Profil Resmi
Turdimuhammad

öğretmen

دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ 2019-يىلى خېمىيە ئېنژىنىرلىقىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بىرى بىيوماتىريال، پولىمېرلىق ماتىرياللار، توقۇلما ماتىرياللىرى، ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسى.... قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات خىزمىتى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىر تۈركىيەدە ئىزەل خېمىيە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، قوشۇمچە كوجائەلى ئونۋېرستىتىدا ماگىستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىدۇ. تۇردىمۇھەممەدنىڭ ھازىرغىچە 20 نەچچە پارچە خەلقئارا دەرىجىلىك ماقالىسى SCI/SCIE-indexed ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 10 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كونفېرېنسلەرگە ماقالە تەييارلىغان ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن. تۇردىمۇھەممەد يەنە ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن جەمئىي 10 پارچە كەشپىياتىنى پاتنېت ئىلتىماسىغا سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 8 ى ئامرىكا پاتنېت ئىشخانىسى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان. تۇردىمۇھەممەد 2023-يلىدىن بىرى سەرخىللار مائارىپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاساسلىقى خېمىيە دەرس بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىلمىي بۈلۈمدە خىزمەت قىلىدۇ.