سەرخىللار ژۇرنىلى

سەرخىللار ژۇرنىلىنىڭ مەشغۇلات ۋە باشقۇرۇش لايىھەسى

بۇ ژۇرنال جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى، ئەسلىي ۋە سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدۇ. ھەممە ھوقۇق قوغدىلىدۇ.

1. ژۇرنالنىڭ تۈرلىرى

بالىلار نۇسخىسى:
ئاددىي تىل، سۈرەتلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشقا قارىتىلىدۇ.
ياشلار نۇسخىسى:
پەن-تېخنىكا، كەسىپ تاللاش ۋە زامانىۋى بىلىملەرنى ئاساس قىلىدۇ.
چوڭلار نۇسخىسى:
تەتقىقاتلار، ئىستراتېگىيەلىك تەھلىللەر ۋە چوڭقۇر ئىلمىي ماقالىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

2. ماقالە قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تەرتىپى

تىزىمغا ئالدۇرۇش: ئېلېكترونلۇق پوچتا ۋە تولۇق ئىسىم-شەرىپى تەلەپ قىلىنىدۇ.

  • ماقالە تاپشۇرۇش: ئاپتور ماقالىسىنى سىستېمىغا يوللايدۇ.
  • دەسلەپكى سۈزۈش: مۇھەررىرلەر تېما، مەزمۇن ۋە سۈپەت جەھەتتىن دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارىدۇ.
  • باھالاش : ماقالە مەخپىي ھالدا ساھە مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ.
  • تۈزىتىش ۋە تەستىق: باھالىغۇچىلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن تۈزىتىلىپ، ئاخىرقى تەستىق بېرىلىدۇ.

3. ئېلان قىلىش ئۇسۇلى

ماقالىلەر تەستىقلانغان ھامان يەككە-يەككە رەقەملىك ئېلان قىلىنىدۇ . مەلۇم سانغا يەتكەندە ژۇرنال توپلىمى سۈپىتىدە تۈپلەپ نەشر قىلىنىدۇ.

4. مەزمۇن ئۆلچىمى ۋە چەكلىمىلەر

  • ساھە چەكلىمىسى يوق: بارلىق ئىلمىي ساھەلەردىن ئەسەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
  • ئەسلىيلىك شەرتى: ئىلگىرى باشقا يەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
  • يېڭىلىق: كونا بىلىملەرنى تەكرارلىغان ماقالىلەر رەت قىلىنىدۇ.
  • ئاشكارىلىق: ماقالىدە يوللانغان ۋاقتى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئەسەر مۇكاپاتى

ھەربىر ساندا ئەڭ ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەر تاللىنىپ چىقىلىپ 10,000 تۈرك لىراسى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

6. قوشۇمچە ماددىلار

  • ھەمكارلىق: بىر ماقالىنى بىر قانچە كىشى بىللە يازسا بولىدۇ.
  • نەشىر ھوقۇقى: ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ بارلىق نەشر ھوقۇقى سەرخىللار ژۇرنىلىغا تەۋە بولىدۇ.
  • مەنبە: پايدىلانغان ماتېرىياللارنى ئېنىق ئەسكەرتىش شەرت.
  • ئىستاتىستىكا: ماقالىنىڭ ئوقۇلۇش ۋە ياخشى كۆرۈلۈش سانى ئاشكارا كۆرسىتىلىدۇ.
شەخسىيەت سىياسىتى

شەخسىيەت سىياسىتى بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز تولۇق قوغدىلىدۇ.