇشۇ سۆزدىن قاتتىق پايدىلىنىپ كەتكەن ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ، گېرمانلار بىر يەرگە يىغىلسا ۋەتەننى سۆيۈش توغرۇلۇق گەپلەر بەكمۇ ئاز بۇلۇنىدۇ ، 2009-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەندىلا گېرمانىيىنىڭ دۆلەت شېئىرى قايتىدىن مودا بولدى . ئۇنداقتا گېرمانلار ۋەتىنىنى سۆيمەمدۇ ؟ ياق ، ئۇلار ۋەتىنىنى سۆيىدۇ . ئەمما ئۇلار ۋەتەن سۆيگۈسىنى يۈزەكى ھادىسىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئادەتلەنمىگەن ، مەسىلەن سىز بىر گېرمانغا گېرمانىيە ، سىياسىي تۈزۈلمىسى ، ھۆكۈمىتى ، پۇقرالار تۇرمۇشى دېگەنلەرنى ناچار ئىكەن دېسىڭىز ئۇ ھەرگىز چاچراپ تۇرۇپ ياقىڭىزدىن ئالمايدۇ ، سىزگە گېرمانىيىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپمۇ ئولتۇرمايدۇ ، شۇ دېگەنلىرىڭىزگە ئەقلى يەتمەي ئازراق ھەيران قالىدۇ ، غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ . سىزنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ، سۇغۇرتا تۈزۈمى دېگەندەكلەرنى ئەيىبلەۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ ھەرگىز ۋەتىنىمنى ھاقارەتلىدى دەپ قارىمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ . بەزىدە سىز بىلەن تەڭ قوشۇلۇپ ھۆكۈمەتنىڭ غەيۋىتىنىمۇ قىلىدۇ تېخى . مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىسىز ، ئوقۇغۇچىلار مەن گېرمانىيىلىك ، گېرمانىيىنى سۆيىمەن دېگەن گەپلەرنى ئاساسەن دەپ يۈرمەيدۇ ، چوڭ يىغىلىشلاردا دۆلەت شېئىرى ئوقۇشقا توغرا كېلىپ قالسا ئىككى ئۈچ مىسرا غىڭشىپ قۇيىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ئۇ دېگەن گېرمانىيىلىك ، شۇڭا گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تەرتىپكە قاتناش قائىدىسىگە ۋە بارلىق قانۇن تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىش ، ۋەدىسىدە تۇرۇش ، ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىش ، ھەمكارلىققا ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ ، ئارىيان مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى ھەرقاچان ھەر زامان داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ . گېرمانىيىنىڭ ھەممە شەھىرىدە دېگۈدەك بىتخوۋىن ، شىلى ، نېيتى ، شۇپىنخاۋېرنىڭ ھەيكىلىنى ئۇچرىتالايسىز چۈنكى بۇلار گېرمانلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ ، بۇلار ئارىيان مىللىتىنىڭ پەخرى . گېرمانلارنىڭ باللىرى مەكتەپتە ئىنگلىز ، فرانسۇز ، لاتىن ،ئىسپان تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ بىراق ھەرقانداق بىر گېرمانىيىلىكنىڭ نەزىرىدە گېرمان تىلى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىل چۈنكى بۇ تىل ماركىس ، گىيوتى ، ئېينىشتېين ،شوپىنخاۋېر ، نېيتى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ئالىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ، شۇڭا ئۇلار گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ . يۇقىرى پاراۋانلىق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان گېرمانلار ھۆكۈمەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ بىراق گېرمانىيىگە زىيانلىق ئىشنىمۇ قەتئىي قىلمايدۇ ، ھۆكۈمەتتە ئارازلىق كۆرۈنۈپ بۆلۈنۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ دەرۋازىسىنى چېقىپ يۈرمەيدۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەت دېگەن بىر خىل مۇلازىمەت ئاپپاراتى . بىراق ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ، باج دېگەندەك مەنپەئەتىگە تېگىپ قويدىمۇ بولدى ، ئۇلار كوچىغا چىقىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، مانا شۇ چاغدا چېقىش باشلىنىدۇ . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاچچىق مەغلۇبىيىتىنى تېتىغان گېرمانلار ئۆزىنى كۈچلەندۈرسىلا ۋەتەننى كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم بۇنى قىلالىدى . شۇڭا ئەزەلدىن ئىدراكلىق ئاتىلىپ كەلگەن گېرمانلار ۋەتەننى سۆيۈشكە كەلگەندە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتتى ، مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش . مىللەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە قەيسەرلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى."ئالاھىدە نەزەر " ژۇرنىلىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار نەشرىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

396 كۈن بۇرۇن
«ئۇر توقماق» چۆچىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن
ئاينۇر بىلگە
ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تەرىپىدىن تۈزۈپ تەييارلانغان 5-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە «ئۇر توقماق»ناملىق ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىنى ئاڭلاش ۋە تەھلىل قىلىش مەشىقى بار ئىدى. سەرخىللار 9-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز دەل مۇشۇ ئۇر توقماقنى مۇنازىرە قىلىشتۇق. مۇنازىرىمىز ھەرگىزمۇ «بۇ چۆچەكنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى نېمە؟ قانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن، بۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كىرەك.... » دېەەندەك قېلىپ سوئاللار بولمىدى، بەلكى بالىلارنىڭ دادل تەپەككۇرى بىلەن بۇ بىچارە «ئۇر توقماق»نى تىتىۋەتتۇق.
ئاۋال مېنىڭ كىچىك باللىرىمنىڭ 6ئاي بۇرۇن «ئۇر توقماق» نى ئاڭلىغاندا سورىغان سوئاللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي.
- ۋاي بۇ قاغا قانداق قاغىلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ؟ پادىشاھ دېگەن ئاشۇنداق يالغۇز تالاغا چىقامدا؟ يېنىدا قوغدىغۇچىسى، ئەسكىرى يوقما؟
-تۈگمەنچىنىڭ ئېشىكى بىلەن بوۋاي مىنگەن ئىشەك ئوخشاش ئىشەكمىكەنتۇق؟
-بوۋاينىڭ كۆزى ئاجىزمۇ ياكى ياخشى كۆرەلمەمدۇ؟
- بوۋاي نېمىشقا پادىشاھنى توۋلاشتىن بۇرۇن سىناپ باقمايدۇ؟
- تۈگمەنچى نېمىشقا بوۋاينىڭ ئېشىكىنى ئېلىۋالىدۇ؟ ئاللاھتىن قورقمامدۇ؟
-تۈگمەنچى بىلەن بوۋاينىڭ داستىخىنى ئوخشاش داستىخانمىكەنتۇق؟
......
يۇقارقىسى باللىرىمنىڭ سوئاللىرى ۋە مېنى ئۆزۈمگە سوئال قويدۇرغان گەپلەر ئىدى؟ مەن ھازىرغىچە نېمىشقا بۇنداق سوئاللارنى قويۇپ باقمىدىم.
ئارىدىن 6 ئاي ئۆتۈپ 14-15 ياشلاردىكى قالتىس ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بۇ چۆچەكنى بىللە ئاڭلىدۇق. چۆچەك تۈگىگەندە ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ « ھە گەپ قىلىڭلار»دېگەن مەنىدە قاراپ كۈلۈپ قويدۇم. «نېمىنى ھېس قىلدىڭلار» دېگەن سوئالىمغا كەلگەن جاۋاپلار ۋە بالىلارنىڭ تەسىراتلىرى تۆۋەندىكىدەك بولدى.
- بۇ بوۋاي نېمانچە ئەخمەق ۋە گالۋاڭ - دېدى بىر ئوقۇغۇچۇم - تەكرار ، تەكرار ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزىۋىرەمدۇ؟ بىر قېتىم پادىشاھتىن تاياق يىگەندىكىن ئىككىنجى قېتىم ئېچىل داستىخاننى سىناپ باقمايلا نېمىشقا يەنە پادىشاھنى چاقىرىدۇ؟
- بۇ بوۋاي ئامانەتكە خىيانەت قىلدى. قاغا ئۇنىڭغا «كېچىدە بىر يەردە قونماي ئۇدۇل ئۆيۈڭگە كەت، بۇ سىرنى ھېچكىمگە دېمە» دەپ تۇرسا، يېرىم يولدا تۈگمەنچىدە قوندى ۋە « ساڭقاڭ دېمە» دەپ جىم تۇرغان تۈگمەنچىدە قىزىقىش پايدا قىلىپ قويدى. ئىنسان تەبىئىتى شۇنداق تۇرسا، قىلما دېگەننى قىپ باققۇسى كىلىدىغان. بۇ نۇقتىدىن بوۋاي تۈگمەنچىنىڭ يامان ئىش قىلىشىغا سەۋەب بولدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
- بۇ بوۋاي دەسلەپتە ئۆزىنى ناھايىتى ھۇشيار ھېس قىلىپ قاغىغا ئىشەنمەي كەتكەن، بىراق تۈگمەنچىنى تۇنجى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەندى ۋە گۇمان قىلمىدى. ئەجەبا «قاغا ھايۋان ئىشەنچىسىز، تۈگمەنچى ئادەم ئىشەنچلىك» دەپ قارىدىمۇ؟ بىر تەرەپلىمە قاراش بارمىتى يوقمىتى؟
- بوۋاي بەكلا كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق، مەنمەنچى بىر قېرىكەن. ۋاي جىم ئۆزى ئولتۇرۇپ يەپ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئەتراپتىكىلىرىگە بەرگۈسى بولسا بەرمەي نېمە پادىشاھقا كۆرسەتمەكچى بولۇشىدۇ؟
.....
ئەمدى سىلەردىن سوراپ باقسام. سىلەرمۇ بالىلىقىڭلاردا بۇ چۆچەكنى ئاڭلىغان؟ سىلەرچۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە تەكرار ئاڭلىغاندا نېمىلەرنى ھېس قىلىسىلەر؟ بۇ چەتئەلدە چوڭ بولۇۋاتقان باللىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا قانداق قارايسىلەر؟

399 كۈن بۇرۇن
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟ۋۇ يۆتيەنھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسىيىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور غولغۇلا قوزغىلىدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسىنىڭ ھەر يىلى 10- ئايدىكى مەلۇم بىر پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بىراق، قايسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، پەقەت كۈز پەسلىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. مۇخبىرلار تەرەپ- تەرەپتىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ خەۋەر تىڭتىڭلايدۇ، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كەينىدىن زېرىكمەي- تېرىكمەي سوكۇلداپلا يۈرىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئۇلار ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىلمۇ خىل پەرەزلەرنى قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققان چېغىدا ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئىشقىلىپ، ھەممەيلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تېپىشماقتەك بىر خىل سىرلىق تۈس ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەر پەقەت كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىنلا خەۋەر تاپالايدۇ، باھالاش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالى قەتئىي سىر تۇتۇلىدۇ.2007- يىلى فىرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇسنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىغا ئۇنىڭ ئارخىپىنى ئاشكارىلىغان. نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى، 58 ياشلىق خوراس ئېنگىداخىل مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە تۆت ھەيئەتنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. دۇنيادىكى جىمى يازغۇچىلار تونۇشۇۋېلىشنى ئويلايدىغان بۇ كىشى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى تولىمۇ ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.نوېبل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تەۋسىيە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. باھالاش كومىتېتى ھەر يىلى فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق بەزى ئاكادېمىيە ۋە جەمئىيەتلەرنى، شۇنداقلا ھەيئەتلەر، پىروفېسسورلار، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر، بولۇپمۇ بۇرۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى شۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات تەۋسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، تەۋسىيە قىلىنغان يازغۇچىلار ئادەتتە تەخمىنەن 300 دىن 400 گىچە بولىدۇ. تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتلەر ئەنە شۇ ئاساستا دەسلەپكى تاللاشنى باشلايدۇ. 4- ئايدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى جەمئىي 20 كىشىلىك نامزاتنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ. نامزات تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا قەتئىي ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇنداق بىر پىرىنسىپ بار: يەنى ھەر قانداق يازغۇچى ئۆزىنى تەۋسىيە قىلماسلىقى كېرەك. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ كېتىپ، بارلىق ئەسەرلىرىنى ئىمزا قويۇپ باھالىغۇچىلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. باھالىغۇچىلار بۇنداق يازغۇچىلارنى «ئۆز- ئۆزىنى قەتلى قىلىدىغان يازغۇچىلار» دەپ ئاتىشىدۇ، يەنى بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ باھالىنىش سالاھىيتىمۇ بولمايدۇ.5- ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىندا تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى پەقەت بەشلا كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر نۇسخا «قىسقا تىزىملىك» نى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنىڭ ئارىسىدىن بەش كىشىنى تاللاپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ھەيئەتلەرنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغان مۇتەخەسسسىلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئىندىئان تىللىق ۋە ئەرەب تىللىق مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا كەمچىل بولغاچقا، بەزى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تەرجىمە نۇسخىسىمۇ بولمىسا، باھالاش كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى مۇتلەق ساقلىغان ئاساستا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 1996- يىلى ئۇلار سىلاۋىيان تىللىق بىر كىشىنى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىگە تەكلىپ قىلىپ، پولشالىق شائىرە ۋىسلاۋا سىمبورىسكانىڭ شېئىرلىرىنى خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلدۇرغان. شۇ يىلى دەل مۇشۇ شائىرە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.يېزىقسىز بەلگىلىمىدە پەقەت بەش كىشىلىك تىزىملىك بېكىتىلىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. 1938- يىلى پېئارل باك تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە بەزى تالاش- تارتىشلار كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇشۇ «قىسقا تىزىملىك» تە ئىسىمى كۆرۈلگەن يازغۇچىلارلا تاللىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. بۇ تىزىملىك بېكىتىلگەندىن كېيىن باشقا باھالاش ھەيئەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 10- ئايدىكى بىلەت تاشلىنىشتىن بۇرۇن ھەيئەتلەر نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشى شەرت. خوراس ئېنگىداخىل ھەيئەتلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى يىلى فونتېيىنبلۇ (پارىژغا يېقىن جايدىكى بىر بازار) غا بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 60 كىلوگىرام يۈك- تاقنى توشۇشقا ھاۋالە قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەم ئېلىش جەريانىدا ئوقۇپ چىقماقچى بولغان كىتابلار ئىدى. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن باھالاش كومىتېتى ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققان. خوراس ئېنگىداخىل بۇرۇن ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ناھايىتى تەجرىبىلىك ئىدى. باھالاش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كەسپداشلىرىنى ئۆز جورىلىرىغا ھەر قانداق خەۋەرنى ئاشكارىلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئايالىمۇ كىمنىڭ نامزاتلىققا تاللانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەر قېتىم يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئۈستەلدىكى ھۆججەتلەر يىغىۋېلىنىپ، قەغەز توغراش ماشىنىسىغا سېلىنىپ كېسىپ تاشلىنىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېگەچ نامزاتلارنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغاندا شەرتلىك بەلگە ئىشلىتىدۇ. ئالايلۇق، 2005- يىلى باھالىغۇچىلار پاراڭلىشىۋېتىپ ھاررى پوتتېرنى تىلغا ئالغان، ئەمەلىيەتتە شۇ يىلى خارولد پىنتېر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. باھالىغۇچى ھەيئەتلەر ئارىسىدا ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش چەكلەنگەن. مۇشۇ ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ باھالاشقا تەۋسىيە قىلىش ۋە بىلەت تاشلاشقا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.9- ئاي كىرگەن ھامان خوراس ئېنگىداخىل «تىزىملىكتىكى ئىسىملار ئاشكارىلىنىپ كەتكەنمىدۇ؟» دېگەن ئەندىشىدە نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن دو تىكىدىغان تور بېكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. لېكىن، تا ھازىرغىچە خارولد پىنتېرغا 30 ھەسسە دو تىكىلگەندىن باشقا، ھېچقانداق تاساددىپىيلىق كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلار ھەر يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ ۋە ھەر قايسىسى ئۆز دەلىل- ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىپ، تاكى مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى بېكىتىلگىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەرگىچە كەسكىن مۇنازىرىلىشىدۇ. 2007- يىلى باھالاش كومىتېتىدىكى بىر باھالىغۇچى ۋاپات بولغان، يەنە بىر باھالىغۇچىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن. شۇڭا 14 كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى بىلەت تاشلىيالىغان، يەنى سەككىز تال بىلەت چۈشكەندىلا ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى سايلاپ چىققىلى بولاتتى. باھالىغۇچىلارنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلگەندە خوراس ئېنگىداخىل سائەت 12 يېرىمدا ئاستاغىنە زالدىن چىقىپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. سائەت بىردە ئىشخانىسىدىن چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسىمىنى جاكارلايدۇ.نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش تەرتىپى ناھايىتى قاتتىق. ئەمما باھالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللار تۈپەيلى، بەزىدە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە باھالىغۇچىلار ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. باھالىغۇچىلار ئەلۋەتتە ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كۈچەيدۇ. ئەمما ھەدېسىلا دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شەخسىي قىزىقىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شىۋېتسىيە بىر كىچىك دۆلەت. بىراق، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلار بەكلا كۆپ. لېكىن، بۇنىڭ باھالىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ ئەمەس. شىۋېتسىيەلىك شائىر ھاررى مارتىنسون 1974- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن بەك كۆپ تەنقىدكە دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن 1978- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى قورسىقىغا قايچا تىقىپ ئۆلۈۋالغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، باھالىغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى يازغۇچى- شائىرلارنى باھالىغاندا ناھايىتى ئەندىشە ئىلىكىدە تەكرار- تەكرار ئويلىنىدىغان بولغان. بۇمۇ بەلكىم شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.ھەر بىر باھالىغۇچى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چەت ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بېرى ئەدەبىيات دۆلىتى فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە قويۇق بولغان كىشىلەردۇر. ئالايلۇق، خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئۆزىمۇ پەيلاسوپ دېررىدانىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. گۇنايىر ۋالكىست مارسىل پىرۇسىتنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. جېس بېل سۋېن بلو ئىلگىرى پارىژدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئايال باھالىغۇچى كاتارىنا فوروستىنسون نوقۇل مارگارت دۇراسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ فىرانسىيەلىك. بىز مۇشۇ ۋەجىدىنلا باھالىغۇچىلاردا فىرانسىيەگە يان بېسىش ئەنئەنىسى بار دېسەك بولمايدۇ. بىراق، ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقىنى يەنىلا ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەم يازغۇچىلار ئىدى. لېكىن، خيامارتا جىلبېگ بىلەن بىرگېر ئىكېبگ مارشالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى باھالىغۇچى 1949- يىلىدىن باشلاپلا كامۇسنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار سەككىز يىل ئىچىدە كامۇس ئۈچۈن مەخسۇس تۆت پارچە دوكلات يازغان، 1949- يىلى يېزىلغان دوكلاتنىڭ سەھىپىسى 30 بەتكە يەتكەن. باھالاش كومىتېتى ئىزچىل ئۇنىڭ بىرەر كاتتا ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىغا تەشنا بولغان. 1956- يىلى كامۇسنىڭ «چۈشكۈنلىشىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر باھالىغۇچىلارغا قالتىس ياراپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كامۇس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن ئاكادېمىك ئىكىبېگ ئەر- ئايالنى زىياپەت ئۈستىلىگە باشلاپ كېلىپ ئولتۇرغۇزغان. بۇ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئىكىبېگ مارشالغا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا، باھالاش نەتىجىسىگە تەۋسىيە قىلىنغۇچىنىڭ سالاھىيىتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. باھالاش كومىتېتى باھالىغۇچىلارغا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋە فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما شىۋېتسىيە خان ئوردىسىنىڭ تەۋسىيەسى تەبىئىيلا بەكرەك ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ. 1951- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى شىۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاف Ⅵ نىڭ كىچىك ئىنىسى شاھزادە گىلليۇم ئۆز قولى بىلەن باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە بىر پارچە خەت يېزىپ، شۇ يىللىق مۇكاپاتنى فىرانسوۋا مورىياكقا بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ خېتىدە: «مورىياك كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياش يازغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فىرانسىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ۋە مەركەزلىك رول ئويناۋاتىدۇ» دەپ يازغان. شاھزادە گىلليۇمنىڭ قوللىشى ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فولكىنېر دەل ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن 1949- يىلى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. مورىياك مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئىدى. 1952- يىلىمۇ چېرچىل، ئالبېرت كامۇس ۋە مارلۇ قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن. لېكىن 1952- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى يەنىلا تولۇق بىلەت بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك قارارى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ شىۋېتسىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دەرھال ماشىنا بىلەن مورىياكقا خۇشخەۋەر يەتكۈزگىلى چاپقان. سىدگارمودا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە مورىياك شىۋېتسىيە خانىشى، يەنى شاھزادە گىلليۇمنىڭ يەڭگىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان.تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى مىساللار بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئالايلۇق، 1946- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيە يازغۇچىسى ھېرمان ھېسسى 1931- يىلىدىن باشلاپلا 1929- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك يازغۇچى توماس ماننىڭ تەۋسىيەسىگە مۇيەسسەر بولغان. كېيىن يەنە باھالاش كومىتېتىدىكى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلغان باھالىغۇچىنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن.1960- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك شائىر جون پېرس فىرانسىيەنىڭ پېشقەدەم دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلغان دوستى خاماشىر ھەم باھالىغۇچى، ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى! گاۋ شىڭجيەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى باھالىغۇچىلار ئارىسىدىكى خەنزۇ تىلىنى بىردىنبىر بىلىدىغان كىشى ما يۆرەندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گاۋ شىڭجيەننىڭ «روھ تېغى» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى تېخى نەشر قىلىنماستا ما يۆرەن ئەپەندى بۇ روماننى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى.ئۇنىڭدىن باشقا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاساددىپىي ئامىللارمۇ بار. ئالايلۇق، ئاندىرىي گىد 1946- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، كېيىنكى يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ بۇنچە تېز مۇكاپاتقا ئېرىشىشى يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باھالاش كومىتېتى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە بولغان. فىرانسىيە شائىرى پاۋل ۋالېرىي نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئون قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1945- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشمەكچى بولغاندا، شۇ يىلى 7- ئايدا ۋاپات بولغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارىخىدا پەقەت بىرلا قېتىم ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىغا مۇكاپات بېرىلگەن، ئۇ بولسىمۇ شىۋېتسىيە شائىرى كارلفېلدىت بولۇپ، 1931- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. باھالاش كومىتېتى ئەسلىدە 1918- يىلىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شىۋېتىسيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆمۈرلۈك كاتىپىلىق سالاھىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇكاپات ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇ 1931- يىلى پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، كۈتمىگەندە ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن باھالاش كومىتېتى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ نوبېل مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇنى ئەلۋەتتە ئالاھىدە بىر مىسال دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق ئىش كۆرۈلمىگەن. ئاندىرېي گىد 1947- يىلى 78 ياشقا كىرىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. باھالاش كومىتېتى ئۇنىڭ ھەر قاچان ۋاپات بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا شۇ يىلى مۇكاپات بەرگەن.يازغۇچىلارنىڭ تەلىيىنىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى بىر ئامىل دېيىشكە بولىدۇ. 1953- يىلى ۋېنىستون چېرچىلنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قاتتىق تالاش- تارتىش قوزغىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ناتىقلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىندا: «بۇ يىل ھېچكىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشەلمىدى، ئەمما ئاكادېمىيەرىمىز بۇ يىللىق ساننى كېلەر يىلىغا قالدۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا چېرچىلنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەيمەن» دېگەن. باھالىغۇچىلار بىلەت تاشلاشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شىۋېتسىيە تەرەپ ئاۋۋال دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىنى مەخپىي ئىگىلىگەن. چېرچىل بۇنىڭغا قارىتا: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدا چېرچىل ئالدىنئالا پىكىر ئېلىنغان نامزات بولۇپ قالغان.1954- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېمىڭۋايمۇ شۇنداق بولغان. باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇنىڭغا بولغان باھادا ئىزچىل ئىختىلاپ ساقلانغان. 1947- يىلىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا ھەتتا: «ئۇ بىر بۈيۈك شائىر ئەمەس، كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىر پارچە قالتىس ئەسىرىمۇ يوق» دەپ قارالغان. 1953- يىلى «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خىل قاراشتا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولغان. 1954- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ھېمىڭۋاي ھەققىدە بولۇنغان بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە يېرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇكاپاتقا سايلانغان. ئايروپىلان ئاۋارىيەسىدە يارىلانغان ھېمىڭۋاي سىدگارموغا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغىلى بېرىشقا ئامالسىز قالغان، شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇنىڭغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا مال توشۇيدىغان پاراخوتقا ئولتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، نامزات تاللاش ئىشىدا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇلغان. 1901- يىلى مۇكاپات تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يىل بولۇپ، ئېمىل زۇلانىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى نەتىجىسىنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى درېيفۇس ۋەقەسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادالەتنى ياقلاشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغانىدى. ئەسلىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۇنىڭغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ناتۇرالىزمغا بولغان خۇسۇمەت باھالىغۇچىلارنىڭ چىقارغان خاتا ھۆكۈملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. ئۇلار: «ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھە دېسىلا ناھايىتى قوپال، رەڭ- بېزەكسىز، ئاددىي، سىدام تەسۋىرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھال كىشىلەرنى ئىدىيالىزملىق خاھىشقا ئىگە يازغۇچىلارغا بېرىلىشى كېرەك بولغان مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمىگەن.يەنە شۇنداق سەۋەب تۈپەيلى، 1902- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىتالىيەلىك تارىخشۇناس مومسېنغا بېرىلگەن. ئەمما نامى جاھانغا تارالغان ئۇستاز يازغۇچى تولىستويغا «ئەسەرلىرىدە قورقۇنچلۇق ناتۇرالىزملىق تەسۋىرلەرنى ئىشلەتكەن»، «مەدەنىيەتكە دۈشمەنلىك نەزەردە قارىغان»، «نەزەرىيە جەھەتتە ھۆكۈمەتسىزلىك خاھىشى كۆرۈلگەن» دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇكاپات بېرىش رەت قىلىنغان. 1936- يىلى سىگموند فىرىئۇد 1915- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى رومىن روللاندنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتلىرى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. باھالىغۇچىلار ئۇنى «تەسەۋۋۇرنى بۇرمىلىغان»، «تىلنى ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى قاتارىدا كۆرۈپ كەمسۇندۇرغان» دەپ تەنقىد قىلغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نامايەندىلەرنى چىرىتىۋەتكەن، دەپ قارىغان.مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەڭ ئەگرى- توقاي بولغىنى فىرانسىيەلىك شائىر مارلو. ئۇ دۈشمەنگە باتۇرلارچە قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك كەچۈرمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىۋايەت تۈسىگە ئىگە كاتتا يازغۇچى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئۈچ قېتىم نائىل بولغان. ئەپسۇس، ھەر قېتىمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنى كىيىش باشقا يازغۇچىلارغا نېسىپ بولۇپ كەتكەن. 1947- يىلى ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە ئاران 46 ياشتا ئىدى. لېكىن، بەك ياش بولغاچقا، بىر نەچچە يىل ساقلىسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ياشانغان ئاندىرېي گىد مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1957- يىلى ئۇ «تەسەۋۋۇردىكى مۇزېي» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئالبېرت كامۇسنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان گېپى «مۇكاپاتقا ئەسلى مارلو ئېرىشىشى كېرەك ئىدى» بولغان. سىياسىي جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئالبېرت كامۇس مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان، مارلو بولسا ئۇنى تەبرىكلىگەن بىردىنبىر يازغۇچى بولۇپ قالغان. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى 1967- يىلى يۈز بەرگەن. شۇ يىلى مارلونىڭ «ئەسلىمىگە قايتىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. بىراق، چېرچىلنىڭ 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىختىلاپ قوزغىغانلىقى ئۈچۈن باھالىغۇچىلار ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا مۇكاپات بەرمەسلىككە قەسەم ئىچكەن ئىدى، ھەتتا مەدەنىيەت ئەمەلدارى بولغان تەقدىردىمۇ مۇكاپات بېرىشكە بولمايدۇ دەپ بېكىتىلگەنىدى. مارلو شۇ چاغدا دى گول ھاكىمىيىتىدە مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولغاچقا چەتتە قالدۇرۇلغانىدى. 1969- يىلى ئۇ ھۆكۈمەتتىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ساموئېل بېككىت ۋە سولژېنىتسىن قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ شۆھرىتى راسا ئەۋجىگە چىققان بولغاچقا، مارلو نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغان.فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلىنىڭ 359- سانى (2007- يىل 10- ئاي) دا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە خوراس ئېنگىداخىلنىڭ زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ سان ژۇرنالغا يەنە فىرانسىيە گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىنىش مۇساپىسىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى. مەسخىرە تۈسىنى ئالغىنى شۇكى، گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا نەشرىياتلار بىلەن باھالىغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزلىرىگە بىلەت توپلىغان. يەنى نەشرىيات سودىگەرلىرى باھالىغۇچى دوستلىرىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان رومانلارنى تەۋسىيە قىلغان. ھەر قايسى نەشرىياتلارغا قاراشلىق باھالىغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانغان. نەشرىيات سودىگەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنى سېتىش ياكى مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەپچىل نۇسخىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشكەن. باھالىغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى باھالىغۇچلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن نەشر قىلىش توختاملىرىنى تۈزۈش، باھالىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارلارنى تەشكىللىگەن. كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغىنى شۇكى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدا بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلاردىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاساسلىقى شۇ چاغدىكى دەۋر شارائىتى پەيدا قىلغان.دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا ياۋروپادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. خۇددى خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئېيتقىنىدەك، فىرانسىيەدە يېڭى پىروزىچىلار ئېقىمى ۋە قۇرۇلمىچىلىق قاتارلىق تەجرىبە خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ھالدا كىلاسسىك بىر دەۋرنى ياراتتى. نۆۋەتتە فىرانسىيە ئەدەبىيات سەھىنىسىدە دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەرگىزمۇ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى چەتتە قالدۇرۇپ قويمايدۇ. ئۇ يەنە: «ئەدەبىياتنى نوقۇل پىروزا ياكى شېئىرىيەت جەھەتتىلا چەكلەپ قويماسلىق كېرەك، چۈنكى 1950- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بېرتىراند رۇسسېل، 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرشىكەن ۋېنىستون چېرچىل قاتارلىقلار ئېچىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ماڭساق، ناھايىتى مۇھىم بولغان ‹دەلىل- ئىسپات ئەدەبىياتى› نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ خىل ئەدەبىيات ژانېرىنىڭ ساياھەتنامە ۋە ئەركىن خاتىرە قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللىرى بار» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز يېڭى ئەسىردىكى ئەدەبىيات مەنزىرىسىگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمىز.(ئاپتور: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە)خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتى» تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندىبۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

411 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر دەپئاينۇر بىلگە(بىر ئۇيغۇر يېگىتنىڭ ئېغىزىدىن)ھاياتىمغا ئۆمۈرلۈككە جۆر ئىزدەپ،يۈرگەن ئىدىم جېنىم ئۇيغۇر بولسۇن دەپ.ئۇيغۇرۇمنىڭ باغرىدىكى بىر تال گۈل.بەخت تاجىم،مەڭگۈ قۇت نۇر بولسۇن دەپ.ئۇيغۇر ئىزدەپ يىللارچە مەن ھارمىدىم،يەتتى ئاھىم تىلەكلىرىم پەلەككە.مىڭ شۈكۈركى ئۇيغۇر تاپتىم جان تاپتىم،ۋىسال تويلار بارسۇن ھارغىن يۈرەككە.تەڭرىتاغقا ئىنتىلگەندە بىر جۈپ كۆز،ھەمراھ بولۇپ باقالايدۇ ئۇيغۇر دەپ.لەغمەن، پولۇ، ئەتكەن چاينىڭ تەمىدىن،بىللە لەززەت ئالالايدۇ ئۇيغۇر دەپ.قارا كۈلپەت چۈشسە ئۇيغۇر بېشىغا،بىرگە ھەسرەت چېكەلەيدۇ ئۇيغۇر دەپ.قان ياشلىرىم ئاقسا ئەگەر چارىسىز،سۈرتەلەيدۇ يارىم بولسا ئۇيغۇر دەپ،ھېيتگاھنىڭ ھەيۋەت سۈرى بەستىدىن،مەغرۇرلىنىپ دەست تۇرىدۇ ئۇيغۇر دەپ.يېشى قۇرۇپ جان تالاشقان تارىمغا،پەرھات- شىرىن بولالايدۇ ئۇيغۇر دەپ.كېلىن ئەمەس ئانامغا قىز، بالىسىبولالايدۇ بولسا پەقەت ئۇيغۇر دەپ.تويلار سالدۇق دۇئا بەرسۇن دوستلار،ئەۋلادلىرىم بولسۇن دائىم ئۇيغۇر دەپ.داۋان ئېشىپ، شەھەر كەزدىم ساناقسىز،نەپىسىمىگە ھەمراھ بولسۇن ئۇيغۇر دەپ.دۇئا قىلدۇق: ئۇيغۇرغا جۆر ئۇيغۇردۇر.ياشاپ كەلدۇق ياشنىتىمىز ئۇيغۇر دەپ.уйғур дәпайнур билгә(бир уйғур йегитниң еғизидин)һаятимға өмүрлүккә җөр издәп,йүргән идим җеним уйғур болсун дәп.уйғурумниң бағридики бир тал гүл.бәхт таҗим,мәңгү қут нур болсун дәп.уйғур издәп йилларчә мән һармидим,йәтти аһим тиләклирим пәләккә.миң шүкүрки уйғур таптим җан таптим,висал тойлар барсун һарғин йүрәккә.тәңритағқа интилгәндә бир җүп көз,һәмраһ болуп бақалайду уйғур дәп.ләғмән, полу, әткән чайниң тәмидин,биллә ләззәт алалайду уйғур дәп.қара күлпәт чүшсә уйғур бешиға,биргә һәсрәт чекәләйду уйғур дәп.қан яшлирим ақса әгәр чарисиз,сүртәләйду ярим болса уйғур дәп,һейтгаһниң һәйвәт сүри бәстидин,мәғрурлинип дәст туриду уйғур дәп.йеши қуруп җан талашқан таримға,пәрһат- ширин болалайду уйғур дәп.келин әмәс анамға қиз, балисиболалайду болса пәқәт уйғур дәп.тойлар салдуқ дуа бәрсун достлар,әвладлирим болсун даим уйғур дәп.даван ешип, шәһәр кәздим санақсиз,нәписимигә һәмраһ болсун уйғур дәп.дуа қилдуқ: уйғурға җөр уйғурдур.яшап кәлдуқ яшнитимиз уйғур дәп.бу шеир или вадиси гезитидә елан қилинған.

ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشبۈگۈن بەك گۈزەل بىر پۇرسەت ئىشىكىمنى چەكتى، سەرخىلارنىڭ 9-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاقىت پويىزىغا ئولتۇرۇپ 15 يىل كېيىنگە كەتتۇق-يۇ، ئۆزۈم 15 ياش ياشارغاندەكلا بولۇپ قالدىم.بۈگۈنكى دەرسىمىزدە ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ 15 يىلدىن كىيىنكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ناھايىتى مۇھىم بىر سورۇندا قىلىدىغان سۆزىدىن بۇرۇن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بېرىلگەن بەش مىنۇت تەييارلىق قىلىش ۋاقتىدا كۆپچىلىك ھەممىسى بۇنى خىيال قىلدى ۋە بىر باشتىن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.1. ئاچا-سىڭىل چىش-دوختۇرلىرى بولۇپ، بۇندىن 5 يىل كېيىننىلا سۆزلەشنى تاللىدى ۋە ئۇچاغدا داڭلىق ئۇنىۋېرستىتىنىڭ چىش دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىسىنى ئاچقان، شۇنداقلا سەر خىللارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا كەسىپ تونۇشتۇرۇش لىكسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا چىش دوختۇرلۇق كەسپى ھەققىدە تەجىربىلىرى ۋە بىلىملىرىنى تونۇشتۇردى.2. 2039-يىلى قۇرۇلغان ئۇنىۋېرستىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 29 ياشلىق پالانچىگۈل ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا لىنتا كەسكەچ، ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياۋى سەۋىيەدە ئېلىپ ماڭىدىغان قالتىس دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئۇنىۋېرستىتنى تونۇشتۇردى. شۇنداقلا 2039-يىلغىچە نەشىر قىلىنغان 10 پارچە كىتابىنى ئىمزالىق سېتىش قىلدى.3. ئەنگىلىيەدىكى ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى بۆلۈمىدە ئەڭ ياخشى بولغان داڭلىق ئۇنىۋېرستىتنىڭ دوكتۇر ئاشتىلىقىنى پۈتتۈرگەن پۇستانجى جان تۇنجى ئالەم بوشلۇقىغا ئاياغ باسقان ئۇيغۇر بولۇش خىيالىدا تىرىشقانلىقىنى سۆزلىگەچ، روبۇت مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.4. خارۋارد ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئاسپىرانتىلىقىنى پۈتتۈرگەن پوكۇنى تاغىسى قۇرغان دۇنياۋى داڭلىق شىركەتنىڭ تۇنجى ئايال باشقۇرغۇچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتىدە شىركەتكە قەدەم باسقاندىكى ئۆزىنى تونۇشتۇردى.5. ئىستانبۇل ھەربى ئۇنىۋېرستىتى (ئۇنىۋېرستىتى ئىسمىنى خاتا يازغان بولسام كەچۈرۈم سورايمەن)نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ قاتمۇ-قات تەربىيەلەش ۋە چىنىقىشلاردىن كىيىن تۈركىيە دۆلەتلىك بېخەتەرلىك ئىدارىسى (مىت)غا كىرىپ غوللۇق شەخسكە ئايلانغان پالانىجانمۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى. بەلكى خاقان فىداننىڭ ئورنىغاتەييارلىنىۋاتقاندۇ؟! ( تام كروس باش رول ئالغان خەتەرلىك ۋەزىپە دېگەن يۈرۈشلۈك كىنو تەۋسىيە قىلىندى).6. يەنە بىر داڭلىق شەخسىمىز پۇستانى 2039-يىلى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى زەنجىرسىمان چىش دوختۇرخانىلىرىنى قۇرۇپ، چىش ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ ، بەشتىن ئارتۇق تىل ئېگەللەپ ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولۇپ دۇنيانى ئايلىنىش ئۈچۈن بىر يىل ئۆزىگە دەم ئېلىش بەرگەن يىلىدىكى مەللۇم بىر پروگرامما زىيارىتىدە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ سۆزلىدى.7. ياپونىيەدە ئىقتىساد پەنلىرىدە ئوقۇغان 30 ياشلىق پالانى قىز ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاپ بولۇپ، دادىسى قۇرغان شىركەتنىڭ تارماقلىرىنى ياپونىيەدە ئاچتى ۋە ناھايىتى ياخشى يۈرۈشتۈردى. بىر قېتىملىق غەلبە نۇتۇقىدا ئۆزىنى تونۇشتۇردى.8. داڭلىق ئۇنىۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن ۋە كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان 30 ياشلىق بىر قىز دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىدا مۇكاپاتلاندى ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇردى......مانا مۇشۇنداق ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى داڭلىق 9 نەپەر شەخس بىلەن بۇ دەرستە تونۇشۇپ چىقتىم. تاماق پىشىپ كەتتى، بۇرۇنغا مەززىلىك پۇراقلار كېلىپ قورساقلار كوركىراپ كەتتى. ئەمما تۈركىيە ۋاقتى سائەت 8 دە بۇ 15 يىل كىيىنكى قالتىس شەخسلەر ئاچلىق ۋە ھارغىنلىققا قارىماي شۇ كۈنگە تۇتاشقان يولىغا خىش يېيىتىۋاتاتتى.بىلەمسىلەر ياشلار! سىلەر بولغاچقىلا قۇياش تېخىمۇ پارلاق ۋە تېخىمۇ ئىسسىق، كۆزىمىزگە تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ جەڭگىۋار كۆرۈنىدۇ!ئۇنۇتماڭلار، 15 يىل كېيىنكى شۇ كۈنگە مېنىمۇ تەكلىپ قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار، دەستە گۈللەر بىلەن ئالقىشلاشقا بارىمەن!2024-يىل ئۆكتەبىر

ئابدۇللاھ ئارمان
423 كۈن بۇرۇن
ئىلاھ ھىممەتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن،ئۆزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن،كۈلەرمەن دەپ ئۈمىد قىلسام قالۇرمەن گاھىدا يىغلاپ،تۇرۇپ بىردەم بولۇر ئىشنى ماراپ تۇرسام كۆرەلمەيمەن.ئۆزۈم قىلدىم ئۆزۈم بىلدىم دىگەن بىرلا جاھالەتتە،ئۆزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت بازاردىنمۇ كىلەلمەيمەن،بىرىپ كەلدىم دىگەن بىرلا ھەرەم ،مەككە ،مەدىنەمگە،ئۆزۈڭ بىلدۈرمىسەڭ يارەب ئۆزۈمنى ھەم بىلەلمەيمەن.ئەجەپ ئاجىز ئىكەن بەندە، جىنى بولغان بىلەن تەندە،ئۆزۈڭ يەتكۈزمىسەڭ يارەب باراي دەپمۇ بارالمايمەن.،تىنىمنىڭ ساقلىقى بىلسەم سىنىڭ پەزلىي كەرىمىڭدۇر،ئۆزۈڭدىن بولمىسا ساقلىق ،تىنىمنى ساق ئىتەلمەيمەن،.ئۆزۈڭنىڭ قۇدرىتى بىلەن كۆزۈم ئاچتىم بۇئالەمگە،ئۆزۈڭ ئەپكەتمىسەڭ يارەب كىتەي دەپمۇ كىتەلمەيمەن.

429 كۈن بۇرۇن
9-سىنىپ ئەدەبىيات دەرسىمىزدە ئۆتۈلىۋاتقان ئەدەبىيات 5-قىسىم كىتابتىكى «ئۇر توقماق» چۆچىكى ۋە ئانالىزلىرى ئۈچۈن توردىن تېپىپ يوللاندى. كېيىنكى تېمىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ چۆچەك ھەققىدىكى مۇلاھىزە ۋە كۆز-قاراشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمىز!

435 كۈن بۇرۇن
مىللىتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولسا، ئىككىنچىسى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەق 1000 يىلچە ئۆتكەن. (981- 1981). ئىسلام ھەر مىڭ يىلدا بىر گۈللىنەرمىش. قارىغاندا بۇ گەپمۇ توغرا بولسا كېرەك. تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈڭلار.
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئۇردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى.
1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىننى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىددىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى.
يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋەقۇرئان كەرىم بىلەنسەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن )ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى( نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم دېدى. ماراكەشنىڭ دىننى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى. | شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كىيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتىراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتوتىدا بەر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيىخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پىروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.
قۇرئان كەرىم دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. yjhf
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ?)`
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. )ئالىم ئىشلىگەن قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى مۇسكىۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان سەھىھۇلبۇخارىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئ.ىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى. مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. `
مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماترېيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئېگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسىلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»، شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى.]
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىتىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى.
مەنبە: باغداش تورى (2011-3-8)

ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. چېكىت (.)
2. سوئال بەلگىسى (؟)
3. ئۈندەش بەلگىسى (!)
4. پەش (،)
5. چېكىتلىك پەش (؛)
6. قوش چېكىت (:)
7. قوش تىرناق («»)
8. يالاڭ تىرناق (‹ ›)
9. تىرناق ( ( ) )
10. سىزىقچە (-)
11. سىزىق (ــ)
12. كۆپ چېكىت (…)
يۇقىرىقىلاردىن باشقا چوڭ تىرناق ([ ]) ۋە قوش پەش ( " ) قاتارلىقلارمۇ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ۋە بىرقەدەر ئومۇملاشقان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىمىز:
چېكىت (.) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1. ئاياغلاشقان مەلۇم بىر ئوي–پىكىرنى بىلدۈرىدىغان بايان جۈملىلەر (ئاددىي ۋە قوشما جۈملىلەر)نىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) بۇ كىتابنى ئابدۇرېھىمدىن ئارىيەت ئالدىم.
2) ساۋاقداشلار، بۈگۈن كەچتە ھەممىمىز چوڭ زالغا يىغىنغا بارىدىكەنمىز.
2. سىلىق (تۆۋەن) ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان ئۈندەش ۋە بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) بارلىق كۈچ–قۇۋۋىتىمىز ۋە ئەقىل- پاراسىتىمىزنى ئۆگىنىشكە قارىتايلى.
2) بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن.
3) رەيھانگۈلنى دەرھال چاقىرىپ كەل.
3. رەت–تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئوبراز تۆۋەندىكىچە:
1) قايتا كۆرسىتىش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.
2) لىرىك ھېسسياتنى ئىپادىلەش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.
3) تىپىك ئوبراز.
4) سىمۋوللۇق ئوبراز.
4. قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ك. ئابدۇللاھ
ل. مۇتەللىپ
ئا. ت. ئۆتكۈر
5. يىل، ئاي ۋە كۈن رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
27. 3. 2009
6. ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، سائەت بىلەن مىنۇت تەڭ كۆرسىتىلگەندە، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش).
2) 2.9 (ئىككى پۈتۈن ئوندىن توققۇز).
3) سائەت 3.50 (سائەت ئۈچتىن ئەللىك مىنۇت ئۆتكەندە).
سوئال بەلگىسى (؟) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1. بىرلا ئوي–پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ھەر خىل سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) ئىشىك چەككەن كىم؟
2) قاچان كەلدىڭىز؟
3) بۇ ئىشنى كىملەر قىلدىڭلار؟
4) كىنوغا بارامسەن، بارمامسەن؟
2. ئارقا- ئارقىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئالدىنقىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىزدە قۇربان قىلغىلى بولمايدىغان يەنە قانداق شەخسىي مەنپەئەت بولسۇن، ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان يەنە قانداق خاتالىق بولسۇن؟
2) بۇ ئىشنى سەن ئۇقامسەن،ئۇقمامسەن؟
3) سىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟
3. جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۆپەيتتىم.
2) شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىترىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.
3) سەلەي چاققان (1905 ــ؟) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.
ئۈندەش بەلگىسى (!) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1. ھەرخىل شەكىلدىكى ئۈندەش جۈملىلەر ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) خۇداغا ئامانەت، بالام!
2) بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاڭ! (بۇيرۇق)
3) بۈگۈن بۇ ئىشنى چوقۇم پۈتتۈرۈشۈڭ كېرەك!
4) خالايىق! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار!
5) ھەربىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! (ئۈندەش، بۇيرۇق)
2. ئۈندەش ئاھاڭدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) توۋا! بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟
2) بالام! خۇداغا ئامانەت!
3) يولداشلار! غەيرەت قىلىڭلار!
بەزى جۈملىلەر بىرلا ۋاقىتتا سوئال ھەم ئۈندەش مەزمۇنىدا كېلىشى مۇمكىن. مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى بىلەن ئۈندەش بەلگىسى قاتار قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) مېنىڭ ئېتىممۇ ئەلى، ئايىغىم يەرگە تەگكەندىن تارتىپ ساڭا ھەقسىز ئىشلەۋاتىمەن، زادى قايسىمىز قەرزدار؟!
2) شەرۋان: ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!
پەش (،) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
پەش-تىلىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، جۈملە بىلەن جۈملىنىڭ، سۆز بىلەن سۆزنىڭ، جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:
1. مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) سالى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل دېھقان بولغاچقا، جامى قانچىلىك يۈزسىزلىك قىلسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدى.
2) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى،تال–تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ماسلاشقانىدى.
3) كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.
2. جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز سەنئەتكارلىرىمىز، پەن-تېخنىكا خادىملىرىمىز، پىروفېسسورلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، خەلقنى تەربىيىلەۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەۋاتىدۇ.
2) ئابدۇللا سۇلايمان ھەم شائىر، ھەم تەتقىقاتچى.
3) مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
3. بىر خىل بۆلەكلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن باغلىغۇچىلار تەكرارلانسا، تەكرارلانغان باغلىغۇچىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) مەن بۇ پۇلغا يا كىتاب، يا دەپتەر ئالىمەن.
2) مەن بۇ يىل ھەم شېئىر يېزىشتا، ھەم تەتقىقات تېمامنى تاماملاشتا، ھەم باشقا ئىشلىرىمدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم.
4. «مۇ» ئۇلانمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ كەلگەن بىر خىل بۆلەكلەردىن كېيىنمۇ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) ئادىل تىلدىنمۇ، ئەدەبىياتتىنمۇ، تارىختىنمۇ، سىياسەتتىنمۇ يۇقىرى نومۇر ئالدى.
5. باغلىغۇچىلارسىز باغلىنىپ كەلگەن ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلىدى، بىز خاتىرلىدۇق.
2) ھاۋا تۇتۇلدى، يامغۇر ياغمىدى.
6. «لېكىن، ئەمما، بىراق» قاتارلىق قارىمۇ-قارشى باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان قوشما جۈملىلەردىكى ئاددىي جۈملىلەرنى ئاجرىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى باغلىغۇچىلاردىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) ھاۋا تۇتۇلدى، چاقماق چاقتى، ئەمما يامغۇر ياغمىدى.
2) باھار كەلدى، لېكىن ھاۋا ئىسسىمىدى.
3) مەن ئۇنى كۆردۈم، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمىدى.
7. «دە» ئۇلانمىسى بىلەن باغلانغان جۈملىلەردە شۇ ئۇلانمىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) ھاۋا ئۇشتۇمتۇت تۇتۇلدى- دە، يامغۇر قۇيۇۋەتتى.
2) ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى- دە، ئاچچىقلاپلا كەتتى.
8. جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان تەركىب-قاراتما سۆز، ياكى قىستۇرما سۆز جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدە، ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى تەرىپىدە، ئاخىرىدا كەلسە، ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) قەدىرلىك يولداشلار، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
2) كۆچەت تىكىش ھەرىكىتىگە، يولداشلار، تولۇق قاتنىشايلى.
3) نەگە باردىڭ، ياقۇپ؟
4) ياخشى ئۆگىنىڭلار، بالىلار.
5) ئەلۋەتتە، بىز ئىجتىھات بىلەن ئوقۇۋاتىمىز.
6) سەمەت، شۈبھىسىز، ھەممە پەندە يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ.
7) سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى رەتكە قويۇلغانىدى.
بۈگۈن يولغا چىقىمىز، ئېھتىمال.
9. جۈملە تەركىبىدىكى ئىملىق ئۈندەش سۆزلەر پەش ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
1) ئەتتىگىنەي، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي قالدىم.
2) ئاھ، ئىچىمگە ئوت كەتتى.
3) ۋايجان، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.
4) پاھ، نېمىدېگەن چىرايلىق قىزلار بۇ.
5) ئاپلا، بۇ يولدا ماڭمىسام بولغانىكەن.
10. كۆپ خانىلىق ساناق ساننى خانىلارغا ئايرىغاندا ھەربىر گۇرۇپپا خانىلارنىڭ ئارىسىغا ئوڭ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1) 324, 643
2) 23, 5665 جىڭ
3) 589, 14 يۈەن
چېكىتلىك پەش (؛) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بىر دەمدە تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ... شۇنچە دەبدەبىلىك ھالدا باشلىغان
مائارىپىمىز 4 - يىلىغا قەدەم قويدى. سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئىنتايىن
مۇھىمىقىنى ھەممەيلەن ئىتىراپ قىلساقمۇ شۇئان مائارىپىمىز يېتەرلىك قوللاشقا
ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ! شۇنداقتىمۇ چىشىمىزنى چىشلەپ مائارىپىمىزنى
ساقلاپ قېلىشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز... شۇنچە چارچاپ
كەتتۇق، لېكىن ئازغىنە بولسىمۇ ئۈمۈد بىزنى تىرىشچانلىق كۆرۈسۈتۈشكە ئۈندەۋاتىدۇ!
سەرخىللار مائارىپى چەكلىك ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ مىللەتنىڭ تەغدىرىدە مائارىپ
ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىشنى غايە قىلىدۇ!
كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئىچىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ سەرخىل ئىنسانلار يېتىشىپ چىقىپ
مىللىتىمىزنىڭ ئومومى تەقتىرىگە ئىجابىي تەسىر قىلسا
ھاردۇقىمىز شۇ چاغدا چىقىدۇ.
ئاللاھ بىزنى شۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسۇن!

437 كۈن بۇرۇن
مەن ئۇيغۇرسۈھەيبە بىلگە 7 ياش (گوللاندىيە)مەن ئۇيغۇر.لەۋلىرىم قەشقەرنىڭ ئانارىدەك قىزىل،مەڭزىم غۇلجىنىڭ ئالمىسىدەك پارقىراق،بېشىم قومۇل قوغۇنىدەك ئوماق،چىشلىرىم خوتەن قاشتىشىدەك سۈزۈك،چاچلىرىم خۇددى قاراماي نېفىتىدەك قاپقارا.كۆڭلۈم ئاقسۇنىڭ پاختىلىرىدەك ئاپئاق،سۆزلىرىم تۇرپان ئۈزۈمىدەك شىرىن،قۇلىقىم ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرىگە ئوخشايدۇ،يۈرىكىم ئالتاي تاغلىرىدىكى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.مەن ۋەتىنىمنىڭ تۇپرىقىدىن تۆرەلگەن بەك گۈزەل بىر ئۇيغۇر قىزى.مەن ئۇيغۇر.قەشقەر ھېيتگاھتا ساما سالىمەن،باغداشقا قارلەيلىسى ئىزدەپ يامىشىمەن،ئىلى دەرياسىغا چۆمۈلۈپ ئوينايمەن،زەرەپشان دەرياسى بويىدا مەشرەپ ئاڭلايمەن،تارىم قوينىدىكى توغراق شاخلىرىنى ئات ئېتىمەن،تەكلىماكان قۇملۇقىدا تۆگىلەرگە مىنىمەن.ئالتاينىڭ قارلىق تاغلىرىدا قار تېيىلىمەن.ئۈرۈمچىنىڭ قايناق كوچىلىرىدا تازا ئايلىنىمەن.ئاتۇشنىڭ بېغىدا تويماي سەيلە قىلىمەن،كورلىنىڭ نەشپۈتىنى لەززەتلىنىپ يەيمەن،تۇرپاندىكى كارىزدىن ئوچۇملاپ- ئوچۇملاپ زەمزەمدەك سۇلارنى ئىچىمەن.مەن بېھىش كەبى ۋەتىنى بولغان بەختىيار ئۇيغۇر قىزى.مەن ئۇيغۇر.خۇددى ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئۇيغۇرچە سۆزلەيمەن،ئويغان! دەپ ۋارقىرايمەن.خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك ئارمانلىرىم تولا،بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى، دەپ چاقىرىق قىلىمەن.خۇددى مەمىتىلى ئەپەندىدەك،بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى دەپ توۋلايمەن.خۇددى ئۆتكۈر بوۋامدەك،زىمىستاندىكى ۋەتىنىمگە جانۇ جانىمدىن باھار چىللايمەن.مەن ئۆچمەس قەھرىمانلىرى بولغان باتۇر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جەسۇر قىزى.مەن ئۇيغۇر.بېشىمدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىيگەن بادام دوپپا بار،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈربوۋامنىڭ چىمەن دوپپىسى بار.قولۇمدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋامنىڭ قۇتادغۇبىلىكى بار،مەھمۇد قەشقىرى بوۋامنىڭ دىۋانى بار،بېلىمگە نۇزۇگۇمنىڭ پىچىقى قىسىغلىق،مەن سادىر پالۋاننىڭ ئېتىگە مىنىگلىك.مەن ئۇيغۇر.قولۇمدا بوۋامدىن قالغان مۇڭلۇق دۇتتارىم بار،مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ساتارى بار،نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ تەمبۇرى بار،تاشۋاينىڭ راۋابى بار،ئاڭلىسام تۈگىمەيدىغان 12 مۇقامىم بار.مەن ئۇيغۇر.قاراڭ، ئاۋۇ تەڭرى تېغى مېنىڭ تېغىم،ئوپالدىكى موللام بېغى مېنىڭ بېغىم،تارىم دەرياسى مېنىڭ دەريايىم،سايرام كۆلى مېنىڭ كۆلۈم،ئۈرۈمچىدىكى ھەيۋەت مۇنارلار مېنىڭ مۇنارىم،بۇغدا چوققىسى بوينۇمدىكى تىل تۇمارىم.مەن ئۇيغۇر،بۇلارنىڭ ھەممىسى،ھەممىسى مېنىڭ.چۈنكى مەن شانۇ- شەۋكەتلىك ئۇيغۇر !يېتەكچى: ئاينۇر بىلگە

چۈنكى مەن ئادەم (تاھىر تالىپ)بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى .خىزىر بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم ،تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى .شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم .تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل چىمەننى ،ئۆرۈلەر قىر بېشىغا سەۋرى قاچام .قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەر قاچان .چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم .دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن ،دىلىدىن دىلىمغا نۇر يورۇق ئېلىپ .جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا ،سانجيمەن قوۋرۇغامنى پىچاق قىلىپ .چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم .رەقىپنىڭ مۇشتى ماڭا ھىچگەپ ئەمەس ،ھەتتاكى قېلىچقا تىك بارالايمەن .چېقىلسا لىكىن ئىززەت ھۆرمىتىمگە ،ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن .چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .بىھۇدەك بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭۋە ياكى مۇتتەھەملەر پالۋان بولسا ،كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن ، ئازغان ئۈچۈن-ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا .چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،ھوقوقوم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .ئىتىقاد ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس ،خەلىقىمنىڭ رايىىنى كۈچ ، قانات قىلغان .ئەقەللىي كۆزۈمدىن ئوت ، ئۇچقۇن يانار ،تەتۈرلۈك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان .چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .مەن كوممۇنسىت ! ئىنسانىيەت چاكىرىمەن ،لېكىن ھىچ بىرەر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس .ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا ،جەڭچىمەن ، بىرەر كىمنىڭ قۇلى ئەمەس !چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،خسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .غەزەلخان خەلقىم ئۈچۈن يازدىم قوشاق ،ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم ئانام .غەزەلسىز ياشىمايدۇ بۇلبۇل دىگەن ،يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان .غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم .

بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان مەشھۇر شەخسىلەر ۋە ۋەقەلەر ئۇ مىللەتنىڭ قېنىنى روھ ۋە غۇرۇر بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. بىزنى بىز قىلىپ تۇرغىنى دەل شۇ قاندا دۇنياۋىيلىق ۋە مىللىيلىكنىڭ توغرا شەكىلدە بىرىكىشىدۇر.باللىرىم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىن باشلاپ بەك جىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق، دراما تىياتىرلارنى تېپىپ كۆردۇق. ۋىكىپىدىيادىن ئەڭ كۆپ پايدىلاندۇق. ھەر كۈنى كەچتە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى ئاڭلىدۇق.بالىلار بالىلارچە ئاۋازنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاڭلىسا دەپ قىزىم بۇ ۋىدىيۇنى تەييارلاپ چىقتى. بۇ ۋىدىيۇدىكى بەزى سۆزلەرنى بالىلارنىڭ چۈشەنمىكى تەس بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تەكرار ئاڭلاۋەرسە ۋە چۈشەندۈرۈپ قويساق چۈشىنەلەيدىكەن.بۇ جەرياندا شىڭ شىسەي ۋە ياڭ زىڭشىنلارنىمۇ تونۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۇزۇن ياشاپ ئۆلۈشى بالىلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى.بالىلار چۈشىنەلەمدۇ؟ بالىلارغا ئېغىر كىلەمۇ دەپ ئەنسىرىگەندە، مەن بالىلىقىمنى ئەسلىدىم. باشلانغۇچ 3-ياكى 4-يىللىق چاغلىرىم. بۈۋى سەيشەنبە خەتنىلىرىدە باش بولىدىغان بىر قوشنا ئايال بار ئىدى، شۇ ئايالدا بەك كونا كىتاب بارمىش دەپ بىلەتتىم. بوۋام بىر كۈنى مەلىكە دانىشمەننىڭ قوليازمىسىنى تېپىپ چىقىپتۇ ۋە ئاچام ئىككىمىز بۇ قوليازمىنى كۆچۈرۈپ چىقتۇق. بۇنىڭغا ئايلارچە ۋاقىت كەتتى. مېنىڭ خېتىممۇ خېلى چىرايلىق ئىدى. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بۇ ئەسەرنى كۆچۈرۈپ تۈگەتتۇق، بوۋام توغىرلاپ تۈزىتىپ ئوقۇپ بىرەتتى. ماڭا شۇ چاغدا ئەقىللىق مەلىكىنىڭ مىڭ سوئال تەييارلىيالىغۇدەك ئەقىل-پاراسىتى شۇنداقلا لايىق تاللاشتىكى كەسكىن ئەقلىي ئۆلچىمى بەكلا تەسىر قىلغان. بىر خىل نوچى، ھازىرقى ياشلارنىڭ گېپى بويىچە كۇۇۇۇل كۆرۈنگەن ئىدى. نۇرغۇن نەرسىلەر ئېسىمدە قالمىسىمۇ بىراق چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغىنىم ئېنىق ئىدى،ئارىدىن ساق 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ قەدىمىي ئەسەلەر ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە قوليازما ئىزدەش كويىدا يۈرگەندە تۈركىيەدە ئۇنىۋېرستتا ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ساۋاقدىشىمىز مەلىكە دانىشمەننىڭ قوليازمىسى بار تاپقىلى بولىدۇ ؛ دېدى. مەن كىچىك چېغىمدا بۇنى كۆچۈرۈپ چىققىنىمنى دېگىنىمدە ھەيران قالدى.قانداق مىللەت ئىدۇق ھە بىز! ئۆيلەردە، مەھەللىلەردە، يۇرتلاردا ، چوڭلاردا مۇشۇنداق قوليازما كىتابلار بولىدىغان، ئۇنى ئەزىزلەپ تەۋەرۈكتەك ساقلايدىغان، بېشىدىن ئېگىز يەرگە ئوراپ ئاسراپ كۈي يېمىسۇن دەپ دورىلاپ ساقلايدىغان شۇنداق كىشىلەر بار ئىدى. بىز مۇشۇنداق ئىلىم پەننى قەدىرلەيدىغان، ئېلىم -پەن بىلەن دۇنيانى سورىغان، ئۆزى ئىدىيە يارىتىپ، ئۆزى خانلىق تىكلەپ ئۆز ئىدىيەسىنى دۇنياغا تارىتالىغان مىللەت ئىدۇق.....گېپىم شاخلاپ كەتتى، يەنى مەن 3-سىنىپ چاغلىرىمدا شۇ قەدىمكى قوليازمىنى ئاڭلاپ يېزىپ چۈشىنەلىگەن بولسام بۈگۈنكى كۈندە باللىرىمىز 40 يىل بۇرۇن يېزىلغان ئۇيغۇرچە يازمىلارنى چۈشىنەلەيدۇ، تەكرار ئۆگىنىش كۆرۈش ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بلەيدۇ.بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكايىسى بالىلىرىڭلار ئۈچۈن ھوزۇرۇڭلاردا!

روزاخۇن ۋە ھەسەنجان
(ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياسى ھەققىدە )
ئاينۇر بىلگە
روزاخۇننى 30ياشتىن ئۈستۈن بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونۇيدۇ، ئۇنىڭ ئېلى چاقچاقلىرىنىڭ دەۋرگە ماسلىشىشى، سەھنىلىشىشى شۇنداقلا ئېلى چاقچاقلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىتىك ئېڭىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلىشىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇۋاتقان تالانتلىق ياش چاقچاقچى.
ئۇنداقتا ھەسەنجان كىم؟
تۈركىيەدىكى ۋە تۈركچە قانال ۋە فىلىملەرگە دىققەت قىلىدىغانلار «ۋات ۋاتلار» (تۈركچىسى konuşanlar) تور پروگراممىسىنىڭ بەرپاچىسى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئاجۇن ئېلىجانلى، ئوغۇزخان ئۇغۇر ۋە باشقا تونۇلغان پروگراممىچىلارغا يېتىشىپ قوپا كېتىۋاتقان يېڭى پروگراممىچى. ئۇنىڭ «ۋات ۋاتلار» پروگراممىسى بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلۈۋاتقان قىسقا فىلىملەر ئارىسىدا ئۇچرايدۇ.
نېمىشقا بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم؟
ھەسەنجاننىڭ «ۋات ۋاتلار» پروگراممىسىمۇ خەلقنى كۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، بىراق كۈلدۈرۈشتە قوللانغان تىلى ئاساسلىق تىل-ئاھانەت (küfür) نى ۋە جىنسىيەتكە تاقالغان ھاياسىز چاقچاقلىرى بىلەن تەنقىدلىنىپ تۇرۇپ جىق كۆرۈلۈۋاتقان، شۇنداقلا كۈنسىرى مودا بولۇپ كىتىۋاتقان پروگراممىسى. بۇنىڭ فىلىملىرىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا قارايدىغان بولسا يېرىمى دېگۈدەكلا تەنقىد ۋە رەت قىلىش پوزتسىيەسىدە بولسىمۇ بۇمۇ ئۇنىڭ ئېقىمىنى ئاشۇرۇپ مودا بولۇشىغا ياردەم بولۇۋاتقان ھادىسىدۇر.
«ۋات ۋاتلار» پروگراممىسىدا بىر توپ ئەر-ئايال . قېرى-ياش بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ھەر كىشى ئۆزىنىڭ( sıçma hikayesi) پوقتەك كەچۈرمىشلىرى، غەلىتە ئارزۇ-خىياللىرىنى دەيدۇ ۋە بۇنىڭغا ھەسەنجان نەق مەيداندا ھەزىل چاقچاق قىلىدۇ. ھەممىسى شالۋاقلىرىنى ئېقىتىپ كۈلىدۇ ۋە چاۋاك چالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھايا-پەدىشەپ، ھايا-نومۇس، خېجىل بولۇش تۇيغۇسى يوقتەكلا ئىشتان ئىچى تىشىدىن يوتقانغىچە گەپلەرنىمۇ ھاياسىزلارچە دەۋىرىدۇ ۋە بۇنىڭغا كۈلىدۇ. قەلبىدە ھايا تۇيغۇسى بار كىشى تەبئىيلا بۇنداق فىلىملەرنى قارا تىزىملىككە تىقىپ «توۋا ئەستەغفۇرۇللاھ» دەپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بىر پروگرامما ۋە فىلىملەرنىڭ قىسقىغىنە نەچچە يىلدا مودا بولۇپ، ئوكىسفوردلاردا، ئامېرىكا ياۋرۇپالاردا تارتىلىشقا باشلىشى مۇشۇ تىلدا مۇشۇ فىلىملەرنى كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەدىر-قىممەت ۋە ئەخلاق تۇيغۇسىغا سوئال بەلگىسى قويماي تۇرالمايدۇ. مۇھىمى بۇنىڭ كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلىرى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ، تىلنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇقتىسىدىن ئويلىغاندا بۇ ئاجايىپ قورقۇنچلۇق بىر ئىش. تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن جۈملە ۋە ئىدىيەلەر قۇلاقتىن كىرىپ ئاڭدا يەرلىشىدۇ، بۇ كىشىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئاڭلىرىغا تەسىر كۆسىتىدۇ. ئاڭ ھەرىكەتكە، ھەرىكەت بولسا كىشىنىڭ ئادەت ۋە پۈتۈن ھاياتىغا، بۇ بىر كىشى ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر قىلىدۇ. دېمەك بىز بىزار بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىر مەزگىلىدىن كىيىن مودا شەكىلدە باللىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدىغان نەرسىگە ئايلىنىشى مۇشۇ جەرياندىن ئىبارەت.
ئەمدى كىلەيلى روزاخۇن!
روزاخۇن «مىليارت كۈلكە سەھنىسى» پروگراممىسى بىلەن يېقىنقى يىللاردا خەلقىمىز ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان ياش چاقچاقچى. مەقسىتى خەلقنى كۈلدۈرۈش، كۈلكە باھانىسى بىلەن ياپتا شەكىلدە خەلقتە ئىبرەت ۋە ئىجتىمائىي تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېرىشىش. تىپىك بىر قەشقەرلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىچىك ۋە ياش چاغلىرىمدا غۇلجا چاقچاقلىرىنىڭ كۈلىدىغان يېرىنى تاپالمايتتىم. ماڭا خۇددى بىر كىشىنىڭ ئەيىپىنى تۇتۇۋىلىپ شۇنى كەچكىچە مازاق قىلىپ ئوينايدىغان ، ئانامنىڭ گېپى بويىچە «ئۆچكىدەك مەرەپ كۈلىدىغان» قۇرۇق پاراڭدەكلا تۇيۇلاتتى. بەلكى ۋەتەندىن بەك ئۇزاقتا ياشاۋاتقان ماڭا ۋەتەننىڭ ھەر نەرسىسى گۈزەل كۆرۈنۈۋاتامدۇ ياكى چۈشىنىشكە باشلىدىممۇ، ياكى غۇلجىغا بولغان ئالاھىدە مۇھەببىتىم سەۋەبىدىنمۇ بىلمەيمەن، روزاخۇن چاقچاقلىرىنى ۋە فىلىملىرىنى يېقىندىن قوغلاپ يۈرۈپ كۆرۈۋاتىمەن.مەنچە:
1. روزاخۇن چاقچاقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى كىشىگە نامايان قىلالايتتى. ئۇ چاقچاقلىرىدا ئۆزىگە ئۇستاز بولغان چاقچاقچىلارنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ۋە ھەر جۈملىسىدە بىر مىننەتدارلىق ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ.
2. روزاخۇن چاقچاقلىردا ئىشلىتىلگەن تىل ئىنتايىن ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك، ھايالىق ۋە نومۇسچان تىلدۇر. ھېچبىر تىل-ئاھانەت ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا زىت كىلىدىغان جۈملىلەرمۇ ئۇچرىمايدۇ.
3. ناھايىتى ياپتى شەكىلدە ئۇستىلىق بىلەن بەزىبىر بولمىغۇر قىلىق ۋە ھەرىكەتلەرنى ساۋاپ، كىشىگە سىگنال بېرىدۇ، ئومۇمىي ئەخلاق قارىشىمىزنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە چاقچاقلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچىغا ئايلاندۇرالايدۇ.
چەتئەلدىكى يۇتۇب ۋە باشقا تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا تارقىتىلىۋاتقان روزاخۇن فىلىملىرىنى باللىرىمىزغىمۇ كۆرسىتىپ چۈشەندۈرەلەيمىز. روزاخۇننىڭ بۇ پروگراممىسى گۈزەل ۋە ھايالىق شەكىلدىمۇ كىشىلەرنى كۈلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى جانلىق ئۆرنەك بىلەن كۆرسىتىپ بەردى. شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ساغلام تىل ۋە ئىدىيەسىنى قوغداشتىكى گۈزەل يارقىن بىر ئىپادىسى .

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،باشقا سانجىلاي دەيدۇ.يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،تەنگە يامىشاي دەيدۇ...
قىزىم سۇھەيبە بۈگۈن يەنە بىر قالتىس شېئىر ۋە ئۇنىڭ ھېكايىسى بىلەن كەلدى. ئاچىل شىئىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىر ئۇيغۇر ئەركىنلىك كۆرەشلىرىدىكى ياڭراق ساداسىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىغاندەك بولدۇق. بىرلىكتە ئاچىلدەپ توۋلىدۇق.
قەلبىمىزدىكى مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق ئىشىكلىرى ئاچىل،مېڭىمىزدىكى توسقۇن ۋە زۇلمەتلەرنى يورۇتىدىغان ئىشىك ئاچىل،مۇناپىق ۋە جاھالەتچىلەرگە ئەقىل ۋە ۋىجدان يولى ئاچىل!بىزنى كۈلپەتلەردىىن قۇتۇلدۇرغۇچى كۈچلىنىش يولى ئاچىل....
بىز ئاستا مېڭىۋاتىمىز، ئەمما تومۇرلىرىمىزغىچە ئورنىسۇن دەپ بولسىمۇ ۋاز كەچمەستىن ئاستا مېڭىۋاتىمىز! يەنىمۇ كۆپ ھېكايىلەرگە ئىھتىياجىمىز بار ئەلۋەتتە!

بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر كىتاب.
كىتاب ئىسمى: جۇڭگو تۈركىستاندىن تېپىلغان كاروشتى يېزىقىدا يېزىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ تەرجىمىسى
ئاپتورى: توماس بورروۋ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1940-يىلى
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: لوندون
نەشرىيات: خان جەمەتى ئاسىيا تەتقىقاتى نەشرىياتى
ئەمدى بۇ كىتابتا نېمە بار؟
بۇ كىتاب خوتەننىڭ نېيە خارابىسىدىن تېپىلغان كاروشتى يېزىقىدىكى يازما ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى كاروشتى يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارقىلىشى ؛ تېپىلغان ماتېرىياللارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى؛ تەرجىمىسى ۋە ئىزاھاتى، تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىقاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
نېمىشقا بۇ كىتابنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدىم؟
ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۇم بولغان ئەھۋالدىن قارىغاندا كاروشتى يېزىقى رايونىمىزدا مىلادتىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى 4-ئەسىرگىچە ئازغىنە كەم 700 يىل داۋام قىلغان.
ئەمدى مىلادىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىللىرىدا ھېندىستاندا يېزىلغان «ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتا بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىدا غازىۋاي ئىسىملىك بىر تېۋىپنى تىلغا ئالىدۇ. خاتىرىلىنىشىچە،
غازىباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى ئىگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم» (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان: تېرىم (تارىم) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتۇن ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ-دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان. غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە – چېۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقىنى، بىنەپشە، بادىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز … قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت – چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن. غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان، ھەمدە ئەپلاتۇننىڭ ھەر خىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتۇن بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسا، غازىباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن، ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم- پەن ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتۇننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتۇن بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارىشى ئالغان، غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە- كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تىببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، بارىي بىلەن ئەنفىيالۇس تارىمغا قايتماقچى بولغاندا، ئەپلاتۇن غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ھەيۋەت – گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن. بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كىرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كىرىيەنى سېھراب، خوتەننى زىھراب، قارقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان.
ئەسەرنى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 350 يىل بۇرۇن يېزىلغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى، ئەپلاتۇن مىلادىدىن بۇرۇن 427- يىلى تۇغۇلۇپ مىلادىدىن بۇرۇن 347- يىلى ۋاپات بولغان دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسۇپ.
شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان. مەركۇز «قامۇس» نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلۇم. لېكىن، يېزىقشۇناس ئالىملارنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 26 خىل يېزىق قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 300 – 400 يىللار ئىلگىرى كارۇشتى ۋە بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن. «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدىكى ئاق سېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ … كارۇشتى ھەرپلىرى تېپىلدى ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3-، 4- ئەسىردىن بۇرۇنقى تارشا، تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجتىمائىي- مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى… ». «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددىي پاكىت، ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى» نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەزكۇز «قامۇس» نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئېھتىمالى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ. (بۇ بۆلەك ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تور بېتىدىن ئېلىندى)
خۇلاسە كالام شۇكى، ئۇيغۇرلار ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەرخىللار تور بېتىمىزنىڭ تارمىقىدا سەرخىللار مۇنبىرى قۇرۇلدى. ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىدەك:تېما يېزىشتېما يېزىش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن توربەتكە كىرىپ، تېما يېزىش دېگەن تىزىملىكنى باسساڭلار بولىدۇ. تېما يېزىش كۆزنىكى ئىنتايىن گۈزەل، تېما يوللاش ئىنتايىن قولاي. تەييار يازما ياكى مېدىيالار بولسا بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يوللاپ بولالايسىلەر. قانداق تېما بولسا بولىۋېرىدۇ. رەسىم ۋە ۋىدىيو يوللىساڭلارمۇ بولىدۇ. ۋىدىيونى يوتۇبتىنمۇ، كومپيۇتېردىنمۇ چىقىرالايسىلەر.ئىنكاس يېزىشتېمىلارغا ئاكتىپ ھالدا ئىنكاس يېزىڭلار. ئىنكاس يېزىشمۇ ئىنتايىن قولاي. باشقا تەھرىرلىگۈچتە تەھىرلەپ چاپلىساڭلارمۇ، بىۋاستە يازساڭلارمۇ بولىدۇ. ئىنكاس ئىككى خىل بولۇپ، بىرى تېمىغا بىۋاستە ئىنكاس، يەنە بىرى ئىنكاسقا ئىنكاس. نەقىلىك ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىنكاسنىڭ ئاستىدىكى بەلگىنى باسساڭلار ئىنكاس كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. باھا ۋە ئىموجى بېرىشتېمىنىڭ ئاستىدا يۇلتۇز بەلگىسى بار، شۇنى باسساڭلار، 1 دىن 5 كىچە سان كۆرۈنىدۇ، شۇلاردىن بىرنى بېسىپ تېمىغا باھا بېرەلەيسىلەر! تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئاستىدا 👍 بەلگىسى بار. شۇنى باسساڭلار ئىموجىلار ئېچىلىدۇ. تېما ۋە ئىنكاسلارغا ئىموجى بېرەلەيسىلەر.ھەمبەھىرلەشتېمىنىڭ ئاستىدا ھەمبەھىرلەش ئايكونى بار، شۇنى باسساڭلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئايكونلىرى كۆرۈنىدۇ. شۇلارنى بېسىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تېمىنى ئورتاقلاشساڭلار بولىدۇ.مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاشنى ئۇنۇتماڭ!2024-يىلى 12- ئاينىڭ 27-كۈنى ( جۈمە )

كىرىش
گېپىمىزنى يەر يۈزىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قوياش سېستىمىسى دىن باشلايلى:
قوياش ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدقانۇنىيەتلىك ھالدا دەۋرىي ئايلىنىپ تۇرىدىغان پىلانىتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىرى بولۇپ، نوخسانسىز بىر يۇلتۇز سېستىمىسى-قوياس سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلار ھەممىزگە تونۇش، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۆزەل پىلانىتبىخەتەرئۆگزىلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرغان، دېڭىز، تاغ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، ئىنسانلارخوجايىنلىقىدىكى جانلىقلاربىلەن ھاياتى كۈچكە تولغان ئۆيىمىز يەرشارىدىن ئىبارەت.
يەرشارىمىزدا سۇ، ھاۋا، تاغۇ-تاشلار،مېنىراللار ۋە مىتورىتلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان جانسىزلار؛ئۆسۈملۈكلەر،مىكرو ئورگانىزىملار،ھاشارەتلەر، ھايۋانلارۋە ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلار بار.بۇلار ماددا ھالەتلىرىدە توختىماي يېڭلىنىپ تۇرىدۇ،بۇ ماددىلار ئارىلىرىدا يەز يۈزىدە ھەرخىل تەسىرلىشىش،ئارلىشىش ۋە ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قوياشتىن ئېلىۋاتقان ئېنىرگىيە بىلەن ھاياتلىق داۋام ئېتىدۇ...
.ئۇنداقتا يەر يۈزىدىكى بۇمەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيىتى نىمە، ئۇلار نىمىلەردىن تۈزۈلگەن؟ بۆيۈك ئىمارەتلەر پارچە-پارچەكاھىشلاردىن پۈتۈپ چىققاندەك،كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان مەۋجۇداتلار ھەممەلۇمنەرسىلەرنىڭ توپلانمىسىدىن تۈزۈلگەن بولىشى ئەقىلگەمۇۋاپىق دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرقايسىلار؟
قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر كۆزئالدىمىزدىكى مەۋجۇتلۇقنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ ئاساسىي ماددىلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكەباشلىغان بولۇپ، گەپنى قەدىمقى گىرىك پەيلاسوپلىرى ئارستوتىل ۋە دىموكىرىتلاردىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ...
قەدىمقى كىشىلەر بارلىق مەۋجۇتلۇقلارنىتۇپىراق، ھاۋا، سۇ، ئوت ۋە روھتىن ئىبارەت بەش تەركىپتىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان. لىكىن ھازىرقى زامان ئېلىم-پېنىدەماددى تۆت تەركىپنىڭ تېخىمۇ كىچىك تەركىبلەرگەبۆلىنىدىغانلىقى ئاددي بىلىملەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، ھاۋائوكسىگىن ۋە ئازوت مولىكولىلىرى ۋە باشقا تەركىپ مولىكولىلاردىن تۈزۈلىدۇ؛ سۇ سۇمولىكولىللىرىدىنتۈزۈلىدۇ؛ تۇپراق بولسا قۇم دانچىللىرى، ھەرخىل تۇزلار ۋەباشقا مىنىراللاردىن تۈزۈلىدۇ؛ ئوت بولسارىئاكسىيەدىكى كۆيۈشچان ماددىلار ۋە ئوكسىگىن، سۇ پارلىرى ھەمدە يورۇقلۇق مەنبەسى بولغان فوتۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ...
ئەمما سۇ، تۇپىراق، ھاۋا ۋە ئوتلارئۇلارنىڭ تەركىبلىرى بولغان ئوكسىگىن، ھېدىروگىن، ئازوت، سىلىتسىي، كاربون،...قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ ئاتوملىرىدىن تۈزۈلگەن مولىكولىلار توپلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئاتوملارچۇ؟
*ئاتوم، ئېلىكترون ۋە ئاتوم يادروسى*
«ئاتوم» ئاتالغۇسى قەدىمقى گىرىكچىدە قايتا بۆلۈنمەس دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تاكى ئېلىكترون بايقالغانغا قەدەر كىشىلەر ئاتومنى ماددىلارنى تۈزگۈچى ئەڭئاساسىبىرلىك دەپ قاراشقان.
1897– يىلى ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى تومسون (كاتودتىن چىققان ئۇچقۇنلار ئېقىمىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئېغىش تەجىربىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇچقۇنلارنىڭ مەنپىي زەرەتلىك ئېلىكترونلاربىلەن ئاتومنى نىتىراللىققا ئىگەقىلىدىغان مۇسپەت زەرەتلىك، ماسسى چوڭقىسىمدىن (مۇسپەت زەرەتلىك قىسم ئاتومنىڭ قايسى يېرىگە جايلاشقانلىقى نامەلۇم ئىدى) تۈزۈلگەن دەپ قاراشقان. تومسۇن دەل ئاتومنىڭ «تاۋۇز مودىلى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەرىزىچە مۇسپەت زەرەتلەر «تاۋۇز»نىڭ ئېتىگە ،ئېلىكترونلار بولسا خۇددى تاۋۇزئېتىگە تەكشى تارقالغان ئۇرۇقلىرىدەك ئاتومنىڭ ئىچىگە تارقالغان ئىدى.
ھالبۇكى بۇ مودىل 1911– يىلى تومسوننىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇزىرفۇرد ئالفا زەرىچىسى(گىللىي ئېئونى)بىلەن ئالتۇن ياپراقچىسىنى بومباردىمان قىلغانغاقەدەر كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇردى.
رۇزىرفۇرد تەجىربىسى شۇنى كۆرسەتتىكى،ئالفا زەرىچىلىرى ئالتۇن ياپىراقچىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يۈكسەك بۇلۇڭدا قېيىشدىن «تاۋۇز» مودىلىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇزىرفۇرد ئاتومنىڭ « قوياش سېستىمىسى مودىلى» نى ئوتتىرىغاقويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە،ئاتوم مەنپي زەرەتلىكئېلىكترونلار بىلەن مۇسپەت زەرەتلىك ئاتوم يادىروسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئېغىرۋە زىچ ئاتوم يادروسى ئەتىراپىدىكى كەڭرى بوشلۇقتا ئېلىكترونلار خۇددى قوياشنىڭ ئەتىراپىدىكى سەييارىلەردەكيادرو ئەتىراپىدا يۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، لىكىن بۇ ھەرىكەتلەر سەييارە ھەرىكەتلىرىدەك ئوربىتىلىق، تۇتاشسىزىقلىق ھەرىكەتلەر بولماستىن كۇۋانتلاشقان ھەرىكەتلەردۇر. كۇۋات ئۇقۇمى ھەققىدە كىيىن ئايرىم توختىلىمىز.
دىمەك باشتا «قايتا بۆلۈنمەيدۇ»دەپ قارالغان ھەم شۇنداق مەنىدىكى ئىسىم بىرىلگەن ئاتوم،ئېلىكترون ۋە ئاتوم يادروسىدىن تۈزۈلگەن بولدى. ئۇنداقتا ئۇلارنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ زەررىلەرگە بۆلۈشكە بولامدۇ يوق؟
*پروتون ۋەنىتىرون*
1869- يىلى روسسىيەلىك خېمىك دېمىترى مېندىېىۋ ئېلىمىنتلاردەۋرىي جەدىۋىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلمىنتلار ئاتوم سانى ۋەماسسىللىرىغا قاراپ ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدىۋېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، ئاتوم سانى ئۇنىڭ يادروسىدىكى زەرەت سانىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. كىشىلەر زەرەت سانى بىربولغان ئەڭ يېنىك ھېدروگىن يادروسىنى پروتون دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ،ئاتوم ئېغىر يادرو(يەنى يادرودىكى پروتون) بىلەن يادرو ئەتىراپىدىكى يېنىك ئېلىكتونلاردىنتۈزۈلگەن بولدى.
ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدۋېلىگە كۆرە، ھېدروگىن بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئېلمىنىت،دىمەك بىر دانە پروتون ۋە بىر دانە ئېلكتروندىن تۈزۈلىدۇ، گېللى بولسا ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ئېلمىنىت بولۇپ،ئىككى دانە پروتون ۋە ئىككى دانە ئېلىكتروندىن تۈزۈلىدۇ. ئەمما گېللى ھىدروگىندىن تۆت ھەسسە ئېغىر. ئېلىكترونلارنىڭ ماسسىنى ھېسابقائالمىغاندا،ئاتوم ماسسىسىئاتوم يادروسىغا مەركەزلەشكەن دەپ قارالغانلىقتىن گېللى ھىدروگىندىن ئىككى ھەسسە ئېغىر بولسا بولاتتى... مۇشۇ پىكىرنى چىقىش قىلىپ رۇزىرفۇرد 1920-يىلى ئاتوم يادروسىدا پروتوندىن باشقا يەنە زەرەتسىزئغىر زەررە بارلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بۇنى (زەرەتسىز، نىيتىرال بولغانلىقى ئۈچۈن)نىتىرون دەپ ئاتىدى.
لېكىن بۇ پەرزەز ئىدى. 1932- يىلىى چادۋىكرىزۇرفۇردنىڭ بۇ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ نىتروننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېلانقىلدى (ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 1935- يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى). نىتىرون ئېلانقىلىنغاندن كىيىن فېزىكا ئالىمى ھايسىمبېرگ ئاتوم يادروسىنىڭمۇسپەت زەرەتىك پروتون ۋە نىتىروندىن تۈزۈلگەنلىكىنىئوتتۇرىغا قويدى.
مۇشۇ يەرگە قەدەرخۇلاسىلىسەك، بىز كۆرىۋاتقانماددىلارنى تۈزگەن كىچىك بىرلىكئاتوم،ئاتوم يادروسى ۋە ئېلىكترونلاردىن تۈزۈلگەن بولدى، ئاتوم يادروسى بولسا يەنە پروتون ۋە نىترونلاردىن تۈزۈلگەن بولدى.
پروتون ۋە نىتىرونلار ماددىلارنى تۈگۈچىئەڭ كىچىك زەررىلەرمۇ؟ ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلغاندەك ئوخشاش ئۇسۇل بىلەنپروتون ۋە نىتىرونلارنى پارچىلاپ تېخىمۇ كىچىك زەررىلەرگە بۆلۈش مۇمكىنمۇ؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن پارچە-پارچەزەررىلەرنى توپلاپ ماددىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان، يەنى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئامىلنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.

رەسىم
admin
General
بۇ سىننى كومپيۇتېردىن چىقاردىم
بۇ سىننى كومپيۇتېردىن چىقاردىم
admin
General
تۇردىمۇھەممەت ئابدۇللاھ
442 كۈن بۇرۇن
Dunning-Kruger ئېففېكتى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىم-قابىلىيىتىگە قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراش پىسخىكىسى بولۇپ ، بۇ يەردە مەلۇم بىر ئىش ياكى تېخنىكىدا ئىقتىدارى چەكلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇردىكى ئىقتىدارى ئەمەلىي ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئەكسىچە ، مەلۇم بىر ساھەدە يۇقىرى ماھارەتلىك ياكى بىلىملىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ ، ئۆزى بىلگەننى باشقىلارمۇ بىلىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ ئېففېكتنى تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي پىسخولوگ Justin Kruger ۋە David Dunning 1999-يىلى ئېنىقلىغان ، بىر قاتار سىناقلاردىن كېيىن ، قاتناشقۇچىلاردىن ھەرقايسى ساھەدە ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى باھالاش تەلەپ قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار مەلۇم بىر ۋەزىپىنى تاماملاشتا ئەڭ تۆۋەن نومۇر ئالغان كىشىلەرنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى يۇقىرى مۆلچەرلەشكە مايىل ئىكەنلىكىنى ، ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغانلارنىڭ بولسا ئۆز ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە مايىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.Dunning-Kruger ئېففېكتى مائارىپ ، سودا، سىياسەت ۋە باشقا ساھەلەردە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ، ئىقتىدارىغا زىيادە ئىشىنىپ كېتىدىغان كىشىلەر خاتالىق سادىر قىلىشى ياكى زۆرۈر بولمىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى مۇمكىن ، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. Dunning-Kruger ئېففېكتىنى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش كېرەك ، مەسىلەن باشقىلاردىن پىكىر ئېلىش ، ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشقا ئاكتىپ بولۇش ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنىڭ چەكلىمىسىنى تونۇش، ئەڭ مۇھىمى كەمتەر بولۇش كېرەك.سىز Dunning-Kruger ئېففېكتىگە قانداق قارايسىز؟
رەسىمنىڭ ئىسمىنى يېزىڭ...

ئاپتورى: ئالىم ئەھەت
دۇنيادا «ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق» ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.
ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:
(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت، 32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر (2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟
(2) سۆز قوشۇمچىلىرى جەھەتتە: ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Kashgar دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن قەشقەردىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟
(3) مىقدار سۆز جەھەتتە: خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدا بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قايسى تىللاردا بار؟
بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.
يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە» نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، «ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى» دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
مېنىڭچە،
(1) -جۈملە: «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى» دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس،.. نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
– ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا).
قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).
(2)-جۈملە: «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانمۇ؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
– دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا).
(3)-جۈملە: «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىمۇ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانمۇ؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
– يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا).
(4)-جۈملە: «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش» نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ» دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
– دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)
(5)-جۈملە: «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى» دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
– سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
– ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
– سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى.
– ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى.
– سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
– ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز.
«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز» نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،… دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
(6)-جۈملە: «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
– ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا).
ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچى بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،… دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بەك بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.
مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ۋە بۇنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى» – دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش. يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز ھەمدە نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.
تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!

*بىرىنچى ئىش*:
ئالدىنقى كۈنى بىر ئوقۇغۇچۇم ئۇچۇر قىلىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرستىتىغا ئۆتكەنلىكىنى، لېكىن ئوقۇش پۇلىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ ئوقۇغۇچۇم مەكتەپكە چەتئەللىك سۈپىتىدە ئىلتىماس قىلغاچقا ئوقۇش پۇلىمۇ چەتئەللىكلەردىن ئېلىنىدىغان ئۆلچەم بىلەن ئېلىنغان ئىكەن. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرستىتى تۈركىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرستىتلارنى بىرى بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا خوش بولدۇم. لېكىن، ئوقۇش پۇلىنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تۆلىمىسە تىزىملىتالمايدىكەن. تۈركىيەنىڭ ھازىرقىدەك شارائىتىدا ئۇ قەدەر كۆپ پۇلنى نورمال بىر ئائىلىنىڭمۇ دەرھال چىقىرالىشى تەس ئېدى. شۇڭا دەرھال تونۇش بىلىشلىرىم كۆپ بولغان گورۇپىلاردا بۇ ئۇچۇرنى ئورتاقلىشىپ، ياردەمگە چاقىرىق قىلدىم. ئاز ئۆتمەي ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئييتىشتى. ئوقۇش پۇلىنىڭ سوممىسى ھەقىقەتەن كۆپ ئېدى، ئىككى كۈن ئىچىدە يىغىلىشى ۋە تۆلىنىشى كېرەك ئېدى. ئارىدىن بىر قېرىندېشىمىز ۋاقىتنىڭ قىستاپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككىلەنمەيلا بۇ پۇلنىڭ ھەممىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى! 68000 تۈرك لىراسى ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس! ئۇ پۇلنى بېرىپلا قالماي بۇنى ئۆزىنىڭ بەرگەنلىكىنى ھەرگىز، ھېچكىمگە دېمەسلىكىنى تاپىلىغان ئېدى...
*ئىككىنچى ئىش*:
ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ۋاتسئەپ گورۇپىلىرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئاۋات بولۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق ئېلىم-بېرىم قىلىدىغان بىر توپى بار. توپتىكى كۆپىنچە كىشىلەر تۈركىيەدىكى قىيىن شارائىتلاردا تىرىشىپ، تىرمىشىپ ئائىلىسىدىكى بەش-ئالتە جاننى بېقىۋاتقان تىرىشچان، تەقۋادار ئۇيغۇر دادىلار... بۇ توپتا بىر-بىرى بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلغاندا ئۆز-ئارا ئىشەنچ مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. نەچچە مىڭ دوللارنى، نەچچە يۈزمىڭ لىرانى بىر-بىرىگە ئېتىپ سودا قىلىشىدۇ. مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالغاننى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇنى بىر ئاز كىشىلەرنىڭ قاراملىقى دېسەكمۇ، ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ گورۇپىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە ئىتىقاد ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارايمەن... ئەشۇ كۈنى گورۇپىدا بىرەيلەن ئۆزىنىڭ بىر توپ دوللار تېپىۋالغانلىقىنى، پۇل يۈتتۈرۈپ قويغانلار دوللارنىڭ سانىنى دەپ بەرسە قايتۇرۇپ ېبرىدىغانلىقىنى دەپ ئېلان چىقىرىپتۇ! «ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان» ئاق كۆڭۈل، مەرت ئۇيغۇرلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. يېقىنقى مەزگىللەردە ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ئۇچچىغا چىقىشى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇپلىشىشى، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى بارا-بارا ئۇنۇتىشى، بۇلارغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان كەلگۈسىدىكى پوتېىنسىيال مەسىلىلەر... مېنى قاتتىق قايغۇغا سېلىپ كېلىۋاتاتتى. يۇقىرىدىكى ئوخشاش كۈندە يۈز بەرگەن ئىككى ئىش ماڭا خېلىلا ئۈمۈد بېغىشلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ قويدى! ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆز»ى تېخى يوقالماپتۇ. ئۇيغۇرلار يەنىلا ناھايىتى ئېسىل ۋە ئاقكۆڭۈل. ئېسىللىقنى باشقا مىللەتلەرگە، ئاقكۆڭۈللۈكنى ئۆز-ئارا تەدبىقلىساق ۋە ئەۋلاتلارغا «ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى ئۆزى» نى مىراس قىلىپ قالدۇرساق بىزدە ئۈمۈد بار!