سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#ئەدەبىيات
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
1 كۈن بۇرۇن
قەشقەردىكى يەر شارى 


  ئادىل تۇنىياز  

 سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش، سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ، قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە.   يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە، پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە، بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە. بۇ يەردىكى ئادەملەر، پەرۋاز قىلار يۈرەكلەردە. ئات قوشۇلغان، قىزىل سايىۋەنلىك مەپە تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن، جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى. سېۋىتىنى قويۇپ بېشىغا گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن…. قۇشلار، ھارۋا، سۇمبۇل چاچلىق ئايال، يەنە بىر ئايال، كۆز، ئەتلەس كۆڭلەك، ساقال تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن. مەن كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان، مۇڭدىشىۋاتقان، يۆتەلگەن ، چەينەك جوغىسىنى پىيالىگە تەگگۈزۈپ چاي قويغان، چاي شامىسىنى پۈۋلەۋاتقان، كىشىلەر بىر-بىرىگە بېقىپ گەپلەشكەن، سەنلەشكەن قايناق چايخانا ئالدىدا ئۆتكەچ، كىملىكىنى بىلىندۈرمەستىن كۆيۈۋاتقان مەخپىي ئاشىقتەك ئوغۇرلۇقچە كۆيۈپ يۈرىمەن. كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە قاراپ-قاراپ يەنىلا تويماي نۇردەك ئۈنسىز سۆيۈپ يۈرىمەن. سۆيىمەن ئاق نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى، جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگۈسىنى، ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگۈسىنى. سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى، ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى، ئەنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى. ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى. سۆيىمەن مەسجىتتىن قايتار ۋاقىتتا يۈزۈمگە ئۇرۇلغان سىم سىم يامغۇرنى. سۆيىمەن ئۈندىكى قارنى شامالنى، چىملىقلاردا،ئېرىق بويىدا سازاڭ تېرىپ يۈرگەن باھارنى. 12-ئاينى،12ئاينى، چوڭ كوچىنى خالتا كوچىنى، تىلەمچىنى،پالچى ئايالنى، تەشتەكلىك،تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى، سېنى ھەم ئۇنى. سۆيىمەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخنى، سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۈسىنىمۇ.   بېكەت ئىچىدە بايا ماڭا ئەنجۈر ساتقان چال (ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك) ئەنجۈر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت. بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە ئەنجۈردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت. تۇنۇشىمەن بۇ مۇھەببەت بىلەن تۇنۇشلارغا،ناتونۇشلارغا، كوچىدىكى ئاپتۇبۇسلارغا. ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن سىمىدەك تۇتىشارمەن مۇھەببەت بىلەن قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا. لاتۋىيىگە، فىرانسىيەگە، شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا، ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا. ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى غار غالتىغا،بېلىقچى قىزغا. يىراق چىلى ئورمىنىدىكى يېنىك،جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا. سۇ ئاستىدا كەچكى شەپەق قىزىلگۈل بولۇپ ئېچىلىپ قالغان گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا. مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بولۇپ كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ. مەن ئالتاي ئورمىنىدىكى بىر يۇلتۇز بۇلۇپ بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يورۇتۇپ.
  مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز پەسلىدە سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە، ھاۋا بولۇپ كۈلۈمسىرەيمەن كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە. مەن نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چېكىت، يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە. قەشقەر ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر. بازىرى ھېيتگاھ جىمجىت يۈرەكتەك جىمجىتقىنا مەسجىت مۇنارى. كۆز سۆزلىيەلەيدىغان كۆز.   ھېيتگاھ بازىرى ئالامەت بازار، ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار. ئاشىقلار گۈل ئالغىلى كېلەر، كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر، سۈكۈتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر. ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ، ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال. يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش، كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا،قىيپاش. بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،. گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۇرىدا ئادەملەر يۈرىكىدىن كۆرۈنەر قۇياش. ھېيتگاھ مۇنارى، ئەنسىز دۈپۈلداۋاتقان يۈرەككە ئوخشاش.     مەغرۇر بىز ھەم، بىچارە بىز ھەم. توختىماي جىرىڭلار كۆڭۈل تېلىفۇنى، ئېھ،ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم… قات-قات غېرىبلىق مىڭلىغان سۈپسۈزۈك ئادەملەر ئارا…..   قۇشلار   ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار. سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.   غېرىبلىقتەك ئېگىز بىنا. قوشنا ئۆيدىكى ئادەم. تام. ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت. توي. ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى. قۇشلارنىڭ يېشى. ئەينەك غېرىبلىق. قول يەتمەس ئىشىك. كارىۋات. قاچقان ئۇيقۇ. غەم تولغان كۈلبەڭ ... ئايرۇپىلان. دېڭىز. قۇشلارنىڭ يېشى. ھەممە يەردە يات ئادەم.
 
admin 09 Mar 21:31
رەھمەت، ياخشى ئەسەرنى ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن.
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
6 كۈن بۇرۇن

ئايال 

ئەلا نۇر 


ئۇنىڭ قولى گۈللىتەر ئۆينى،
ئۇ پەرزەنتكە ئەڭ ئىسسىق نەپەس ،
ئۇ رەڭلەرنى جۇلالاتقان روھ،
ئۇنىڭ بىلەن يېلىنجار ھەۋەس.

ئۇدۇر خۇدا تاشلىغان بىر چوغ،
سوغ دۇنياغا مىھىر تاراتقان.
ئۇدۇر گۈزەل،  خۇشپۇراق بىر گۈل،
ئۆسكەنلىكى يەرگە ياراشقان‌.


ئەدەبىيات
ئەلانۇر
9 كۈن بۇرۇن
  مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى

(نۇر روزى)

 بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپسوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى : – تىنچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ . ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى . – خوش ، بۈگۈن نېمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟ – 

مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ تۆگەدۆڭ دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى . 
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يېرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردىدە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورۇلدىتىپ چېكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردىدە ، تۇيۇقسىز سورىدى : – تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟ – ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى . – ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ؟ خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتىدە ، دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى . – بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ،دېدى ئۇ ئېڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موما ياغىچىنى كۆرسىتىپ ،مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى . – ھە ؟! 
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەگكەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىرقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭلاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۇرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالاپاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتىدە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپلىپ تىترىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى : – نەچچە كۈن بولدى ؟ – تۈنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن . 

مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدىدە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . 
مۇدىر چىلىمنى قاتتىق قاتتىق ئىككىنى شورىدىدە ، ۋارقىرىدى : 
– ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل ! 
– خوپ ! 
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيانبۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدىدە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
 – خوش ، نۇسرەت ئەپەندى .
مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ،مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟ – بىر ھەپتە . 
– ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟ – كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭچوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق . – خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇڭمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟ – ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى . – قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟ – 13 ياشلىق بىر بالا . – 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟ – چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنچىكە ، يېرىمىغا چىقىپ بولغۇچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ،نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ . – قاپاقۋاش !مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدىدە ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ،ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نېمە دېگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى ! تەرتىپ مۇدىرى تىترەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پېشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى . – كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم . – ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كېرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىقىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى ! – ئۇقتۇم . – ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟ – چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ چىقالايمەن دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
 – شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟ 
– دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
 – دادىسى كىمكەن ؟ نېمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
 – سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسلىدە ئۇ ئىلىلىق ئوغرىلارغا قوشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ . – ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟;
 – داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
 – ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كېچىكتۈرمەي تېزرەك ھەرىكەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۇجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراقپىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەمياد قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ،ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن X بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرىماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى : – مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ…ئايھاي! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت …تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ . – خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۈۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ . ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالايېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى . – ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر . بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىدە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىگە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . » يە ئوغلۇم» دېدى ئۇ تۇمشۇقىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭچوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارىشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە «مومىغا چىقالايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ : – ئىسمىڭ نېمە ؟دەپ سورىدى . – مۆمىن . – داداڭنىڭچۇ ؟ – مۇسا . – ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟ – سوپاخۇن باينىڭ ئۇيكالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن . – نەچچە كالا باقىسەن ؟ – يىگىرمە . – يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا ياقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىمكىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارنىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك ! ئۇ كارىۋاتنىڭ تېگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى : – مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن . بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدىدە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى : – بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر ؟ – قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتابالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر . – راستما ؟ – راست بولمايچۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ،مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى . – ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە . – مۇنداق دېگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر . مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى : «تىلخەت مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىسام پىرقە ئۈچۈن شېھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھېچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر . تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا . شاھىتلار : مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا . تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى . جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37يىلى 9ئاي . مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى . – خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە . – خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقىرىقى خەتنى مۇنداق ئوقۇشقا باشلىدى : «تىلخەت مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دېگەن بالا مەكتەپ بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق . تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.) – قانداق بوپتۇمۇ ؟سورىدى مۇدىر . ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شادلىق كۈلكىسى يامرىدى . – بوپتۇ ،دېدى ئۇ خۇشاللىقىنى باسالماي . – بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى . مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرىبۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىرچىمىر بولۇپ ، بۇ ئىلمەكتوقۇناق سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندىدە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خۇشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىكى پەلەمپەيلەردىن سەكرەپسەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى : – قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە . – ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، داداڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ،مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ،تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن ! خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتى . بالا خاتىرجەم بولدى-دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاغلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئىدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردىدە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇدىردىن يەنە سورىدى : – دادام نېمىشقا كەلمەيدۇ ؟ – سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ . موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت-ھۇيت دېگۈچە ، يەتتە غۇلاچلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى : – يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى ! مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدىدە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى . ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سىرقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلاقىنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدىدە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقىرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى : – مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟ – كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نېمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . «مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن » دېگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى .. ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرىلىغانسېرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لېكىن ئىرغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئېڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتىدە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئېگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكىنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرىغىلپاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئېگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى. ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . «مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . » دادا!دادا!» ئۇ ھەر قېتىم «دادا» دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتىدە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىرغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ «غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !» دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ » ئۆزۈڭگە پەخەس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !» دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ، 2 غۇلاچ، بىر غۇلاچ..موما ئىرغاڭلايتى، سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ.. مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى-دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي ۋۇي ! نېمە دېگەن ئېگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەب كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى «قوي ئوغرىسى» قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى : – مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا ! مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتۈرۈلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى دە ، بايراقنىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى : – بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي ! دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈزكۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدىدە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشىلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردىدە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىرىدى : – مۆمىنجان ! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟ – مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدىدە ، خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى . – دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم . بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىدە ، قاتتىق ۋارقىرىدى : – توختا ! …چۈشمە ! مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدىدە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى : – ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نېمە دەپ ئۇرغان ؟! – قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ ! – قانداق ئۆلتۈرگەن ؟ – ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن . – ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى ؟ بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى : – ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى . – بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟ – مۇشۇنىڭغا ئوخشاش . – بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟ – ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى . – ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟ بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى . بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتىدە ، ھايت ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرىدى : – يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت ! لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى ، ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى : – دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول !- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردىدە ، بالىغا قارىتىپ ئارقائارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتىدە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا «ۋايجان!» دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۇۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدىدە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى دەل شۇ چاغدا ، قاراسقۇرۇس قىلىپ موما سۇندىدە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتىيۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە قويدىئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قوشۇلدى . بۇ چاغدا غەربكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىكىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى…
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
9 كۈن بۇرۇن
تەشناقاش
 
ئەلا نۇر 


ئۆچەرمۇ كۆز نۇرۇم بىۋاق نىگار ۋەسلىگە يەتمەستىن،
ئىلاھىم چاچقۇ قىپ نۇسرەت، غېرىپ باشىمغا سەپمەستىن. 


سېنى دەپ ئۆتتى ئۆمرۈمنىڭ باھارى، يازى تەشناقاپ،
زىمىستان قاتتى مۇز قەلبىم، نادامەت، داغى - ھەسرەتتىن. 


زامانمۇ باقمىدى ئوڭ كۆز بىلەن ئۇنتۇلدۇق ۋە بەلكىم،
زاۋالغا تۇتتى يۈز بەختىم، ئىچىپ رەڭ تۈندە زۇلمەتتىن . 


مەگەر تاڭ ئاتسا گۈلشەندە كۆرەرمەن يارنى دەپ كۈتسەم،
بىدارلىق سۇندى غەپلەتتە،  ناماز خۇپتەنگە يەتمەستىن.


باھاردا سولدى گۈل، ياغمىش تومۇزدا قار بىلەن مۆلدۈر،
نېسىپ  بولغايمۇ  ئۇيغۇرغا بۇنىڭدىن ئۆزگە  قىسمەتتىن!؟
ئەدەبىيات
قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن
9 كۈن بۇرۇن
ناۋاي دادا ئاسپىرانت بالا 
(مىكرو ھىكايە) 
 دادا ناۋاي ئىدى . ئۇ گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن بىر ئائىلىنى بېقىپ كەلدى. ئۇ ھاياتىدا كەچكى شەپەقتە پېتىۋاتقان قۇياشتەك دۈپ -دۈگىلەك ، قىپقىزىل ، چوڭ-چوڭ نانلارنى ، كېچىدە تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان گىردىلەرنى ، كۆپكۆك ئاسماندا جىمىر-جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلاردەك ئوماق توقاچلارنى ياققىچە، تالاي-تالاي قېتىم باش-كۆزلىرىنى ‹‹ ئۈتلەپ›› كەتكەنلىكى ئېسىدىمۇ يوق ئىدى . كېچە-كۈندۈز پەقەت ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ، يالغۇز ئوغلىنى ۋايىغا يەتكىچە ئوقۇتۇش ئىدى. باشلانغۇچتا : — بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ، دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ،ئوغلىغا روبىرو ئولتۇراتتى . تولۇقسىزدا: —بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ،دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر ژۇرنالنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ زور قىزىقىش بىلەن كۆرەتتى . تولۇق ئوتتۇرىدا : —ئوغلۇم، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىۋال دەپ، بالىنىڭ قۇلاقلىرىدىكى تىڭشىغۇچلارنى ئېلىۋېتىپ قولىغا بىر روماننى ئېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تازا ئىشتىياق بىلەن «ئوقۇيتتى». ئاتا ئۆيدە بارلىكى چاغلاردا مۇشۇنداق قىلاتتى . ئالىي مەكتەپتە: ئاتا ئالىي مەكتەپكە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلەنسىمۇ ، ئەسلى ئادىتى بويىچە پات-پات تېلىفۇن قىلىپ: —ئوغلۇم ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇما ، ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقۇ ! دەپ تاپىلاشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايتتى . دوختۇرخانىدا : ئوغلى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ،دوختۇرلۇق كەسپىنى قولىغا ئالدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاتا-ئانا مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتتى . بىر كۈنى توساتتىن، دوختۇرخانىدىن تېلىفۇن كەلدى . دادا ئۇچقاندەك يېتىپ باردى . ‹‹ سوقۇر ئۈچەي›› سەۋەبىدىن ،ئوغۇلنى جىددى ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەنىدى . جەدىۋەلگە قول قويىدىغان چاغدا دادا ساۋاتسىز چىقىپ قالدى. ئوغۇلنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن ياشلىرى ‹‹ بوۋاي›› نىڭ ساقاللىرىدىن سىرغىپ چۈشتى. بوۋاي ئەسلى بالىسى ئۈچۈن يالغان ساۋاتلىق بولىۋالغان ئىدى ......... پەرزەنىتلىرىمىزگە "دەپ" ئەمەس " قىلىپ" ئۈلگە بولىشىمىز كىرەككەن ھاياتتا
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
15 كۈن بۇرۇن
          يۈرەك نېمە؟ 

ئەلانۇر


 قېنىپ يىغلاش لازىم ئىنسانغا ، 
بايقىغاندا ئۆز ئۆزىنى بەزلەپ يۈرگەننى . 

ياشاش نېمە ؟ تەنگە قۇل بولۇش
 يۈرەك نىمە؟ قەپەستىكى قۇش
 ئەڭ مۇقەددەس مۇساپە ئۆلۈم
 ئازاپلىقتۇر تۆشەكتە ئۆلۈش . 



ئەدەبىيات
ئەلانۇر
18 كۈن بۇرۇن
مەنىۋىي ۋەتىنىمىز- ئانا تىل

 ئەلا نۇر

 ئىسلام دىنىدىن قالسىلا ،ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىكى يەنە بىر ماھىيەتلىك ئامىل – تىلدۇر. ئۇيغۇر تىلى بىز ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى باشقا ھەممە مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بەلگىدۇر.

 ئۇيغۇر تىلى بىز ئۇيغۇرلار بىر-بىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغان قورال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تارىخىمىز، بىلىش چوڭقۇرلۇقىمىز، ھېسسىيات ئالىمىمىز، تەپەككۇر ئادىتىمىز ۋە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىمىزنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.

 تىل كىملىكىمىزدىكى مۇھىم ئامىللا ئەمەس، ھايات-ماماتلىق ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. 

تىل ئارقىلىق بىز ئۆزگىلەرگە ئۆزگىچىلىكىمىزنى ئىپادىلەپلا قالماي،يەنە ئۆز دۇنيارىمىزنى قۇرىمىز. مىللەتداشلىرىمىز بىلەن ئەخلاقىي،ئىجتىمائىي،سىياسىي ۋە تارىخىي باغلىنىشىمىزنى ھىس قىلىمىز. ئۆز تىلىمىز بىزگە قورغان كەبى خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ، بىر-بىرىمىزگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. كۆڭۈل رىشتىمىزنى چىڭىتىدۇ، شۇنداقلا بىزگە غۇرۇر، پەخر،ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.

بىزدە تىلىمىز "ئانا" غا ئوخشىتىلىدۇ  --- ئۇ ھەر بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆز پەرزەنتىگە تۇنجى قېتىم سۆزلەيدىغان تىلدۇر. ئۇ – ئانىنىڭ تىلىدۇر، شۇنىڭدەك ئۇ بىلىدىغان تىللىرىمىزنىڭ ئانىسىدۇر. يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا تىلىمىز ئانا بېرىدىغان دىلئاراملىقنىڭ، ئانىمىز بىلەن مۇناسىۋېتىمىزدەك تەرىپلىگۈسىز، قان بىلەن گۆشتەك بىرىكىپ كەتكەن مۇناسىۋەتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ،  پاسىبانلىقنىڭ تىمسالىدۇر.

 خەلقىمىز ئۆزىگە مۇقەددەس شەيئىلەرنى ئانىغا ئوخشىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىككى شەيئىنى ئانا بىلەن باغلاپ ئىدراك قىلىدۇ  —  ئانا ۋەتەن ۋە ئانا تىل.  ھەر ئىككىسىدە ئانىنى ئۇلۇغلاش خاھىشى بار. ئانا – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدراكىدا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇنىڭدىن كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئۇ پەرۋىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە ھاياتلىقنى پەپىلەيدۇ، ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىدۇ. ئانا بالىنى چوڭ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق يارىلىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپىرىدە قىلغۇچى مەنبە سۈپىتىدە قارىلىدۇ.
 
ئانا خۇددى زىمىنغا ئوخشاش يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. ۋەتەن بىلەن تىلنىڭ ئانا سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىشىدا شۇنداق چوڭقۇر باغلىنىش باركى ، ھەر ئىككىسى يېڭى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ھەر ئىككىسى خۇددى زىمىنغا ئوخشاش ھەم مەۋجۇتلۇقنى ئۆزىدە ساقلايدۇ ھەم ئاينىتىدۇ. ھەر ئىككىسى ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلاردۇر. ھەر ئىككىىسى ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەجدادىغا باغلايدۇ. ئادەمنىڭ كىملىكىنى تارىخىيلىققا ئىگە قىلىدۇ. ۋەتەن بىر پارچە زېمىن بولۇش سۈپىتىدە ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەن بوشلۇق بىلەن تەمىنلىسە، ئادەمنىڭ ھايات قېلىشى ۋە كۆكلىشىنى دەستەكلىسە، تىل ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. ۋەتەن خۇددى تىلدەك ئادەمنى سىغدۇرىدىغان پاناھگاھ ، ئىللىق باغر ۋە ئارامبەخش ماكان بولسا، تىل ئادەمنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا قىلىدىغان ۋەتەندۇر.   شۇ سەۋەبتىن، ۋەتەنسىزلىك نوقۇل ھالدا ئاشۇ بىر پارچە زېمىندىن ئايرىلىپ قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تېخىمۇ تىرەن نۇقتىدىن ئالغاندا، ھاياتلىقنى ئاينىتىدىغان مۇھىتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىش خۇددى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشاش، ئۆزى سۆزلىشىدىغان دۇنيادىن ۋە ئۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ تىلدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ھەسرىتى ۋەتەنسىزلىكنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ --- چۈنكى ئۇنىڭدا ئادەم ئۆزىدىن، ئۆزىنىڭ ئادەملىرىدىن ۋە تۇپرىقىدىن يىراقلىشىدۇ، تارىخى خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلىدۇ،  ئۇ ئۆزىگە يات ئادەمگە ئايلىنىدۇ.  ھەتتا ئۇ باشقا بىر قانچە تىلدا راۋان سۆزلىيەلىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزلۈكىدىن، ئەسلىدىن، يىلتىزىدىن  ئايرىلىپ قالىدۇ . مۇستەملىكە رىئاللىقىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقىنى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشلا ئەمەس ، بەلكى يەنە تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشتۇر. ھەر ئىككىسىدىن ئايرىلىش ئۆزىنى خاتىرجەم، بىمالال ھېس قىلدۇرىدىغان ئانىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ئوخشايدۇ ۋە ئۈزۈل- كېسىل ھالدا مىللەت سۈپىتىدە يېتىمچىلىكنى ئىشارىلەيدۇ.

 شۈبھىسىزكى – تىل كىملىكنىڭ يادرولۇق ئامىلىدۇر. چۈنكى تىل بىر مىللەتنىڭ نەچچە ئەسىرلىك كۈلتۈرىنى، تارىخىنى ئۆزىدە توشۇپ ماڭغۇچىدۇر. تىل – مىللەتنىڭ روھىنى سۆزلىگۈچى، مىللەتنىڭ كوللىكتىپ خاتىرىسىنى ساقلىغۇچىدۇر. تىل – شۇ مىللەتنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى يولىدۇر. دۇنيانى ئىپادىلەشنىڭلا ئەمەس، ئۇنى ئېدراك قىلىشنىڭمۇ سخېمىسىدۇر. تىل ئادەم بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دۇنياسىدۇر—ئۇنىڭ مەنىۋى ۋەتىنىدۇر. 

ئەگەر ئۇيغۇر تىلى يوقالسا، شەكسىزكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىمۇ يوقىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھېچقانداق بىر تىل ئۇيغۇلارنىڭ دۇنياسىنى ئۇيغۇر تىلىدەك ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋايىغا يەتكەن ئەۋرىشىم ۋە باي تىلكى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھېس- تۇيغۇلىرىنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ھەق- دادىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىيەلەيدۇ. 

 ئادەم ئۆز تىلىدا ئاراملىق تاپىدۇ، ئۆز تىلىغا سىغىنىدۇ، ئۆز تىلىدا خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ. كىملىك ئانا تىلدا ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانا تىل تۇپرىقىدا بىخ ئۇرۇپ چىقىدۇ، كۆكلەيدۇ، باراقسانلايدۇ ۋە مېۋىلەيدۇ. ئانا تىل- بىزگە بېرىلگەن مۇقەددەس پۇرسەت. تىلىمىز ئارقىلىق نامايەن بولىدىغان كىملىكىمىزمۇ بىز ئۈچۈن مۇقەددەس پۇرسەت.   

     
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
21 كۈن بۇرۇن
‌مەن   كىم 

ئەلا نۇر

شېئىر ئەسلى تىم- تىم ئاققان جان ئىكەن،
نەپسىگە قارشى جىھاد، ئىسيان ئىكەن.
ئاق بېتى ئىمان،  قۇرى ۋىجدان بىلەن،
ھەر ھەرپ سۆيگۈ، سىياھى قان ئىكەن. 


كۆرگىنىم چۈش، مۈلكى ئالەم ئۇيقۇدا،
تىن- نەپەستە ھال غېرىپ، ئۇلپەت رىيا.
ھەر قەدەم ئاھ ئىپتىدا، يوق ئىنتىھا،
ئەسلى ئىلھام قوزغىتار ئەزان ئىكەن.


ياندىشىپ باتىلغا پىكرۇ- مەسلىكىم،
بىلگىنىمدىن زور بولۇپ بىلمەسلىكىم.
ھېچ سوراپ باقماپتىمەن < مەن ئەسلى كىم؟>
ئەمدى بىلسەم شۇ بىلىشمۇ شان ئىكەن.




ئەدەبىيات
ئەلانۇر
22 كۈن بۇرۇن
ئوت 

ئەلا نۇر


ئوت ئىدىم
تۇتاشماقچى ئىدىم ئالەمگە 
تۇتىشالمىدىم
تۇتاشتى ماڭا ئالەمنىڭ ئوتى


ئوت ئىدىم
تۇتاشماقچى ئىدىم مەن يارغا 
تۇتاشتى لىكىن ماڭا يار ئوتى


ئۆمرۈم
ئۆت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوت.
جىسمىم
كۆيگەن ئوتنىڭ قىزىل يالقۇنى.

سورىماق بولساڭ
سۇ سورىما، سورا مەندىن ئوت
شېئىرلىرىم ئوتنىڭ بىر شېخى.

ئوت شېخىدىن سۇندۇرۇپ بىرتال
تىكىپ قويغىن كۈنگەي قەلبىڭگە 
پەسلەر بەلكىم ئوتنىڭ ھەسرىتى.


ئەدەبىيات
ئەلانۇر
22 كۈن بۇرۇن
ھەيرانمەن

ئەلا نۇر

ھەق يولى ئالدىدا تۇرسا ئېزىپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن،
تېڭىرقاش چۆلىدە سەرسان كېزىپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.

چېچىپ نۇر قولىدا تۇرسا گۆھەردىن بىباھا قۇرئان،
ساپال ئىزدەپ شېغىل تاشلار قېزىپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.

بولۇپ غەۋۋاس، كېزىپ ئوكيان، كويىدا لەئلىيۇ- مارجان،
نىھايەت دۇر ئەمەس تاشنى سۈزۈپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.

ئۆمۈرنىڭ دەملىرى شۇنداق يېنىپ كەلمەس باھار تۇرسا،
مېۋىسىز چېچەك كەبى توزۇپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.

نادانلىق ئەۋجىدە قۇتراپ، گۆھەرنى تېگىشىپ تاشقا،
پۇشايمان يېشىدىن قەترە يۇتۇپ يۈرگەنگە ھەيرانمەن.

ئىگەمنىڭ رەھمىتى جەننەت قىلىپ جىلۋە كۈتۈپ تۇرسا،
بۇ دۇنيا ئىشقىدا قانلار يۇتۇپ ئۆلگەنگە ھەيرانمەن.



ئەدەبىيات
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
23 كۈن بۇرۇن
جېرىس نان

مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر

جېرىس ناننى سومكىغا سېلىپ،
 يېنىمىزغا كورۇشكا ئېلىپ،
 قەھرىتان قىش، سوغۇق سەھەردە،
 قارلاركېچىپ كېلىپ مەكتەپكە،
 دىژورنىلىق نۆۋەت كەلگەندە، 
ھۆل ئوتۇننى قاپلاپ لىققىدە، 
كۈل-توزانلىق چۆيۈندىن مەشكە،
 بۇلخانلىتىپ تۈتەك چىقىرىپ، 
ئىسسىتاتتۇق سىنىپنى تەستە...

 كۆمۈر يۇقى قولىمىز بىلەن،
 سۈرتۈپ قويۇپ پوتلىمىزنى دەم،
 كۈل ئۈستىگە تىزلىنىپ تۇرۇپ،
 تۇتاشمىغان ئوتنى پۈف-پۈۋلەپ... 

يورۇتقاندا ئەتراپنى ۋال-ۋۇل، 
مەشتىن چىققان گۈلخاننىڭ نۇرى،
 جىلۋە قىلىپ سەبىي يۈزلەردە، 
چۆيۈن مەشنىڭ ئىسسىق ھورۇرى.. 

مۇزلۇق سۇنى ئۇسسۇپ بۇلاقتىن، 
سوغۇق نەشتەر ئۇرۇپ قۇلاقتىن،
 ئەپكەش بىلەن توشۇپ يىراقتىن، 
مەش ئۈستىگە قاپقارا چاينەك،
 پولدۇقشىتىپ قاينىغان سۇنى،
 كورۇشكىغا تۆكۈپ ئاۋايلاپ، 
جىرس ناننى پاتۇرۇپ چىلاپ، 
يەپ كىتەتتۇق بەك ھوزۇرلىنىپ.. 

___________________________________________
جېرىس نان: بۇغداينىڭ كېپىكى ئارىلاش ئۇندا ئېتىلگەن توم نان. تەمى غۇۋا تاتلىق، قاتتىقىراق نان.
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
26 كۈن بۇرۇن

يۇرتۇم

ئەلانۇر

 لەپىلدەيدۇ تۇغى ھەسرەتنىڭ 
سەرسانلىقتىن يېرتىلغاچ ياقام 
شۇ تاپ ھەرگىز پاتماي قالىمەن 
دەريايىڭدا قان بولۇپ ئاقسام.
 يۇرتۇم ئەي ئەزىز
 باغرىڭدىكى قەدرىمگە يەتكەن
 سايلىرىڭدا تاش بولۇپ ياتسام.

 يۇرتۇم ئاتۇش
 چوغ مىسالى كۈل باغرىدىكى
 يىراقلاردا ياتار يېلىنجاپ
 مەن ۋۇجۇدى مۇزلىغان كارۋان
 چاچلىرىمنى يۇلغۇنلار تاراپ. 

 قۇملار قاينار تومۇرلىرىمدا 
توغراقلاردەك ئىسەدەپ ئۇزاق 
يۇلۇنماقنىڭ دەردىدە ئېغىر 
گويا قۇشنىڭ بىر تال پىيىدەك
 بارسام كىندىك قېنىمنى ھىدلاپ...   
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
32 كۈن بۇرۇن
كۆپتۇر

ئەلا نۇر 
 
ساماندەك رەڭگىمگە تاڭ قالماڭ،دىلىمدا داغلىرىم كۆپتۇر،
پەسىلسىز ياپرىقى سولغان ناۋاسىز باغلىرىم كۆپتۇر.

نىسىۋەم يوق ئىكەن ئەسلا گۆھەردەك ئەتىۋالىقتىن،
ساپالدەك گاھى پەگادا قويۇلغان چاغلىرىم كۆپتۇر.

كۆڭۈل شىشەمگە تەگمەڭلار، تۈمەنمىڭ يېرىدە دەز بار،
كېيىكتەك ناتىۋانلىقتىن ئۈزۈلگەن تارلىرىم كۆپتۇر.

ۋاپادىن سۇ بولۇپ ئاقتىم، لىكىن چاك- چاك ئۆزۈم قالدىم،
يارانلار رەنجىدىن تولغان يۈرەكتە قانلىرىم كۆپتۇر.

دىلىمدا تاغچە ئارمانلار، لىكىن جانىم گىياھچە بار،
مۇشەققەتنىڭ داۋانىدا ئېرىمەس قارلىرىم كۆپتۇر.

كېزىپ چۆللەر ئادا بولدۇم سىياھتەك قارىدۇر بەختىم،
بۇ شورلۇق باشىمنى ئەگىيدۇ قاغا يۇ- زاغلىرىم كۆپتۇر.

شۇبۇ خارابە ھالىمنى  خۇداياغا ئەرز قىلدىم،
ئەجەپ ھىجران بىلەن تولغان ئاقار ماس تاڭلىرىم كۆپتۇر.

دىلىمدا ئوت، كۆزۈمدە مۇڭ ، ۋۇجۇدۇم تىترىگەن ياپراق ،
مېنىڭدەك باغرى قانلارغا كۆڭۈل ئىزھارلىرىم كۆپتۇر.

ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
يەنە شۇ تەرجىمە ھەققىدە 

تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تىنچ ـ ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىرىنچى خىل تەرجىمىدە «تەرەققىيات» سۆزى «تولدۇرغۇچى» بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇچقاندەك» كېتىۋاتقان «تەرەققىيات»نى «ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە گەپ «ئىقتىساد»نىڭ «ئۇچقاندەك» كېتىۋاتقان ياكى كەتمەيۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئەمەس، «ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. دېمەك، تولدۇرغۇچى «تەرەققىيات» سۆزى ئەمەس، ئەكسىچە، «ئىقتىساد» سۆزىدۇر. ... دېگەن جۈملىنى «مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش لازىم» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنى «مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش لازىم» دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا بولىدۇ. «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى «زامانىۋىلاشتۇرۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. ھازىرقى تەرجىمىلىرىمىزدە گىرامماتىكا قائىدىسىگە سىغمايدىغان، مەنتىقىي ئۇقۇمنى مۇجمەللەشتۈرىدىغان، تىل ئادىتىنى زورمۇ ـ زور بۇزىدىغان ئاشۇنداق ھادىسىلەر خېلى كۆپ. ئەمەلىيەتتە سۇنىڭ كۆپۈكىنى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇچى سۇ دەپ مەتبۇئات ئېتىزىمىزنى كۆپۈك بىلەن تولدۇرۇپ قويۇۋاتىمىز. ... تەرجىمىدە ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش كېرەك: بىر تەرەپتىن چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلىي ئەسەرنىڭ تۇرقى ـ سىياقىنى ساقلاش كېرەك، لېكىن بۇنداق ساقلاش كۆپ ھاللاردا چۈشىنىشلىك قىلىش بىلەن زىت بولۇپ قالىدۇ؛ يات كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ... ئۇنى يات كۆرۈنمەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن، لېكىن بۇرنىنى يونۇپ پاناق قىلىپ قويماسلىق، كۆزلىرىنى ئويۇپ كور قىلىپ قويماسلىق كېرەك. ھازىر بەزى تەرجىمانلىرىمىز ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گىرامماتىكىلىق پەرقلەرگە، تىل ئادىتىدىكى پەرقلەرگە ئېتىبار قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا، جانلىق تىلدا ئۆزى بىۋاسىتە سۆزلىسە، «خاتىرجەم بولدۇم»، «خۇشال بولدۇم»، «بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ـ تەتقىق قىلدۇق» ۋاھاكازا دەيدۇ ـ يۇ، لېكىن دەل شۇ سۆزلەرنى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىش توغرا كەلسە، «خاتىرجەملىك ھېس قىلدىم»، «خۇشاللىق ھېس قىلدىم»، بېشىم ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدىم»، «چوڭقۇر تەكشۈرۈش ـ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردۇق» ۋاھاكازا دەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «... سۆزگە چىقتى» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ «... سۆز سېتىۋالغىلى چىقتى»، «... سۆزنىڭ ئۈستىگە چىقتى» دېگەن مەنىدىكى سۆز ئەمەس. «دوپپىسىغا جىگدە ساپتۇ» دېگەن گەپ ھەرگىزمۇ جىگدىنى قاچىلايدىغان نەرسە تاپالماي، «دوپپىسىغا قاچىلاپتۇ» دېگەن گەپ ئەمەس. ... ئەگەر تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىللارنىڭ تىل ئادىتىدىن چەتلەپ، كونكرېت سۆز ـ ئىبارىلەرنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئالاقىسىدىن قەتئىينەزەر، بىر سۆزگە بىر سۆزنى يەككە ـ يىگانە ھالدا توغرىلاش يولىنى تۇتىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا تەرجىمىنىڭ توغرا بولماسلىقى تۇرغان گەپ. (توختى باقىنىڭ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر» ناملىق كىتابىدىن بىرئاز ئۆزگەرتىپ ئېلىندى) تەرجىمە ھەققىدە
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
تەرجىمە ھەققىدە

بىزنىڭ ھازىرقى بەزى تەرجىمىلىرىمىزدە گەپتە سۆزلەر گىرامماتىكا جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە باغلىنىپ، ماسلىشىپ كەلسىمۇ، لېكىن جۈملىدىكى سۆزلەر مەنە جەھەتتىن، ئىستىلىستىكا جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە دېگەندەك ماسلاشمايدىغان جۈملىلەر ئۇچرىماي قالمايدۇ. مەسىلەن: «بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزدە ئىلگىرىلەش بار بولدى»، «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش»، «... زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»، «بۇنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە قارىتا چوڭ ياردىمى بار»، ۋاھاكازا. بەزىلەرنىڭ بۇنداق جۈملىلەرنى «تەرجىمانچە سۆز» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جانلىق تىلدا «بىز ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىدۇق»، «زامانىۋىلاشتۇرۇش» ياكى «زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش»، «...نى زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتىدۇ»، «بۇنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە چوڭ ياردىمى بار» دەيمىز. ھالبۇكى، يۇقىرىقىدەك ياسالما سۆزلەر، ياسالما جۈملىلەر ئەدەبىي تىلىمىزدىكى شەكلىياتچىلىقنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ... 1. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز جىددىيلەشمەي قالمايدۇ. 2. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز ئالدىراپ قالماي قالمايدۇ. 3. ئۇ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققانلىقتىن، بىرئاز ئاسىقماي قالمايدۇ. بۇ ئۈچ خىل تەرجىمىدە «...» سۆزى ئۈچ خىل ئېلىنغان. بىز كۆپ ھاللاردا «جىددىي» دېگەن مەنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە يانداش كەلگەن سۆزلەر بىلەن ماسلاشقان ياكى ماسلاشمىغانلىقىغا ئېتىبار قىلماي قالىمىز، نەتىجىدە جۈملىدىكى سۆزلەر بىر ـ بىرىگە ماسلاشماي قالىدۇ. بىرىنچى مىسالنى ئالساق، ھەتتا «باشقا چاغلاردا ھەرىكەتتە سۇس ئىدى، بىرىنچى قېتىم سەھنىگە چىققانلىقتىن بىزئاز تېز، جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغان بولدى» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىشى ھەم مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا گەپ بىر ياش ئەرتىسنىڭ سەھنىگە بىرىنچى قېتىم چىققاندا «تەمتىرەپ»، «ھودۇقۇپ» ياكى «ئاسىقىپ» ۋە ياكى «قورۇنۇپ» قالغانلىقى ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. مانا شۇنداق مەنىنى ئېنىق، توغرا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، يانداش سۆزلەرگە ماسلىشىپ كېلىدىغان مۇناسىپ سۆزلەرنى تىل ئادىتىگە ۋە ئىپادىلەش بېرىش ئېھتىياجىغا قاراپ تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ... بۇ مىسالدا «...» سۆزى ئالدى ـ كەينىدىكى سۆزلەر مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاز»، «قىس»، «كەم» ياكى «باس ـ باس» مەنىسىنى ئاڭلىتىدۇ. ئەگەر بىز شۇنداق مۇناسىۋەتلەرگە قارىماي، «يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۆكتات تەمىناتى جىددىيلىشىپ كەتتى» دەپ تەرجىمە قىلساق، كۆكتاتنىڭ «ئاز»، «كەم»، «قىس» ياكى «باس ـ باس»لىقىنى ئۇقتۇرالامدۇق؟ ئېھتىمال بەزىلەر «ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ»، «شۇنداق چۈشەنچىنى بېرىدىغان بولۇپ قالدى» دەپ جاۋاب بېرەر. ئەمەلىيەتتە بۇنداق جاۋابلار بىر تەرەپتىن شۇ تەرجىماننىڭ سۆزدە گادايلىقىنى ئۇقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «تەرجىمان تىلى»غا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ تېخىمۇ مۇھىمى، تەرجىمىدە مەنىنى ئېنىق، توغرا ۋە سادىقلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش پىرىنسىپىغا سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋەزىيەت چوڭ ياخشى. ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى. ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، «چوڭ» سۆزى ھېچقاچان «ياخشى» سۆزىنىڭ سۈپىتى ياكى ئېنىقلىغۇچىسى بولالمايدۇ، جانلىق تىلدىمۇ شۇنداق. ... دېمەك، جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ بىر ـ بىرىگە ماسلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن تىل ئادىتىگە ئېتىبار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكىگە ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز. تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ، ھەممە تەرەپلەپ يۈرۈش قىلايلى ۋە چوڭقۇرلاپ كىرەيلى. «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى» دېگەن سۆزلەر بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ كەلگەن؛ بۇ سۆز «تەبىئەت دۇنياسى كەڭ ۋە چوڭقۇر» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىپ تۇرىدۇ. لېكىن، «يۈرۈش قىلىش» سۆزى بىلەن بىرلەشكەندە، ئەنە شۇنداق «كەڭ» ۋە «چوڭقۇر» تەرەپكە قاراپ «يۈرۈش قىلايلى» دېگەن مەنىگە تارتىپ كېتىدۇ. ... بۇ جۈملىنى «ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇددى بىر پارچە ئوتتەك يۈرىكىمدە ئېتىلدى» دەپ تەرجىمە قىلساق، يەنى «ئۇنىڭ سۆزلىرى ... يۈرىكىمدە ... ئوتتەك ... ئېتىلدى» دېسەك، ئېنىق بىر مەنىنى ئۇقتۇرالماسلىقىمىز تۇرغان گەپ. ئەسلىي تىلدا بولسا مەنە ناھايىتى ئېنىق: «ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمنى خۇددى بىر پارچە ئوتتەك ئېرىتىۋەتتى» ياكى «ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمگە خۇددى بىر پارچە ئوت بولۇپ تۇتاشتى». ئەلۋەتتە، بۇ جۈملىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك، راۋان ھەم چىرايلىق تەرجىمە شەكىللىرىنىمۇ تېپىش مۇمكىن. ئەگەر تەرجىمىدە شەكلىياتچىلىققا بېرىلىپ كېتىدىغان بولساق، ... ئوقۇغۇچىلارنى تېپىشماق تېپىش ئاۋارىگەرچىلىكىگە سېلىپ قويۇش سەۋەنلىكىدىن خالىي بولالماي قالىمىز.
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە

ئەلا نۇر 

ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشىنى بىلسە
 ئۇ ئاۋغۇستتىكى سېرىق پۇرچاقزارلىقتىكى نۇرانە ئاپتاپپەرەس
 ياكى قاپىقى سېلىنغان كۆممەقوناقلىقتىكى خۇشخۇي يۆگىمەچ .
 تۇرمۇش دېگەن
 نىمجان بوۋاينى ياشارتقان مىھىر 
 ئەرنىڭ ئىشەنچتىكى بىخارامان ئۇيقۇسى
 بىر بىمارنى يۆلەۋاتقان قولنىڭ ئىسسىق تەپتى
 قاتتىق ناننى كۈلۈپ يىگۈچىلەرنىڭ قانائىتى... 

 ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
 ئۆيىنى گۈل ئۆستۈرگەندەك تۇتاتتى .
 بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىدا نىمىلەر بارلىقىنى ھىس قىلاتتى . چىقىر تىكەنلىكتىكى گۈللەرنى كۆرەلەيتتى.
 سۆيۈشتىن سۆيۈلۈشنى ھىس قىلاتتى .
 تۇرمۇش دېگەن يۆگىمەچ گۈللەر چىڭ قۇچاقلاپ گۈللەپ كەتكەن قوڭغۇراقتىكەن .
 ئۇ قاپاقتىرەك ،كۈنگەيلىرى سېمىز ،تەسكەيلىرى شەلۋەرەپ كەتكەن . 

 ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە 
 ئۇ ماي ئاسمىنىدىكى ئوتتەك يىلىنجاۋاتقان نۇرانە قۇياش. 
 ياكى بەرگىلىرى قۇياش نۇرىنى ئىمىپ ئايدەك جىلمىيىۋاتقان ئاپتاپپەرەس . 

 ئەگەر بىر ئايال تۇرمۇشنى بىلسە
  ئائىلىسىنى پىچىنىدەك شەكىللەرگە كىرگۈزەلەيدۇ . 
 ئۇ نان ياكى تۇزدەك زۆرۈرىيەتكە ئايلىنالايدۇ .
 ئۇنىڭ تۈرۈلگەن بىلەكلىرى ،
ئۇنىڭ يۈزىدىكى گۈل- چىچەكلەر
 ئەڭ لەقۋا ئەرنىمۇ شەمشەردەك بىلىيەلەيدۇ .
ئاينۇر بىلگە 03 Feb 19:47
بەك گۈزەل بىر شېئىر ئىكەن، يۈرەكنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغۇدەك!
ئەلانۇر 16 Feb 07:19
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئاينۇر. مەنمۇ بۇ شېئىرىمنى ياقتۇرىمەن. 
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
سەھەرنى كۆر ماماتىمدىن 

ئەلا نۇر ئەتتار

 جەبر ئىسكەنجىدە بەختىم ،زىمىن تىترەيدۇ ئاھىمدىن ، ئاقار ئۆركەش ياساپ تارىم ،ئىلى قەترەئى ياشىمدىن.

 ئۈمىدلەر ئەزىيەت بارخانلىرىدا قالدى ئىزناسىز،
 زاۋال ئۈلپەت بولۇپ ئىچ دەپ ماڭا سۇنغاچقا قانىمدىن.

 بېشىمدا ئەگىسە كۈلپەت قۇشى ئارتۇقچە تاڭ قالما ، گۇناھىم دانلىتىپ قولدا ،سۇ بەرگەن ئاڭا ئاغزىمدىن.

 پەلەك ھەم دەرگۇمان يۇلتۇزلىرىم ئۆچكەچكە بىر - بىرلەپ.
 كۈتۈشلەر رەنجىدە قان دىل ، جۇدامەن بۇندا بارىمدىن.

 پۇتۇم يول دەستىدە ھالسىز ، سېلىنغاچ ئىشكىلى تەقدىر، ماڭارمەن شۇندىمۇ كۆزلەپ، سەھەرنى كۆر ماماتىمدىن.



 ۋادەرخ


         تۈنلەر داۋام تۇغۇلمىغاچ تاڭ قۇياشىمىز ، 
ئېتەك ياقا ، ئاياغ بولدى ئەزىز باشىمىز. 


 ھەق، ئادالەت نەدە ؟ ئالەم بولدى بىر قەپەس ، 
يوقتۇر ھەتتا دەرد تۆكەرگە دوست- قاياشىمىز. 


 دۇنيا ھارام ئەمەس بىزگە ، بىراق ئەجەبكى
 زەھەر ياكى تاش بولدى يېگەن ئاشىمىز ‌.


 غەملەر باشتا ، تولا ھەتتا ياشتىكى چاچتىن ،
 ئېلىپ قاچار ئەر يوق قۇلدۇر قەلەمقاشىمىز. 


 قۇرۇغان لەۋ كۆزياش بىلەن كەلدى نەملىنىپ، 
چىڭدۇر ۋادەرخ بۇ جانىمىز ، بۇ بەرداشىمىز.
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
كىتاپ ئوقۇغاندا تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاچ، ئەستايىدىل يوسۇندا چوڭقۇرلاپ ئوقۇساق ،يەنى ،ئاپتور نىمىشقا يازدى ،نىمىشقا بۇ ئۇسلۇبنى تاللىدى ،يەتمەكچى بولغان چوڭقۇرلۇققا يىتەلىدىمۇ ؟ بىلدۈرمەكچى بولغىنى زادى نېمە؟ قانداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ؟ ... دېگەندەك...
 . 1. بۇ كىتاب سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىز ۋە ئادەتلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ 
 2. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلامسىز؟
 3. ئاپتورنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قوشۇلمىغان نۇقتىلىرىڭىز بارمۇ؟ نېمىشقا؟ 
 4. قايسى جۈملە/ئابزاسلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويدىڭىز، ياكى خاتىرىڭىزگە كۆچۈرىۋالدىڭىز؟قايسى جۈملە ياكى ھال يۈرىكىڭىزنى تىترەتتى ياكى كىتاپنى قويۇپ ئويلاندىڭىز ؟ 
 5. كىتابنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قانداقراق تەسەۋۋۇر قىلغانتىڭىز؟ كىتاب سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك چىقتىمۇ؟
 6. ئەگەر ئاپتوردىن بىرەر سوئال سورىماقچى بولسىڭىز نېمە سوئال سورايتتىڭىز؟ 
 7. سىز ئوقۇغانلىرىڭىزنى باشقا بىرىگە سۆزلەپ تەسىر قىلارلىق سۆزلەپ بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېسىڭىزدە قالدۇرالىدىڭىزمۇ؟
8. سىزچە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزەلىدىمۇ؟
 9. بۇ كىتابتىكى مەركىزى ئىدىيە ياكى ئاپتور ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۈزمەكچى بولغان، تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ئۇچۇرياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت سىزچە نېمە؟. 
 10. بۇ كىتاپ ھەققىدە دوستىڭىزغا پەقەت بىر جۈملە دېمەكچى بولسىڭىز نىمە دېگەن بولاتتىڭىز ؟
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
ئازمۇ ھىجرانىم مېنىڭ 


ئەلا نۇر


لەۋلىرىڭنىڭ ئەمرىگە مۇنتەزىر جانىم مېنىڭ،
 قېنى ئۆلتۈر بىر بۇسەڭدە، مانا جانانىم مېنىڭ.

 لال بولۇر شۇئان دىلىم، بىلمەم نىچۈن كۆرسەم سېنى، كۆرمىسەم قالماس قارارىم، تىنماس ئەفغانىم مېنىڭ.

 خەستە كۆڭلۈم كۆپ زاماندۇر ئارزۇ - پىراقىڭدىن خاراب،
 بولمىدىم بىر لەھزە راھەت، كەچتى دەۋرانىم مېنىڭ.

 مۇپتىلا مەن بىر ئۈمىدسىز، قارا دەردنىڭ زەھرىگە، 
 شۇل سەۋەپتىن كۈنسايىن پۈتتى دەرمانىم مېنىڭ. 

 يوق تەسەللىگە تەھاممۇل، بەرمىگىن زەخمەت ماڭا، ئەتمىگىن ئۈستلەپ سىتەم ، ئازمۇ ھىجرانىم مېنىڭ.

 ئوق ئاتارسەن ھەر بېقىشتا، قەست قىلارسەن جانىمە، يار مىسالى ئولكى مەلھەم، ئاقمىسۇن قانىم مېنىڭ.

 نۇرئەلانۇر ھەر نە ئەتسەڭ قايىل ئىرۇر، مۇشتاق ئىرۇر، دىلنۇرۇمسەن، دىلئارامىم، ھەمدە دىل زارىم مېنىڭ.  
ئەدەبىيات
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
​خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدىن ماڭا بىلىنگىنىنى ئۈچ كەلىمىگە يىغىنچاقلىسام؛ ئازاب، ئەسلىمە ۋە نەپىسلىك ​1.ئاياللارچە نازۇك سېزىم ۋە روھىيەتنىڭ سۈزۈكلۈكتىن خىرىستاللىشىشى ​خالىدە ئىسرائىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبى ۋە پىسخىكىلىق تەسۋىر چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان سىما. ئۇنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدىكى ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىك — چوڭقۇر سېزىمچانلىق. ئۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەننى ۋەقەلەرگە جەلب قىلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىنسان روھىيىتىدىكى تىترەشلەرنى تەسۋېرلەش جەريانى دەپ قارايدىغان يازغۇچى . ​ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ «كەچمىش» رومانىدا، مەن يازغۇچىنىڭ تاشقى دۇنيادىن كۆرە، پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قانچىلىك مەپتۇنلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدا «ئاياللارچە تۇيغۇنلۇق » ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يازغۇچىنىڭ «ئاياللارچە تۇيغۇنلۇق»ى ئاجىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى ھېس- تۇيغۇمىزنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىشقا يېتىدىغان ئىنچىكە ئازابلارنى، سۆيگۈنىڭ نازۇك،نەپس تەرەپلىرىنى، ئائىلە ۋە جەمەتنىڭ يوشۇرۇن جاراھەتلىرىنى كۆرەلەيدىغان بىر خىل ئاجايىپ قۇدرەتتىن دىرەك بىرىدۇ  . ئۇنىڭ قەلىمى خۇددى بىر ئوپىراتسىيە دوختۇرىنىڭ تىغىدەك ھەم نازۇك، ئەمما ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىشتە ھەم شۇنچە قەتئىيدۇر.
 ​2.ئەسلىمە ۋە تارىخىي تراگېدىيەنىڭ روھىي يۈكى ​خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىنىڭ يەنە بىر قۇتۇبى — ئەسلىمە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆتمۈش بىر ئۆلۈك تارىخ ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن كۈچ سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەسلىمىگە ،تارىخقا يۈزلىنىش نوقۇل يېزىش، ئەسلەش ئېھتىياجىدىن ئەمەس، بەلكى روھىي بىر مەسئۇلىيەتتىن، تىراگىدىيەنىڭ روھىي يۈكىدىن تۇغۇلغان. ​ئۇنىڭ قۇرلىرىدا «يوقىتىلغان گۈزەللىككە قارىتا ھەسرەت» دائىم ھەمراھ . ئەسەرلىرىدە كونا مەھەللىلەرنى، ئۆزگىرىپ كەتكەن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە يىمىرىلىۋاتقان ئەخلاق مىزانلىرىنى تەسۋىرلىگەندە، مەندە بىر خىل «روھىي غۇربەتچىلىك» تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇ تارىخنى تاشقى بوران-چاپقۇنلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى شۇ بورانلاردا يىقىلغان كىشىلەرنىڭ سۇنغان قەلبى،سۇنماس قەددى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىنى يىغلىتىدۇ، ئەمما بۇ ياش بىر خىل ئاچچىق ياش ئەمەس، بەلكى روھنى پاكلايدىغان سۈزۈك ياشتۇر.
​3. زىيالىي غورۇرى ۋە ئېستېتىك ئىسيان خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىدا يەنە بىر مۇھىم تەرەپ —ھەقىقىي زىيالىيلىق سالاھىيىتى. مەنچە ئۇ بىر قەلەمكەش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يۈكىنى مۈرىسىگە ئالغان زىيالىي. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى باش پېرسوناژلار يازغۇچىنىڭ ئۆز روھىيىتىنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر. بۇ پېرسوناژلار ھەمىشە رېئاللىقتىكى قوپاللىققا، نادانلىققا ۋە مەنىۋى نامراتلىققا قارىتا ئېستېتىك بىر ئىسيان ئىچىدە تۇرىدۇ. ​ بۇ خىل ئىسيانكارلىق شوئارلاردا، مونولوگلاردا ئەمەس، بەلكى گۈزەللىككە بولغان جاھىللارچە سادىقلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، تەسۋىرنىڭ ئىنچىكە، ھەشەم- دەرەمدىن خالى، ئىخچام بولۇشىغا شۇنداقلا يېقىملىق، تېتىملىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ چېگراسىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. مېنىڭ ئىچ- ئىچىمدىن ھېس قىلىدىغىنىم يازغۇچىنىڭ پىسخىكىسىدا تەگسىز بىر يالغۇزلۇق، يۈرەكنى زىل- زىلىگە سېلىپ يىغلىتىۋېتىدىغان بىر گۈزەللىك بار. بۇ يالغۇزلۇق ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىشكە، تېخىمۇ سەمىمىي، تېخىمۇ ئىنچىكە يېزىشقا ئۈندەيدۇ. ​خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسى — ئازابنى، قوپاللىقنى، چىركىنلىكنى، دەردنى گۈزەللىككە ئايلاندۇرۇش پىسخىكىسى ئىكەنلىكىنى ھەر ئەسىرىدىن تېتىپ تۇرىمەن. يازغۇچى تارىخنىڭ ئاچچىق چارىسىزلىكىنى، سىياسىي قىزىل قىيامەتلەرنى (زىيالىيلارچە تەپەككۇرى ۋە قەلەم ئىستىداتى، مىللىتىگە بولغان ئانىلارچە ساپ سۆيگۈسى ئارقىلىق) گۈزەللىك، نەپىسلىك، نازۇكلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ، بىر پاك روھنىڭ دەۋر بىلەن بولغان ئېلىشىشىغا، سۆيگۈ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتتۇرىسىدىكى قىينىلىشلىرىغا شاھىت بولىمەن ۋە ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ، خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلۈكىدە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىمەن. بۇ گىگانت روھىيەت مۇتەخەسىسىنىڭ خەلقىنىڭ مول،مۇرەككەپ، پاكىز ئىچكى دۇنياسىنى ۋە كىپىنەك قانىتىدەك ھىلپىرلەپ تۇرىدىغان نازۇك روھىيەت تەسۋېرلىرىنى سىيا بىلەن ئەمەس يۈرەك قېنى بىلەن يازغىنىنى ھەر ئەسىرىدە جان- جېنىم بىلەن ھېس قىلىمەن .