سەرخىللار مائارىپى
تىزىملىك
كاتېگورىيەلەر

#مائارىپ
مائارىپ
ئەلانۇر
7 كۈن بۇرۇن
🔷تىل -ئەدەبىياتنىڭ رولى

ئەلانۇر 

 تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش بۈگۈنكىدەك پەن - مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئىنتايىن مۇھىم. تىل-ئەدەبىيات پەقەت بىر پەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پەنلەرنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
 تۆۋەندە تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا باغلىنىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقتىم. 

 ​تىل-ئەدەبىيات -- بارلىق پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى ۋە جەمئىيەتنىڭ روھى. ​ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. تىل پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش قورالىلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇرنىڭ شەكلى، ئەدەبىيات بولسا شۇ تەپەككۇرنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەخلاق بىلەن بېزەلگەن ئالىي كۆرۈنۈشىدۇر. ​

1. تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: ​

كىملىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى: بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا، شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، قىممەت قارىشى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈزۈلىدۇ. ئەدەبىيات بولسا شۇ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان ئەنگۈشتەر. ​

تەپەككۇر شەكىللەندۈرۈش: بىز تىل ئارقىلىق ئويلايمىز. سۆز بايلىقىمىز قانچە مول بولسا، تەپەككۇرىمىز شۇنچە ئىنچىكە، لوگىكىمىز شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ​

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ھېسداشلىق: ئەدەبىيات ئىنسانغا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاشنى، ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ھېسداشلىقنى، غۇرۇر، ۋىجدان، ھىممەتنى ئۆگىتىدۇ.

تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى: ئەدەبىيات ئوقۇش كىشىنىڭ ۋەقەلەرگە باھا بېرىش، تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ​

دۇنيا قاراش: ئەدەبىيات كىشىگە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرنى چۈشىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ.

ئېستېتىك زوق  ۋە روھىي ئوزۇق: ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ. ​ 



 ​2. تىل-ئەدەبىياتنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى ​

نۇرغۇن كىشىلەر تىل-ئەدەبىياتنى پەقەت «ئىجتىمائىي پەن» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تەبىئىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىل-ئەدەبىيات بارلىق پەنلەرنىڭ ئورتاق زىمىنىدۇر.

 تارىخ: تارىخ تىل ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر (مەسىلەن: «قۇتادغۇ بىلىك») مەلۇم دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەنزىرىسىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەدۇر. 

 ماتېماتىكا ۋە لوگىكا: ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىلنى توغرا چۈشىنىش، جۈملە قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. تىلدىكى گرامماتىكا بىلەن ماتېماتىكىدىكى لوگىكا بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن.
 جۇغراپىيە: يەر نامى، ئۇ يەردىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئاتىلىشى تىل ئارقىلىق مەنە قازىنىدۇ. ئەدەبىياتتىكى ئاجايىپ- غارايىپ ساياھەتنامىلەر جۇغراپىيەلىك بىلىملەرنىڭ جانلىق تەبىرىدۇر.

 تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل: بۈگۈنكى كۈندە «سۈنئىي ئەقىل»  تېخنىكىسى تىلشۇناسلىق بىلەن يۇمشاق دېتالنىڭ بىرىكىشىدۇر. تىلنى بىلمەي تۇرۇپ كومپيۇتېرغا بۇيرۇق بەرگىلى بولمايدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسى: پەرزەنت تەربىيەسى ​  ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات بىر قورالدۇر. ئەگەر بىر ئانا ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا پىششىق بولسا، ئۇ پەرزەنتىگە باشقا پەنلەرنى (تارىخ، جۇغراپىيە، ئەخلاق) چۈشەندۈرۈشتە قىينالمايدۇ. تىل يتەكچى ئورۇندا تۇرغاندا، بالا باشقا پەنلەردىكى مۇرەككەپ ئۇقۇملارنى ئاسان ھەزىم قىلالايدۇ. 
 
خۇلاسە

تىل-ئەدەبىيات — پەنلەرنىڭ ئانىسىدۇر. ئۇ بىزگە دۇنيانى قانداق كۆزىتىشنى، بىلىملەرنى، مەلۇماتلارنى قانداق باغلاشنى ۋە كىملىكىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ھەقىقىي تۈردە قانداق قوغداشنى ئۆگىتىدۇ. بىر جەمئىيەتتە تىل ۋە ئەدەبىيات كۈچلۈك بولسا، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئۇلىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. شۇڭا، بىز تىلنى ئۆگەنگەندە پەقەت سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كائىناتنى چۈشىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ مۇھىم بىر ۋاسىتىنى ئۈگەنگەن بولىمىز ....   
مائارىپ
ئەلانۇر
9 كۈن بۇرۇن
 ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى 



 ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد



 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئاتاسى، ئاناسى، ئاچاسى، داپى، ئەمگەكى، گەپى دەپ يېزىلماي، ئاتىسى، ئانىسى، ئاچىسى، دېپى، ئەمگىكى، گېپى دەپ يېزىلىۋەردى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا فونىتېكىلىق قائىدە، يەنى ئېغىزدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىسا شۇنداق يېزىش قائىدىسى قوللىنىلغانىدى. ۋاھالەنكى، مەۋجۇت، كىتاپ، ئەدەپ، نەشىر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەر مورفولوگىيلىك قائىدىنى ئاساس قىلىمىز دېگەن گەپ بىلەن مەۋجۇد، كىتاب، ئەدەب، نەشر دەپ يېزىلدى. قائىدىلەر بىرلىككە كەلمىدى ياكى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى. ئەمدى قارىسام، يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئەدەب، نەشر دېگەن سۆز فونىتېكىلىق قائىدە بويىچە ئەدەپ، نەشىر دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، ئەمما قالغان بەزى سۆزلەر شۇ پېتى قاپتۇ، نېمدېگەن قالايمىقانچىلىق بۇ! ھېچقانداق مىللەتتە 30 يىلدا ئۈچ قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىش يوق. ئەمەلىيەتتە، كۆڭۈل قويساق ئىملالىق خەت يېزىش تەس ئىشمۇ ئەمەس، ئىملا لۇغىتىنىڭ بېشىدىكى 50 بەتكە يېقىن قائىدىلەرنى بىر قۇر ئوقۇۋەتسەك، بىر نەچچە قېتىم مەشق قىلساقلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، يىللاپ-يىللاپ خەنزۇچە، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەن زېھنىمىزنىڭ بىر پۇچۇقىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلساق، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز. يىغىنچاقلىساق بىر نەچچە چوڭ قائىدە بار: 1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى…دە، دېمەك، يە يېمەك… 2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە، قەھۋەسى، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى… دېگەندەك. قىسقا سوزۇق ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن، بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن، بالا (بالا-قازا) بالاسى…دېگەندەك. 3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى). يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد، ئىقتىسادىي، خىيال، خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، … دېگەندەك. سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى… 4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛ ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛ كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم… (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق…دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ). 5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن، بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياكى بۇلمىقى ئەمەس)، بولىدىغان، بولىدىغانلىقى، بولىدىغانلىقىنى، بولمايۋاتقانلىقىنى… قىل، قىلىدۇ، قىلماق، قىلمىقى (قىلمىغى ئەمەس)، قىلىدىغان، قىلىدىغانلىقى، قىلىدىغانلىقىنى، قىلمايۋاتقانلىقىنى… تەگ، تەگدى، تەگمە، تەگكەن (تەككەن ئەمەس)، ئەگ، ئەگدى، ئەگمە، ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس)… 6) ھەرىكەتناملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، بولۇش، بولۇشۇم، بولۇشۇڭ، بولۇشى(بولىشىم، بولىشىڭ، بولىشى ئەمەس)، كۆرۈش، كۆرۈشۈم، كۆرۈشۈڭ، كۆرۈشى (كۆرىشىم، كۆرىشىڭ، كۆرىشى ئەمەس). 7) يە بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر تۈرلەنگەندە ى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ياپونىيە، ياپونىيەگە (ياپونىيىگە ئەمەس)، نەزەرىيە، نەزەرىيەسى (نەزەرىيىسى ئەمەس)، پارتىيە، پارتىيەسى (پارتىيىسى ئەمەس)، ئارمىيە، ئارمىيەسى (ئارمىيىسى ئەمەس)، رازىيە، رازىيەگە، رازىيەدىن، سانىيە، سانىيەگە، سانىيەدىن… 8) سۆز بىرىكمىلىرىنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ئانالتىك(بۆلۈنمە ھالەتتە) ياكى سىنتېتىك (قوشۇلما ھالەتتە) ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئانالتىك سۆز بىرىكمىلىرى ئايرىپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن، باش پىياز(باشپىياز ئەمەس)، باش قۇر (باشقۇر ئەمەس)؛ ھېچ كىشى (ھېچكىشى ئەمەس)، خۇش پۇراق (خۇشپۇراق ئەمەس)… سىنتېتىك سۆز بىرىكمىلىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن: باشباشتاق (باش باشتاق ئەمەس)، ھېچكىم (ھېچ كىم ئەمەس)، ھېچبىر، ھېچقاچان، ھېچقايسى، ھېچقەيەر، ھېچقىسى(يوق)، سەكسەنپۇت، ئاشقازان… بىزدە ساۋاتسىزلىق ئېغىر بولغاچقا ئىملا ساۋاتسىزلىقىنى توغرا چۈشىنىپ كېتىۋەردۇق، مانا مەن دېگەن زىيالىيلارمۇ ئىملادا چانىدۇ، بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق. قۇرۇلما جەھەتتە يېپىشقاق، ئەۋرىشىم، مەنە جەھەتتىن لوگىكىلىقى كۈچلۈك، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشكە باي، سۆز بايلىقى ھېچقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغان بۇ مۇبارەك تىلىمىز مۇشۇ ئىملا مەسىلىسگە كەلگەندە تېخىچە يارىدار، خاراپ، بىچارە ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ تىلنى قەدىرلەش، ھەقدادىغا يەتكۈزۈش قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، بۇ تىلنىڭ ھەقىقىي ساھىبىغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك، يازمىلىرىمىزدىن تىلىمىزغا، ئىملايىمىزغا قەترە-قەترە مۇھەببەت تېمىشى كېرەك.

 مەنبە: ئەرتۈرك بىلوگى 

مائارىپ
ئەلانۇر
15 كۈن بۇرۇن
خۇدانىڭ مېھمىنى*

 (چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەللامە ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمغا بېغىشلايمەن)

 (1936-2018)

 ئەركان قادىر 


 بۈگۈن بارلىق ئاق كەپتەرلەر قان يىغلىدى
 زەيتۇن شاخلىرى ئۆزىگە ئوت قويىۋالدى 
تاغلار ئېغىرئۇھسىنغىنىچە بېشىنى ئەگدى
 ئالەم يەنە بىر قېتىم ئۆلدى…
 سۆيگۈنىڭ كىيىمى بار دېيىلسە
 شەكسىزكى ئۇ سەن كەيگەن كېپەن 
چۈنكى سېنى ئۇنىڭدا كۆرۈپ قايتىدىن سۆيدۇق
 زېمىن سېنى قوينىغا ئېلىپ ئۇلۇغ بولدى
 يامغۇر زېمىننى سۆيگەندىن كېيىن ئاسمان تېخىمۇ ئىگىزلىدى 

شۇنداق،
 بىز سەندىن ئايرىلىپ تېخىمۇ پاكارلاپ كەتتۇق
 روھىڭنى ئېلىپ ماڭغان پەرىشتىلەرنىڭ شادلىقى ھەققىدە سۆزلىمەيمەن،
 ئارىمىزدىن يۈتكەن روھىڭغا قايغۇرىمەن…

 سەندىن مىراس قالغان ئاتمىش ھەرپ
 ئەمدى سەن باردىكىدەك كۈلەلمەيدۇ…
 «شەبىستاندا چاقنىغان چولپان» *ئىدىڭ 
 قېنىڭدىن ئۈنگەن چېچەكلەردە ھاياتىمىز كۆركەملەشكەن ئىدى
 ئاللاھ سېنى ھوزۇرىدىكىلەرگە كۆرسىتىپ ماختانغاندا

 ھاياتىمىز بىر كۆزى قان يىغلىغان، 
يەنە بىرىدە چېقىن چاققان ھالدا 
ئۆلۈمىڭگە يېقىن، سەندىن يىراق بىر جايدا 
قايغۇغا ئايلىنىپ كەتتى
 زۇلمەت سەن ھەققىدىكى چۈشلىرىمىزنى ئوغرىلاپ كەتتى
  لېكىن بىزگە يېڭى بىر قۇياش ۋەدە قىلىندى… 
 بۈگۈن يۈرىكىمىزگە شېھىتلىق ئەتىرىڭنى چاچقىنىمىزچە سەن ياندۇرغان چوغلاردىن رىۋايىتىڭنى ئاڭلىدۇق سۆيگۈ تىراگىدىيە ھاڭلىرىدا تۇنجۇقتى دېيىشتۇق تاۋۇتۇڭ يوق، قەبرەڭ يوق ھالدا ساڭا ھازا ئاچتۇق ئىزىڭنىڭ نۇرىدىن يېڭى ئۆيۈڭنىڭ گۈزەللكىنى سەزدۇق… قولۇڭدا پارلىغان سىياھلارغا مۇبارەك بولسۇن
 ئارزۇ قىلغىنىڭدەك 
بىز ئۇنى مەشئەل قىلىپ مېڭىۋاتىمىز… 


. *«خۇدانىڭ مېھمىنى» مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمنىڭ كۈيئوغلى، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان مەشھۇر شائىر ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ 1993-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاپات بولغان ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمغا يازغان مەرسىيەسىنىڭ نامى. 

 *«شەبىستاندا چاقنىغان چولپان»2006- يىلى ئۇستازغا يازغان قەسىدەمنىڭ نامى ئىدى. ئۇستاز ئۇ كۈنى: ئالىملارنىڭ كىتاب يېزىپ قالدۇرۇرىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە بىزدىكى بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئانا تىلنى ياخشى بىلمەسلىك ئىكەنلىكى، ئانا تىلنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئۆگىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق سۆزلىگەن ۋە بىزگە بۇ ھەقتە نەسىھەت ھەم ۋەسىيەتلەرنى قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇستازنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن، ياتقان يېرىنى فىردەۋسۇلئەئلا دا قىلسۇن. 
مائارىپ
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
40 كۈن بۇرۇن
مائارىپ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
 مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

 «ئوقۇتقۇچى — ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» دېگەن گەپ بار. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇقۇملارنى ئۆگىتىدىغان كىشى بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كىشىدۇر. ئۇ گويا بىر باغۋەنگە ئوخشاش يۇمران كۆچەتنى ئاۋايلاپ سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدىغان، «ھارام شاخ»لىرىنى پۇتاپ، ئۇنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن پاي-پېتەك بولىدىغان كىشىدۇر. 

 مائارىپ تەربىيەسى كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى ياكى كۆپىنچە ھاللاردا تولۇق ئىزاھلانماي كەلدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، مائارىپ تەربىيەسى، جۈملىدىن مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىتىلگەن نەرسىلەرنى بىلىشى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ پۈتتۈرۈشى، دىپلوم ئېلىپ ئىش تېپىشى ئۈچۈنلا مۇھىم ۋاسىتە ۋە ئۆتكەل سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى. ئەكسىچە، ئىنسانىيلىق، دىن-ئەخلاق، ئىنسانلارنى ۋە تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى-ياماننى ئايرىش، ھەق-ئادالەت تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئارقا پىلاندا قالدى، ھەتتا پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ قالدى.

 ھازىرقى دۇنيادا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىقلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر دۇنيادىكى تەخمىنەن 8 مىليارد ئىنساننىڭ تەڭدىن تولىسى يۇقىرىدا دېيىلگەن مەنىۋىيات ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان، ھەقىقىي ئىنسانلىق فىترىتى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقىدەك زۇلۇم، ئۇرۇش ۋە تەڭسىزلىكلەر بولمىغان ياكى تېخىمۇ ئاز بولغان بولاتتى؛ دۇنيا تېخىمۇ ئادىل، تىنچ ۋە گۈزەل بىر جايغا ئايلانغان بولاتتى. شۇنداقلا، دۆلەت بېشىغا ۋە دۆلەت ئاپاراتلىرىغا پاسىق، قانخور، زالىم كىشىلەر كېلەلمىگەن بولاتتى. زالىملارنىڭ قول-پۇتى بولىدىغان روھسىز، ئەقىلسىز، ئەخلاقسىز، روبوتتىن پەرقسىز ئەسكەر، ساقچى ۋە پايلاقچىلار بولمىغان بولاتتى. 

 بۇنداق بولۇشىدا ئەلۋەتتە ياخشى ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ ۋە كۈچسىز بولۇشى سەۋەبىدىن، «يولۋاس يوق تاغقا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ» دېگەندەك، بوش قالغان مەيداننى ئاق-قارا، ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى يوقاتقان ياكى ئەزەلدىن بۇ تۇيغۇلار بولمىغان ئىنسانلارنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى پەقەتلا «نان تېپىپ يېيىش»، «سىڭگەن ناننى يېيىش»نى مەركەز قىلىپ قالسا؛ كۈچلىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەتلا پەننىي دەرسلەر، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەردىلا دەپ قارالسا؛ ئىنسان مەنىۋىياتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىسە؛ ئىنساننىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ھالدا شەخسىي نام-ئاتاق، پۇل-مال، ھوقۇق-مەنسەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز مىللىتىنى ساتىدىغان پىروفېسسور، ئۆز مىللىتىگە قارىتىپ ئوق ئاتىدىغان ساقچى ۋە ئەسكەر، شەخسىي خىرىس ياكى ھەۋەسلەردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئىنسانلارغا زىيان سالىدىغان باشلىق، دۇنياغا بالايىئاپەت بولىدىغان پرېزىدېنت چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىنسانلارغا زىيىنىدىن باشقا نېمە پايدىسى بار؟

 شۇنىڭ ئۈچۈن، مائارىپ — بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مۇداپىئەسىدىن قالسا، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويدىغان، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان، ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگىنى بولۇشى لازىم. چۈنكى مائارىپ بىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىنسان تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئىنسانلار توپى بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېسىل ۋە كۈچلۈك ئىنسانلاردىن تەركىب تاپسا، دۆلەت ئاپاراتلىرى كۈچلۈك ۋە سۈپەتلىك بولىدۇ؛ دۆلەت پۇقرالارنى ھەقىقىي قانات ئاستىغا ئالالايدۇ، پۇقرالار ھوزۇر ۋە ئىشەنچ ھېس قىلىدۇ. ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ياخشىلىق، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە قائىدە-تۈزۈم خەلق ئارىسىدا ستىخىيەلىك ھالدا ئومۇملىشىدۇ. كىشىلەر يامانلىق قىلىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئەڭ ئاددىيسى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشنى (خۇددى بىر يېرى ئېچىلىپ قېلىشنى ئەيىب ھېس قىلىپ نومۇس قىلغاندەك) ئەيىب ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلاردا «ئەگىشىش پىسخولوگىيەسى» بار؛ ياخشىلىق ئومۇملاشسا كىشىلەر شۇنىڭغا، يامانلىق ئومۇملاشسا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يەنى بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى، مىنىستىرلىرى پاسىق، زالىم، قانخور، كىشىلىرى ئەخلاقسىز، شەخسىيەتچى، زوراۋان، قورقۇنچاق ياكى نادان بولسا، ئۇ دۆلەت تېز سۈرئەتتە چۆكۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

 ئەلۋەتتە دۇنيا يارالغاندىن بۇيان ھەق بىلەن ناھەق، ئىنسان بىلەن (جىن ۋە ئىنسان شەكلىگە كىرگەن) شەيتان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر كۈرەش، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بىر مۇۋازىنات بار. ياراتقۇچى دۇنيانى مۇشۇنداق ياراتقان بولسا كېرەك. لېكىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللىشىمىز ياخشىلىق ۋە ئىنسانىيلىق بولۇشى لازىم. ياراتقۇچىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
مائارىپ
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشش پىسخىكىسى ھەققىدە

 
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئەمەلىيەتتە قارشىلىشىش پىسخىكىسى نورمال روھى ھالەت بولسىمۇ، لېكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسى دېگىنىمىز: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولۇش، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل پىسخىكىلىق ھالەتنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. قارشىلىشىش پىسخىكىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت شۇنداقلا، مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىدىلىك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكى 《ئۆتكۈنچى مەزگىل 》 دە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، چوڭلارنىڭ يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى《كىچىك بالا》 ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرۇشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىدىكى《خاسلىق》 نى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيئىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ياكى شۇنداق بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىشىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ-دە، تۈرلۈك ۋاستە، ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، 《ئۆزى》 بىلەن سىرتقى مۇھىت ئۆزئارا باراۋەر بولالايدىغان ئورۇننى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ (قارشىلىشىش پىسخىكىسى) نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاغلاردا بەكلا نورمالسىز بولىدۇ. ئۇ بىنورمال روھىي ھالەتتىن پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا بىنورمال روھىي ھالەتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ياشلىق مەزگىلى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. پىسخولوگىيەدە 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلنىۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلى، 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىل ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى شۇنداقلا قارشىلىشش ۋە سەزگۈرلۈك پىسخىكىسى روشەن ئىپادىلىنىدىغان مەزگىل دەپ قارايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ۋە جەمئيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىدا دائىم ئاتا-ئانا بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە نىسبەتەن ئەكسىچە پوزىتسىيەدە بولىدۇ، شۇنداقلا سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ شۇخىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا مۇستەقىللىق ئىدىيەسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەرخىل ئىش-ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارشىلىشىش ھالىتى شەكىللىنىپ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئىدىيەسى كۈچىيىدۇ شۇنداقلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش، پىكىر قىلىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېڭى ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپ ئۆزىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: 1. ئاتا-ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى 《كىچىك بالا 》 ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، مۇشۇ دەۋردىكى بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى بالىلاردا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. 2. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدىكى خاتالىق. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، بالىلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپماستىن، ئەكسىچە بالىلىرىغا تەن جازاسى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، ئۇلارغا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. 3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىغا نۇرغۇن قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ بېرىپ ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بالىلار ئائىلىنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلالماي، ئۇلارغا نىسبەتەن قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدە بولىدۇ. 4. ئوقۇتقۇچىلاردىكى نامۇۋاپىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار قارشىلىشىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەي، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە سەل قارايدۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. قارشىلىشىش پىسىخىكىسى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە گۇمانخور، جاھىل، باشقىلارغا ئارىلاشقۇسى كەلمەسلىكتەك ناچار خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: 1. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ۋاقىتلىق جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىماستىن، ئۇلار بىلەن ھەرۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بالىغا كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم. 2. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، غورۇرىغا تەگمەسلىكى، ئادىل، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،ئۇلارغا تېخمۇ مېھىر- مۇھەببەت بېرىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. 3. بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۈچلۈك ئىپادىلەنگەندە، مەسىلەن: ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرگە نىسبەتەن ئاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك ھەمدە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا يەنە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش مۇمكىن. 4. ئائىلە مۇھىتى بالىلاردىكى قارشىلىشىش پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا ئائىلە مۇكەممەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئەر-ئاياللار ئالدى بىلەن بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ بالىلارنىڭ ئالدا جەڭگە-جىدەل قىلىشماي،ئەكسىچە بالىغا ئوبدان ئۈلگە بولۇپ بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بېرىش، ئۆز كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ، پىسخىك قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. 6 . بۇ مەزگىلدىكى بالىلاردا يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياكى يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يات جىنىسلىق(قىز ياكى ئوغۇل)ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بالىنى قورقۇتۇش ياكى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى بالىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بالىغا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە روھى ئۇزۇق بەرگىلى بولىدۇ.
مائارىپ
ئەلانۇر
43 كۈن بۇرۇن
مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ئوقۇتقۇچىلىق ناھايىتى مۇقەددەس بىر ۋەزىپە بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ھېساپلىنىدۇ بىز ئوقۇتقۇچىلىق نىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرەلىسەكمۇ ، ئوقۇتقۇچىلىق قانداق شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ ؟دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىشتە قىينىلىپ قالىمىز ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاجىرەتتە پەرزەنتلىرىمىز مەكتەپ ياكى ئىجتىمائىي ھاياتتا بولسۇن ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مۇھىتتا ياشىماقتا .بۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئائىتلىقىنى ،ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىز ھېس قىلىشى ، يەرلىك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتكە قايىل بولۇپ كېتىشى ،ھەتتا ئاستا - ئاستا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىنلىگى كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەت. ئۇيغۇرلۇققا ئائىت نۇقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى يېڭەلىشىمىز مۇمكىن دەيمىز- يۇ، تەتبىقاتى ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلىدۇر. (بۇنىڭغا سەئۇدى ، ئەرەبىستان،پاكىستان ۋە تۈركىيە گە بۇرۇن كۆچمەن بولغان ئەجداتلىرىمىز نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مىسال (قىلالايمىز. ئوقۇتقۇچى يەنى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تارىخى دەۋىردە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە نېمە يۈكلىنىدۇ؟ پىداگوك يەنى يىتەكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلارغا سىڭدۈرۈشكە تېگىشلىك روھ ۋە مەنىلەرنى قايسى شەكىلدە سىڭدۈرەلەيمىز ؟! ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈگلۈك ئۇرۇق بار ، ئۇنىڭغا پەرۋىش يامغۇرى ياغسا كۆكلىشى مۇمكىن ، ئەمما قاقاسلىققا قانچە يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ كۆكلىمەيدۇ ،مائارىپ ئەنە شۇ يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئوقۇتقۇچى يامغۇرنى ئېرىقلارغا مۇۋاپىق بۆلۈپ، ئۇرۇقنىڭ يېنىغا سۇ باشلاپ كەلگۈچىلەر ھېساپلىنىدۇ.بالىلار بولسا ئۇرۇق سېلىنغان مۇنبەت تۇپراق ئوقۇتقۇچىلىق سەنئىتى ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە ئوخشايدۇ ، ئوقۇتقۇچى ئوخشىمىغان سۈپەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشلارنى تونۇپ ئايرىپ ،ھەر تاشنىڭ خاسلىقىغا ماس ھەيكەل ئويۇپ چىقالىشى مۇمكىن . ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار؟ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ، »ئوقۇتقۇچىلىق- بىر قەلبكە،بىر جانغا تەسىر كۆرسەتمەك« دېگەننى ئېسىدە تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يۇمران ، نازۇك روھلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ۋىجدانى يۈكىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ بالىلار نىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى ،خاسلىقى،ئىقتىدارى ۋە شارائىتىغا قارىتا تەربىيە مېتودى تەتبىقلايدۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشكەئۇرۇنمايدۇ بېلىقنى ئۇچۇشقا ،قۇشنى ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ، ئۆگىنىشتىن زىرىكىشىگە سەۋەپ بولۇشتىن ساقلىنىدۇ دەرسنى قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەيدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ساغلام رىشتە ھاسىل قىلالايدۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىدۇ ،بالىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچىدىن مەسىلىلەرنى سورىيالايدۇ ، تېلىفون قىلالايدۇ ،ھەتتا شەخسىي مەسىلىلىرىنىمۇ مەسلىھەت ئالالايدۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىغا يېقىنلىشالايدۇ، تارتىنىپ ياكى قورقۇپ ياكى ياقتۇرماي يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ مەيلى دەرستە ياخشى ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى بولسۇن ،مەيلى ئىنتىزامسىز ،چاتاقچى ئوقۇغۇچى بولسۇن باراۋەر ،ئادىل ، ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىدۇ خاتالىق سادىر قىلغاندا ياردەملىشەلەيدۇ ۋە ئوقۇغۇچىغا ئەمەس خاتالىقلار مەركەزلىشىدۇ ئۆزى يىتەرسىز بولغان تەرەپلىرىى بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلاردىن دۇرۇس پوزىتسىيەدە كەچۈرۈم سورىيالايدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەيدۇ ،مەسخىرە قىلمايدۇ،مۇناسىپ ئۇسلۇپتا خاتالىقىنى تونۇتىدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى ،ئۆگىنىش ئۇسۇلى ،ئائىلە ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ .چۈنكى بالىلارنىڭ سىنىپتىكى كەيپىياتى، قىزغىنلىقى ۋە ئىش - ھەرىكىتىگە مەكتەپ سىرتىدىكى ئەھۋاللىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچمايدۇ. چۈنكى بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ ھەممىنى تولۇق بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندا ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ ، بەلكى تېخىمۇ تىرىشىشى مۇمكىن ئوقۇتۇشتىكى ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇبلىرىغا ، مىتودىغا ،كەسىپىي بىلىمگە داۋاملىق تۈزىتىش ۋە كۈچەيتىش ،تەرەققى قىلدۇرۇش كويىدا بولىدۇ . ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى سىنىپ پۈتۈنلۈكىنىڭ بىر پارچىسىدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ . سىنىپنى بىر ئائىلە قىلىپ تەشكىللەپ خوشاللىق ئىچىدە ھەمكارلىشىش ، ئاكتىپ ۋە توغرا رىقابەتلىشىش ھاۋاسى پەيدا قىلىدۇ ، تەۋەلىك تۇيغۇسى قوزغىلىپ گۇرۇپپا ھالىتىدە ۋەزىپە ئورۇنداش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ . سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ئۆزىنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ ،ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەكرەك ياش نوتىلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىگە يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ خاراكتىر ،ئىرادە ،دۇنيا قاراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ، ئۇلاردا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ساغلام كىشىلىك يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ ناچار ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار ؟ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز ،پىسخىك ساپاسى تۆۋەن بولىدۇ .شەخسىي مەسىلىلىرى سەۋەپلىك سىنىپقا خاپىغان كىرىدۇ ۋە بالىلارغا پارتىلاپ سالىدۇ، قوپال تېگىپ سالىدۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلىرىغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدۇ ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ ،ئىزدىنىپ باقمايدۇ دەرسنى يۇقىرى كەيپىياتتا باشلاش ،سىنىپ ئىنتىزامى تەشكىللەش ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ دەرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ، تاپشۇرۇقلارغا ئەستايىدىل ،ئىلھامبەخىش باھا يېزىش، دوسكىنى رەتلىك باشقۇرۇش ، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا دەرس سۆزلەش قاتارلىق ئۇششاق لېكىن مۇھىم ھالقىلاردا يىتەرسىز بولىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ ياكى سۇس ،بىپەرۋا قارايدۇ،قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدۇ بالىلارنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولۇشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ