سەرخىللار ژۇرنىلى - ئىلمىي دۇنياغا مەرھابا
سەرخىللار بىلىمگە تەشنا ئەۋلادلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىلمىي ۋە ئەسلىي مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان، كۆپ قىرلىق ئونۋېرسال ژۇرنالدۇر. ژۇرنىلىمىز بالىلار، ياشلار ۋە چوڭلارغا پەرقلىق قىلىپ ئۈچ خىل نۇسخىدا نەشر قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭ بىلىم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىندى.
بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىلمىي ساھەلەردە يېڭى پىكىر، بايقاش ۋە تەتقىقاتلارنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ ئونۋېرسال بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاساسلىق نىشانىمىز قىلىمىز. شۇنداقلا پەرقلىق ساھەلەردە ئەسلىي ۋە سۈپەتلىك يازما ماتېرىياللارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تيل-يېزىقىنى زامانىۋى بىلىم تىلى سۈپىتىدە جانلاندۇرۇشنى ۋە رەقەملىك دۇنياندا يوقىلىپ كېتىشتىن قوغداشنى مەقسەت قىلىمىز.
بىز ئاۋال ئېلان قىلىپ كېيىن تۈپلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىمىز. ماقالىلەر تەستىقلانغان ھامان رەقەملىك ئېلان قىلىنىدۇ.