Журнал Серхиллар

Частые вопросы

«سەرخىللار ژۇرنىلى» ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلار

«سەرخىللار ژۇرنىلى»غا كىملەر ماقالە يازسا بولىدۇ؟
ژۇرنىلىمىز بالىلار، ياشلار ۋە چوڭلار دەپ ئۈچ نۇسخىدا نەشر قىلىنىدىغان بولغاچقا، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى بىلىم ئىگىلىرى ئۆز ساھەسى بويىچە ماقالە يازسا بولىدۇ. دىن، تارىخ، پەن-تېخنىكا، تىبابەت ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق بارلىق ساھەلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
بالىلار ۋە ياشلار نۇسخىسىغا چوڭلارمۇ ماقالە سۇنسا بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە، چوڭلارمۇ بالىلار ۋە ياشلار نۇسخىسىغا ماقالە سۇنسا بولىدۇ. بىراق، ماقالە مەزمۇنىنىڭ شۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قىزىقىشى، چۈشىنىش سەۋىيەسى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشى، شۇنداقلا تىلىنىڭ ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ماقالە تاپشۇرۇش جەريانى قانداق بولىدۇ؟
ئالدى بىلەن تور بېكىتىمىزگە تىزىملىتىسىز. ئاندىن باشقۇرۇش بېتىڭىز ئارقىلىق ماقالىڭىزنى بىۋاستە كىرگۈزىسىز ياكى ماقالىڭىزنى Word / PDF فورماتىدا سىستېمىغا يوللايسىز. ماقالە يوللانغاندىن كېيىن تەھرىراتنىڭ دەسلەپكى سۈزۈشىدىن ئۆتىدۇ.
«نامسىز تەكشۈرۈش» دېگەن نېمە؟
ماقالىنىڭ ئىلمىي سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ماقالە باھالىغۇچى ئۇستازلارغا ئاپتورنىڭ ئىسمى مەخپىي تۇتۇلغان ھالدا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ماقالىنىڭ پەقەت مەزمۇنىغا قاراپ ئادىل باھا بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ماقالە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قانداق ئېلان قىلىنىدۇ؟
تەستىقلانغان ماقالىلەر ئالدى بىلەن تور بېكىتىمىزدە يەككە ھالەتتە رەقەملىك ئېلان قىلىنىدۇ. مەلۇم سانغا يەتكەندە، بۇ ماقالىلەر تۈپلىنىپ رەسمىي قەغەزچە ژۇرنال شەكلىدە نەشر قىلىنىدۇ.
ماقالە تاپشۇرۇلغاندىن باشلاپ ئېلان قىلىنغىچە بولغان جەريانغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
«سەرخىللار ژۇرنىلى»دا بىر پارچە ماقالىنىڭ باھالاشتىن ئۆتۈپ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن ئادەتتە 30 كۈندىن 45 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ جەريان تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. دەسلەپكى سۈزۈش (1-7 كۈن): مۇھەررىر ماقالىنىڭ تېمىسى، فورماتى ۋە ژۇرنالنىڭ ئاكادېمىك تەلىپىگە ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. 2. مۇتەخەسسىسلەر باھاسى (15-25 كۈن): ماقالە ئاپتورنىڭ كىملىكى يوشۇرۇلغان ھالدا ساھە مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئەسلىلىكى باھالىنىدۇ. 3. تۈزىتىش ۋە ئاخىرقى تەستىق (7-10 كۈن): ئاپتور باھالىغۇچىلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ ۋە ماقالە نەشرگە تەييارلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: ئەگەر ماقالىگە نىسبەتەن زور كۆلەملىك تۈزىتىش پىكىرلىرى بېرىلسە ياكى ئالاھىدە ساھەلەر بويىچە مۇۋاپىق باھالىغۇچى تېپىش قېيىن بولسا، ئېلان قىلىنىش ۋاقتى بىر قانچە ئايغا سوزۇلۇشى مۇمكىن. ژۇرنىلىمىز ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئىلمىي سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاماملايدۇ.
ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات قانچە؟
ھەر بىر ساندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى دەپ باھالانغان بىر پارچە ئەسەر تاللىنىپ، ئاپتورىغا 10,000 تۈرك لىراسى (TL) مۇكاپات بېرىلىدۇ.
باشقا يەردە ئېلان قىلىنغان ماقالىنى يوللىسام بولامدۇ؟
ياق. «سەرخىللار ژۇرنىلى» پەقەت ئەسلىي ۋە ئىلگىرى ھېچقانداق يەردە (گېزىت، ژۇرنال ياكى تور بەت) ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
تەھرىرات بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟
ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىمىز: journal@serhillar.com | تېلېفون ۋە WhatsApp نومۇرىمىز: +90 543 494 49 07. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەمسىلچىلىرىمىز سىزگە ياردەم بېرىشكە تەييار.
باشقا سوئالىڭىز بارمۇ؟

ئەگەر سىز ئىزدەۋاتقان جاۋاب بۇ يەردە بولمىسا، بىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىڭ.

journal@serhillar.com +90 543 494 49 07