جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغانلار ۋە ھەقىقىي جان كۆيدۈرىدىغانلار
ئەلانۇر
بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، تاشقى كۆرۈنۈش بىلەن ئىچكى ماھىيەت، ساختىلىق بىلەن ھەقىقىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى چىگرا بارغانسېرى غۇۋالىشىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۆز مەنپەئەتى، ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئېقىم ۋە قېلىپلارغا، يەنى «جاھاننىڭ رەپتارىغا» ماسلىشىپ ياشاشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق بىر مۇھىتتا، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ شۇ رەپتارغا كىرىۋالغان، قايسىسىنىڭ بىزگە ياكى جەمئىيەتكە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان «جان كۆيدۈرگۈچى» ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش تولىمۇ مۇھىم بىر ئېھتىياجغا ئايلاندى.
ئۇنداقتا، بىز جەمئىيەتتىكى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنساننى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
بۇ ھادىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئومۇملىشىش سەۋەبى نېمە؟ بۇ ئىككى تۈپتىن پەرقلىق خاراكتېرنى ئايرىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىگە ۋە مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئىشلاردا بولسۇن ، مەنپەئەت توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەن چاغدىكى مەيدانىغا قاراش كېرەك.
جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغانلار:
ئۆزىنى كۆرسىتىش، ماختاشقا ئېرىشىش ياكى جەمئىيەتتىكى كۆپچىلىكنىڭ ئېقىمىدىن قېلىپ قالماسلىقتۇر. ئۇلار « خوجا كۆردى» گە ئىش قىلىدۇ.يەنى، ئالدىدا باشقا سۈپەتتە، ئادەم يوق يەردە باشقا سۈپەتتە خىزمەت قىلىدۇ. يەنە بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، رەسىمگە چۈشۈپ توردا ھەمبەھرىلەشكە، سورۇنلاردا دەۋىلىشقا، داۋراڭ سېلىشقا ئالدىرايدۇ. لېكىن ئىش قىلىشقا كەلگەندە، كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە، ئاممىنىڭ ئىشلىرىدا سۇسلۇق قىلىدۇ.
ھەقىقىي جان كۆيدۈرىدىغانلار:
ئۇلارنىڭ مەقسىتى كۆرسىتىش ئەمەس، نەتىجە چىقىرىشتۇر. خاراكتېرىگە، ۋىجدانىغا، يېتىلدۈرگەن ئادىتىگە يۈز كېلىشتۇر. ئۇلار كۆپىنچە سۈكۈت ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن يىراقتا، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي كۈچ چىقىرىدۇ.
جاھان رەپتارىغا كىرىۋالغانلار:
ۋەزىيەت تىنچ، مەنپەئەتلىك ۋە قولايلىق بولغاندا، ئۇلار ئەڭ ئاكتىپ «تەرەپدار» غا ئايلىنىدۇ. ياخشىراق بولىدۇ. ياكى پەقەت بۇيرۇلغان ئىشلارنىلا ئورۇنلايدۇ. ئەمما سىنىلىدىغان پەيتىدە، شەخسىي مەنپەئەتىگە دەخلى يېتىدىغان، زىيان تارتىش ئېھتىماللىقى بولغاندا، دەرھال گەپنى بۇرايدۇ ياكى ئارقىغا چېكىنىدۇ.
ھەقىقىي جان كۆيدۈرىدىغانلار:
ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز قىممەت قارىشىدا، ياشاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. قىيىنچىلىق ۋە بېسىم ئاستىدا ئۇلارنىڭ سادىقلىقى ۋە ئادىمىيلىكى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
جاھان رەپتارىغا كىرىۋالغانلار:
سۆزى چىرايلىق، لېكىن ئەمەلىيىتى يوق. جەمئىيەتتە قايسى خىل ئېقىم، قايسى خىل پوزىتسىيە مودا بولسا، شۇنى دورايدۇ.قارا- قويۇق ھەممە تۈردىكى ئادەم بىلەن ياخشى ئۆتەلەيدۇ .
ھەقىقىي جان كۆيدۈرىدىغانلار:
سۆزى ئاددىي، بەلكىم بەزىدە قوپال ياكى تۈز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سۆزى بىلەن قىلمىشى بىر يەردىن چىقىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل «رەپتارغا كىرىۋېلىش»، يەنى شەكىلۋازلىق، سەكراتتا جان تالىشىۋاتقان مىللەتنىڭ ئەزالىرىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى قولىنىڭ ئۇچىدا، ياسالما ھالەتتە قىلىش، پاسسىپ ۋە بىتەرەپ ئاۋامغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھادىسىسى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا ئومۇملىشىشقا باشلىدى.
بۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
رەقەملىك دۇنيادىكى «ساختا ئورتاقلىق»:
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن، كىشىلەر بىرەر ئىجتىمائىي مەسىلە ياكى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش، قول ئۇزىتىشنىڭ ئورنىغا، پەقەت شۇ تېمىدىكى يازمىلارنى «ياقتۇرۇش» (Like) ياكى ھەمبەھرىلەش ئارقىلىقلا ئۆزىنى بۇرچىنى ئادا قىلغاندەك ھېس قىلىدىغان بولدى. بۇ — جاھان رەپتارىغا كىرىۋېلىشنىڭ، دەسمىي كەتمەيدىغان پايدىنىڭ ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ ئاسان يولىدۇر.
شەكىلۋازلىق ۋە داۋراڭخورلۇق:
نۇرغۇن سورۇنلاردا، پائالىيەتلەردە ياكى ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەردە، ئىشنىڭ ماھىيىتى ۋە ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي پايدىسى ئەمەس، بەلكى سىرتتىن قارىغاندا قانداق كۆرۈنىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنى ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتىشتىن كۆرە، تاشقى قىياپىتىنى ياخشى كۆرسىتىشكە بەكرەك مەجبۇرلىماقتا.
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ تۆۋەنلىشى:
جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىش كىشىلەرنى ئۆز تەنقىدىي تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىشكە يېتەكلەيدۇ. كۆپچىلىك نېمىنى توغرا دېسە، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ شۇنى توغرا دەيدۇ؛ نېمىنى قارىلىسا، ئەگىشىپ قارىلايدۇ. بۇ، جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي ئادالەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئورنىنى پادا پىسخىكىنىڭ ئىگەللەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىش — جەمئىيەتنىڭ يۈزەكىلىشىشى ۋە ماددىي قىممەت قاراشنىڭ كۈچىيىشىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل زامانىۋى كېسەللىكتۇر. بىر جەمئىيەتتە پەقەت ئېقىمغا ئەگىشىپ، شامال ئوڭغا چىقسا ئوڭغا، سولغا چىقسا سولغا لىڭشىيدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتسە، ئۇ جەمئىيەتنىڭ روھىي تۈۋرۈكى ئاجىزلايدۇ.
ئىش بېشىدىكىلەر ئۈچۈن، قولىنىڭ ئۇچىدا ۋەزىپە ئۈچۈنلا ئىش قىلىدىغانلار بىلەن ئۈن- تىنسىز ھالدا، ھەقىقىي ئەستايىدىل، ئاكتىپ جان كۆيدۈرگۈچىلەرنى پاسسىپ ماسلاشقۇچىلاردىن پەرقلەندۈرەلەيدىغان سەزگۈر مەنىۋىي كۆزگە ئىگە بولۇش، ئىشلارنىڭ ماھىيىتىگە چۆكۈش -- ئادالەت بەرپا قىلىشنىڭ، ئەتراپىدىكى چىن ۋە ھەقىقىي ئىشلەيدىغانلارنى يوقىتىپ قويماسلىقنىڭ كاپالىتىدۇر.
تېخىمۇ مۇھىمى، بىز ئۆزىمىزمۇ يۈزەكى بىرى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دوستلىرىمىزغا ۋە جەمئىيىتىمىزگە ھەقىقىي قىممەت يارىتىدىغان، سەمىمىي، ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان جان كۆيدۈرگۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك.
ماددىدىن باشقىنى تونۇمايدىغان خىتايلار بىلەن ئۇزۇن يىللار بىللە ياشاش جەريانىدا يۇققان شەخسىيەتچىلىك ۋە شەكىلۋازلىق ۋە ھازىرقى توردا ئۇچۇپ يۈرىدىغان «ئۆزۈڭگە پۇختا بول...قىلغىنىڭنى بىلمىسە قىلما، ئۆزۈڭنى ئويلا » دېگەندەك غەرپ قىممەت قارىشىنىڭ توغرىدەك كۆرۈنىدىغان، ھەسەل يالىتىلغان زەھەرلىك مەھسۇللىرى بىز مۇسۇلمانلارغا ھەرگىز ياراشمايدۇ. بىز ئاللاھنىڭ ھەممىنى، قەلبىمىزدىكىنىمۇ كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتقان، زەررىچىلىك ياخشىلىقنىڭمۇ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك بولغان، ياخشى ئىش قىلىشقىلا ئەمەس، قانداق ئىش قىلساق ئىشىمىزنى ئەڭ ياخشى قىلىشقىمۇ بۇيرۇلغان ئۈممەتمىز. چۈنكى مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى شەكىلۋازلار، ئاغزىدا گېپى بارلار ئەمەس، بەلكى يۈرەكتىن كۆرۈنۈپ، جان كۆيدۈرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدىغان سەمىمىي كىشىلەرلا ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھەقىقەتەن بىز ھەر بىر ئىشنىڭ ھېكمىتىگە ئىشىنىپ، ياراتقۇچىغا ئۆزىمىزنى «تەسلىم» قىلىشىمىز لازىم ئىكەن. نۇرغۇن ئىشلار راتسيونال، فورمىلاغا ۋە قائىدىگە چۈشىدىغاندەك، چوقۇم سەۋەپ-نەتىجە بويىچە بولىدىغاندەك ئويلىۋالساق خاتالاشقان بولىدىكەنمىز.