سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#سەنئەت
سەنئەت
ئەلانۇر
25 مىنۇت بۇرۇن
 ئۇيغۇر ئۆيلىرى

تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز 
 
 (غەزەل)

 قەھرىمان ئەجدادىمىزدىن يادىكار ئۇيغۇر ئۆيى، ئەنئەنە، ئۆزلۈك، ئۇدۇمدىن تىلتۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.

 ئۇپۇقى دەرۋازىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز، ئاي، قۇياش،
 تال باراڭ، بوستان، چىمەنزار - لالىزار ئۇيغۇر ئۆيى. 

 كەشپىيات ئەيلەپ مېمار چارچاپ، تۇرۇم، زەگۈندىنى... تاپتى يەر تەۋرەشكە مەزمۇت ئىقتىدار ئۇيغۇر ئۆيى. 

 لاك، سۇۋاق، ئويما، قاپارتما گەردىشى ئالتۇن ھىسار، سوقما، چىتلاق ۋە كېسەكتە نەۋباھار ئۇيغۇر ئۆيى. 

 گەج بىلەن قاتقاندا خىش - كاھىش، بىنا مەرمەر رەۋىش، نەگە كۆز سالساڭ نەقىش، پاك - بىغۇبار ئۇيغۇر ئۆيى.

 تاملىرى سەنئەتكە ئۆرنەك، تورۇسى ئاندىن كۆرەك،
 گۈل ۋاسا، تۈۋرۈك، بالادا زۇلپىقار ئۇيغۇر ئۆيى.

تاش، سېغىز، شاخ - شۇمبا، يۇلغۇن، چىغ، سامان ئىمكانىدۇر،
 شۇنچە ئاددىي مۈلكى، ئەمما ئەتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.

 ھويلا، ئايۋان، كەڭ پېشايۋان چىللىشار مەشرەپ، مۇقام، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمدا غەمگۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.

 تۆرىدە دۇتار، راۋاب، تەمبۈر، سۇناي، داپ... كۈيگە يار، تەكچىدە توپلام - دىۋانلار مىرغىزار ئۇيغۇر ئۆيى.

 خانە مېھماندا يېكەنداز، زىلچا، رەت - رەت ئۇز جاھاز، چوڭ - كىچىككە ئىمتىياز، بات، ئىختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.

 قىز - ئاياللار كەشتىسى چەندان تۈرى، ۋەسلى جاھان، ياسىداق، سىپتا بېزەلگەن شاتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.

 تىككۈچى، موزدۇز، تۆمۈرچى، سىرچى، خارەت... ھەممە تەل،
 قول ھۈنەرۋەن بەيگىسىدە ئۇستىكار ئۇيغۇر ئۆيى.

 ئايمىقى تۈركۈم ئېرۇر، مەھەللىسى كۆجۈم ئېرۇر، بەھرىدە ئەمگەك - چېلىشنىڭ بەختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.

 كۆلىدە زەمزەم سۈزۈك، باغدا ئانار، شاپتۇل، ئۆرۈك... مېۋىلەر شېرىن، چۈرۈك... دان، پاختىزار ئۇيغۇر ئۆيى.

 قوشنىلار ھەم ئۆزئارا ئۆملۈك، ئىمانغا مەھلىيا، 
ئەڭ چىرايلىقـــتىن چىرايلىق گۈلئۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.

 توخۇ، ئۆردەك، ئىت، مۆشۈك، مال... ياڭرىتار سىمفونىيە، ئىلكىدە يايرايدۇ بارچە جانىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.

 چۆچىكى بوۋاي - موماينىڭ ئارمىنى جەننەتسىمان، ئەھلى باتۇر خىسلىتىگە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئۆيى. 

 مەكتىپى ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت، ئۆرپ - ئادىتىم، ئادىمىيلىكتە ئاۋامغا ئېتىبار ئــۇيغۇر ئۆيى.

 ئىزگۈ ئىشلار ئۇۋىسىدۇر قۇت، ھاياتقا باشپاناھ، بايلىقى ئىنسانىيەتكە تۆھپىكار ئۇيغۇر ئۆيى.

 «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقىدۇر پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى»،
 ھەم ئەزىز مېھمان ئۈچۈن شاد دىل_خۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.

 سەن ئۆمۈرلۈك قىممىتىم، قۇدرەت قۇچۇشتا ھۆرمىتىم، ئالدى پارلاق مىللىتىمگە ئىزباسار ئۇيغۇر ئۆيى. 

 ئۆي مېنىڭ جان لەزىزىم، ئۇشبۇ ۋەتەندە يىلتىزىم، 
تىنچ - ئامانلىق، قۇت، راھەتكە ئىنـتىزار ئۇيغۇر ئۆيى!
سەنئەت
ئەلانۇر
33 مىنۇت بۇرۇن
 ئۇيغۇر كىيىملىرى

 (مۇخەممەس)

 تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز

 ئەي جاھان ئەھلى، تۈزەي مۇشائىرە سۆھبەتسىمان، باغىقىم بولسۇن بۇ نەزمەم ھەممىگە خىزمەتسىمان، خاس كىيىملەرنى كىيىپ ھەم ياسىنىپ خىسلەتسىمان، سەھنىسى شەۋكەتتە ئەيلەپ چوڭ كۆرەك ھەيۋەتسىمان، ھەق، پەخىرلەنمەك ماڭا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتسىمان. دەرھەقىقەتكى، ھامان ئىنساندا ئوخشاشلىق تولا، ئەمما، ھەر مىللەت بېغىدا ئۆزگىچە گۈلزار جۇلا، مىلىتىم كىيگەندە ئايەملىك كىيىم توزدەك گويا، چاقنىتار تەندىن قۇياش ئەركەكلىرى ئويناپ ساما، پەرى-پەيكەرگە زېمىن بەرمەي ئېسىل سۆلەتسىمان. باش كىيىمدىن باشلىساق گەپ، نۇسخىسى بار نەچچە يۈز، خوپ ياراشقاي كىيسە تاللاپ ياز، نورۇز، قىش، ياكى كۈز، دوپپا، ياغلىق ھەم شىلەپە ئەۋجىگە يەتمەيدۇ سۆز، تۈرى كۆپ تەلپەك، تۇماققا مىڭ بېقىپ تويمايدۇ كۆز، باشقا قونغان بەخت قۇشىدەك، بەلكى تاج-دۆلەتسىمان. تېرە، يۇڭ، پاختا، يىپەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، نە بۇيۇمكى، ئوت يۈرەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، يىپ ئەمەس، رىشتە-تىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، گۈل چېكىپ تالماس بىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، ئۈستىۋاشقا چىقسا چاقنار ئەڭ گۈزەل سەنئەت سىمان. تاش كىيىم ھەم ئىچ كىيىم تۈر-پاسۇنى چەندان يەنە، ئىش، مۇراسىملاردا ھەرخىل ياسىنار جانان يەنە، ئۆيدە باشقا، سىرتتا باشقا كىينەر ھەرجان يەنە، ئۆزگىچە ئارتىس ۋە ئاشپەز، ساتىراش، دېھقان... يەنە، قوزغىتار قەلبىڭدە دەريا، ئۆركىشى ھۆرمەتسىمان. كىيىمى بوۋاي-موماينىڭ خوپ سىپايە يارىشار، خويمۇ ماس كەلگەن كىيىمگە ھەممە زوقتا قارىشار، قىز-جۇۋانلار ئۇز ياسانماق كويىدا چاچ تارىشار، ئايلىنىپ بىر پارچە ئوتقا، بارچە ئەر ئىز مارىشار، قان تومۇر، ياق گەۋدىلەردە ھېسسىيات شەربەتسىمان. ئەر-ئايال كىيملىرىدە رەڭ، شەكىللەر باشقىچە، پەرقى روشەن يەتتە ياشتىن بەستى يەتمىش ياشقىچە، ياشقا باغلىق چاچ-ساقال، ھەتتا بۇرۇتتىن قاشقىچە، جابدۇقى قىز ئاياللارنىڭ ئۆزگە زەر، قاشتاشقىچە، ياش يىگىتلەر يانغا ئاسقان تىغ-پىچاق زىننەتسىمان. ئاق كىيم − ساپلىق، خەيرلىك قۇتقا تەڭداش ئەسلىدىن، قاپقارا − قايغۇ ئەلەملىك، مۇسىبەتلىك پەسىلىدىن، قىپقىزىل رەڭ بەرق ئۇرار شوخلۇق، خۇشاللىق ۋەسلىدىن، كۆك غەيۇرلۇقتىن، سېرىق مىسكىن، پەرىشان بەستىدىن ... رەڭ بىلەن قانداش ھايات، كىيىم-كېچەك ھېكمەتسىمان. سەل قارالماس تېخىمۇ ئاياغ كىيىمگە ھەر پەسىل، تۇرسا پۇت ئىسسىق، قۇرۇق، ئەلۋەتتە ساقلىققا كېپىل، كۆن، خۇرۇم، شاۋرۇن ... بىلەن موزدۇز ئاجايىپ دوست ئىجىل، مەسە-كەش، سەندەل، ئۆتۈك، بۆكۈش، بەتىنكە ... زەپ ئېسىل، قىز-ئايال سۈلكەتسىمان، ئەرلەر يۈرەر قۇدرەتسىمان. پوتا باغلاپ روھلىنىپ پالۋانچە قامەت ئەيلىدۇق، ئەلمىساقتىن بەلنى چىڭ تۇتماقنى ئادەت ئەيلىدۇق، ئادىتى ئىللىق تۇرۇشتىن بەلكى ئامەت ئەيلىدۇق، ساقلىنىپ قورساق سېلىشتىن، شۇنچە راھەت ئەيلىدۇق، تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ھەممىدىن قىممەتسىمان. ئەنئەنەمدىن سۆزلىسەمم، تىل بۇلبۇلۇم خەندان بولۇر، ھەم غورۇرلانسام، بېشىمغا كىيگىنىپ ئاسمان بولۇر، رەڭمۇرەڭ كىيىم-كېچەكتىن كاتتا بىر داستان بولۇر، مەنىلەر يىلتىز سۈرۈك، تەكلىماكان ئورمان بولۇر، ئۆزلۈكۈم تارىخ بېتىدە نۇرلىنار شۆھرەتسىمان. 
سەنئەت
ئەلانۇر
6 كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر دوپپىسى 

تۇرغۇن يىلتىز


باش كىيىملەر شاھىدۇر جاھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى، 
ماس، ياراشقاي ھەر زامان-دەۋرانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. كىيسە نورۇز-نەۋباھار، ياز، كۈزدە قوش سۆلەت ئىرۇر، مەيلى پۇقرا، مەيلى شاھ-سۇلتانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. قول ھۈنەرۋەن سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، گۈلتاجى ئۇ، 
ھەم ۋەكىل مىللەت، غۇرۇر، ۋىجدانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. نۇسخىلاردا پارلىغاي چىن تارىخىي ئەۋرىشكىلەر،
 دەرس بېرەر سىردىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. بىر «چىمەن دوپپا» دېسە، تۈر- نۇسخىسى بار نەچچە ئون،
 باشلىغاي بوستانغا، گاھ پىنھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. 
 سىز «بادام دوپپا» كۆرۈپ: چاغلىق، بادامكەنغۇ دېمەڭ، دوست قۇياش، يۇلتۇز ۋە ئاي، چولپانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. 
 «مامپۇ»، «راۋاب» باغىدا بال ھەرىسى، قۇش، «كېپىنەك»، مۇڭ، مۇزىكا بۇلبۇلى خەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «پاختا»، «ئۈنچە»، «ئالماگۈل»، «ياپراق»، «ئۈزۈم» سەھراسى كەڭ، ئوخشىغاي خوپ مول ھوسۇل، خامانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «كالۋىتۇن»، «مەزەڭگە»، «ئىلمە»، «چاچما»، «زەر» دۇنيا بۆلەك، ئۇستىكارغا بەيگىدۇر جەۋلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «بەش تالا»، «چەكمەن»، «يۈرەك»، «شەيدائى» سىمۋول سۆيگۈگە، يول ئاچار ئالىي تىلەك-ئارمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ئايىمى ھېيىت، تويدا «ئەگىم قاش»، «گىلەم»، «كۆز» كۆرگى قىز، كاتتا سۆلەت ئەر-ئايال مېھمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ئالدىراپ كۈلمەڭ «شاپاق»، «بۆك»، «پوچى»، «كۈلگۈنچەك» دېسە، نۇر تۆكەر «گۈلخان» كەبى غىلمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. «يا»، «قىلىچ»، «بايتامغا»، «يۇلتۇزتامغا» دەپ تۈرلەر تولا، خاس جىگەرلىك قىز، يېتۇك ئوغلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. دوپپا ئازمۇ «غۇلجا»، «تۇرپان»، بەلكى «تاشكەنت» نامىدىن، بىرىنىڭ يەتكەي خىلى چەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. شۇنچە كۆپ تۈر-نۇسخىلارنى ھېچ كىشى بولماس ساناپ، جان بېرەر مىزانغا، يەر-ئاسمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ياش-قېرى، ئۆسمۈر-بوۋاقنىڭ تاللىشى ئۆز ئالدىغا، بار مۇۋاپىق ھەركىشى - ئىنسانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. يىپ دېمەڭ ئاددىي، تومۇرلار ئىلكىدە ئۆزلۈك مۇدام، روزغار دەرمان، ئىشەنچ - ئىمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. بۇ ھۈنەرنىڭ پىرلىرىدۇر ئەسلىدە قەشقەر، خوتەن، باب ئېسىل سەنئەت دېگەن ئۈنۋانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. ئەنئەنە يىلتىز گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك پاكلىق ئۈچۈن، كۈيلىسەم سىغماس تۈمەن داستانغا ئۇيغۇر دوپپىسى