سەرخىللار مۇنبىرى

ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى

Esma ilham
2025-05-02 10:33:21
Avatar
Medya Gösterimi

1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى...دە، دېمەك، يە يېمەك... 

2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە،  قەھۋەسى، تەۋە، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى... دېگەندەك. 

قىسقا سوزۇق  ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن،  بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن،  بالا (بالا-قازا) بالاسى...دېگەندەك.

3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى).  يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي  قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد،  ئىقتىسادىي، خىيال،  خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، ... دېگەندەك.  سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە  بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى... 

4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛  ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛  كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم...   (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب... دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ،  مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق...دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ).

5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن،  بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياك مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە،  قەھۋەسى، تەۋە، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى... دېگەندەك. 

قىسقا سوزۇق  ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن،  بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن،  بالا (بالا-قازا) بالاسى...دېگەندەك.

☆☆☆☆☆

(0)

ھەجەپ ياخشى، نەق ۋە بەك چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ. مەنمۇ بۇندىن كېيىن مۇشۇ بويىچە چۈشەندۈرسەم بولغۇدەك ، كۆپ رەھمەت!
👍Mahmut Can

ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىڭ!