مجلة سيرهيلار - ماقالە يوللاش ۋە تەكشۈرۈش جەريانى
ژۇرنىلىمىزدا دىن، تىل-مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، تارىخ، تىبابەت، پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت پەنلىرى قاتارلىق بارلىق ئىلمىي ساھەلەردە ماقالە يازسىڭىز بولىدۇ. ئەسەرلەر چوقۇم يېڭى پىكىر ۋە ئەسلىيلىككە ئىگە بولۇشى شەرت.
ماقالە سۇنۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىستېمىغا تىزىملىتىش زۆرۈر. تىزىملىتىش جەريانى تاماملانغاندىن كېيىن، ماقالە يوللاش بېتى ئارقىلىق ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى PDF ياكى Word فورماتىدا يۈكلەشكە بولىدۇ. ئاپتور ماقالە نۇسخىسىنى يوللىغاندا، تېكىست ئىچىگە ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئۇنۋانى ياكى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى قوشماسلىقى كېرەك. بۇ ئارقىلىق باھالاش جەريانىدا ئاپتورنىڭ كىملىكى مەخپىي تۇتۇلۇپ، باھالىغۇچىنىڭ دىققىتىنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىگە ئەمەس، بەلكى ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى، تىل سۈپىتى ۋە يېڭىلىق دەرىجىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ماقالە ياكى ئەسەر تەييارلىغاندا تۆۋەندىكى قېلىپنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ۋاقتىمىز تېجىلىپ قالىدۇ.
يىلدا ياكى پەسىلدە بىر قېتىم، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىلمىي قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دەپ بېكىتىلگەن ماقالىلەر ئالاھىدە مۇكاپاتلىنىدۇ.